Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

داموللا ئاشۇر ئەئلەم ئاخۇنۇم ئوغلى، بۈگۈر – يېڭىسارلىق ئەللامە، شەھىد ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام

داموللا ئاشۇر ئەئلەم ئاخۇنۇم ئوغلى، بۈگۈر - يېڭىسارلىق ئەللامە، شەھىد ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام

داموللا ئاشۇر ئەئلەم ئاخۇنۇم ئوغلى، بۈگۈر - يېڭىسارلىق ئەللامە، شەھىد ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام

(ھ. 1317– 1370/ م. 1899 – 1951)

بۈگۈردىكى يېڭىسارلىق(1) داموللا ئاشۇر ئوغلى ئابدۇلئەزىز داموللام مەرىپەتپەرۋەر بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ دادىسى ئەللامە ئاشۇر ئەئلەم ئاخۇنۇم شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۈگۈر ناھىيەسىدە شەيخۇلئىسلاملىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى(2). بۈگۈر، قاراشەھەر ۋىلايىتىنىڭ شەرقىدىكى ئەڭ يىراق ۋە ئەڭ چوڭ ناھىيەسى بولۇپ، شەرقتە شەھەر مەركىزى 70 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۇچا شەھىرى بىلەن چېگرالىناتتى. كۇچا شەھىرى كېيىنكى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان ھازىرقى ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولغان.

ئەللامە ئابدۇلئەزىز مىلادىيە 1906 – يىلى تۇغۇلغان. ئۇ دەسلەپكى تەلىم – تەربىيەنى بىر مەزگىل دادىسىدىن، كېيىن كۇچار شەھىرىدىكى مەشھۇر ئۆلىمالاردىن ئالغان. ئۇنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ ھىندىستاندىكى ۋە ئەرەب ئەللىرىدىكى ئىلىم مەنبەلىرىدىن تېخىمۇ كۆپلەپ ئىلىم ئېلىش ئىشتىياقى بولغاچقا، «ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى»غا كىرىپ ئوقۇشنى بۇرۇندىن كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن ئىدى. ئاخىرى ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىرادە قىلدى بولغاي. ئۇ ئەرەب دۆلەتلىرىدە، بولۇپمۇ «ئەزھەر شەرىف»تە ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا دادىسىدىن رۇخسەت سوراپ يولغا چىقىدۇ. ھىندىستانغا بېرىش يولىدا قەشقەر شەھىرىدىن ئۆتىدۇ ھەمدە قەشقەرنىڭ ئۆلىمالىرى ۋە ئۇ جاينىڭ قەدىمىي نامايەندىلىرى بىلەن تونۇشۇش مەقسىتىدە شۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ. كېيىن 1925 – يىلى ھىندىستانغا يېتىپ بارىدۇ ۋە ھىندىستاننىڭ مەدرەسەلىرىدە بىر يېرىم يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1926 – يىلى دېڭىز يولى ئارقىلىق قاھىرەگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇنىڭ بۇ سەپىرىدە ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ھىندىستاندا ئوقۇغان مەزگىلدىكى ھىندىستانلىق، بىنگاللىق ۋە ئاسىيانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ساۋاقداشلىرىدىن بولۇپ بىرقانچە كىشى بىرگە يولغا چىققان ئىدى.

ئۇلار ئولتۇرغان كېمە قىزىل دېڭىزدىكى بىر قىسىم پورتلاردا توختىغان بەش كۈننى قوشقاندا، بومباي شەھىرىدىن سۇۋەيس پورتىغىچە بولغان ئەسلى 17 كۈنلۈك بۇ سەپەر جەمئىي 21 كۈندە تاماملىنىدۇ. ئەللامە ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام شەرقىي تۈركىستاندا ۋە ھىندىستاندا جۇغراپىيە ئىلمىمۇ ئۆگەنگەن بولۇپ، سەپەر يۆنىلىشىنىڭ قاياقتىن قاياققا كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيتتى. بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ يۆنىلىشى شەرقتىن غەرب تەرەپكە ياكى غەربىي شىمال تەرەپكە بولۇپ، شەرق تەرەپتىن قىزىل دېڭىزنىڭ مۇساپىسى يېرىملاشقان چاغدا مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى بولغان كەئبە مۇساپىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا توغرا كېلەتتى. ئەللامە ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام كېمىدىكىلەر ئىچىدە ئەڭ فەقىھراق، ئىلمى چوڭقۇرراق ۋە تەقۋادارراقى بولغاچقا، نامازلاردا كۆپچىلىككە ئىمام بولۇپ، ئىشلارغا باشچىلىق قىلىپ كېلىۋاتاتتى.

كېمە ئەرەب ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەرەب دېڭىزىدا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىگەنسېرى ئەللامە خۇددى كومپاسنىڭ ئىسترېلكىسىغا ئوخشاش، نامىزىدا شىمال تەرەپكە قايرىلىدۇ ۋە شۇ تەرىقىدە ئاستا – ئاستا قايرىلىپ، ئاخىرى تولۇق شىمال تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا كۆپچىلىك بىردىنلا ئەللامەنىڭ شىمال تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈشىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان ۋەتەنلىرىدە نامازلىرىنى غەرب تەرەپكە قاراپ ئوقۇپ ئادەتلەنگەن ئىدى. لېكىن، ئەللامە ئۇلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ نامازلىرىدا غەرب تەرەپكە ۋە ياكى كۈن پېتىش تەرەپكە ئەمەس، بەلكى ھەر دائىم قىبلىگە قارايدىغانلىقىنى ۋە قىبلە تەرەپنى ئىزدەيدىغانلىقىنى، قۇياشنىڭ شەرق تەرەپتە ياكى غەرب تەرەپتە بولۇشىنىڭ پەقەت ناماز ۋاقتىنى بەلگىلەشتىن باشقا، ناماز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىپ: بىز ئىلگىرى قىبلىنىڭ شەرق تەرىپىدە ئىدۇق، ھازىر بولساق، قىبلىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە. ئۇنداق بولغانىكەن، ھازىر قىبلە بىزنىڭ شىمال تەرىپىمىزگە توغرا كېلىدۇ، دەيدۇ. لېكىن، ئۇلار شەيخنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە قايىل بولمايدۇ ۋە ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى چۈشىنىپ بېقىشقىمۇ تىرىشمايدۇ. بەلكى دەل ئەكسىچە، ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىۋالىدۇ ۋە ئۇنى جەدىدىزمچىلىك بىلەن قارىلاپ، بىلىمسىزگە چىقىرىشىدۇ. يەنە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاساسسىز بەدناملارنى ئارتىپ، ئۆزلىرىنىڭ يولسىزلىقىدا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ بىر قىسمى شۇ دەرىجىگە يېتىپ بارىدۇكى، ئەللامەنى بىدئەتچى، ئازغۇن دېگەن باھانىلەر بىلەن ئىلگىرى ئۇنىڭ كەينىدە ئوقۇغان نامازلىرىنىمۇ قايتا ئوقۇيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەللامە يالغۇز قالىدۇ. ئۇلار ئۇنى پۈتۈنلەي يېتىم قالدۇرۇپ، ھەتتا داستىخانلىرىدىنمۇ ئايرىۋېتىدۇ. نەتىجىدە شەيخ ئۆزى يالغۇز قېلىپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ئەزىيەتلىرىگە ئۇچرايدۇ.

ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام

لېكىن ئەللامە ئۇلارنى «بىلمەي شۇنداق قىلىۋاتىدۇ» دەپ ئۆز – ئۆزىگە تەسەللىي بېرەتتى. ئۇلار بولسا ئەللامەنى ناماز ئوقۇغان ۋاقىتلىرىدا يىراقتىن كۆزىتەتتى. كېمە جىددە پورتىغا يېقىنلاشقان ياكى شۇ پورتنىڭ ئۇدۇلىدىن ئۆتۈۋاتقان چاغدا ئەللامە تولۇق شەرق تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: بۇ ئادەم چوقۇم ساراڭ بوپقاپتۇ، ئەقلىدىن ئادىشىپتۇ، دېيىشىدۇ. كېمە قىزىل دېڭىزدىن كېسىپ ئۆتۈپ شىمال تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلىگەن چاغدا ئەللامە نامازلىرىدا شەرقىي جەنۇب تەرەپكە قارايدۇ. كېمە سۇۋەيس شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، ئۇلار كېمىدىن چۈشىدىغان چاغدا پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى كىرگەن بولۇپ، ھەممىسى پورتتىكى مەسجىدتە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئالدىرىشىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن بۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى دەل ئەللامە كېمە ئۈستىدە ناماز ئوقۇغاندا قارىغان شەرقىي جەنۇب تەرەپتە بولۇپ چىقىدۇ ۋە ئۇلارمۇ بۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللامەدىن قاتتىق خىجىل بولىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئازار بەرگەنلىكلىرى ۋە مەسخىرە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىلىشىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ جۇغراپىيە ئىلمىنى بىلمىگەنلىكتىن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى ئۈچۈن تەۋبە قىلىدۇ ۋە ئەللامىگە قوپاللىق قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزرىخاھلىق ئېيتىدۇ. كۆپچىلىك دەسلەپتە قاھىرەگە قاراپ يولغا چىققاندا ئەللامىگە قانداق ھۆرمەت بىلدۈرگەن بولسا شۇنداق ھالەتتە، بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئىززەت – ئىكرام ۋە ھۆرمەت – ئېھتىراملار بىلەن كىرىدۇ.

ئەللامە بۇ ۋەقەلىكنى بىزگە بىر ئوقۇغۇچىلار يىغىلىشىدا سۆزلىگەن خۇتبىسىدە سۆزلەپ بەرگەن بولۇپ، مەنمۇ شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدىم. بۇ 1946 – يىلى قەشقەر شەھىرىدىكى «مۇلكىييە مەدرەسەسى»دە سۆزلەنگەن خۇتبە بولۇپ، بۇ چاغدا ئەللامە ئۆزى باشلامچىلىق قىلغان بىر ئىلمىي تەكشۈرۈش ھەيئىتى بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇب ۋە شەرقىي جەنۇب ۋىلايەتلىرىگە زىيارەتكە كەلگەن ئىدى. ئەللامە بۇ سەپىرىدە يەركەند، خوتەن ۋە قەشقەر شەھەرلىرىنى ئايلىنىدۇ. ئۇ بۇندىن ئىلگىرى ئاقسۇ، قاراشەھەر دېگەندەك ئوتتۇرا ۋىلايەتلەرنىمۇ زىيارەت قىلغان ئىدى. بۇ مۇبارەك ھەيئەتنىڭ سەپىرى جەمئىي 63 كۈن داۋاملىشىدۇ. بۇ ھەيئەت بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە ئاممىۋىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن ھەرقايسى شەھەرلەرنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدىكى پۈتۈن تەلىم – تەربىيە ئورۇنلىرى ۋە ئاممىۋىي مائارىپ مەركەزلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدۇ. خاتالاشمىسام، بۇ قېتىملىق ئۇچراشقان ۋاقىت مىلادىيە 1946 – يىلى 7 – مارت كۈنى ئىدى.

ھېكايىمىزگە قايتساق، بىز ھازىر قەدىرلىك كىتابخان ۋە ئەللامەنىڭ پەزىلىتىنى تونۇغان – تونۇمىغان ۋە ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرگەن، ئاندىن ئۇنىڭغا قىلغان ناچار مۇئامىلىسى ۋە قىلغان قوپاللىقلىرىغا پۇشايمان قىلغان بىر توپ كىشىلەر بىلەن بىرگە مىلادىيە 1926 – يىلى سۇۋەيس شەھىرىدە تۇرۇۋاتىمىز. شۇنداق قىلىپ ئەللامە چىڭگىزخان داموللام 1927 – يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ «ئەزھەر شەرىف»كە ئوقۇشقا كىرىپ، 1934 – يىلى ئوقۇشىنى تاماملايدۇ. ئۇنىڭ يېتىشكەن كەسپى شەرىئەت، ئىسلام تارىخى، جۇغراپىيە ۋە ئەرەب تىلى ئىدى. ئەللامە ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن يېزىقچىلىق، تەرجىمەچىلىك ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرىدىن «تركستان الخالدة / مەڭگۈ ئۆچمەس تۈركىستان»(3)، «تركستان قلب أسيا / ئاسىيانىڭ قەلبى تۈركىستان»(4)، «أويغور حرفي / ئۇيغۇر ھەرپلىرى»، «ألته شهر تركي علم نحو وصرف / ئالتە شەھەر تۈرك تىلىنىڭ سىنتاكسىس ۋە مورفولوگىيىسى»… ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىرقانچە ئەسەرلىرىمۇ بار(5). «ألته شهر تركي علم نحو وصرف / ئالتە شەھەر تۈرك تىلىنىڭ سىنتاكسىس ۋە مورفولوگىيىسى» ناملىق كىتاب ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم يازغان ئىلمىي ئەسەرى بولۇپ، ئەللامە بۇ ئەسەرنى 1934 – يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا قەلەمگە ئالغان ۋە 1935 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە نەشىر قىلدۇرغان ئىدى(6). ئاندىن كېيىن ئۇ «أويغور حرفي / ئۇيغۇر ھەرپلىرى» ناملىق ئەسەرىنى يازغان بولۇپ، بۇ ئەسەر قاھىرەدە «ئەزھەر شەرىف»نىڭ يېنىدىكى مەشھۇر بىر مەتبەئەخانىدا بېسىلغان. ئەللامە بۇ كىتابنى ھ. 1357 – يىلى زۇلھەججە ئېيىدا پەرز ھەجنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھىجازغا قىلغان سەپىرىدە كېمە ئۈستىدە يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، ھ. 1358 / م. 1939، 17 – مۇھەررەم كۈنى تاماملىغان. مۇئەللىف بۇ تارىخنى كىتابىنىڭ ئاخىرقى بېتىگە شۇنداق قەيت قىلغان. ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، ئەللامەنىڭ ئەسەرلىرى بىزنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى دەۋردە مەيدانغا كەلگەن ئىلمىي ساھەدىكى يۈكسىلىش ۋە مائارىپ ئىنقىلابىمىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە روياپقا چىققان ئىدى. بىرىنچى ئەسەرى، يەنى «ألته شهر تركي علم نحو وصرف / ئالتە شەھەر تۈرك تىلىنىڭ سىنتاكسىس ۋە مورفولوگىيىسى» ناملىق ئەسەرى قەشقەر شەھىرىدە بېسىلىپ، ئوتتۇزىنچى يىللاردىكى مۇبارەك ئىنقىلابىمىز باشلانغان دەۋردە ئوقۇتۇش پروگراممىسىغا كىرگۈزۈلگەن. ئىككىنچى ئەسەرى، يەنى «أويغور حرفي / ئۇيغۇر ھەرپلىرى» ناملىق ئەسەرى مىلادىيە 1939 – يىلى قاھىرەدە بېسىلغان. ئەللامە بۇ ئەسەرىنى مۇقەددەس زېمىنلارغا قىلغان سەپىرىدە قەلەمگە ئالغان ئىدى. بۇ چاغدا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان جاللات شىڭ شېسەي ھۆكۈمىتىنىڭ قانلىق باستۇرۇشىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن بۇ ئەسەرلەر بىر ئۈمىد نۇرى، بەلكى كۈرەش يولىنى قايتا يورۇتىدىغان مەشئەل بولغان ئىدى. ئىككىنچى كىتاب دوكتۇر مەسئۇد سەبرىي ئەپەندىمنىڭ رەھبەرلىكىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت دەۋرىدە مائارىپ پروگراممىسىغا كىرگۈزۈلگەن. ھەممىدىن ياخشى بولغىنى، ئەللامە چىڭگىزخان داموللامنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەلىم – تەربىيە ۋە مائارىپ ئىشلىرى رەئىسى ۋە باش نازىرى بولغانلىقى ئىدى. ئەرەب تىلى قائىدىلىرى ئەللامەنىڭ يېتىشكەن ساھەلەردىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ساھەدىكى تالانتى «قواعد اللغة التركستانية / تۈركىستان تىلى قائىدەلىرى» ناملىق ئەسەرىدە ئەكىس ئەتكەن ئىدى. ئەللامە بۇندىن باشقا يەنە بىرقانچە ئەسەرلەرنى قەلەمگە ئالغان بولۇپ، ئۇ تۈركىستان ھەققىدە مۇنداق يازغان:

ئۇ شۇنداق ماكاندۇركى، ئاللاھنىڭ نېئمىتىگە تولغان،

ئۇ شۇنداق ھەرەمباغكى، گويا جەننەتتىن زەر ئالغان.

«صوت الوجدان والحنين إلى تركستان/ ۋىجدان ئاۋازى ۋە تۈركىستان سېغىنىشى»

يەنە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالىرى ھەققىدە مۇنۇ مىسرالارنى يازغان:

تولۇن ئايلار ئاسمىنى گۈزەل تۈركىستان،

ئۆلىمالار تولۇن ئاي ئۇندا چاقنىغان،

ئەگەر شەرەپ ئىزدىسەڭ ئۇندا تېپىلار،

شانۇ – شەرەپ ئوردىسى ئاڭا بىر قورغان.

ياخشىلىق ھەم ھەقنى نىشانە قىلغان،

كۆرىسەن توغرا دىن گۈللەپ ياشنىغان،

نەغمىلەر ھەر زامان ئاڭا غەزەلخان،

ياخشىلار ماكانى دىن دەپ ياشىغان.

ئەللامە تەنتاۋىي ئەلجەۋھەرىي رەھىمەھۇللاھنىڭ ئۆز تەفسىرىدە ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُم مِّن ذَكَرٍ وَأُنثَىٰ وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا ۚ إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ ۚ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ / ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر – بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر﴾(49/«ھۇجۇرات»: 13) دېگەن ئايەتنى تەفسىر قىلغاندا ئەللامە ئابدۇلئەزىز ئاشۇر ھەققىدە ئىلاۋە يازغانلىقى ئەللامەنىڭ پەخىرلىنىشىگە يېتەرلىك. بۇ ۋەقەلىك ئەسلى مۇنداق: مەزكۇر مۇفەسسىر قاھىرە كوچىلىرىنىڭ بىرىدە توساتتىن ئەللامە ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللامنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ. دەماللىققا ئالدىدا تۇرغان كەڭ يۈزلۈك، چوڭ كۆزلۈك، بېقىشلىرى ئۆتكۈر بۇ كىشىنىڭ شەرق ئىسلام دۇنياسىدىكى تونۇش چىرايلاردىن ئەمەسلىكىدىن ئۇنىڭ بۇ يۇرتلۇق ئەمەسلىكىنى پەملەيدۇ ۋە ھايالشىمايلا داموللام بىلەن تونۇشىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ياشلارنىڭ پېشۋاسى، پېشۋالارنىڭ ياشلىرىدىن ئىكەنلىكىنى، تۈرلۈك پەنلەردە ۋە ئەدەب – ئەخلاق بابىدا مول ئىلمىي سەۋىيەگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭ تولىمۇ ياش، ئەمما ھىمالايا تاغلىرىنىڭ قورام تاشلىرى ئارقىسىدىكى تونۇلمىغان بىر يۇرتتىن ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. تەفسىرشۇناس شەيخ تەنتاۋىي ئۆز تەفسىرىدە 48/«فەتىھ» سۈرەسىنى تاماملاپ، سۈرە ھۇجۇراتنى باشلىغاندا تۈركىستانلىق ياش ئەللامە چىڭگىزخان داموللامنى نۇقتىلىق ھالدا مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:

ئۇ ئەجەم(7) بولۇشىغا قارىماي، ئۆز تىلىغا يات بولغان بىر تىلدا ناھايىتى چۈرۈك تەلەپپۇزدا سۆزلىيەلىگەننىڭ ئۈستىگە ئىلمى چوڭقۇر، نەزەر دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بىر ئالىم ئىدى، تىلىدىن ئىلىم تۆكۈلەتتى، ئىمان تارايتتى، ئەتراپىنى گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى ئىش – ئىزلار بىلەن نۇرلاندۇراتتى.

شەيخ تەنتاۋىي «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاشۇ ئايەتىدىكى ئۆز – ئارا تونۇشۇش بابىدا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئىمان ۋە ئىززەت – ھۆرمەتنىڭ مەرتىۋىلىرى تەقۋالىق بىلەن ئۆلچىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىنى مۇشۇ ئۇچرىشىشتىن ئىلھام ئالغان ئىكەن.

ئەللامە چىڭگىزخان داموللام قاھىرەدە 18 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تۇرۇش جەريانىدا ئۇ جايغا خېلىلا كۆنۈپ قالغان ئىدى. نىھايەت شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىدىن ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىش توغرىسىدا قىممەتلىك بىر چاقىرىق كېلىدۇ(8). بۇ چاقىرىقتىن مەقسەت، ئەللامەنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، يۇرت ئەھلىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشى ۋە ئۆز مىللىتىگە خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئەللامە چىن قەلبىدىن سۆيۈنۈش ۋە تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ھەمدە ئۆزىنىڭ ۋەتەنپەرۋەر روھى بىلەن بۇ چاقىرىققا دەرھال ئاۋاز قوشىدۇ. ئۆزىمۇ ۋەتىنىدىن ئايرىلغىلى بەك ئۇزۇن بوپكەتكەن بولغاچقا، ئانا ۋەتىنىنى سېغىنىپ تۇرغان ئىدى. ئۇ، شەيخ ئابدۇلئەھەد ھامىد تۈركىستانىي كەبى مىسىردا ۋە باشقا ئەرەب ئەللىرىدە ئوقۇغان شەرقىي تۈركىستانلىق ئۆلىمالاردىن بىر بۆلۈك كۆزگە كۆرۈنگەن، ئىلغار كىشىلەرنى بىرگە ئېلىپ قايتىدۇ. ئۇلار خىتاي دېڭىز يولى بىلەن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنى ئانا ۋەتەن تۈركىستان بەئەينى بىر ئانىنىڭ ئۆز بالىسىنى قارشى ئالغىنىدەك قارشى ئالىدۇ ۋە يۇرت ئەھلىمۇ ئۇلارنى سېغىنغان قەلبلىرى بىلەن قىزغىن كۈتۈۋالىدۇ.

«تركستان قلب أسيا / ئاسىيانىڭ قەلبى تۈركىستان»

 

ئەللامە ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشتىن بىرقانچە ئاي بۇرۇنلا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، كېلىپلا مائارىپ ئىشلىرىنىڭ رەئىسلىك ۋە باش نازىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ دەل 1945 – يىلى ئىدى. ئەللامە ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىنى تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتەيدۇ. 1949 – يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە قانخور جاللاتلار شەرقىي تۈركىستاننى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىشقا باشلاپ، پۈتۈن ئىشلارنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەر جامائەت ئەربابلىرى ھىندىستانغا چىقىپ كېتىشكە تەييارلىنىدۇ ۋە ئەللامە چىڭگىزخان داموللاممۇ شۇلارنىڭ سېپىگە قېتىلىدۇ. ئۇلار چېگراغا، يەنى ۋەتەن بىلەن ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان ھېمالايا تېغىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى چېگراغىچە يېتىپ بارىدۇ. ئۇلار خېلى كۆپ كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى ئەرباب، يەنى ئەللامە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا بىلەن ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىنلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار بىلەن چېگرا قوغدىغۇچىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن بىرقانچە كۈنلۈك ۋە بىرقانچە قېتىملىق تالاش – تارتىشلاردىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كۆزگە كۆرۈنگەن بىرنەچچە كىشى تۇتقۇن قىلىنىدۇ.

تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانى 19 نەپەر بولۇپ، ئۇلار ۋەتەنگە قايتۇرۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىلغان ئىدى. ئۇلار خېلى ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن يانلىرىدىكى پۇل – مال، ئالتۇن – كۆمۈش ۋە قورال – ياراقلارنى بېرىش بەدىلىگە قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئۆزلىرىنى يالاپ ئېلىپ ماڭغان مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر بىلەن كېلىشىم تۈزىدۇ. بۇ چاغدا ئېچىنىشلىق تەقدىر ئەللامەنى كۈتۈپ تۇراتتى. چۈنكى، ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىر بۆلۈك ھەمراھلىرى بۇ كېلىشىمگە قوشۇلماي، قانداق ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ۋەتەنگە قايتىپ كېتىش پىكىرىدە چىڭ تۇرۇۋالغان ئىدى. ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ئىككى رەھبەر مۇشۇ كېلىشىم بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇۋالىدۇ ۋە ئىككىسى يانلىرىدىكى بارلىق پۇل – مال، ئالتۇن – كۆمۈش ۋە قورال – ياراقلارنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، ھىندىستان تەرەپكە قايتىپ كېتىدۇ. ئەللامەنىڭ ھەمراھلىرى ئىچىدە قۇربان قۇداي نامى بىلەن تونۇلغان كاتىبىمۇ بار ئىدى. بىز مۇشۇ كىتابىمىزنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ تەرجىمەھالىنىمۇ يازىمىز.

تەقدىرنىڭ ئاچچىق قىسمىتى ئەللامەنىڭ قۇتۇلۇش ۋە ھىندىستانغا قېچىپ كېتىش يولىنى تاشلاپ، ئاشۇنداق شۇملۇق پۇراپ تۇرىدىغان، ناچار ۋەزىيەتكە قايتىپ كېتىشنى تاللىشىنى ئىرادە قىلىدۇ. ھالبۇكى ئۇ ئۆزىنى ۋە ھەمراھلىرىنى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەممىدىن ياخشى بىلەتتى. شۇنداقتىمۇ، ئەللامە ھايات قېلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ ئورنىغا، يوق بولۇپ، دىشۋارچىلىققا ئۇچراشنى تاللايدۇ. ئۇ گوياكى بۇ دۇنيانىڭ دىشۋارچىلىقلىرىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەندەك قىلاتتى. دەرۋەقە ئاشۇ كۈندىن ئېتىبارەن ئەللامە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى تاكى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ۋاقىتقا قەدەر زىنداندا مەھبۇسلۇق ھالەتتە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ. 1951 – يىلى فېۋرالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىككىسىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەللامە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھى قۇربان قۇدايغا ئادالەتسىزلەرچە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن زالىم كافىرلار ئۇنىڭ پاك جەسىتىنى ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئەتىسى مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنىدۇ.

 

ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام

بىزنىڭ: ئەللامە داموللام ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاشلارغا نېمىشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ؟ دەپ سوراش ھەققىمىز بارمۇ؟

لېكىن، بۇ سوئالنى كىمدىن سورايمىز؟

بىز بۇ سوئالنى، ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغان، بايلىقلىرىمىزنى سۆمۈرگەن، ھۆرلىرىمىزنى قۇل قىلغان، قەدىردانلىرىمىزنى خورلىغانلاردىن…

«قۇرئان كەرىم» ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدىن ئىبارەت ئۈممىتىمىزنىڭ ئىسلامىي مىراسلىرىنى كۆيدۈرۈپ يوق قىلغانلاردىن…

ئۈممىتىمىزنىڭ ئۆز دىنى ۋە چىقىشقاق ئەقىدىسىدىن باشقىنى كۆزلىمىگەن ھالدا جەڭ قىلىش ۋە كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بەرپا قىلغان تۈرلۈك ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتلىرىنى ۋە تارىخ نامايەندىلىرىنى خانۇۋەيران قىلغانلاردىن سورايمىز.

ھازىر پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان شۇنداق ئەركەكلەر باركى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شەھىد بولدى، بەزىلىرى شەھىد بولۇشنى كۈتمەكتە، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ئەھدىسىنى ھەرگىز ئۆزگەرتكىنى يوق﴾(33/«ئەھزاب»، 23) دېگەن سۆزىنى ئوقۇماقتىن باشقا ھېچ ئىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ. ئالىيجانابلىقى، جەسۇرلۇقى، شىجائەتلىكلىكى، قورقۇمسۇزلۇقى ۋە قەھرىمانلىقى بىلەن شەھىد بولۇپ، شاھادەتكە ئېرىشىش ئارقىلىق پىشانىسىگە پۈتۈلگەننى كۆرۈپ بولغانلارغا قارىغاندا، شەھىدلىكنى كۈتۈۋاتقانلارنىڭ ۋەزىپىسى كۆپرەك ھەم مۇھىمراقتۇر.

بىز ئاللاھ تائالاغا شۇنداق ئىلتىجا قىلىمىزكى، بۇ بىر ئوچۇم كافىرلار بىزنىڭ ئىرادىمىز ۋە غەيرىتىمىزدىن ھېچنېمىنى ئۆزگەرتەلمىدى ۋە ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇلار قولىدىن كەلگەن ئەسكىلىكلەرنىڭ ھەممىنى قىلغان بولسىمۇ، ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلىگىنى يوق.

ئى ئاللاھ! ساڭا بولغان ئېتىقاد يولىدا شەھىد بولغان ۋە سېنىڭ دىنىڭنىڭ ياردەمچىسى بولغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەپۇسىنى تىلىگۈچى بۇ بەندەڭنىڭ ماقامىنى يۈكسەك قىلغىن. شەكسىزكى، سەن ئەپۇنى ياخشى كۆرىسەن. گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ قىلغىن!!!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

تەرجىمەدە: سەھرائىي


1. يېڭىسار: «يېڭى قوۋۇق» دېگەن مەنىدىكى «يېڭى ھېسار»دىن ئۆزگەرگەن – ت.
2. چىڭگىزخان داموللام «تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەدىمەسىدە ئىسمىنى: «ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان، شەرقىي تۈركىستان شەرئىي مەھكىمە قازىلقۇززات (باش قازى) ئەللامە داموللا ئاشۇر ئەئلەم ئاخۇند ئەلبۈگۈرىي ئەليېڭىھېسارىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئوغلى» دەپ يازىدۇ. قاراڭ: «تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى»، 7 – بەت. – ت.
3. چوڭ ئىككى جىلدلىق ۋەتىنىمىز تۈركىستاننىڭ مۇپەسسەل تارىخى بولۇپ، نەشر قىلىنمىغان. چىڭگىزخان داموللام «تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى» ناملىق كىتابىنى يېزىش سەۋىبى ھەققىدە توختىلىپ: «ئىنساننىڭ بوينىدا دۇنيا ۋە ئاخىرىتىدىكى بەخت – سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇرچلىرى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە شەخسنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىمى دىنىي بۇرچى بىلەن ۋەتەن بۇرچىدۇر. مەن ئەقلىمگە كەلگەن كۈندىن بۇيان كۈچلۈك ئىمانىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن دىنىي ۋە مىللىي ۋەزىپىنى ئادا قىلىشنى ھېس قىلىپ كەلگەن ئىدىم. بو يولدا ۋەتەنگە خىزمەت قىلىشنى ئەينى زاماندا دىنغىمۇ خىزمەت قىلغانلىق بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ۋەزىپىنى ئادا قىلغانلىق بولىدۇ دەپ قارايتتىم. بۇ ئىككى ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، تۈركىستاننىڭ دۇنياغا پەيدا بولغان كۈنىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان تارىخىنى ئەرەب تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان چوڭ ئىككى توملۇق تارىخ يېزىپ ئىسمىنى «تركستان الخالدة / مەڭگۈ ئۆچمەس تۈركىستان» دەپ ئاتىدىم. بۇنىڭ بىلەن دىنغا ۋە ۋەتەنگە خىزمەت قىلىپ، ئاللاھنى ۋە ئۇممەتنى رازى قىلدىم، دەپ قارىدىم. ھەقىقەتەن تۈرك تارىخىنى ئىسلامدىن ئايرىپ چۈشەنگىلى بولمىغىنىدەك، ئىسلامنىڭ تۈرلۈك دەۋرلىرى ۋە ئەۋلادلىرىنى تۈركلەرنىڭ تارىخىسىز تولۇق تەتقىق قىلغىلى، ئىزدەنگىلى بولمايدۇ. دېمەك، ھەر ئىككى تارىخ بىرى بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە ۋە بىرى بىرىگە باغلىنىدۇ. ئۇ ئىككىسى گوياكى روھ بىلەن تەن، نور بىلەن ھارارەتتەكئايرىلماستۇر. بۇ كىتابىمنى تۇلۇق نەشىر قىلىشنى ئارزۇ قىلغان بولساممۇ، بۇنىڭغا ۋاقىت يار بەرمىدى. بىر مەزگىل كۈتۈشكە توغرا كەلدى. بۇ مەزگىلدە مىسىردىكى «الجمعية الخيرية التركستانية/ تۈركىستان خەيرىيەت جەمئىيىتى»نىڭ ۋە مىسىردىكى تۈركىستان جامائەتچىلىكى نىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە، ئەمما توغرا بايان قىلىدىغان بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتىم، تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن «تركستان الخالدة / مەڭگۈ ئۆچمەس تۈركىستان» ناملىق كىتابىمغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن» دەپ يازىدۇ. قاراڭ: «تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى»، 5 -، 6 – بەتلەر. – ت.
4. 1945 ـ يىلى قاهىرەدە «الجمعية الخيرية التركستانية/ تۈركىستان خەيرىيەت جەمئىيىتى» نەشر قىلغان. ۋەتىنىمىز تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى 145 بەتلىك. – ت.
5. مەسىلەن: «تۈركچە تەجۋىد»»(تۈركىستان تىلىدا يېزىلغان تەجۋىد قائىدىسى)، ، «تۈرك ئەدەبىيات تارىخى»، «گۈزەل شەرقىي تۈركىستان»، «ئەركىن تۈركىستان»(تۈركىستان تىلىدا يېزىلغان تۈركىستان تارىخى)، «ئۇلۇغ شەرقىي تۈركىستان» (تۈركىستان تىلىدا يېزىلغان تۈركىستان جۇغرافىيەسى)، «گۈزەل شەرقىي تۈركىستان»(تۈركىستان تىلىدا يېزىلغان شېئىرلار توپلىمى)، «تۈركچە قۇرئان»(تۈركىستان تىلىدا يېزىلغان قۇرئان كەرىم مەنا تەرجىمەسى)، «شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامىيەت»(ئەرەبچە يېزىلغان تۈركىستاندىكى ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى)، قاتارلىقلار. يەنە ھىندىستاندا پەيدا بولۇپ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەقىدىسىنى بۇلغىماقچى بولغان بۇزۇق قادىيانىي پىرقىسىگە رەددىيە بېرىپ فارس تىلىدا يازغان «تىغ تۇركانى برجكر قادياني / قاديانىيلەر باغرىغا تىقىلغان تۈركلەر خەنجەرى» ناملىق نەزمەسى 1935 ـ يىلى ھىندىستاندا نەشر قىلىنغان. ۋەتەننى كۆيلەپ، ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش ئىچىدە ئەرەبچە يازغان «صوت الوجدان والحنين إلى تركستان/ ۋىجدان ئاۋازى ۋە تۈركىستان سېغىنىشى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1944 ـ يىلى قاهىرەدە «تەجلىدۇل ئەنۋار مەتبەسى»دە 30 بەتلىك نەشر قىلىنغان. 1986 – يىلى پاكىستاندا «صوت الوجدان والحنين إلى تركستان/ ۋىجدان ئاۋازى ۋە تۈركىستان سېغىنىشى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن قوشۇپ قايتا نەشر قىلىنغان. قاراڭ: رەھمەتۇللاھ ئەھمەد رەھمەتى: «ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان»(ئەرەبچە)«شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلى ئومۇمىي 20 ـ سان، 1988 – يىل ئىستانبۇل. – ت.
6. 1939 ـ يىلى قاهىرەدە «مەربەۋىييە مەتبەسى»دە 40 بەتلىك نەشر قىلىنغان – ت.
7. ئەجەم – ئەرەبلەردىن باشقا مىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. – ت.
8. بۇ چاقىرىق ھەققىدە چىڭگىزخان داموللام: «ۋەتەندىن مېنىڭ قايتىشىمنى ئالدىرىتىپ مەكتۇبلار ئاقا – ئارقىدىن كېلىشكە باشلىدى. مەنمۇ ۋەتىنىمنىڭ ئاسمىنى بىلەن زېمىنى ئارىسىدا بەختلىك ياشامغا تەشنالىقىمدا مېنى چاقىرغان ۋەتىنىمدىن قېلىشمايتتىم. ماڭا قېرىنداشلىرىم پەزىلەتلىك مۇفتىي مۇتىيئۇللاھ مەخدۇم، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئابدۇلھەمىد مەخدۇم ۋە ئاي مەخدۇم قاتارلىق زاتلاردىن مەكتۇبلار كەلدى… » دەپ يازىدۇ. قاراڭ: «تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى»، 6 – بەت. – ت.

Please follow and like us:
Exit mobile version