(ھ. 1313– 1405/ م. 1896 – 1985)
قاسىم قارىيھاجىمنىڭ ئىسىم – فامىلىسى قاسىم زەكەرىيا، بوۋىسى ئابدۇقادىر، بوۋىسىنىڭ دادىسى ئوسمان، ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ دادىسى تەلھە ئابدۇشكۇر بولۇپ، مەھمۇد كاشغەرىينىڭ يۇرتى ئوپالدا ھىجرىيە 1313 – يىلى تۇغۇلغان. دادىسى زەكەرىيا، بوۋىسى ئابدۇقادىر، ئۇلۇغ بوۋىسى ئوسمان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەھلى ئىلىم كىشىلەر بولۇپ، ئوپالدا ئىلمىي ئاقارتىشلار بىلەن شۇغۇللانغان ۋە دېھقانچىلىقنى كەسىپ قىلغان. بەزىدە چارۋىچىلىق بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئۇ دادىسىنىڭ 1940 – يىلى ۋاپات بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. بۇ ئائىلە تۇرۇشلۇق جايدا بىر خەيرىيەت مۇئەسسەسى بار ئىدى. ئۇنىڭدا مەسجىد، يېتىم – يېسىرلار ئۈچۈن تۇرالغۇ جاي، ئىلىم سورۇنلىرى ۋە سىنىپلار بار ئىدى. يەنە بوستانلىق، كۆلچەك، ئېرىق، تېرىلغۇ يەر بار بولۇپ، ئانچە – مۇنچە كىرىم كەلتۈرەتتى. بۇ كىرىم خەيرىيەت ئىشلىرىغا سەرپ قىلىناتتى. بۇ مۇئەسسەسەنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى ئوپالدىن ئىبارەت ئۇزۇن ئەسىر تارىختىكى سۇلتانلارنىڭ، شۇنداقلا قاراخانىيلارنىڭ سۇلتانلىرىنىڭ قورغىنى بولغان بۇ تارىخىي ماكاندا بولۇشى ئىدى. دېمىسىمۇ بۇ جايدا ئۇ شانلىق دەۋرلەرنىڭ نۇرغۇن ئىزنالىرى تا ھازىرغىچە مەۋجۇد.
شەيخ قاسىم قارىيھاجىم دەسلەپ مەزكۇر مۇئەسسەسەگە كېلىپ تۇرىدىغان ئۆلىمالاردىن ئىلىم ئالغان. بولۇپمۇ، ياز پەسىللىرىدە ئۆلىمالار يۇرت – يۇرتلاردىن بۇ جايغا سەگىدەش ئۈچۈن چىقىشاتتى ۋە سۈزۈك زۇلال سۇلىرى بۇلدۇقلاپ ئېتىلىپ چىقىۋاتقان بۇلاقلارنىڭ بويلىرىدا ئولتۇرۇپ، بۇ گۈزەل ۋاھەنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرىشەتتى.
قارىيھاجىم ئاجىزلىشىپ قالغان بولغاچقا، ئېنىق جەزملەشتۈرەلمەي قالدى. ئەمما، مېنىڭچە، ئۇ 1931 – يىلىدىن بۇرۇن ئوقۇش پۈتتۈرگەن. ئۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇش پۈتتۈرۈش بىر بۆلۈك ئالىملارنىڭ ئالدىدا «ئىجازەت» ئېلىش بىلەن بولاتتى. ئۇلار مەلۇم بىر جايغا يىغىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن بىلىملىرىدىن ئىمتىھان ئالغاندىن كېيىن لاياقەتلىك بولغانلىرىغا ئىجازەتنامە تارقىتىپ بېرەتتى. مەن قارىيھاجىمنىڭ خىزمەتلىرى 60 – يىللاردا شەرئىي قازى ۋە دىيارىمىزنىڭ مۇفتىيسى بولۇپ قەشقەر شەھىرىگە يۆتكەلگەن دەپ قارايمەن. ئۇ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن ئەدىب، ئەللامە، فىقھشۇناس سۇلايمان داموللام، ئابدۇسەمەت مەخدۇم، ھارۇن ھاشىم قاتارلىق ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھېيتگاھ مەسجىدىدە ئىماملىق ۋە خاتىبلىق قىلغان.
ئۇ ھازىر 72 دىن ئاشتى. ھېلىھەم ۋەز – نەسىھەتچى، يېتەكچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ۋە ئىلمىي مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىۋاتىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئىلىم – مەرىپەت تارقىتىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەڭ ياخشى كىشىلىرىڭلار قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلىرىڭلاردۇر» دېگەن بولغاچقا، «قۇرئان»غا خىزمەت قىلىپ ئاخىرەتتە ئۆزىگە، ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا ۋە ئۈممەتكە پايدا يەتكۈزىدىغان بەرىكەتلىك ئۆمۈر قىلىپ بەرگەي. ئۇنى ۋە مېنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلغاي!
ئۇ 1937 – ۋە 1948 – يىللىرىدا ھىندىستاندا ئىلىم زىيارىتىدە بولغان. ئۇنىڭ بەيتۇللاھتا ھەج قىلىش نېسىۋىسى بار ئىكەنتۇق. 1980 – يىلى ھەج قىلغان. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى «دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى»نىڭ ئىسلام ئالەمىدىن تەكلىپ قىلغان ئەزىز مېھمانلار قاتارىدا مېھمىنى بولغان. ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەسجىدىنى زىيارەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەن.
1985 – يىلى رامازاننىڭ 10 – كۈنى كېچىدە ۋاپات بولغان ۋە قەشقەر شەھىرىدىكى بىر قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغان. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي!
«قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 12 – يىللىق 2 – سانىدا ئېلان قىلىنغان قازى قاسىم زەكەرىيانىڭ ماقالىسىدىن ئېلىنغان.
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
تەرجىمەدە: بىلىميار