Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

پەزىلەتلىك ئەللامە، قازى توختى ئاخۇنۇم تۇرپانىي

پەزىلەتلىك ئەللامە، قازى توختى ئاخۇنۇم تۇرپانىي

پەزىلەتلىك ئەللامە، قازى توختى ئاخۇنۇم تۇرپانىي

(ھ. 1275 – 1357 / م. 1858 – 1938)

 

مۇھەممەد ئارسلانخان ئوغلى دولان ئوغلى يالقۇن ئوغلى سەئىد ئوغلى توختى تۇرپانىي ھىجرىيە 1275 – يىلى ئىلىم – مەرىپەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلغان. دادىسى يۇرتنىڭ مۇفتىسى، شەرىئەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى كىشى ئىدى. شۇڭا، ئوغلىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا توقسۇندىكى بارچە كىشىلەر ياقتۇرىدىغان ئەدەب – ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىيەلىشى تەبىئىي ئىدى. ئۇ يەئقۇب بەگ بەدۆۋلەتنىڭ ئىسلام فەتھىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈنلىرىدە ياش يىگىت بولۇپ قالغانىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا بۈگۈن (ئاپتور مۇشۇ كىتابنى يازغان كۈن – ت) 50 يىل بولدى (شۇ چاغدا 80 دىن ئېشىپ قالغانىدى). شەيخ ئېھتىمال ھىجرىيە 14 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىدىكى ئىنقىلابقا ئىشتىراك قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن. نەقىلچىلەرنىڭ نەقىللىرىگە ئاساسلانغاندا ئۇ بىلىمىنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىنى باشقىلاردىن ئالغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغان بىلىملىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك دادىسىدىن ئالغان. ئۇ بىر مەزگىل تۇرپاندا ئوقۇغان. ئۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئوتتۇرا ئىقلىمىغا جايلاشقان بوستانلىقلىرىنىڭ بىرى بولغان تۇرپانغا كەلگەندىلا دادىسىنىڭ ھۇزۇرىدا خېلى كۆپ بىلىملەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىگىلەپ بولغانىدى. ئۇ قىسقا بىر مەزگىلدىن كېيىن قەشقەرگە بارىدۇ ۋە رەسمىي ئىجازەتنامەنى قەشقەردە ئالىدۇ. بەزىلەرنىڭ گېپىگە ئاساسلانغاندا ئۇ «قۇرئان كەرىم»نى كىچىكىدىلا يادقا ئېلىپ بولغان بولۇپ، تەجۋىدلىك ئوقۇيدىكەندۇق. ئۇ ئەدىب ھەم شائىر كىشى بولۇپ، شېئىر يېزىشنى ياخشى كۆرەتتى، «يەتتە مۇئەللەقات»نى تولۇق يادلىغان ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئىلاۋە يازغان ھەمدە ئوقۇغۇچىلىرىغا شەرھلەپ بەرگەن. ئۇ ئەرەب تىلىدا ئىنتايىن راۋان ئىدى، ئەرەبلەرنىڭ ئېتنوگرافىيەسىگە، ئىسلام فەتىھلىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخىغا ئىنتايىن پىششىق ئىدى. ئىسلام فەتىھلىرىنىڭ قانداق كېڭەيگەنلىكى، تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ ئاسىيانىڭ ئۈجۈر – بۈجۈرلىرىگە قانداق يېتىپ بارغانلىقىنىمۇ ئىنتايىن ياخشى بىلەتتى. ئۇ ئىبنى مۇقەففەﺋ، ئابدۇلھەمىد كاتىب قاتارلىقلارغا قىزىقاتتى. بۇھتەرىي، فەرەزدەق، ئىسلام شائىرى ھەسسان ئىبنى سابىت ئەنسارىي قاتارلىقلاردىن پەخىرلىنەتتى. ئۇ ياز كۈنلىرى كۆپىنچە «مەقاماتۇل ھەرىرىي» ۋە مۇتەنەببىينىڭ «دىۋان»نىنى تەتقىق قىلاتتى، دائىم يېنىدا تۇتاتتى. سەپەرلەرگە چىققاندا ئىبنۇلقەييىم جەۋزىيييە رەھىمەھۇللاھنىڭ «زادۇلمەئاد» دېگەن كىتابىنى، فىقھتا ئىمام شەۋكانىي رەھىمەھۇللاھنىڭ «ئەلفەتەۋا» دېگەن كىتابىنى يېنىدىن ئايرىمايتتى. ئۇ دەرس سورۇنلىرىدا ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇسۇلفىقھ، ئۇسۇل تەفسىرنى بەكرەك كۈچەپ ئۆگىتەتتى. ئىستىلىستىكا ۋە بايان ئىلىمىدىن ئوبدانلا خەۋەردار بولۇپ ھازىر جاۋاب، پىكىرلىرى كىشىنى قايىل قىلىدىغان ئىدى. ئانا مەتىنلەر (ھەرپىر پەندىكى مۆتىۋەر كىتابلار) گە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. بولۇپمۇ گىرامماتىكا ۋە مورفولوگىيە قائىدىلىرى شېئىرلاشتۇرۇلغان ئىبنى مالىك رەھىمەھۇللاھنىڭ «ئەلفىييە» دېگەن كىتابىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇنى مۇكەممەللىكى ۋە ئېتىراپ قىلىنغانلىقى ئېتىبارى بىلەن يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا ئىبنى ھاجىبنىڭ «ئەلكافىيە»سىدىن بەكرەك مۇناسىپ كۆرەتتى. بۇرۇنقىلارنىڭ «كىتاب مۇقەددىمىسىدىنلا ئوقۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنى توغرا دەپ قارايتتى ۋە «ئەلفىييە»نىڭ مۇقەددىمىسى ۋە باشلىنىشىنىڭ جەلب قىلارلىق، ئىچىدىكى مىسرالىرىنىڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى پات – پات سۆزلەپ قوياتتى. مەزكۇر شەيخمۇ دىيارىمىزدىكى مۇتلەق كۆپچىلىك ئالىملارغا ئوخشاشلا ھېچقانداق يازما ئەسەر قالدۇرمىغان.

ئاللاھ تائالا شەيخىمىزگە رەھمەت قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:
Exit mobile version