Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئۆلىمالار سۇلتانى باھائۇددىن مەخدۇم

ئۆلىمالار سۇلتانى باھائۇددىن مەخدۇم

ئۆلىمالار سۇلتانى باھائۇددىن مەخدۇم

(ھ. 1261– 1332/ م. 1845 – 1914)

 ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم ئوغلى باھائۇددىن مەخدۇم قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئوقۇشنى قەشقەردە باشلاپ يۇقىرى نەتىجە بىلەن تاماملاپ «ئىجازەتنامە»گە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى يەئقۇببەگ بەدۆلەت زامانىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىگە توغرا كېلىدۇ. يەئقۇببەگ ۋاپات بولغان ۋاقىتتا ئۇ دادىسى شەيخ ئابدۇقادىر داموللا ھاجىمدا ئوقۇۋاتاتتى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ئاستا – ئاستا پىشىپ يېتىلىپ قېلىۋاتقانىدى. شۇ دەۋردە باھائۇددىن مەخدۇمدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئالىملار ئۇستازلارنىڭ مۇبارەك قوللىرىدا يېتىشىپ چىققان ۋە چىقىۋاتقان ئىدى. باھائۇددىن مەخدۇمنىڭ ئائىلىسى ئاللاھ تائالا ھەر جەھەتتىن بەرىكەت بەرگەن ئائىلە بولۇپ، ئۇلار باياشات ياشايتتى، ھەربىر ئىشلىرىدىن ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان بەرىكىتىنىڭ ئىزنالىرى نامايان بولاتتى. مەسىلەن، ھەر دائىم مۇسۇلمانلارنىڭ قەددىنى تىكلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش، مەسجىد ۋە مەكتەپلەرنى بىنا قىلىش، «قۇرئان» يادلاش كۇرسلىرىنى ئىچىش، دارۇلئەيتام قۇرۇش، يېتىم ئوغۇل، تۇل خوتۇنلار ئۈچۈن پاناھ جاي ھازىرلاپ بېرىش، يول – كۆۋرۈك ياساش، ئاسراش، سۇ ئىنشائاتلىرى قۇرۇلۇشى قىلىش… قاتارلىق ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى.

باھائۇددىن مەخدۇمنىڭ دادىسى شەيخ ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم بىلەن شەيخ ئابدۇقادىر قازىكالان ئىككىسى ئىككى ئادەم. ئابدۇقادىر قازىكالان بولسا قىرىقىنچى يىللاردا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى بولغان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئابدۇكەرىمخان مەخدۇمنىڭ دادىسىدۇر.

باھائۇددىن مەخدۇم ئىلىمنى ئاتىسىدىن ۋە قەشقەردىكى كاتتا ئۆلىمالاردىن ئالغان. ئۇنىڭ قېرىندىشى جالالۇددىن ھاجىم بىلىمنى دادىسى بىلەن قېرىندىشى باھائۇددىن مەخدۇمدىن ئالغان. كىچىك ئوغلى ۋە نەۋرىلىرى ئىلىمنى بوۋىسىدىن ياكى بىرلا ۋاقىتتا دادىسى ۋە تاغىسىدىن ئالىدىغان بولغاچقا بۇ ئۆي ھەر تۈرلۈك بىلىملەر توپلانغان بىلىم خەزىنىسىگىلا ئوخشايتتى.

باھائۇددىن مەخدۇم تەفسىر، ھەدىس، ئۇسۇلۇلھەدىس، فىقھ ۋە ئۇسۇلۇلفىقھ، ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى، فارس تىلى ۋە فارس ئەدەبىياتى، ئەرۇز ئىلىمى قاتارلىقلاردا ئوبدانلا يېتىشكەنىدى. ئۇ ئۆز ئانا تىلى، ئەرەب تىلى، فارس تىلىنى پىششىق بىلىدىغان بولۇپ، ئۈچ خىل تىلدا شېئىر يازاتتى. دادىسى ئابدۇقادىر داموللا ھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن دادىسىنىڭ شەرئىي قازىلىق مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ ئوچۇق – يورۇق، خۇشچاقچاق كىشى بولغاچقا ھېچكىم ئۇنىڭ سورۇنىدىن زېرىكمەيتتى. قانداقسىگە ئۇنداق بولمىسۇن، ئۇ بارچە گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، مېھماندوست، سېخىي، كۆڭۈلچەك، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تەفسىرلەيدىغان، ھەدىسلەرنىڭ سەھىھلىرىنى بىلىدىغان، چىرايىدىن تەبەسسۇم ئۈزۈلمەيدىغان، تۇرقى يېقىملىق، يېتۈك شائىر تۇرسا؟!

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئىلمۇ – ئېرپان بۇلاقلىرىغا قاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ چاڭقىغان دىللىرىنى، قاغجىراپ كەتكەن قەلبلىرىنى ئابىھايات چەشمىلىرى بىلەن سۇغۇرۇش مەقسىتىدە مەكتەپ سالماقچى بولۇپ، زور ھىممەت ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئىش باشلىغان. سېلىنغان بىنالار مەكتەپ بىناسى بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە گاڭگىراپ قالغانلارغا نىشان كۆرسىتىپ بېرىدىغان ماياك، ماڭىدىغان يولىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان مەشئەل ئىدى. ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چاڭقاقلىقىنى پەقەت زۇلال سۇ كەبى بىلىم بىلەنلا قاندۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارايتتى. شۇڭا، ئۇنى سۇغۇرۇش، سۇغۇرغۇچى دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان «سەقيا، ساقىي» دېگەن سۆزلەر ئۆزىگە جەلب قىلىشقا باشلىغانىدى. ھەممىگە مەلۇمكى، بۇ ئىمارەت ھىجرىيە 1331 (م. 1913) – يىلى ئۇل سېلىنىپ كېيىنكى يىلى پۈتكەن. ئۇ بۇ مەكتەپنىڭ ئىسمىنى «ساقىيە مەدرىسەسى» دەپ قويغان.

تۈركىستاندىكى مەدرىسەلەرنىڭ قۇرۇلۇش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى شۇكى، ئادەتتە كىرىش ئېغىزى چوڭ ھەم ئېگىز بولىدۇ، ئۈستىگە ھەيۋەتلىك گۈمبەر چىقىرىلغان بولىدۇ، ئىشىكنىڭ ئىككى يېنىغا بىردىن ئىككى دانە ئېگىز مۇنار چىقىرىلىدۇ، گۈمبەزنىڭ ئاستىغا ئىچكى ھويلىغا ئۆتكىلى بولىدىغان قوشۇمچە ئىشىك چىقىرىلىدۇ، ئىچكى ھويلىنىڭ ئەتراپىغا ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، دەرسخانا، لېكسىيە زاللىرى رەت – رەت تارالغان بولىدۇ. قىبلە تەرەپكە «دەرسخانا» دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ مەسجىد چىقىرىلىدۇ. بۇنداق بولۇشى مەسجىدلەر پەقەت نامازخانىلا ئەمەس، بەلكى ئىلىم – مەرىپەت سورۇنى، ھۆكۈم ۋە پەتۋا ماكانى، كېڭەش ئورنى، لېكسىيە زالى، ھەر خىل يىغىن ۋە قۇرۇلتايلارنىڭ رەسمىي قارارگاھى، تەتقىقات، دەۋەت، يول كۆرسىتىش… قاتارلىقلارنىڭ باش ئورگىنى بولغانلىقىدىندۇر. ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ رەھبىرى ئادەتتە دەرس ۋە لېكسىيەلىرىنى مەزكۇر ئۈممەتنىڭ رەھبىرى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇتقان يولىغا ئەگىشىش يۈزىسىدىن مەكتەپ مەسجىدىدە سۆزلەيتتى.

شەيخۇلئىسلام باھائۇددىن مەخدۇم مەكتەپ دەرۋازىسىغا فارسچە مۇنداق دەپ يازغان:

سال تعمير اين رواق بدان

اولشن شغل وآخرش غفران

ئەبجەد ھېسابى بويىچە ھېسابلىغاندا «شغل» دېگەن كەلىمەنىڭ نەتىجىسى 1331، «غفران» دېگەن كەلىمەنىڭ 1332 چىقىدۇ. شەيخ باھائۇددىن مەخدۇم شەيخۇلئىسلام ئابدۇقادىر قازىكالان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ھىجرىيە 1313 – يىلى مەشيەخەتۇل ئىسلامىييە (ئىسلامىي شەيخلەر ئورگىنىنىڭ باش مەسئۇللۇق ئورنى) نىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا ئولتۇرغان.

شەيخ باھائۇددىن مەخدۇم مەكتەپ ئېچىلىپ ئالتە ئايدىن كېيىن يەنى ھىجرىيە 1332 (م. 1913) – يىلى زۇلھەججەنىڭ ئاخىرىقى سەيشەنبە كۈنى ۋاپات بولغان. مەزكۇر ساقىيە مەدرىسەسى (تېخى يېقىنقى دەۋرلەرگىچە) ئەھلى ئىلىملەرنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ كەلگەن. كېيىن بۇ مەدرىسە ۋە باشقا ھەرقايسى جايلاردىكى ئىسلامىي مەكتەپلەر بۇزۇۋېتىلگەن، (يەنى ئاپتورنىڭ ئۇشبۇ كىتابنى يازغان ۋاقتى – ت) پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىغا نىسبەتەن زور يوقىتىش پەيدا قىلغان ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ ھازىر خارابەلىكلىرىلا قېلىپ قالغان، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلام ئۈممىتىگە نىسبەتەن كوممۇنىست ماۋ قوزغىغان ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دېگەن نام بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەت ئاز بولمىغان بالايى – ئاپەتلەرنى پەيدا قىلغان، خەلقكە جەۋر – زۇلۇملارنى سالغان، مۇشۇ ئەسىرنىڭ (يەنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ – ت) 70 – يىللىرىدا مەدەنىيەت ۋە ئىلىم – پەنگە نىسبەتەن زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغان.

شەيخ باھائۇددىن مەخدۇم ۋاپات بولغاندىن كېيىن مەشيەخەتۇل ئىسلامىييەنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا ھىجرىيە 1360  (م. 1941) – يىلى قەشقەر شەھىرىدە ۋاپات بولغان پەزىلەتلىك شەيخ مىرزا ئەھمەد مىرزاجان مەخدۇم چىققان. مەن مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتناشقانىدىم.

ئاندىن ئۇنىڭ ئورنىغا ھىجرىيە 1365 (م. 1946) – يىلى ۋاپات بولغان پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد تاھىر ئاخۇن مەخدۇم چىققان. ئۇنىڭدىن كېيىن ھىجرىيە 1371 (م. 1951) – يىلى ۋاپات بولغان شەيخ ئۇبەيدۇللاھ داموللا ھاجىم چىققان.

شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، مەشيەخەتۇل ئىسلامىييە پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلىمۇ – ئىرپان پايتەختى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان قەشقەر شەھىرىگە جايلاشقانىدى.

ئاللاھ تائالا مەرھۇم شەيخكە رەھمەت قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:
Exit mobile version