شەيخ بەدرۇددىن مەخدۇم مارالبېشىي
(ھ. 1317– 1379/ م. 1899 – 1959)
بەدرۇددىن ئىبنى ئەلائۇددىن ئىبنى ئۆمەر قارىي ھىجرىيە 1317 (م. 1899) – يىلى مارالبېشىدا تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا قەشقەرگە كېلىپ، ئوقۇشىنى باشلىغان، ئۇ دەسلەپ «قۇرئان كەرىم»نى يادقا ئالغان، تەجۋىد بىلىملىرىنى ئوقۇغان. ئاندىن خانلىق مەدرىسەگە ئوقۇشقا كىرگەن ۋە ھىجرىيە 1343 (م. 1923) – يىلى مەزكۇر مەدرىسەدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغان. ئۇ ئوقۇشنى ئەڭ كېچىك تاماملىغان، نەزەر دائىرىسى كەڭ، بىلىمى مول، زېرەك ئوقۇغۇچى ئىدى. مېنىڭ ئۇستازىم سۇلايمان داموللام ئۇنىڭ ساۋاقدىشى ئىدى. شەيخ بەدرۇددىن ھىجرىيە 1344 (م. 1924) – يىلى مارالبېشىغا قايتىپ كەلگەن ۋە تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 50 – يىللاردىكى ئوقۇ – ئوقۇتۇشنىڭ گۈللىنىشىگە دىللاردا ئەسلەنگىدەك تۆھپە قوشقان. ئۇ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى تەرتىپكە سالغان ۋە ئەسلىدىكى ئوقۇتۇش پىروگراممىسىنى قايتا تەڭشىگەن. ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى ئىلىم ۋە ئىلىم ئادەملىرىگە خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن. تەلىم – تەربىيە پىلانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ئىشقا ئاشقان. بەزىلەر ئۇنى ئۆزى تۇرۇشلۇق مەھەللىدە خېلى مۇكەممەل مەكتەپتىن بىرنى بىنا قىلغان دەيدۇ.
رەھمەتلىك شەيخ ھىجرىيە 1379 (م. 1959) – يىلى مارالبېشىدا ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان.
ئاللاھ تەئالا مەرھۇم شەيخكە رەھمەت قىلغاي!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…