شەيخ بەختىيارخان خەلپىتىم
(ھ. 1316– 1374/ م. 1898 – 1954)
شەيخ بەختىيارخان ئەھمەدخان ھىجرىيە 1316 – يىلى قەشقەرنىڭ غەربى جەنۇبىغا 120 مىل كېلىدىغان تاشقورغاندا تۇغۇلغان. ئوقۇشنى يەركەندتە باشلىغان بولۇپ، يەركەند ئۆلىمالىرىنىڭ قولىدا فىقھ، ھەدىس، تەفسىر، ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى، فارس تىلى ۋە فارس ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى ئوقۇغان. ئاندىن ھىجرىيە 1336 – يىلى قەشقەرگە كېلىپ يۇقىرىلاپ ئوقۇپ، ھىجرىيە 1342 – يىلى «ئىجازەتنامە»گە ئېرىشكەن. ئاندىن يەركەندگە قايتىپ ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ ھەر يىلى يازنى تاشقورغاندا يۇرتداشلىرى ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزەتتى.
مەرھۇم ھىجرىيە 1347 – يىلى يازدا تاشقورغاندا ۋاپات بولغان ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. ئاللاھ تائالا مەرھۇم شەيخكە رەھمەت قىلغاي!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…