شەيخ پالتۇ قارىيھاجىم

(ھ. 1323– 1378/ م. 1905 – 1958)

شەيخنىڭ ئەسلى ئىسمى ئابدۇرەھىم بولۇپ، ئۇستازى پالتۇ قارىي داموللام نەمەنگانىينىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. ئۇ ھىجرىيە 1323 – يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تەۋەلىكىدىكى قارا يۇلغۇن دېگەن جايدا تۇغۇلغان. ئوقۇشنى دەسلەپ ئانا يۇرتىدا باشلاپ، كېيىن قەشقەرگە كېلىپ داۋاملاشتۇرغان. قەشقەردە ئەرەب تىلى، فىقھ، ھەدىس، تىل، ئەرەب ئەدەبىياتى ۋە فارس تىلى قاتارلىق تۈرلۈك پەنلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە 40 – يىللاردا ئىجازەتكە ئېرىشكەن. ئاندىن شەيخ پالتۇ قارىي داموللامنىڭ يېنىغا بېرىپ بىرقانچە يىل تەلىم ئالغان ۋە ئوغلىنىڭ ئورنىدا خىزمىتىدە بولغان.

ئۇ مەزكۇر ئۇستازىدىن قىرائەتشۇناسلىقنى پۇختا ئۆگەنگەن. شۇڭا، ئۇستازى ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولغان ۋە ئۇنىڭغا ياخشى دۇئا – تىلەكلەردە بولغان. ئۇ ئۇستازىنىڭ رۇخسەت بېرىشى بىلەن ئۇستازىنىڭ ئىسمىنى ئىسىم قىلىپ ئىشلەتكەن ۋە پالتۇ قارىيھاجىم دېگەن نام بىلەن تونۇلغان. ئۇ قىرائەتشۇناسلىق ئىلمىدە بەئەينى ئۇستازىنىڭ ئۆزىلا بولۇپ يېتىشىپ چىققان. كېيىن ئۇ قارا يۇلغۇندا ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «قۇرئان كەرىم» ۋە قىرائەتشۇناسلىق بويىچە ئوقۇغۇچى تەربىيەلىگەن. ئۇ شەيخىدىن بەش يىل كېيىن يەنى ھىجرىيە 1378 – يىلى قارا يۇلغۇندا ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان.

ئۇستازىمنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇ شەيخى رەت قىلغان قازىلىق مەنسىپىگە ئۇستازىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئولتۇرغان ۋە مۇفتىي بولغان. ئۇ سۈننەتكار، تەقۋادار، مال – دۇنياغا بېرىلمەيدىغان، روھى توق، قانائەتچان زات ئىدى. ئۇ دائىم «شەيخىم بولمىغان بولسا ئىدى، قازىلىق مەنسىپىگە ئولتۇرمىغان بولاتتىم» دەيتتى.

ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا شەيخكە رەھمەت قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago