ئەبۇل مەئالىي دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان شەيخ، ئىشان مۇھەممەد قاسىم ھاجىم

(ھ. 1247 – 1351/ م. 1831 – 1932)

 

شەيخنىڭ ئىسمى مۇھەممەد قاسىم يەئقۇب بولۇپ، يەركەندتە تۇغۇلغان، قەشقەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن. دەسلەپكى ساۋات خاراكتېرلىك بىلىملەرنى يەركەندتە ئالغان. كېيىن ئائىلىسى دادىسىنىڭ قەشقەردىكى ھۆكۈمەت ئورگىنىدىكى خىزمىتى تۈپەيلى قەشقەر شەھىرىگە كۆچكەندە، ئۇمۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قەشقەرگە كۆچۈپ كەلگەن. بەزىلەر ئۇنىڭ دادىسىنى قەشقەردىكى يۇقىرى قاتلام مەنسەپدارلارنىڭ يېنىدا تەرجىمانلىق قىلاتتى دەيدۇ. ئۇ ئاساسلىق دەرسلەرنىڭ ھەممىنى قەشقەردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇپ تاماملىغان ۋە ئوقۇتۇش ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشكەن. ئۇ، مورفولوگىيە، گىرامماتىكا، ئەرەب تىلى، فارس ئەدەبىياتى ۋە بەزى شەرق تىللىرى قاتارلىق كەسىپلەرنى ئۆگەنگەن. بەزىلەر ئۇنى تىلشۇناس ئىدى، ئۆزبېكىستاندىن تارتىپ جۇڭگونىڭ چېگرالىرىغىچە، تارىم ۋادىسى بويلىرى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەتراپلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشايدىغان بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان دىيالېكتلىرى ھەققىدە ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئىدى، دەيدۇ. ئۇنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ ئىچىدە ھېكىمخان تۆرەممۇ بار ئىدى. ئۇ، ئۆمرىنىڭ ئاخرىقى كۈنلىرىدە تەركى دۇنيا بولۇپ، ئۆيىدىن ئايرىلمىغان. بەزىلەر ئۇ ئۆيىدە «نەقشىبەندىييە تەرىقىتى»نىڭ زىكر – ھەلقىسى بىلەن مەشغۇل بولغان ئىدى دەيدۇ. بىراق، ئۇنىڭ زادى نېمە ئۈچۈن ئۆيىدىلا بولغانلىقىغا كېسىپ بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، ئۇ خىلۋەتنى، دۇنيانىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان نەرسىلىرىدىن يىراق تۇرۇشنى ئىستەپ ئۆيىدە بولغان ۋە ۋاقىت چىقىرىپ بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارغا ئۆيىدە بەزى دىنىي دەرسلەرنى ئۆتۈپ بەرگەن.

ئۇ ھ. 1351 / م. 1932 – يىلى قەشقەردىكى ئۆيىدە ۋاپات بولغان. بەزىلەر ئۇنى بىر قىسىم دوست – يارەنلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن يەركەندگە قىلغان سەپىرىدە ۋاپات بولغان ۋە يەركەندگە دەپنە قىلىنغان دەيدۇ.

جانابى ئاللاھ تائالا شەيخكە رەھمەت قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago