شەيخ ئەنەس مۇفتىي ئاخۇنۇم

(ھ. 1283– 1355/ م. 1866 – 1936)

شەيخ ئەنەس ئىبنى سۇلايمان ئىبنى يۇنۇس ھىجرىيە 1283 – يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. توقسۇندا ئوقۇغان ۋە توقسۇندىكى مەلۇم بىر شەيخنىڭ خىزمىتىنى قىلغان. بىرقانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇخارا تەرەپلەرگە سەپەر قىلغان ۋە سەمەرقەنتتىن قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن. بىز نېمىشقا قايتىپ كەلگىنىنى ۋە نېمە سەۋەبتىن بىۋاسىتە قەشقەرگە كەلگىنىنىمۇ بىلمەيمىز. ئۇ ھىجرىيە 1311 (م. 1893) – يىلى قەشقەردە ئوقۇغان. 1320 – يىلى ئوقۇشىنى تاماملاپ ئانا يۇرتىغا قايتىپ ئوقۇ – ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ قازىلىق مەنسىپىگە ئولتۇرمىغان. پەقەت پەتۋالا بەرگەن. ئۇ «قۇرئان» ۋە «سۈننەت»نى پىششىق بىلىدىغان تەقۋادار كىشى ئىدى. ئۆمۈر بويى دىنغا خىزمەت قىلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھىمەھۇللاھنىڭ مەزھەبى بويىچە بەرگەن پەتۋالىرى توپلانغان «پەتۋالار توپلىمى» بار بولۇپ مەتبەئەدە بېسىلمىغان. باشقا شەيخلەر ئۇنىڭدىن تاكى ھىجرىيە 1378 (م. 1958) – يىلى يوقاپ كەتكىچە قولدىن – قولغا ئۆتكۈزۈپ پايدىلىنىپ كەلگەن. مەن ئۇنى م. 1962 – 1974 – يىلىغىچە داۋاملاشقان، مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ بېشىغا چىققان ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ناملىق قاغىشتەككۈر ھەرىكەتتە يوقاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.

شەيخ ھىجرىيە 1355 – يىلى تۇرپاندا ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ مەرھۇم شەيخكە رەھمەت قىلسۇن!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ئاي ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

2 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

2 ئاي ago