شەيخ ئۇلۇغ ئاخۇن قۇدۇس خەلپىتىم
(ھ. 1303– 1369/ م. 1885 – 1949)
مەرھۇم شەيخنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ قۇدۇس ئىبنى ئىسھاقخان بولۇپ، ھىجرىيە 1303 – يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى «مىڭخال» دېيلىدىغان كوچىدا دۇنياغا كەلگەن. دىنىي بىلىملەرنى قەشقەردىكى «خانلىق»، «قازان»، «ساقىيە» قاتارلىق مەدرىسەلەردە ھۆرمەتكە سازاۋەر، مۆھتەرەم ئالىملاردا ئوقۇغان. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، بۇ مەدرىسەلەرنىڭ ئارىلىقى ئانچە يىراق ئەمەس ھەم شۇ ۋاقىتتىكى چوڭ ئالىملار مەزكۇر مەدرىسەلەرنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان، ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ مەدرىسەىلەرنىڭ ئارىسىدا قاتناپ ئوقۇيتتى. ئۇلۇغ قۇدۇس مەكتەپ پۈتتۈرۈپ «ئىجازەت»كە نائىل بولغاندىن كېيىن، «ساقىيە مەدرىسەسى»گە ئوقۇتقۇچىلىققا، قوشۇمچە چوڭ جامەنىڭ خاتىبلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەنگەندىن كېيىن ئوقۇ – ئوقۇتۇشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە بىر ئۆمۈر شۇ خىزمەتنى داۋاملاشتۇرغان.
شەيخ ئۇلۇغ قۇدۇس ئاخۇن خەلپىتىم ھىجرىيە 1369 – يىلى ۋاپات بولغان.
ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالا مۆھتەرەم شەيخكە رەھمەت قىلغاي ۋە قىلغان ياخشى ئەمەللىرىگە ھەسسىلەپ ئەجىر بەرگەي!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…