شەيخ ئەشرەفۇددىن ئاخۇنۇم

(ھ. 1297– 1363/ م. 1880 – 1943)

شەيخنىڭ تولۇق ئىسمى ئەشرەفۇددىن ئىبنى جامال ياكى جامالۇددىن بولۇپ، ھىجرىيە 1297 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئوقۇشىنى قەشقەردە باشلاپ قەشقەردىكى كاتتا ئالىملارنىڭ قولىدا يېتىشكەن ۋە ھىجرىيە 1323 – يىلى «ئىجازەتنامە» گە ئېرىشكەن. ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى تاللىغان ھەمدە يەرلىك ھۆكۈمەتتە بەزى مەنسەپلەرنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ ئەتىگەندە دەرس ئۆتىدىغان بولغاچقا ئىدارىسىگە كېچىكىپ ئىشقا چۈشۈش تەلىپىنى قويغان ۋە تەلىپى قوبۇل قىلىنغان. ئۇ داۋاملىق ئىسلامنى ئىسلامنىڭ ئاساسى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بەش پەرزدىن باشقا تەرەپلىرىنىمۇ ھاياتنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تەتبىقلاش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئورنىتىش، بارچە ئىسلام ئۈممەتلىرى ئالغا ئىلگىرىلەش، ياسىمىچىلىق، ئىقتىساد قاتارلىق تەرەپلەردە دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىشى كېرەك، ئىسلام پەقەت ئىبادەت مەنىسىدىكى بەش پەرزلا ئەمەس، بەلكى، ئىسلام ئېتىقادتۇر ۋە ياشاش ئۇسلۇبىدۇر، دەيتتى.

رەھمەتلىك شەيخ يەنە ۋەز – نەسىھەت قىلاتتى، خەلقنى تەبىقە ئايرىماستىن توغرا يول تەرەپكە يېتەكلەيتتى، ئۇلارنى باشقىلارغا يۆلىنىۋالماي تىرىشىپ ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرەتتى. ئۇ مۇشۇنداق چاقىرىقلارنى داۋاملاشتۇرۋاتقان مەزگىلدە، ھىجرىيە 1363 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە ۋاپات بولىدۇ ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىنىدۇ.

مەن شەيخنىڭ پەلسەپەسىنى 1905 – يىلى ۋاپات بولغان مىسىرنىڭ مۇفتىسى شەيخ مۇھەممەد ئابدۇنىڭ پەلسەپەسى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇراتتى، دەپ قارايمەن.

ئاللاھ تائالا شەيخكە رەھمەت قىلسۇن!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago