مەۋلەۋىي ئىسمائىل ئىبنى ئابدۇلقادىر ئىبنى ئابدۇللاھ كاشغەرىي

(ھ. 1339– ؟/ م. 1920 – ؟)

مەۋلەۋىي ئىسمائىل ئابدۇقادىر داموللام تېرىقچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسى يۇرت ئىچىدىكى ئابرۇيلۇق كىشىلەردىن بولۇپ، ئىلىم – مەرىپەتنى سۆيىدىغان ئادەم ئىدى. دېھقانچىلىقتىن بوشانغان ۋاقىتلىرىدا ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن ئولتۇرۇپ – قوپۇشۇپ، خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارنى مەمنۇن قىلاتتى ۋە ياخشى دۇئالىرىغا نائىل بولاتتى. ئۇ كىشى دائىم ئاللاھ تائالادىن كېيىنچە دىندا ئالىم بولىدىغان پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى تىلەيتتى. ئوغلى ئىسمائىل تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئۇنىڭغا خەيرلىك تىلەكلەرنى تىلەشنى توختىتىپ قويمايتتى ۋە ئاللاھ تائالاغا بۇ ئوغلىنى دىندا ئالىم قىلىش ۋە ياخشى تەربىيەلەشكە نېسىپ قىلىشتىن ئىبارەت ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىپ بېرىشىگە دۇئا قىلاتتى.

مەۋلەۋىي ئىسمائىل داموللام ئوقۇشنى دەسلەپ بەزى ئەھلى ئىلىملەر ئاچقان خۇسۇسىي دەرسخانا ۋە مەھەللە مەسجىدلىرىدە باشلىغان. كېيىن بارغانسېرى يۇقىرىلاپ ئوقۇپ، مەھەللىسىدىكى مەكتەپلەردە ۋە قەشقەر شەھرىدە ئوقۇغان. 1937 – يىلى سودا كارۋانلىرى بىلەن بىللە ھىندىستانغا بېرىپ، ئوقۇش مەقسىتىدە تاكى 1948 – يىلىغىچە ھىندىستاننىڭ «دىيۇۋبەند» شەھرىدە تۇرۇپ قالىدۇ.

ئۇ قەشقەرگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئوقۇ – ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇ خەلقنىڭ دىنىي ئاڭ – ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئۆزىنىڭ «ئىلمىي مەركىزى»گە مۇناسىۋەتلىك قىسمەن مۇھىم ۋەزىپىلەر ئېھتىياجى تۈپەيلى بەزى ۋاقىتلاردا يۇرتمۇ – يۇرت ئارىلاپ يۈرەتتى. قەشقەر شەھىرى ئۇنىڭ مۇقىم ئورنى ۋە تۇرالغۇسى ئىدى. ئۇ ئۆز يۇرتىغا، بىرىنچىدىن ئىلىم – مەرىپەت تارقىتىش ئۈچۈن، ئىككىنچىدىن ئىسلام ئەقىدىسى ۋە ئېڭىنى يېڭىچە مېتودتا تارىتىش ئۈچۈن قايتىپ كەلگەنلىكىدىن ئىپتىخارلىناتتى.

ئۇ دىيارىمىزغا ماۋ كوممۇنىستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن، 1958 – يىلىدىن 1976 – يىلىغىچە داۋاملاشقان ئېغىر قىيىنچىلىق مەزگىللىرىدە گۈزەل سىناقلار بىلەن سىنالغان.

ئاللاھ تائالا شەيخىمىزدىن رازى بولسۇن ۋە رەھمەت قىلسۇن!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago