شەيخ ئىسمائىل ئاخۇنلۇقۇم خوتەنىي
(ھ. 1295– 1355/ م. 1878 – 1936)
ئىسمائىل ئىبنى تۇرسۇننىياز ھىجرىيە 1295 – يىلى قاراقاشتا تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە خوتەندە ئوقۇغان. ئاندىن ئوقۇشنى تاشلاپ دادىسى ۋە ئاكا – ئىنىلىرى بىلەن بىرلىكتە يىپەك ۋە توقۇلما بويۇملار تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ئىلىمگە بولغان سېغىنىشى يېڭىدىن كۈچىيىپ، قاراقاشتا ئۇزۇن مەزگىل ئوقۇغان. ئۇ بالىلىق دەۋرىدىلا «قۇرئان»نى يادقا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن دادىسى بىلەن تىجارەتكە كىرىشكەن، دەيدىغان قاراشمۇ مەۋجۇد. ئۇ ھىجرىيە 1327 – يىلى قەشقەرگە كېلىپ، مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ قولىدا مورفولوگىيە، گىرامماتىكا، ئىستىلىستىكا، ئىلاھىيەتشۇناسلىق (ئۇسۇلۇددىن)، ئەرەب تىلى، فارس تىلى قاتارلىقلارنى ئوقۇغان. ئۇ دادىسىنىڭ تىجارىتى سەۋەبلىك ھىندىستانغا بېرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا ئوردۇچىنىمۇ پىششىق بىلەتتى. ئۇ ناتىق، بىلىمى مول، زېھنى ئۆتكۈر بولۇپ تېزلا كۆزگە چېلىققان ئىدى. ئۇ دىنىي بىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى، مىراس، ھېساب بىلىملىرىنى پىششىق بىلەتتى. بەزىلەر ئۇنى ھىندىستانغا بارغاندا كەشمىردە مەلۇم بىر ئالىمدىن ئاستىرونومىيە ئۆگەنگەن، دەيدۇ. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە ئەرەب تېبابىتىدىنمۇ خەۋەردار ئىدى. ئۇ مۇفتىيلىق ۋە قازىلىق مەنسەبلىرىگىمۇ ئولتۇرغان. ھىجرىيە 1352 (م. 1933) – يىلىدىكى ئىسلام ئىنقىلابىغا قاتناشقان. ھىجرىيە 1353 (م. 1934) – يىلىدىكى خوتەننىڭ تۇڭگانلار تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنىش ۋەقەسىدىن كېيىن سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى تۈرمىگە تاشلانغان. ھىجرىيە 1355 – يىلى ئىلچىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان.
ئاللاھ تائالا مەرھۇمغا رەھمەت قىلسۇن، ئاخىرەتلىكىنى خەيرىلىك قىلسۇن!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…