شەيخ ئىسلام ھاجىم داموللام

(ھ. 1299– 1363/ م. 1881 – 1943)

ئىسلام ئىبنى ئابدۇلقادىر ئىبنى ھۈسەين داموللام قەشقەر شەھرىنىڭ بۇلاق بېشىدىكى شەھەر سېپىلىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ شەرق تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان، تۆۋەنكى مەھەللىدە تۇغۇلغان. ئاتىسى خام توقۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى. داموللام ئىلىم ھاياتىنى قەشقەردە باشلىغان. كىچىك چېغىدىلا «قۇرئان كەرىم»نى يادقا ئېلىپ بولغان ۋە ھىجرىيە 1330 – يىلىدىن بۇرۇنلا كېرەكلىك «ئىجازەتنامە»لەرنى قولىغا ئېلىپ بولغان. داموللام ھىجرىيە 1330 – يىلىدىن باشلاپلا ئوقۇ – ئوقۇتۇش يولىغا كىرگەن بولۇپ، «چاسا مەدرىسەسى» دە ئىزچىل مۇدەررسلىك قىلغان .

ئۇنىڭ ئۇستازلىرى شەيخ شەمسىددىن داموللام، مەھمۇد ئاخۇن داموللام، ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇللاھ داموللام ۋە باشقا ئۇستازلاردۇر. ئۇ شەيخ ئەھمەد ئاخۇن خەلپىتىم بىلەن ساۋاقداش بولۇپ، ئىككىسى بىر كۈندە ئوقۇش پۈتتۈرگەن .

ھىجرىيە 1339 – يىلى داموللام ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئىستىكىدە ھىجاز تامان سەپەرگە ئاتلىنىدۇ ۋە بۇ جايدا ئىككى، ئۈچ يىل تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇ بۇ قېتىملىق سەپىرىدە ھىندىستان تەرەپلەرگىمۇ ئۆتۈپ، بۇ جايدىكى ئالىملارنى ۋە ئىلىم ماكانلىرىنى زىيارەت قىلىدۇ. رەھمەتلىك داموللام ھەدىس ئىلمىغا تولىمۇ پىششىق بولۇپ، «جەرھ ۋە تەئدىل (راۋىيلارنىڭ دەرىجىسىنى ئايرىش)»كە ئوخشاش ھەدىسنىڭ «ئىسنادى (ھەدىسلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن تاكى ھەدىسلەرنى توپلاپ خاتىرىلىگەن ئىماملارغىچە بولغان راۋىيلار زەنجىرى)»غا ئالاقىدار بولغان ساھەلىرىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن .

ئىسلام ھاجىم داموللامنىڭ قولىدا نۇرغۇن پەزىلەتلىك ئالىم – ئۆلىمالار يېتىشىپ چىققان .رەھمەتلىك داموللام ھ. 1363 – يىلى قەشقەر شەھرىدە ۋاپات بولغان ۋە شۇ جايغا دەپنە قىلىنغان.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago