شەيخ ئۇسەيدۇللاھ داموللام
(ھ. 1314– ؟/ م. 1896 – ؟)
ئۇسەيدۇللاھ داموللام بايلارنىڭ ئېتىز – ئېرىقلىرىدا ئىشلەپ سېرىقتال كۈن كەچۈرىدىغان كەمبەغەل ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى تاپشۇرۇلغان ئىش – ئەمگەكلەرنى تۈجۈپىلەپ ئادا قىلىدىغان، دۇرۇس ياشايدىغان، پاك – دىيانەتلىك ئادەم بولغاچقا ھەممە كىشىنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنەتتى. ئۇسەيدۇللاھ داموللام ياش ۋاقتىدا كېلىشكەن، چىرايىدىن تەبەسسۇم كەتمەيدىغان، مۇلايىم، يېقىشلىق سۆزلەيدىغان، ئەخلاقلىق يىگىت ئىدى.
داموللامنىڭ مەھەللىسىدىكى بايلارنىڭ ئىچىدە ۋەز – نەسىھەت سورۇنلىرىدىن قالمايدىغان، ئىلىم سۆيەر، ئەھلى ئىلىملارنى ھۆرمەت قىلىدىغان بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇ كىشى داموللامغا ئەگەر داموللام ئىلىم ئۆگىنىشنى خاھلىسا ياردىمىنى ئايىمايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن داموللام بۇ خۇشخەۋەرنى ئاڭلاپ ئىلىم ئۆگىنىشكە بەل باغلايدۇ ۋە مۇبارەك كىتابىدا ﴿ئىنساننى ياراتتى. ئۇنىڭغا (مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن) سۆزلەشنى ئۆگەتتى﴾(55/«راھمان»: 3، 4) دېگەن ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىپ، يۇرتىدىكى مەدرىسەگە ئوقۇشقا كىرىدۇ.
ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىلىم ئېلىش يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن داموللام قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە يۇرتنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەھلى ئىلىملىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى، داموللام ھىجرىيە 1314 – يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان ۋە ئىلمىنىمۇ تۇرپاندا ئالغان. داموللام ھىجرىيە 1357 – يىلى ھەج ۋە ئۆمرەنى تاماملاپ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن.
ئۇنى ھىجرىيە 14 – ئەسىرنىڭ 30 – يىللىرىدا قەشقەردە ئوقۇغان دېيىلىدۇ. تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ھەقىقەتەن قەشقەردە ئوقۇغانلىقى ۋە ھىجرىيە 1350 – يىلىدىن بۇرۇن قەشقەر ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن ئوقۇ – ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەنلىكى، ئاندىن تۇرپانغا قايتىپ ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغاچ قازىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى ئايدىڭلىشىدۇ.
ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتى بولسا داموللام ھەممىنىڭ ئالدىغا قويىدىغان ئەڭ پەخىرلىنەرلىك خىزمەت ئىدى. چۈنكى، بۇ خىزمەت ئەڭ مول – ھوسۇللۇق، ئەجرى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ كاتتا خىزمەت ئىدى.
ئاللاھ تائالا داموللامغا رەھمەت قىلسۇن!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…
ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…
شەيخ مۇھەممەد غەززالىي ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…
دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي /رسالة حقية وديوان ندائي تۈر: رىسالە ھەققىييە: تەسەۋۋۇف،…