شەيخ ئىسراپىل داموللام

(ھ. 1296– 1366/ م. 1878 – 1946)

ئىسراپىل ئىبنى ئىسھاق داموللام ھ. 1296 – يىلى شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەر ۋىلايىتىگە قاراشلىق يەركەندگە تەۋە پوسكامدا تۇغۇلغان. يەركەندتە مەلۇم ۋاقىت ئوقۇپ ئاندىن قەشقەرگە بېرىپ بىلىمىنى تولۇقلىغان ۋە ھ. 1328 – يىلى «ئىجازەتنامە»گە ئېرىشكەن. ئاندىن پوسكامغا قايتقان. ئەمما، پوسكامدا ئۇزۇن تۇرمايلا خوتەنگە بارغان.

خانلىق مەدرىسەدە مۇدەررىسلىككە تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭدىن قاسىمجان ھاجىم قاتارلىق ئوت يۈرەك، يۇرت سۆيەر ياشلار ئىلىم ئالغان.

ئىسراپىل داموللام تىنىم تاپمايدىغان، پائالىيەتچان كىشى ئىدى. ئۇستاز ئىسراپىل داموللام ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن 20 يىل ئەتراپىدا شۇغۇللانغان ۋە جۇغراپىيە، تارىخ، ھېساب، ئىنسانشۇناسلىق، يۇنان – ئەرەب تېبابىتى قاتارلىق تۈرلۈك زامانىۋى بىلىملەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ بىلىدىغانلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان. ئۇ بۇ پەنلەرنى ئۇزۇن مەزگىللىك ئىزدىنىشى ۋە تېرىشچانلىقى بىلەن قولغا كەلتۈرگەن.

م. 1931 – يىلىدىكى «ئىسلام ئىنقىلابى»غا قاتناشقان ۋە ئوقۇغۇچىلىرىنى جىھاد قىلىش ئۈچۈن قوللىرىغا قورال ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرگەن. ھىجرىيە 1354 (م. 1935) – يىلى ئۇشتۇمتۇت باشقىلارنىڭ كۆزلىرىدىن غايىب بولغان، بەلكىم كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتى پوسكامنىڭ چەت يېزا – قىيناشلىرىغا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن.

م. 1938 – يىلى ئۇ تۈرمىگە قامالغان جايدا باشقا بىر خىل قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە 1942 – يىلى قويۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ تۈرمىگە قامىلىشى ۋە قويۇپ بېرىلىشى ئاقسۇ شەھرىدە بولغان. قاماقتىن بوشىغاندىن كېيىن كۇچادا تۇرۇپ قالغان. چۈنكى، كۇچا خەلقى ئۇنى تۇتۇپ قالغان ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاچ مەسجىدتە خاتىبلىق قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نام – شۆھرىتى ئەتراپقا كەڭ تارقالغان، ھەر جايدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۇنى ئورىۋالغان.

1943 – يىلى ئۇ جامائەتكە ناماز ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا مەسجىدنىڭ تورۇسىدىن ياغاچ چۈشۈپ كېتىپ پالەچ بولۇپ قالغان. شۇنداقتىمۇ ئۇ تاكى 1946 – يىلى ئۆيىدە ۋاپات بولغانغا قەدەر ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغان. ۋاپات بولغاندىن كېيىن كۇچاغا دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت ئەيلىگەي ۋە دىن ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىگە كاتتا ئەجىر ئاتا قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago