شەيخ ئىسكەندەر ئاخۇنۇم
(ھ. 1240– 1305/ م. 1824 – 1887)
شەيخ ئىسكەندەر ئىبنى توختىنىياز خوتەندە تۇغۇلغان، بىلىمنىمۇ خوتەندە ئالغان. ئۇ ئۆمۈر بويى خوتەندىن ئايرىلىپ باقمىغان. پۈتۈن ئۆمرىنى ئىلىم ئۆگىنىش، ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋە پەتۋا بېرىش بىلەن ئۆتكۈزگەن.
ئۇ ھىجرىيە 1274 – يىلى ئوقۇشىنى تاماملاپ كېرەكلىك ئىجازەتنامىلەرنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن خوتەندىكى خانلىق مەدرىسەگە مۇدەررىسلىككە تەيىنلەنگەن. ئېيتىلىشچە، ئۇ جالالىددىن رۇمىينىڭ «مەسنەۋى» دېگەن كىتابىنى يادقا ئېلىپ بولغان بولۇپ، ھەر يىلى دېگۈدەك ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرسلىك قىلىپ بېرەتتى. ئۇ يەنە ھەجۋىي شېئىر ۋە مېھرى – مۇھەببەت كۈيلەنگەن غەزەللەرنى يازىدىغان تالانتلىق شائىر ئىدى. ئۇ تولىمۇ تەقۋادار ئادەم بولۇپ، كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇشنى قولدىن بەرمەيتتى، ھەر ئاينىڭ 13 -، 14 -، 15 – كۈنلىرىدە روزا تۇتاتتى. ئۇنىڭ يەنە بىر كۈن روزا تۇتسا، بىر كۈن ئېغىزى ئوچۇق يۈرىدىغانلىقى ۋە شەۋۋال ئېيى كەلسىلا ئالتە كۈن روزا تۇتىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇ دەرسىنى بامداتتىن ئىككى سائەت بۇرۇن باشلايتتى. بامدات نامىزىدىن كېيىن كېيىن ھەدىس، فىقھ، ئۇسۇلۇلفىقھ قاتارلىق پەنلەردىن دەرس بېرەتتى. ئاندىن ئازراق ئارام ئېلىۋېلىپ، گىرامماتىكا، مورفولوگىيە، ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتى قاتارلىق باشقا پەنلەردىن دەرس ئۆتەتتى. بەزىلەر ئۇنى ھىندىستاندا ئوقۇغان دېسە، يەنە بەزىلەر بۇنى ئىنكار قىلىدۇ.
شەيخ ئىسكەندەر ئاخۇنۇم دەرس ئۆتۈۋاتقاندا ۋاپات بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭ پەزىلىتى ۋە ئىلمىي جەھەتتىكى ئورنىنى بىلىدىغان يۇرت خەلقى بىلەن بىرلىكتە نامىزىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن ئۇنى دەپنە قىلىدۇ. ۋاپات بولغاندا ئۇ 65 ياشتا ئىدى.
ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…