شەيخ ئەللامە ئەھمەد خاتىب ئاخۇنۇم

(ھ. 1316– 1393/ م. 1898 – 1973)

شەيخ ئەھمەد خاتىب ئاخۇنۇمنىڭ فامىلىسىنى تاپالمىدۇق، ھەتتا ئۇلارنىڭ بىلىدىغان ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىمۇ تاپالمىدۇق.

شەيخ ھىجرىيە 1316 – يىلى ئاتۇش تەختىيۈن يىزىسىدا قول ئىلكىدە بار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ جەمەتى ئەجدادلىرىدىن تارتىپ كاتتا زەردار بايلاردىن ئىدى.

ئۇ ئەنە شۇنداق باياشاتچىلىققا تولغان ئائىلىدە ئۆسۈپ يىتىلگەن. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە كىشىلەر، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتى.

ئۇ كىچىكىدىنلا ئوقۇشقا ھېرىسمەن بولۇپ، ئېھتىمال «قۇرئان»نى 11 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا يادىلاپ بولغان بولىشى مۇمكىن.

ئاتۇش – قەشقەر خەلقى «قۇرئان كەرىم»نى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ دەستۇرى، ھۆججىتى دەپ بىلگەچكە «قۇرئان كەرىم»گە ناھايىتى ھېرىسمەن ئىدى. شۇڭا، «قۇرئان كەرىم»نى ئۆگىنىش – ئۆگىتىش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى.

شەيخ ئەھمەد خاتىب «قۇرئان كەرىم»نى يادلاش ۋە فىقھىدىن دەسلەپكى بىلىملەرنى ۋە ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسىنى تەختىيۈن يىزىسىدا تاماملىغان. (تەختىيۇننىڭ ئەسلىسى تەخت ھۇن بولۇپ، ھۇن پادىشاھلىرى ئولتۇرۇدىغان يەر دېگەن مەنىدە. تارىخ نۇقتىسىدىن يەنە ھۇن ئىمپېراتورى ئاتىللا دەۋرىدىكى ھۇن دۆلىتىنىڭ پايتەختى دېگەن مەنىسىمۇ بار.)

كېيىنچە شەيخ ئەھمەد قەشقەرگە كېلىپ خېلى ئۇزۇن مەزگىل قەشقەردە تۇرۇپ، 20 – ئەسىرنىڭ 20 – يىللىرىدا قەشقەردە ياشىغان كاتتا ئۆلىمالاردا ئوقۇپ، ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن، يۇرتى تەختىيۇنغا قايتىپ كېلىپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. قازىلىق ئىشلىرغا قەتئىي يېقىنلاشمىغان.

ئەھمەد خاتىب ئاخۇنۇمنىڭ قولىدا مال – دۇنيا شۇنچە ئېشىپ – تېشىپ تۇرسىمۇ، دائىم دەرس سورۇنلىرىدا ئېتىكاپتا تۇرغان. بىر تالىبىنىڭ دەپ بېرىشىچە: شەيخ دەرس سورۇنىدا 50 يىل ئولتۇرغان، ھەتتا ۋاپات بولغان كۈنىمۇ دەرس ئۆتكەن.

ئۇنىڭ قولىدا نۇرغۇنلىغان تالىبلار يېتىشىپ چىقىپ، قازى، خاتىب – ئىمام، مۇدەررىس بولغان.

ئاتۇش بولسا تارىختىن بۇيان بالاساغۇن رايۇنىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن. جەنۇبىدىكى قورغان يىزىسى بولسا 3000 يىلدىن بۇيان قەدىمكى ھۇن ئىمپىراتورلىرىنىڭ ھەربىي بارگاھى ۋە بازىرى بولۇپ كەلگەن.

شەيخ ئەھمەد خاتىب ئاخۇنۇم مىلادىيە 1973 – يىلى تەختۇيۇندا، 75 يېشىدا ۋاپات بولغان.

ئاللاھ بۇ كىشىگە رەھمەت – مەغپىرەت ئاتا قىلىپ، مەڭگۈلۈك جەننىتىدە ياخشىلار بىلەن بىرگە قىلغاي. ئامىن!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

admin@sajiye

Recent Posts

كاشغەردە چىقىپ، ئىستانبۇلدا پاتقان قۇياش — ئابدۇللاھ نىدائىي ئەلكاشغەرىي

(ھ. 1100 – 1174 / م. 1688 – 1760)   18 - ئەسىردە ئۆتكە مەشھۇر…

15 سائەت ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (21) تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي / تواريخ خمسة شرقي

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…

6 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (20) تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…

7 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (18) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ…

1 ئاي ago