شەيخ ئەھمەد توختى ئەلەم ئاخۇنۇم

(ھ. 1296– 1373/ م. 1879 – 1953)

شەيخنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەھمەد توختى، چوڭ دادىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد تۇرسۇن نىياز بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىلچىدا ھىجرىيە 1296 – يىلى تۇغۇلغان. خوتەندە فىقھ، ھەدىس ۋە يەنە باشقا باشلانغۇچ ئىلىملەردىن ئەدەبىيات، فارس تىلى، ئەرەب تىلى گىرامماتىكىسىنى ئوقۇپ بولۇپ، يەركەندگە كەلگەن. ئۇ يەردە ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ ئوقۇغان. ئاندىن ھىجرىيە 1319 – يىلى قەشقەرگە كىلىپ، شۇ دەۋردىكى ئاتاقلىق ئۆلىمالاردا ئوقۇپ، 1329 – يىلى ئۇلاردىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش شاھادىتى ئېلىپ ئوقۇشىنى تاماملىغان.

ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خوتەنگە قايتماقچى بولغاندا، ئايالى بىلەن خوتەنگە قايتىش مەسىلىسىدە كېلىشەلمەي، ئايالىنى ۋە باللىرىنى قىيىن ئانىسىنىڭ يىنىدا قويۇپ، تۇغۇلغان يۇرتى خوتەنگە قايتىپ كەلگەن.

خوتەنگە كەلگەندىن كېيىن بىر مەدرىسەگە ئۇستازلىققا تەيىنلەنگەن. 1361 – يىلى مۇفتىي ۋە قازىلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ، 1369 – يىلىغىچە شۇ ۋەزىپىنى ئىشلىگەن.

ئاندىن پەرز ھەج ۋە ھىجرەت قىلىشنى نىيەت قىلىپ، ئىككى ھەرەمگە قاراپ يولغا چىقىپ ئارزۇ – ئارمىنىغا يەتكەن.

ھىجرىيە 1373 – يىلى مەدىنە – مۇنەۋۋەردە ۋاپات بولۇپ، غەرقەد بەقىيئگە دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ بۇ كىشىگە رەھمەت قىلغاي! ئامىن.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

admin@sajiye

Recent Posts

«ساجىيە»دىن چۈشۈرۈۋېلىڭ! «مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن»pdf سۈزۈك نۇسخىسى

«ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»نىڭ مېغىزى مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىي ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى   نەشر…

16 سائەت ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

4 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

1 ئاي ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

2 ئاي ago