شەيخ ئوبۇل ھەسەن ھاجىم ئىشان

(ھ. 1281 – 1363/ م. 1864 – 1944)

شەيخنىڭ ئىسمى ئوبۇل ھەسەن مۇھەممەد كەرىم ياكى مۇھەممەد قۇربان بولۇپ، ھىجرىيەنىڭ 1281 – يىلى خوتەن قارىقاشتا تۇغۇلغان. دادىسى تەسەۋۋۇف ئەھلىدىن بولغاچقا ئۇ دادىسىدىن تەرىقەت بىلىملىرىدىن تەلىم ئالغان.

كېيىنچە ئۇ خوتەن ئىلچى، زاۋا ۋە باشقا بىرقانچە يۇرتلاردا مۇدەررىسلىك قىلغان. ھىجرىيە 1313 – يىلى قەشقەردە دىنىي ئىلمىنى تولۇقلاپ تاماملىغان. ھىجرىيە 1329 – يىلى ھەج قىلىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگەن ۋە مەككە، مەدىنىدە ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇرۇپ ئاتا – ئانىسى ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئۈچ قېتىم ھەج قىلغان، ھەم ھەدىس بىلىملىرىدىن ئىلىم تەھسىل قىلغان.

ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىدە ھىندىستاندا بىر مەزگىل تۇرۇپ، فىقھ، ئەدەبىيات، بالاغەت، ئاسترونومىيە قاتارلىق پەنلەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان.

ئۇ مەدھىيە شېئىرلىرنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، شېئىرلارنى تولىمۇ تەسىرلىك ئاھاڭدا ئوقۇيتتى.

ئوبۇل ھەسەن ھاجىم ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى دىنىي خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئىسلام دەۋىتى، دىنىي تەلىم – تەربىيە، كىشىلەرنى ئەدەب – ئەخلاق بىلەن تەربىيەلەش ئۇنىڭ ئاساسى ھاياتلىق نىشانى ئىدى.

ئۇ دائىم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «مەن گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەتلەرنى تاماملاش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم» دېگەن ھەدىسنى تەكرارلاپ تۇراتتى. دائىم يۇرت ئەھلىگە ئىلىم سورىنى ھازىرلاپ، ئۇلارنى دىنىي بىلىملەردىن خەۋەردار قىلاتتى.

ئوبۇل ھەسەن ھاجىم خۇش چىراي، كېلىشكەن، ھەيۋەتلىك كىشى بولۇپ، ھاياتىدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا ناھايىتى كەسكىن تۇرغان ئىدى.

شەيخ ئوبۇل ھەسەن ھاجىم ئىشان ھىجرىيە 1363 – يىلى خوتەن ئىلچىدا ۋاپات بولۇپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي! ئامىن.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago