شەيخ ئەبۇبەكرى قارىم كاشغەرىي

(ھ. 1317– 1381/ م. 1899 – 1961)

شەيخنىڭ ئىسمى ئەبۇبەكرى ئابدۇلئال بولۇپ، ھىجرىيە 1317 – يىلى قەشقەردە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئۆز دەۋرىدە كۆزگە كۆرۇنگەن ئەدىب بولۇپ، ئۆزىگە خاس كۆز قاراشلىرى، كەسكىن پىكىرلىرى بار كىشى ئىدى.

ئۇ ئوغلىنى ئەدەب – ئەخلاقلىق، ئىلىمسۆيەر يىگىت قىلىپ تەربىيەلىگەن بولۇپ، ئەبۇبەكرى دادىسىدىن تىل – ئەدەبىيات پەنلىرىدىن پۇختا ئىلىم تەھسىل قىلغان. كېيىنچە 1332 – يىلى قەشقەردە ساقىيە مەدرىسەسى تۇنجى قېتىم ئىچىلغاندا دادىسى ئۇنى شۇ مەدرىسەگە ئەكىلىپ ئوقۇتقان.

ئۇ شىئىر ئوقۇشقا ئامراق بولسىمۇ، كېيىنچە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىلەن شەرىئەت ئىلىملىرىنى ئوقۇشقا كىرىشىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگۈچە ئىلمىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، شۇ دەۋردە كىشىلەردە تېپىلىدىغان ياخشى ئەخلاقى – پەزىلەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۇرىدۇ.

ئۆتكەن ئەسەردە ئەۋلادلىرىمىزدا قىز بولسۇن ياكى ئوغۇل بولسۇن نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەتلەر بار ئىدى. ئۇلار مېھماننى سېخىيلىق بىلەن كۈتەتتى، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيتتى. شەرمى – ھايا ھەربىر ئائىلىنىڭ، ھەربىر كىشىنىڭ ئۆرپە – ئادىتى، تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر قىسمىدەك بولۇپ كەتكەنىدى. شۇنداقلا بەش ۋاقىت نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇش، شەك – شۈبھىلىك نەرسىلەردىن، يىتىم – يېسىر، ۋەقفەنىڭ ماللىرىدىن يىراق تۇراتتى، ئامانەتنى ياخشى ساقلاپ، ئۆز جايىغا تاپشۇراتتى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى دىيارىمىزدىكى مۆمىن خەلقىمىزنىڭ ئەخلاقى – پەزىلىتىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، بۇ ئاللاھ ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتەئالانىڭ خەلقىمىزگە بەرگەن فەزلى – مەرھەمىتى ۋە تەۋفىقي. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا كاتتا ھەمدۇسانا ئوقۇيمىز.

شەيخ ئەبۇبەكرى قارىم ئۆز دەۋردىكى مۆمىن، سالىھ كىشىلىرىمىزنىڭ تىپىك ئۈلگىسى بولۇپ، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش شاھادىتىنى ئېلىپ، قەشقەردىكى بىر مەدرىسەگە مۇدەررىس بولۇپ تەيىنلەنگەن.

ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بەش يىل بۇرۇن، ياشىنىپ قېلىش ۋە بەزىبىر خاس زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلىدىن، ئۆيىدە ئېتىكاپتا تۇرۇپ، ئىلىم – مەرىپەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇنلانغان.

ھىجرىيە 1381 – يىلى قەشقەردە ۋاپات بولۇپ، شۇيەرگە دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلغاي! ئامىن.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (36) تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم لِمَن طَلَبَه

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (35) مۇھەممەد ئىۋەز ئىبنى مەۋلانا سەدرۇددىن قاراقاشىي –زىيائۇل قۇلۇب / ضياء القلوب

قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…

4 ھەپتە ago

خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

2 ئاي ago