شەيخ ئىبراھىم داموللام خۇشئاۋات
(ھ. 1307– 1381/ م. 1889 – 1961)
شەيخنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىبراھىم سىدىق ئەھمەد بولۇپ، ھىجرىيە 1307 – يىلى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 13 – 14 كىلومېتىر كېلدىغان يەردىكى خۇشئاۋات يىزىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ دىنىي ئىلىمنى يۇرتىدا ئوقۇپ، «قۇرئان»نىڭ ئۈچتىن بىرىنى يادىلاپ بولۇپ، ھىجريە 1321 – يىلى قەشقەر شەھرىگە كېلىپ، قازان مەدرىسەسىدە ئوقۇغان. ھىجرىيە 1334 – يىلى بۇ مەدرىسەنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ شاھادەتنامە ئالغان.
ئۇ ئەينى چاغدا، بۈگۈنكى كۈندە قەشقەردىكى داڭلىق ئالىم، ئەللامە سۇلايمان ئاخۇنۇم داموللامنىڭ (ئاللاھ بۇ كىشىنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن، ئىلمىنى مەنپەئەتلىك قىلسۇن!) ئىككى ئۇستازى بىلەن ساۋاقداش ئوقۇغان.
ئىبراھىم داموللام ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، يۇرتىدىكى يۇكۇمۇچ مەدرىسەسىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇدەررىس بولغان.
ھىجرىيە1381 – يىلى دەرس سورۇنىدا دەرس ئۆتىۋېتىپ ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلىغان باشقا يۇرتتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا غائىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇغان.
ئەينى چاغدا تۇرمۇش قاتتىق قىيىنچىلىقتا بولۇپ، ئۇنى كېپەنلەيدىغان كېپەنمۇ تېپىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن نامىزى ناھايىتى چوڭ چۈشۈرۈلۈپ، يۇرتىغا دەپنە قىلىنغان.
ئاللاھ بۇ كىشىگە رەھمەت قىلغاي! ئامىن.
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…