شەيخ ئىبراھىم داموللام
(ھ. 1304– 1383/ م. 1886 – 1963)
ئىبراھىم داموللامنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىبراھىم سادىق يۈسۈپ بولۇپ، ھېجرىيە 1304 – يىلى خوتەن گۇمىدا تۇغۇلغان. دىنىي ئىلىمنى دەسلەپتە خوتەندە ئوقۇغان. ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن يەركەندگە، ئۇ يەردىن قەشقەرگە بېرىپ، قەشقەردىكى ئۆلىمالاردا ئوقۇغان. ئۇ باھاۋۇددىن مەخدۇم، مەھمۇد ئاخۇن داموللام، شەمسىددىن داموللام، ئابدۇقادىر داموللام ۋە ئۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئۆلىمالاردا ئوقۇغان.
ئەينى دەۋردە قەشقەردە ئىككى ئابدۇقادىر قازىكالان بولۇپ، بىرى ئابدۇلكەرىمخان مەخدۇمنىڭ چوڭ دادىسى، يەئقۇببەگ دەۋرىدە ھېجرىيە 1284 – يىلى شەيخۇلئىسلام بولغان، قەشقەرلىك ئابدۇقادىر قازىكالان. يەنە بىرسى بولسا، فەرغانىلىك ئابدۇقادىر قازىكالان.
شەيخ ئىبراھىم داموللام فىقھ، ھەدىس، تەفسىر، ئولۇمۇلقۇرئان قاتارلىق ئىلىملەرنى پۇختا ئىگىلىگەن بولۇپ، گۇمىدا مۇدەررىس بولۇپ نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئەتراپتىكى خەلقنى تەربىيەلىگەن. شۇڭلاشقا تا ھازىرغىچە گۇمىدىكى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خەلق ئۇنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىپ دۇئالىرىدا ئەسلىشىدۇ.
شەيخ ئىبراھىم داموللام ھېجرىيە 1383 – يىلى گۇمىدا ۋاپات بولۇپ شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.
ئاللاھ بۇ كىشىگە رەھمەت قىلغاي! ئامىن.
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
«ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن»نىڭ مېغىزى مۇختەسەرۇ مىنھاجۇل قاسىدىن ئىمام ئىبنى قۇدامە ئەلمەقدىسىي ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى نەشر…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…