Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم موللا سەئدۇللاھ ئوغلى

ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم موللا سەئدۇللاھ ئوغلى

ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم موللا سەئدۇللاھ ئوغلى

مۇھەممەد ئىبراھىم ئىبنى موللا سەئدۇللاھ ئىبنى ئابدۇررەھىم ئىبنى ئابدۇلئەلىم ئەلفەزلىي ئەلمەدەنىي ئەلخۇتەنىي
مۇھەممەد ئىبراھىم ئىبنى موللا سەئدۇللاھ ئىبنى ئابدۇررەھىم ئىبنى ئابدۇلئەلىم ئەلفەزلىي ئەلمەدەنىي ئەلخۇتەنىي

 

(ھ. 1314 – 1389 / م. 1896 – 1969)

 

شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم(1) ھ. 1314 – يىلى خوتەن قارىقاشتا تۇغۇلغان بولۇپ، مەرىپەتپەرۋەر، دىيانەتلىك ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇنىڭ ئوقۇش ھاياتى ئەنجانلىق تاغىسىنىڭ ئوغلى روزى مۇھەممەد قارىينىڭ قولىدا «قۇرئان كەرىم»نى يادلاشتىن باشلانغان بولۇپ، كېيىن دادىسىنىڭ ۋە تاغىسىنىڭ ئوغلى شەيخ مۇھەممەد شەرىف ۋە قازى مۇھەممەد ئىيسانىڭ قولىدا دەسلەپكى ساۋاتلارنى ئۈگەنگەن. ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئۇنىڭدىكى باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان زېرەكلىك ۋە ئىلىمگە بولغان ئىشتىياقنى بايقاپ، ئۇنى ئوقۇتۇشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغان مەزگىللەردە چەتئەللەرگە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئويى تۇغۇلۇپ، شۇ دەۋردىكى ھىندىستانلىق ئەللامە شەيخ ئابدۇلھەي لوكنەۋىي قولىدا ئوقۇش ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ لوكنو شەھىرىگە بارماقچى بولىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئۇستازلىرى ئۇنى قەشقەرگە بېرىشقا دەۋەت قىلىدۇ. شۇ سەۋەب بىلەن ئۇ قەشقەرگە كېلىپ، تاج ھاكىم بەگ مەدرىسەسىدە شەيخ مۇھەممەد يەئقۇبنىڭ ئالدىدا ئوقۇيدۇ. شۇ دەۋردە قەشقەردىكى سۈرىيەدىن كەلگەن شەيخ مۇھەممەد سەئىد ھەسەلىي (يەنە بىر ئىسمى شامىي داموللام بولۇپ، ئۇنى روسىيە ھۆكىمىتى خارەزمدە تۇرغۇزمىغاندىن كېيىن، قەشقەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان) دېگەن كىشى ياشىغان بولۇپ، مۇھەممەد ئىبراھىم ئۇ كىشىدە بىر قىسىم «ھەدىس شەرىف» كىتابلىرىنى ئوقۇغان. ئۇ شۇ مەدرىسەدە يەنە ئاتۇشلۇق شەيخ مەھمۇد ئابدۇلباقى ئىسىملىك ئۇستازدا «تەلخىيسۇلمىفتاھ» دېگەن كىتابنى ئوقۇغان. كېيىن كەشمىرگە بېرىپ، سەككىز ئاي تۇرۇپ، كەشمىردىكى ئۆلىمالاردىن تەلىم ئالغان. ئاندىن كېيىن كەشمىردىن قوقەنت، تىرمىز يولى ئارقىلىق سەمەرقەنتكە بېرىپ، «خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز مەدرىسەسى»دە ۋە شۇ مەدرىسە مەسجىدىنىڭ ئىمامى ھادىي ئىبنى فەزىل دېگەن كىشىدىن تەلىم ئالغان. ئۇندىن كېيىن سەمەرقەنتتىن بۇخاراغا بېرىپ، شۇ دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن ئۆلىمالاردىن پەتۋاشۇناس شەيخ مۇھەممەد ئەكرەم بىلەن ئۇچراشقان. شەيخ بۇرھانىددىننىڭ قولىدا «ئەلجەزەرىييە» ۋە تەجۋىد ئىلمى ھەققىدىكى «ئەششاتىبىييە» دېگەن كىتابلاردىن تەلىم ئالغان. ھىجرىيە 1339 – يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۇستازلىرىدىن شاھادەت ئالغان. ئۇنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئەينى چاغدا مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى ئەللامە، ھەدىسشۇناس شەيخ سەئىد مۇھەممەد ئەلى بىننى زاھىد كەۋسەرىي (بۇخارا مەدرىسەىسىدە دەرس ئۆتكەن) شۇ كىشىدىن شاھادەت ئالغان يېتۈك ئۆلىمالاردىن ئىدى.

ھىجرىيە 1340 – يىلى ئۇ ئەنجانغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ كىچىك چېغىدىكى ئۇستازى مۇھەممەد روزى قارىيغا «قۇرئان كەرىم»نى ئىككىنچى قېتىم تىڭشىتىپ ئۆتكۈزۈپ، ئۇستازىدا «ئەششاتىبىييە» ناملىق كىتابنى شەرھىسى بىلەن قوشۇپ ئوقۇپ تۈگەتكەن. شەيخ مۇھەممەد روزى قارىي ئۇنىڭغا قىرائەت ئىلمىدە شاھادەت بەرگەن. ئۇ يەردىن نەمانگانغا بېرىپ، ئەللامە شەيخ مۇھەممەد سابىتتا بەزى ھەدىس كىتابلىرىدىن تەلىم ئالغان. ھىجرىيە 1348 – يىلىنىڭ باشلىرىدا باكوياتۇم يولى ئارقىلىق ئاستانىگە سەپەر قىلدى. ئۇ يەردىن ئىستانبۇل شەھىرىگە، ئىستانبۇلدىن مىسىرنىڭ بورسەئىد شەھىرىگە ئۇ يەردىن سۇۋەيش قانىلىغا بارغان. ھىجرىيە 1348، زۇلھەججەنىڭ 13 – كۈنى سۇۋەيش قانىلىدىن مەككە – مۇكەررەمەگە يېتىپ كەلدى. لېكىن، ئۇ چاغدا ھەج پائالىيىتى ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۇ يىلى ھەج قىلالماي، مەككەدىن مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە كەتكەن. ھىجرىيە 1349 – يىلى پەرز ھەجىنى ئادا قىلغان. ئۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرەدە شەيخ مۇھەممەد ئابدۇلباقى ئەلئەنسارىي بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭدىن ئەقلىي ۋە نەقلىي ئىلىملەردىن تەلىم ئالغان ۋە ئۇستازى ئۇنىڭغا شاھادەت بېرىپ، نىزامىييە مەدرىسەسىگە ئۇستازلىققا تەيىنلىگەن. ئۇ ھىجرىيە 1354 – يىلى شەيخ ئەلئەنسارىينىڭ كېسەللىك سەۋەبى بىلەن مەدرىسە تاقىلىپ قالغۇچە، شۇ يەردە ئۇستاز بولغان. كېيىن شەرىئەت ئىلىملىرى مەدرىسەىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەھمەد ئەلفەيزئەبادىينىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن، شۇ مەدرىسەنىڭ يۇقىرى يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىر قىسىم دىنىي ئىلىملەر ۋە ئەرەب تىلىدىن دەرس بەرگەن. ئۇ بۇ مەدرىسەدە بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۇستاز بولۇپ نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەپ چىققان.

ھىجرىيە 1382 – يىلى پەيغەمبەر مەسجىدىگە تەۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرە كۇتۇبخانىسىغا خىزمەتچىلىككە يۆتكەلگەن. ئاخىرىدا باش كۇتۇبخانىدا، كەم ئۇچرايدىغان كىتابلارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئەرەبچە كىتابلارنى ئۆزى پۇختا بىلىدىغان تۈركچە، ئوردۇچە، فارسچە، ئۆزبېكچە ۋە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە تەيىنلەنگەن. شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم باش ۋەقف مىنىستىرلىكى ئىگىدارلىقىدىكى مەدىنە مۇنەۋۋەرە كۇتۇبخانىسىدىكى كەم ئۇچرايدىغان قوليازمىلاردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپ، ئۇ بىر قېتىم ئۆزىنىڭ شۇ كىتابلارنىڭ ئىسمى، ئورنى، ساقلاش نومۇرى ۋە قايسى كۇتۇبخانىغا قويۇلغانلىقىنى تىزىملاپ، بىر جەدۋەل تۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇنىڭ بۇ كىتابلارنى بۇنداق تەپسىلىي بىلىشى ھەرگىزمۇ مۇھال ئىش ئەمەس. چۈنكى، ئۇ بىرقانچە يىل شۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا كۇتۇبخانىلاردىكى كىتابلار بىلەن پىششىق تونۇشۇپ چىققان. شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم كۇتۇبخانىدىكى خىزمىتىدىن باشقا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدىدە ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل شۇغۇللانغان. ئۇ مەسجىدتە ئىمام مۇھەممەد رىۋايەت قىلغان ئىمام مالىكنىڭ «مۇۋەتتا» ناملىق كىتابىنى ۋە ئەرەب تىلى گرامماتىكىسىدا ئىبنى ئەقىيل يازغان «ئەلفىييەتۇ ئىبنى مالىك»نىڭ شەرھىنى ۋە «شەرھۇل ئەتىر» دېگەن كىتاب بىلەن قوشۇپ ئۆگەتكەن. ئۇندىن باشقا يەنە «تەفسىرۇ جالالەين» بىلەن «ئەلمۇئەمما فىننەھۋى» ۋە ئۆزىنىڭ «ياركەنت رىسالەسى»نى دەرس قىلىپ ئۆتكەن. شەيخنىڭ يەنە تۈرلۈك تىللاردا يېزىلغان «پەتۋالار مەجمۇئەسى»، ئۆزىنىڭ ئۇستازلىرىدىن توپلىغان پەتۋالىرى، «تەنقىيھۇننەھۋى» ناملىق كىتابى ۋە تۈركچە يېزىلغان «جۈمە نامىزى، ئىككى ھېيت ۋە جىنازا نامىزىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر /  مسائل الجمعة والعيدين والجنازة» قاتارلىق كىتابلىرى بار. ئۇنىڭ تۈزگەن كىتابلىرىدىن ھەدىس توغرىسىدىكى «تۇھفەتۇل مۇستەجزىن بىئەسانىيدى ئەئلامىل مۇجىيزىن / تحفة المستجزين بأسانيد أعلام المجيزين» ۋە «فەتھىررەئۇف زىلمىنەن فى تەراجىمى ئۆلىمائى خوتەن / فتح الرؤوف ذي المنن في تراجم علماء ختن» ۋە «ئەررىسالەتۇل فەزلىييە فى سۇبۇتى ئەتتەۋافەنى لىلقارىن بىل ئەدىللەتىل قەتئىييە / الرسالة الفضلية في ثبوت الطوافين للقران بالأدلة القطعية» ۋە نىكاھلانماقچى بولغان ئەر – ئاياللار ئارىسىدىكى باراۋەرلىك، باراۋەرلىك تېپىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، ئۇلارنى ئايرىۋېتىش ھەققىدە يېزىلغان كىتابى «كتاب في الكفاءة بين الزوجين» قاتارلىقلار بار(2).

شەيخ يەنە مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى قەففاسىين بازىرىغا جايلاشقان خوش بېك (تۆرە قۇل) مەدرىسەسىدە ۋە شەيخ ئابدۇلقادىر شەلەبىينىڭ كۇتۇبخانىسى ۋە ئۇنىڭ زەرۋاندىكى مەكتىپىدە قوشۇمچە دەرس ئۆتكەن. ئۇ مىسىر، سۈرىيە، ئىراق، لىۋان، ئىئوردانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ، شۇ يەردىكى ئۆلىمالار بىلەن ئۇچراشقان. قۇرۇقلۇق يولى بىلەن ئىئوردانىيە، سۈرىيە، لىۋان، ئىراق، كۇۋەيت، نەجدىگىچە يېتىپ بېرىپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە قايتىپ كەلگەن.

شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم ئوتتۇرا بوي كەلگەن، بۇغداي ئۆڭ، چاچلىرى قويۇق، كۆزلىرى يوغان بولۇپ، ئاستا يول يۈرەتتى. تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلەيتتى.ئۇ ماڭا 40 قېتىم ھەج قىلغانلىقىنى ئېيتقان. شەيخ مۇھەممەد خۇشپېئىل، ئاقكۆڭۈل، كەڭقورساق ۋە كۆيۈمچان بولۇپ، ئۆلىمالار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشنى ياخشى كۆرەتتى. پېقىر – مىسكىنلەرگە ياردەم بېرەتتى. كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەكتە ئاددىي – ساددا ئىدى.

شەيخ مۇھەممەد ئىبراھىم يۇتقۇنچاق راكىغا گىرىپتار بولۇپ ئالتە ئايدىن كېيىن، ھىجرىيە 1389،  6 – رەجەب كۈنى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنىڭ زۇقاق تەييارغا تەۋە ئۇۋەيسەرىيەدىكى ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى بەقىيئىل غەرقەدكە دەپنە قىلىنغان. ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد يەھيا ئەدەب – ئەخلاق ۋە كامالەتتە دادىسىنىڭ ئىزىنى باسقان. شەيخنىڭ قىزىنى ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى مەدرىسەدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ئاكىسى ئۆز تەربىيەسى ئاستىغا ئالغان.

ئاللاھ بۇ كىشىگە رەھمەت قىلغاي! ئامىن.

 

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

———————
1. تولۇق نەسەبى: مۇھەممەد ئىبراھىم ئىبنى موللا سەئدۇللاھ ئىبنى ئابدۇررەھىم ئىبنى ئابدۇلئەلىم ئەلفەزلىي ئەلمەدەنىي ئەلخۇتەنىيدۇر.
2. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «نادىر قوليازمىلار»، «ضرورة الحجاج في المناسك»، «ترجمة خلاصة الكيداني»، «رسالة الإعلالات الياركندية على الرسالة المعزية» قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولۇپ، 435 كىتاب ۋە 52 قوليازما ئەسەردىن تەركىب تاپقان شەخسىي كۇتۇبخانىسى ھازىر «مكتبة الملك عبد العزيز بالمدينة المنورة»دە «شەخسىي كۇتۇبخانىلار قىسمى»دا ئۆز نامىدا ساقلانماقتا.

Please follow and like us:
Exit mobile version