قازى ئىبراھىم ھاجىم ئۆردەك

(ھ. 1299– 1378/ م. 1881 – 1958)

بۇ كىشىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىبراھىم ھەسەن سىدىق بولۇپ، ھىجرىيە 1299 – يىلى قەشقەر شەھىرىنىڭ غەرب تەرىپىگە بەش كىلومېتىر كېلىدىغان سۇللۇغ دېگەن يەردە يېزا ئەمەلدارىنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. كىچىك ۋاقتىدا قەشقەر شەھىرىدىكى ئۇرۇق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، بالىسى يوق تاغىسى تەربىيەلىگەن.

ئىبراھىم ھاجىم قەشقەردىكى كاتتا ئۆلىمالاردىن «ئۆلىمالارنىڭ پېشۋاسى» دەپ نام ئالغان باھائۇددىن مەخدۇم، سىلىم ئاخۇنھاجىم، مەھمۇد ئاخۇن داموللام، ئابدۇقادىر داموللام ۋە باشقا ئۆلىمالاردىن ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۇلاردىن شاھادەتنامە ئالغان. كېيىن باھائۇددىن مەخدۇمنىڭ دەۋرىدە ھىجرىيە 1331 – يىلى قازان مەدرىسەسىگە ئۇستاز بولۇپ تەيىنلەنگەن.

ھىجرىيە1351 – يىلىدىن باشلاپ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا بەزى مەمۇرىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئىبراھىم ھاجىمنىڭ بويى پاكارراق، يۈزىدە چېچەك چىققاننىڭ ئىزى بار بولۇپ، «قۇرئان» تىلاۋەت قىلغاندا «ت» ھەرپىنى دۇدۇقلاپ تەلەپپۇز قىلاتتى. ئادەتتىكى ۋاقىتتا «ت» ھەرپىنى نورمال تەلەپپۇز قىلاتتى، ماڭغاندا ئالدىرىماي ماڭغانلىقتىن «ئۆردەك» دەپ لەقەملەنگەن.

ھىجرىيە 1358 – يىلىدىن باشلاپ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى چوڭ – كىچىك ئەربابلار بىلەن قويۇق باردى – كەلدى قىلغان. كېيىن ئۇنىڭ خىزمىتى بىرقانچە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يۆتكەلگەن. ھىجرىيە 1360 – يىللاردا سودا – سانائەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان.

كېيىن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەيىنلىشى بىلەن قازى بولغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

ھىجرىيە 1365 – يىلى ئۇنىڭ ئىسمى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن بەش نەپەر قازىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

ئۇ بەش نەپەر قازىلار: «ئۆلىمالارنىڭ پېشۋاسى»دەپ نام ئالغان نەسىردىن مەخدۇم، قەشقەرنىڭ شۇ چاغدىكى ۋالىيسى كۆرسەتكەن باھائۇددىن مەخدۇم، ئۆلىمالار كۆرسەتكەن شەيخ ھامىد مەخدۇم داموللام، ئىشچىلار ۋە تىجارەتچىلەر كۆرسەتكەن قازى شاھ نەسىيب ئاخۇنۇم ۋە ھۆكۈمەت كۆرسەتكەن ئىبراھىم ھاجىم.

ئۇ بۇ خىزمەتنى ھىجرىيە 1377 – يىلى قەشقەردە شەرئى مەھكىمە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغىچە قىلغان. كېيىن خىزمەتتىن بوشىنىپ پۇقرا بولۇپ ياشاپ، 1378 – يىلى قەشقەردە ۋاپات بولۇپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.

ئاللاھ بۇ كىشىگە رەھمەت قىلغاي! ئامىن.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

4 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

2 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

2 ئاي ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

2 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

2 ئاي ago