شەيخ ئىبراھىم قازىكالان
(ھ. 1214– 1299/ م. 1799 – 1881)
شەيخنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىبراھىم تۇرسۇن ھەسەن بولۇپ، ھىجرىيە 1214 – يىلى خوتەن قارىقاشتا تۇغۇلغان. خوتەن ئىلچىدا ئەرەب تىلى ۋە دىنىي كىتابلارنى ئۆگەنگەن. كېيىن قەشقەرگە كېلىپ فىقھ، ھەدىس، تەفسىر، مىراس ئىلمى، ئەرەب تىلى قائىدىلىرى، ئەرەب ئەدەبىياتى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تارىخى، مەنتىق ئىلمى، ئەرەب تىلى ئىستىلىستىكىسى ۋە تەجۋىد ئىلىملىرىنى ئۆگەنگەن.
ئۇ دىنىي ئوقۇش شاھادىتىنى ئىلچىدا ئېلىپ، ھىجرىيە 1246 – يىلىدىن باشلاپ خوتەندە مۇدەررىسلىك، قازىلىق، مۇفتىيلىق خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
شۇنداقلا يەئقۇببەگ ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەبىبۇللاھ ھاجىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى دەۋرىدە خوتەندىكى ئىسلام كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولغان.
ئۇ ھاياتىدا سىياسىي تالاش – تارتىشلاردىن، خان ئوردىسىدىن يىراق ياشىغان بولۇپ، مەنسەپ – مەرتىۋە ئۈچۈن ئۇلارغا خۇشامەت قىلمىغان، بىر ئۆمۈر قازىلىق، مۇفتىيلىق خىزمىتىنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئېلىپ بارغان ھەقىقىي بىر دىنىي ئۆلىما ئىدى.
ئۇ ھىجرىيە 1299 – يىلى يەئقۇببەگنىڭ ۋاپاتىدىن بەش يىل كېيىن خوتەن ئىلچىدا ۋاپات بولۇپ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.
ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي!
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام ببعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…