قەرەلى كەلمىگەن پۇل چەكلىرىنى ئېلىپ - سېتىشنىڭ ھۆكمى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! بازارلاردا چەك ساتىدىغانلار باركەن. مەسىلەن، ئۈچ ئايدىن كېيىن پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئالغىلى بولىدىغان چەكنى ھاجەتمەنلەر ئەرزان ساتىدىكەن، ئۇنى سېتىۋېلىپ، مال ئالغاندا پۇلىنىڭ ئورنىغا چەكنى بەرسەك، پايدا چىقىدىكەن. بۇنداق قىلساق جازانە بولامدۇ – بولمامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
قەرەلى كەلمىگەن چەكنى ئوخشاش تۈردىكى پۇلغا ئەرزان باھادا، مەسىلەن 3 ئايدىن كېيىن 1000 تۈرك لىراسى تاپشۇرۇپ ئالغىلى بولىدىغان چەكنى 900 تۈرك لىراسىغا نەق ساتقان ئەھۋالدا، چەكتىكى پۇلنىڭ نېسى بولغانلىقى جەھەتتىن بىر قات، نەق پۇلنىڭ چەكتىكى پۇلدىن ئاز بولغانلىقى جەھەتتىن يەنە بىر قات جازانە شەكىللىنىدۇ. بۇ ئىشنىڭ جازانە بولىدىغانلىقى ئېنىق. چەكنىڭ مەلۇم پىرسەنت قىممىتىنى تۇتۇپ قالسىمۇ ئوخشاش.
لېكىن، قەرەلى كەلمىگەن چەكنى بىر دوستى ياكى يېقىنىغا بەرسە، يېقىنى ئۇنى ئوخشاش قىممەتتە نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇپ بەرسە، مەسىلەن 3 ئايدىن كېيىن 1000 تۈرك لىراسى تاپشۇرۇپ ئالغىلى بولىدىغان چەكنى نەق 1000 تۈرك لىراسىغا ئالماشتۇرۇپ بەرسە، گەرچە بۇ ئىش ئالماشتۇرۇش شەكلىنى ئالغان ۋە چەكتىكى پۇل نېسى بولغان بولسىمۇ، بۇنىڭدىن پايدا ئېلىش ياكى ئالماشتۇرۇش ئەمەس، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش مەقسەت قىلىنغان بولغاچقا، بۇ مۇئامىلە ماھىيىتىدە چەك ئىگىسىگە پۇل قەرز بېرىش بولۇپ، جائىز بولىدۇ. چۈنكى، مۇئامىلىلەردە مەزمۇن ۋە مەقسەت ئاساس قىلىنىدۇ.
چەك ئوخشاش تۈردىكى نېسى پۇلغا ئۆز قىممىتىدىن ئەرزان سېتىلغان تەقدىردە، مەسىلەن 3 ئايدىن كېيىن 1000 دوللار تاپشۇرۇپ ئالغىلى بولىدىغان چەكنى 900 دوللارغا بىر ئايدىن كېيىن پۇلىنى بېرىدىغانغا ساتسا، بېرىدىغان پۇل ئاز بولغانلىق جەھەتتىن بىر قات، نېسى بولغانلىق جەھەتتىن يەنە بىر قات جازانە شەكىللىنىدۇ. يۇقىرىراق باھادا ئىككى ئايدىن كېيىن پۇلىنى بېرىدىغانغا ساتسىمۇ چەكتىكى پۇل ئاز بولغانلىق جەھەتتىن ئوخشاشلا جازانە شەكىللىنىدۇ.
ئەمما، باشقا تۈردىكى پۇلغا يەنى 3 ئايدىن كېيىن 1000 دوللار تاپشۇرۇپ ئالغىلى بولىدىغان چەكنى 5000 تۈرك لىراسىغا نەق ساتقاندىمۇ، چەكتىكى پۇل نېسى بولغانلىق جەھەتتىن جازانە شەكىللىنىدۇ.
ئوخشىمىغان تۈردىكى پۇلغا نېسى ساتسىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا چەكتىكى پۇلمۇ، سېتىلغان پۇلمۇ ھەر ئىككىسى نېسى بولغانلىقى جەھەتتىن ئىككى قات جازانە شەكىللىنىدۇ.
بۇ ئەھۋاللاردا جازانە شەكىللىنىشىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئالتۇن – كۈمۈش ۋە قەغەز پۇللارنى ئۆز تۈرىگە سېتىشتا نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ بولۇش شەرتى تېپىلىشى كېرەك. بۇ شەرتكە رىئايە قىلىنمىغان ئەھۋالدا جازانە شەكىللىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئالتۇننى ئالتۇنغا تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار، بىرىنى يەنە بىرىدىن ئارتۇق قىلماڭلار. كۈمۈشنى كۈمۈشكە تەڭمۇتەڭ بولمىسا ساتماڭلار، بىرىنى يەنە بىرىدىن ئارتۇق قىلماڭلار. ئۇنىڭ نېسىسىنى نەقكە ساتماڭلار» دېگەن(1).
بىر تۈرنى باشقا بىر تۈرگە، يەنى ئالتۇننى كۈمۈشكە، دوللارنى تۈرك لىراسىغا ساتقاندا، نەقمۇنەق بولۇشى شەرت. تەڭمۇتەڭ بولۇشى شەرت ئەمەس. بۇ ھەقتە ئالىملارنىڭ ئىجمائسى بار. ئىمام ئىبنۇلمۇنزىرمۇ بۇ ھەقتىكى ئىجمائنى شۇنداق نەقىل قىلغان: «مەن بىلىدىغان ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ھەممىسى ئىجماﺋ قىلغانكى، پۇلنى پۇلغا ئالماشتۇرغان ئىككى تەرەپ پۇلنى قولىغا تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن بىرى – بىرىدىن ئايرىلىپ كەتسە، بۇ پۇل ئالماشتۇرۇش سودىسى باتىلدۇر»(2).
بۇنداق مۇئامىلىلەر چەك ئىگىلىرىنىڭ ئەڭ تېز ۋاقىتتا نەق پۇلغا بولغان ئېھتىياجىدىن پايدىلىنىشنى ئويلايدىغان جازانەخورلارنىڭ ئىمانىنىڭ سۇسلۇقىدىن، جازانەگە ئوخشاش چوڭ ۋە ھالاكەتكە ئاپارغۇچى گۇناھلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورقمىغانلىقىدىن بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا: ﴿جازانە يەيدىغانلار (قىيامەتتە) ساراڭلىقتىن شەيتان سوقۇۋەتكەن ئادەمدەكلا قوپىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: ئېلىم – سېتىم جازانەگە ئوخشاش، دېگەنلىكىدىندۇر. ئاللاھ ئېلىم – سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانەنى ھارام قىلدى. شۇڭا، كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز – نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن بولدى قىلسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا قالىدۇ. كىمكى جازانە قىلىشقا قايتىدىكەن، ئەنە شۇلار دوزاخ ئەھلى بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر﴾(2/«بەقەرە»: 275) دېگەن.
بۇ تۈرلۈك مۇئامىلىلەرنىڭ چەكلىنىشىدە نۇرغۇن ھېكمەتلەر بولۇپ، بۇ ھېكمەتلەر ئىقتىسادشۇناسلارغا ئاياندۇر. بۇ ھېكمەتلەرنى ئىخچاملىساق، چەكنى نېسى سېتىش ھاجەتمەننى تار يەردە قىستاپ بوزەك ئېتىش بولۇپلا قالماي، پۇلنىڭ پاخاللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. چەكنى باشقا تۈردىكى پۇلغا ساتقان تەقدىردە، چەكتىكى ياكى باشقا تۈردىكى پۇلنىڭ قىممىتى ئۆرلەپ كېتىپ ساتقۇچى ياكى ئالغۇچى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشى، ئىككى تەرەپ ئايىغى چىقماس تالاش – تارتىشلارغا كىرىپ قېلىشى چوڭ ئېھتىمال. كېيىنچە، چەكتىكى پۇلنى ساق تاپشۇرۇپ ئالالىشىدىمۇ نامەلۇملۇق بولۇشى مۇمكىن. ھەممىدىن خەتەرلىك بولغىنى ئىككى تەرەپ جازانە يېگۈچى ۋە يېگۈزگۈچىلەر قاتارىغا كىرىپ قېلىشىدۇر.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جازانە يېگۈچىگە، يېگۈزگۈچىگە، يازغۇچىسىغا ۋە ئۇنىڭ ئىككى گۇۋاھچىسىغا لەنەت قىلىپ: «ئۇلارنىڭ ھەممىسى باراۋەر» دېگەن(3).
چەكنى نېسى ياكى نەق سېتىشنىڭ هۆكمى يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك بولىدۇ، لېكىن قولىدا قەرەلى كەلمىگەن چەك بار كىشى ئۇ چەككە پۇل ۋە ئالتۇن – كۈمۈشتىن باشقا كىيىم – كېچەك ۋە ئوزۇق – تۈلۈككە ئوخشاش تۈرلۈك تاۋار ماللارنى سېتىۋالسا بولىدۇ. تاۋارلارنى چەككە ساتقاندا تاۋار باھاسى نەق باھادىن يۇقىرى بولسا جائىز. تاۋارمۇ نېسى بولسا ھەم جائىز. چۈنكى، تاۋار سودىسىدا پۇل ياكى تاۋار نەق بولۇشى شەرت قىلىنمايدۇ.
ئەگەر قەرەلى كەلگەن چەك شەخسىي چەك ئەمەس، بانكىنىڭ چېكى بولسا، چەكتىكى پۇلنى شۇ سائەتتە بانكىدىن ئالالايدىغان بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن باشقا بىر توسالغۇ بولمىغان ئەھۋالدا، بۇ چەك پۇل ئورنىدا تۇرىدۇ ۋە بۇ چەكنى ئۆز قىممىتىدىكى ئوخشاش تۈردىكى پۇلغا يەنى 1000 دوللارلىق چەكنى 1000 دوللارغا ياكى باشقا تۈردىكى پۇلغا تېگىشسە بولىدۇ. ئۇنىڭغا تاۋار ماللارنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ(4). قەرەلى كەلگەن شەخسىي چەككە بانكا كېپىل بولسىمۇ ئوخشاش.
«ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»نىڭ 84 (1/9) – نومۇرلۇق قارارىدا كېلىشىچە: «ئالتۇن – كۈمۈشنى بانكا كېپىل بولغان شەخسىي چەككە شۇ سورۇندا نەق سېتىۋېلىش جائىزدۇر»(5).
چەكنىڭ پۇلىنى شۇ سائەتتە بانكىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىشقا بىرەر توسالغۇ بولمىغان ئەھۋالدا، باشقا بانكا ۋە سەرراپخانىلار چەك ئىگىسىگە ۋەكىل سۈپىتىدە چەكنىڭ مەلۇم پىرسەنتىنى، مەسىلەن %1 نى ئىش ھەققىگە تۇتۇپ قېلىپ پۇلنى نەقلەشتۈرۈپ بەرسە بولىدۇ.
ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكتىن پۇلىنى ئالغىلى بولمايدىغان چەكلەرنى سېتىش ھارامدۇر. بۇ جازانە بولغانلىقتىن ھەم چەكنىڭ پۇلىنى ئالالىشىدا نامەلۇملۇق بولغانلىقتىن ھارام بولىدۇ. بۇنداق چەكلەرنى پۇلىنى ئېلىپ بەرگەنلەرگە «مۇنچىلىك پۇل بېرىمەن» دەپ دېيىشىپ، پۇلىنى ئېلىپ بېرەلىسە، دېيىشكەن پۇلنى مۇكاپات بەرسە جائىزدۇر.
ھەنەفىي ۋە مالىكىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ «قەرزنى رەنىگە قويسا بولىدۇ» دېگەن قارىشىغا ئاساسەن، قەرزنى قايتۇرۇش – قايتۇرماسلىقىغا قەرز ئىگىسى خاتىرجەم بولالمىسا، بانكا چېكىنى رەنىگە ئالسا بولىدۇ. چۈنكى، چەك تۈرلۈك قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەر بىلەن ھەق – ھوقۇقنى قوغداپ قېلىشقا يارايدۇ. ئەگەر قەرزنى ۋاقتىدا تۆلىيەلىسە، چەك ئۆز ئىگىسىگە قايتىدۇ. ۋاقتىدا تۆلىيەلمىسە، رەنە ئالغۇچى چەكتىكى پۇلدىن ھەققىنى ئېلىۋالسا بولىدۇ(6).
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم شۇكى، ھالالدىن رىزق تېپىشنىڭ يوللىرى ئىنتايىن كۆپ، ھەربىر كىشى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا پۈتۈلگەن رىزقىغا چوقۇم ئېرىشىدۇ. ھەدىستە كەلگىنىدەك: «ھەربىر ئىنسان رىزقىغا تولۇق ئېرىشمىگۈچە بۇ دۇنيادىن كەتمەيدۇ. شۇڭا، ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە پۇلنى ھالال، ياخشى يوللار بىلەن تېپىشقا تىرىشىڭلار! رىزقنىڭ تېز قولۇڭلارغا كەلمىگەنلىكىدىن ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىدىغان ئىشلاردا مال – دۇنيا تېپىش كويىدا بولماڭلار! چۈنكى، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى رىزىققا پەقەتلا ئول ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەنلا ئېرىشكىلى بولىدۇ»(7).
جانابى ئاللاھ ھەممىمىزنى جازانەدىن ۋە ھارام كىرىمدىن يىراق قىلسۇن! ھالال، پاك رىزق ۋە بەرىكەت ئاتا قىلسۇن! ئامىن.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1440، 17 – مۇھەررەم / م. 2018، 27 – سېنتەبىر
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (2177)؛ مۇسلىم (1584).
2. ئابدۇرراززاق (14344 – 14347)؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىزكار»، 6 – ج، 347 – بەت؛ ئىبنى تەيمىييە: «ئەلئىختىياراتۇل فىقھىييە»، 112 – بەت؛ ئىبنۇلقەييىم: «ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 2 – ج، 160 – بەت.
3. مۇسلىم (1598).
4. ئايوفىي: «المعايير الشرعية للمؤسسات المالية الإسلامية»، 273 – 280 – بەتلەر؛ قرار مجمع الفقه الإسلامي، (53)، 6/1/ 453.
5. «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى»، «مجلة المجمع»، 9 – سان، 65 – بەت.
6. ئەينىي: «ئەلبىنايە»، 11 – ج، 589 – 590 – بەت؛ ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 8 – ج، 278 – بەت؛ ھەتتاب: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 5 – ج، 4 – بەت؛ ئىبنى جۇزەي: «ئەلقەۋانىينۇل فىقھىييە»، 1 – ج، 212 – بەت.
7. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (7594)؛ ئالبانىي: «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…
«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! Download now بۇ يەردىن: «ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى» pdf نەشر ئۇچۇرى (CIP)…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر قېرىندىشىمىز ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مال - دۇنياسى مەلۇم مىقداردا نەق…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: رىسالەتۇ مەنشۇرىل ۋىلايە فى ئىسباتىز زىكرى بىل جەھرى بىددەلائىلىن نەقلىييە ۋەلئەقلىييە ئەلمۇفىيدە…