تالاق قىلىنغان ئايالغا قونۇش نۆۋىتى كېلەمدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! ئىككى ئايالى بار بىر ئەر، بىر ئايالىنى بىر تالاق قىلغان بولسا، ئۇ ئايالى شۇ تالاقنىڭ ئىددىتىنى تۇتۇۋاتقان ۋاقىتتا ئۇ ئايالىنىڭ ئۆيىدە بۇرۇنقىدەك نۆۋەت بويىچە قونۇشى كېرەكمۇ ياكى ئىختىيارىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بىردىن ئارتۇق ئايالى بار ئەرلەر ئاياللىرىغا تۇرالغۇ، خىراجەت ۋە نۆۋەت بىلەن قونۇش قاتارلىق قۇربى يەتكەن ماددىي ئىشلاردا تەڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا، ۋاجىب بولۇپ، بىر ۋاقىتتا بىردىن ئارتۇق ئايالغا ئۆيلىنىشكە رۇخسەت قىلىنىش ئۈچۈن ئاياللىرىغا تەڭ مۇئامىلە قىلىش شەرتتۇر.

قونۇشتا كېچە ئاساس بولۇپ، كۈندۈزمۇ كېچىگە تەۋە. كېچە ئىشلەپ كۈندۈز ئارام ئالىدىغانلارغا نىسبەتەن كۈندۈز ئاساس.

ئەگەر ئاياللىرىدىن بىرىنى يانغىلى بولىدىغان بىر ياكى ئىككى تالاق قىلغان ئەھۋالدا، تالاق قىلىنغان بۇ ئايالى شۇ تالاقنىڭ ئىددىتىنى تۇتۇۋاتقان مۇددەتتە، بۇ ئايالىغا باشقا ئاياللىرى قاتارىدا نۆۋەت تەقسىملەش مەسىلىسىدە بىر قىسىم ئالىملار: بۇ ئايالىغا نۆۋەت تەقسىملەنمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئايالى ئايرىلىشقا قاراپ كېتىۋاتقان بولغاچقا ئۇنىڭ قونۇش نۆۋىتىدە ھەققى بولمايدۇ ۋە يات ئايالدەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ، دەيدۇ.

ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى بىلەن يەنە بىر قىسىم ئالىملار: ئەگەر بۇ ئەر بۇ ئايالىنى ئەمرىگە قايتۇرماسلىق نىيىتىدە بولسا، نۆۋەت تەقسىملىمەيدۇ، قايتۇرىۋېلىش نىيىتىدە بولسا نۆۋەت بويىچە يېنىدا قونىدۇ دەپ قارايدۇ.(1) ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرىدىكى نىكاھ رىشتىسى ئۈزۈلمىگەنلىكى جەھەتتىن مۇشۇ قاراشنى تۇتۇش مۇۋاپىق دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايال نەپىقە ۋە ئەمرىگە نىكاھسىز قايتۇرۇۋېلىش، بىر ئۆيدە بىللە تۇرۇش، مەھرەملىك، تالاق قىلىش ۋە مىراسخور بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە ئۇنىڭ ئايالىدەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن ئەگەر ئەر قايتۇرىۋېلىش نىيىتىدە بولمىسا نۆۋەت بويىچە يېنىدا قونۇشى كېرەك ئەمەسلىكىدە ھەر ئىككى قاراشتىكى ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

ناۋادا ئەر بۇ ئايالىنى ئەمرىگە قايتۇرۇۋالسا، قايتۇرۇۋېلىشتىن بۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋېلىشنى ئايالى تەلەپ قىلالمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1439، 20 – شەۋۋال / م. 2018، 4 – ئىيۇل

————————-
1. مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 9/153؛ كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 3/180؛ ھەسكەفىي: «ئەددۇررۇل مۇختار»، 3/409؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 33/189.

admin@sajiye

Recent Posts

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

1 كۈن ago

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

1 ھەپتە ago

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (22) رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي / رسالة حقية وديوان ندائي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي /رسالة حقية وديوان ندائي تۈر: رىسالە ھەققىييە: تەسەۋۋۇف،…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (21) تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي / تواريخ خمسة شرقي

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…

2 ئاي ago