زاكاتنى قەرزدار ئايالىمغا بەرسەم بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بۇ يىل رامازاندا قول ئىلكىمدە زاكات بېرىش ئۆلچىمىدىن ئاشقۇدەك ئىقتىساد بار ئىدى، زاكات بېرىشنى نىيەت قىلىپ تۇرسام، ئايالىم بىر ئىشنى ئېيتتى (بىز توي قىلغىلى 3 يىل بولدى)، يەنى بىز توي قىلىشتىن خېلى يىللار ئىلگىرى، ئايالىم جىددىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن، بىرقانچە كىشىلەردىن خېلى كۆپ قەرز ئالغانلىقىنى، شۇ قەرزلەرنى قايتۇرغۇسى بارلىقىنى ماڭا ئېيتتى. سىلىدىن سورايدىغىنىم:

1) ئايالىمنىڭ بۇ قەرزى ئەر – ئايال ئىككىمىزنىڭ ئورتاق قەرزى ھېسابلىنىپ، بۇ قەرزنى مەن قايتۇرامدىم؟

2) ئەگەر بۇ قەرز ئورتاق قەرز ھېسابلانمىسا، مەن بىزگە كەلگەن زاكاتنى باشقىلارغا بېرەمدىم ياكى ئايالىمغا بەرسەم، ئايالىم قەرزىنى قايتۇرسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئايالىڭىزنىڭ نىكاھتىن بۇرۇنقى قەرزلىرى سىلەرنىڭ ئورتاق قەرزىڭلار بولماستىن، ئايالىڭىزنىڭ شەخسىي قەرزىدۇر. بۇ قەرزلەرنى تۆلەش سىزگە ۋاجىب ئەمەس، تۆلىۋېتىشىڭىز ئايالىڭىزغا ياخشىلىق قىلىش، ئاراڭلاردىكى سۆيگۈ رىشتىسىنى كۈچەيتىش جەھەتتىن مۇستەھەب بولىدۇ.

ئايالىڭىزنىڭ سىز نىكاھلاپ ئالغاندىن كېيىن ئالغان قەرزلىرىنى ئىككى تۈرگە ئايرىمىز: بىرى، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، تۇرالغۇ ۋە داۋالىنىش قاتارلىق ئۆز خىراجىتى ئۈچۈن ئالغان قەرزلەر. ئەگەر بۇ قەرزلەر ئەرنىڭ يېتەرلىك نەپىقە خىراجەتنى قىلىپ بەرمىگەنلىكتىن ئېھتىياجنى قامداش ئۈچۈن ئېلىنغان بولسا، بۇ ئەرنىڭ زىممىسىدىكى ۋاجىب نەپىقە قاتارىغا كىرىدىغان بولغاچقا، بۇ قەرزلەرنى ئەر تۆلەيدۇ. بۇنى زاكاتتىن تۆلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

ئىمام ئىبنۇلمۇنزىر ئېيتىدۇ: «بارلىق ئەھلى ئىلىملەر بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەنكى، ئەر كىشى زاكىتىنى ئايالىغا بەرمەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ نەپىقىسى ئەرگە ۋاجىب بولغاچقا، نەپىقىسىنى ئېلىش ئارقىلىق زاكاتقا موھتاج بولمايدۇ. ئايالىغا زاكىتىنى بەرسە بۇ نەپىقە ئورنىغا زاكات بەرگەنگە ئوخشاش بولىدۇ، شۇڭلاشقا زاكىتىنى ئايالىغا بېرىش جائىز بولمايدۇ»(1).

يەنە بىرى، ئايالنىڭ خىراجىتىگە مۇناسىۋەتسىز، سودا – تىجارەت ياكى ئايال ئۆز تۇغقانلىرىغا خەجلەپ بېرىش ئۈچۈن ئالغان قەرزلەر ياكى ئادا قىلمىغان زاكات، كەففارەت ۋە فىدىيە قاتارلىق قەرزلەر. بۇ ئايالنىڭ ئۆزى تۆلەيدىغان قەرزلەر. ئەرنىڭ بۇ قەرزلەرنى تۆلىشى ۋاجىب ئەمەس، بەلكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك مۇستەھەب.

سوئالدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئايالىڭىزنىڭ بۇ قەرزلىرى نىكاھتىن بۇرۇنقى قەرزلەر بولغاچقا، سىزنىڭ بۇ قەرزلەر بىلەن مۇناسىۋېتىڭىز يوق، ئۇنىڭغا ئايالىڭىز مەسئۇل.

ئەمدى مەزكۇر قەرزلەرنى سىزنىڭ زاكىتىڭىزنى بېرىپ قايتۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ قەرزلەر نىكاھىڭلاردىن بۇرۇنقى قەرزلەر بولغاچقا، ئۇنى زاكاتتىن تۆلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، قەرزدارلار زاكات بېرىلىدىغان سەككىز ئورۇننىڭ بىرى.

نىكاھتىن كېيىنكى قەرزلەر بولسىمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كۈندىلىك تۇرمۇش چىقىمىغا مۇناسىۋەتسىز قەرزلەرنى ئېرى زاكاتتىن تۆلىۋەتسە بولىدۇ. ئالىملارمۇ ئايالىغا زاكىتىنى بېرىش جائىز بولىدىغان ئەھۋاللارنى تىلغا ئالغاندا، «قەرزىنى تۆلەشكە ياكى ئەر – ئايال ئىككىيلەندىن باشقىلارغا خەجلەشكە ئايالىغا بەرسە بولىدۇ» دەپ قارايدۇ(2).

خۇلاسە: زاكاتنى بېرىش ئۈچۈن باشقا يەردىن پېقىر – مىسكىن، قەرزدارلارنى ئىزدەپ يۈرمەي، ئايالىنىڭ بۇرۇنقى قەرزىنى تۆلىۋەتسە، بۇ بىر تەرەپتىن سىلە – رەھىم قىلىش دائىرىسىگىمۇ كىرىدۇ.

بۇ يەردە شۇنىمۇ قىستۇرۇپ قويۇش پايدىلىق: ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھ قاتارلىق بىر بۆلۈك ئالىملارنىڭ قارىشىچە، زاكات، كەففارەت، فىدىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاللاھ تائالانىڭ قەرزلىرىنى زاكات بىلەن تۆلەشكە بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە، زاكاتتىن تۆلەپ قويىدىغان قەرزنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى، قەرزدار قەرزى ئۈچۈن تۈرمىگە سولىنىپ كېتىدىغان بولۇشى كېرەك. يەنى ئادەمزاتقا قەرزگە بوغۇلغان بولۇشى شەرت. زاكات، كەففارەت، فىدىيە قاتارلىقلارنى ئادا قىلمىغانلىق تۈپەيلى تۈرمىگە سولانمايدىغان بولغاچقا، ئۇلارنى زاكاتتىن تۆلەشكە بولمايدۇ(3).

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1440، 25 – زۇلھەججە / م. 2018، 9 – سېنتەبىر


1. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2 – ج، 270 – بەت.
2. دىردىير: «ئەششەرھۇل كەبىر»، 1 – ج، 499 – بەت؛ مۇھەممەد ئىلىيش: «مەنھۇلجەلىل»، 2 – ج، 453 – بەت؛ ئەششىربىينىي: «ئەلئىقناﺋ»، 1 – ج، 214 – بەت.
3. قۇرتۇبىي: «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان»، 8 – ج، 185 – بەت؛ دۇسۇقىي: «ھاشىيەتۇددۇسۇقىي»، 1 – ج، 197 – بەت؛ ساۋىي: «بۇلغەتۇسسالىك»، 4 – ج، 429 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

4 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

1 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

1 ھەپتە ago

«ساجىيە»دىن چۈشۈرۈۋېلىڭ! «ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى»pdf سۈزۈك نۇسخىسى

«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! Download now بۇ يەردىن: «ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى» pdf   نەشر ئۇچۇرى (CIP)…

2 ھەپتە ago

بۇ مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر قېرىندىشىمىز ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مال - دۇنياسى مەلۇم مىقداردا نەق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (26) رىسالەتۇ مەنشۇرىل ۋىلايە/ رسالة منشور الولاية

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: رىسالەتۇ مەنشۇرىل ۋىلايە فى ئىسباتىز زىكرى بىل جەھرى بىددەلائىلىن نەقلىييە ۋەلئەقلىييە ئەلمۇفىيدە…

4 ھەپتە ago