فىتىر سەدىقەسىنى ئايالىنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان بالىلىرىغا بېرىش ھەققىدە
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۆزى ۋە ئۆز بالىلىرىغا ۋاجىب بولغان سەدىقە فىتىر پۇلىنى ئىككىنچى ئايالىنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان ئەمما، ئايالىنىڭ يېنىدا بىللە ياشايدىغان، قورامىغا يەتمىگەن بالىلارغا بەرسە ياكى ئوقۇش، داۋالىنىش ئىشلىرىغا ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ ياكى چوقۇم باشقا ئادەمگە بېرىشى كېرەكمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ھەربىر مۇسۇلمان ئۆزى ۋە باقىدىغان ئائىلىسى ئۈچۈن ھەربىر كىشىگە بىر كىشىلىكتىن سەدىقە فىتىر بېرىشى ۋاجىبتۇر.
ئەر كىشىگە ئايالىنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان بالىلارنىڭ چىقىمىنى قىلىپ بېرىش، ئۇلارنى بېقىش ۋاجىب ئەمەس. ئۇلاردىن خەبەر ئالسا، ئۇلارنىڭ خىراجىتىنى قىلىپ بەرسە بۇ ئۇلارغا ئېھسان قىلىش جۈملىسىدىن بولىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي: «خىراجىتىنى قىلىش ۋاجىب بولمىغان ئەھۋالدا، سەدىقە فىتىرىنى بېرىش ۋاجىب بولمايدۇ» دەيدۇ.(1)
ئەر كىشىگە ئايالىنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان بالىلارنىڭ چىقىمىنى قىلىپ بېرىش، ئۇلارنى بېقىش ۋاجىب بولمىغاچقا، ئۇلار ئۈچۈن سەدىقە فىتىر بېرىپ قويۇشمۇ بۇ ئەرگە ۋاجىب بولمايدۇ. شۇنداقلا ئەگەر ئۇلار بۇ تۈرلۈك زاكات، سەدىقە پۇللارغا ئېھتىياجلىق بولسا ئۇلارغا ئىقتىسادىنىڭ يىللىق زاكىتىنى، شۇنداقلا سەدىقە فىتىرىنى بەرسە بولىدۇ. بېرىش جائىز بولغان ئىكەن باشقىلارغا بەرگەندىن ئايالىنىڭ بالىلىرىغا بەرسە تېخىمۇ ياخشى.
ئۇ بالىلارنىڭ قورامىغا يەتكەن ياكى يەتمىگىنىنىڭ پەرقى يوق. ئۇلارنىڭ شۇ زاكات ياكى سەدىقەگە مۇھتاجلىقى ئاساس قىلىنىدۇ. ئۇلار ئۇ زاكات ياكى سەدىقەنى ئېلىپ مەيلى ئوقۇش ئىشى ياكى داۋالىنىش ئىشىدەك تۈرلۈك ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلەتسە بولىدۇ. ئەگەر بۇ بالىلار ياش قۇرامىغا يەتمىگەن بولسا، بۇ ئەر ياكى بالىلارنىڭ ئانىسى ئۇلار ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ئىشلىرىغا سەرپ قىلىپ قويسا بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1439، 22 – رامازان / م. 2018، 7 – ئىيۇن
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 3 – توم، 44 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/85.
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تىلبەتۇت تەلەبە فىي تەرىيقىل ئىلمى لىمەن تەلەبە/ طِلْبَة الطَّلَبَة فِي طَرِيْق العِلْم…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: زىيائۇل قۇلۇب (قەلبلەرنىڭ نۇرى) تۈر: تەسەۋۋۇف، نەقشىبەندىييە، سۇلۇك، تەرجىمىھال. ۋاراق سانى: 143 (286…
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…