سەدىقە فىتىر بىلەن روزا فىديىسىنى باشقا يۇرتقا ئەۋەتىش ۋە بۇلارنىڭ قايسى يۇرت باھاسىدا ھېسابلىنىدىغانلىقى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، سەدىقە فىتىر بىلەن رامازان روزىسىنى تۇتالمىغانلار بېرىدىغان فىدىيەنى گېرمانىيەدىن تۈركىيەگە ئەۋەتىپ ئېھتىياجلىق قېرىنداشلىرىمىزغا بەرمەكچى بولساق، تۈركىيە باھاسىدا ھېسابلاپ بېرەمدۇق ياكى گېرمانىيە باھاسىدىمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

سەدىقە فىتىر — مۇسۇلمانلار روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن رامازان روزىسىنى تۇتۇشنى توختىتىپ، ئېغىز ئاچقاندا پېقىرلارغا بېرىشى ۋاجىب بولغان سەدىقەدۇر. بۇ سەدىقە ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، قۇل بولسۇن، ھۆر بولسۇن، ھەربىر مۇسۇلمان بېشىغا ۋاجىب بولغانلىقى ئۈچۈن «كىشى بېشىغا ۋاجىب بولىدىغان زاكات / زَكَاةُ الْفِطْرِ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ(1).

بۇ سەدىقەنى ھېيت كۈنىدىن بىر ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن بېرىش جائىز، رامازان ئىچىدە بېرىۋەتسىمۇ بولىدۇ. ئەمما، ھېيت نامىزىدىن كېچىكتۈرۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

سەدىقە فىتىرنى ئۇرۇق – تۇغقانلارغا ياكى تېخىمۇ ئېھتىياجلىقلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن باشقا يۇرتقا ئەۋەتسە بولىدۇ. بۇ ئومۇمەن يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللاردا زاكاتنى باشقا يۇرتلارغا يۆتكەشنىڭ جائىزلىقىدىن كەلگەن بولۇپ، ھەدىسلەردە ئېھتىياج كۆرۈلگەن ئەھۋالدا زاكاتنى باشقا يۇرتقا يۆتكىسە بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. سەدىقە فىتىرمۇ زاكاتنىڭ بىر تۈرىدۇر.

تاۋۇس دەيدۇ: «مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەمەن ئاھالىسىگە: ‹ماڭا زاكىتىڭلارغا ھېسابلاب، ئارپا بىلەن قوناق ئورنىغا تون ۋە كىيىم – كېچەك قاتارلىق تاۋار ماللارنى بېرىڭلار! بۇ ھەم سىلەرگە قولايراق، ھەم نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنەدىكى ئەسھابلىرىگە ياخشىراق› دېگەن»(2).

سەدىقە فىتىرنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىن مەقسەت پېقىر – مىسكىنلەرنىڭ روزا ھېيت كۈنلىرىنى موھتاجلىق ھېس قىلماي خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈشىدۇر. شۇڭا، ياۋروپا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان بەزى جايلاردىكى پېقىر ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا تۈركىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان بەزى جايلاردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار، تۇل ئاياللار، يېتىم – يېسىرلار ۋە سەرسان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى زور بولغاچقا، سەدىقە فىتىرنى ئۇلارغا ئەۋەتىپ بەرسە ئەلۋەتتە بولىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن سەدىقەنى ئادا قىلىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا سىلە – رەھىم قىلغانلىق بولىدۇ.

روزا فىدىيەسىگە كەلسەك، داۋاملىق كېسەل ھالىتىدە يېتىپ كېتىدىغان، داۋاملىق دورا ئىستېمال قىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر، ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار كېيىن قازاسىنى تۇتۇپ بولالمايدىغان بولسا، ياشانغان كىشىلەرگە ئوخشاشلا روزا تۇتمىسىمۇ ھەم قازاسىنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ، تۇتالمىغان ھەربىر كۈن ئۈچۈن بىر پېقىرنىڭ قورسىقىنى ئوتتۇرھال 2 ۋاقىت تاماق بىلەن تويغۇزۇش ئارقىلىق فىدىيە بېرىدۇ. قورسىقىنى تويغۇزغۇدەك نەق پۇل بەرسىمۇ بولىدۇ، كۆپرەك بەرسە تېخىمۇ ياخشى.

يەنە رامازان روزىسىنى قەستەن جىما قىلىش بىلەن بۇزۇۋەتكەن كىشى بېرىدىغان كەففارەتمۇ بار. بۇنداق كىشى ئارقا – ئارقىدىن 2 ئاي روزا تۇتۇپ قازاسىنى قىلىدۇ، بۇ 2 ئاينى ئارقا – ئارقىدىن ئۈزۈلدۈرمەي تۇتۇشى شەرتتۇر. ئۇنداق قىلالمىسا، 60 مىسكىننىڭ قورسىقىنى 2 ۋاقىت تاماق بىلەن تويغۇزىدۇ. بۇ خىل كەففارەتنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.

ئومۇمەن، تۈرلۈك كەففارەت، فىدىيە ۋە نەزر(3) قاتارلىقلارنىڭ پۇللىرىنىمۇ سەدىقە فىتىرگە ئوخشاش ئېھتىياج تېپىلغان يۇرتلارغا ئەۋەتسە بولىدۇ. بولۇپمۇ يۇرتىدىكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېھتىياجلىقلارغا ئەۋەتسە، تېخىمۇ ئەۋزەل.

نەۋەۋىي، ئىبنى مۇفلىھ قاتارلىق ئالىملارمۇ كەففارەت، نەزر ۋە پېقىر – مىسكىنلەرگە قىلىنغان ۋەسىيەت قاتارلىقلارنى تۇرۇۋاتقان يۇرتتىن باشقا يۇرتقا يۆتكەشنىڭ جائىزلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن(4).

سەدىقە فىتىر، تۈرلۈك كەففارەتلەر، فىدىيە، نەزر ۋە ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ پۇللىرىنى ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﮪﺎﺳﯩﻨﻰ ﮪﯧﺴﺎﺏ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ئېنىق بىر كۆرسەتمە يوق. بەزى ئالىملارنىڭ «سەدىقە فىتىردە بەرگۈچى تۇرغان جاينىڭ، كەففارەتتە ئەۋەتىلىدىغان جاينىڭ باھاسى بويىچە بېرىدۇ» دېگەندەك بايانلىرى ئۇچرىسا، يەنە بەزىلەرنىڭ «ھەر ئىككىلىسىدە بەرگۈچى تۇرغان جاينىڭ باھاسى بويىچە بېرىدۇ» دېگەندەك بايانلىرى ئۇچرايدۇ(5).

مېنىڭچە، قايسى جايدا باھا يۇقىرى بولسا، شۇ جاينىڭ باھاسى بويىچە بەرگىنى تۈزۈك. چۈنكى، باھا ئەرزان جايدا تۇرغان كىشى پۇلنى باھا قىممەت جايلارغا ئەۋەتسە، ئۇ پۇلغا پېقىرغا بەرمەكچى بولغان تاماق ياكى كىيىم – كېچەك كەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ جايدا شۇ پۇلغا شۇ نەرسە كېلىدىغان بولسا، ئەرزان باھا بويىچە ئەۋەتسە جائىز.

مەسىلەن، بىر كىشى ياۋروپادا تۇرۇپ سەدىقە فىتىر بەرمەكچى بولسا، ياۋروپادا بىر كىشىلىك سەدىقە فىتىر 10 ياۋرو بولسا، تۈركىيەدە 5 ياۋروغا سەدىقە فىتىر كېلىدىغان بولسا، 10 ياۋرو ئەۋەتىپ بەرسە ئەۋزەلنى قىلغان بولىدۇ. 5 ياۋرو ئەۋەتسىمۇ جائىز. ئەمما، تۈركىيەدە تۇرۇپ ياۋروپاغا 5 ياۋرو ئەۋەتسە جائىز بولمايدۇ، چۈنكى ياۋروپادا ئۇ باھادا تاماق بېرەلمەيدۇ.

خۇلاسە: سەدىقە فىتىر، كەففارەت، نەزر ۋە زاكات پۇللارنى قىيىن ئەھۋالدا قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بار جايلارغا ئەۋەتىش جائىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا سىلە – رەھىم قىلغانلىقمۇ بولىدۇ. بۇلارنى ۋاقتىدىن كېچىكتۈرمەي يەتكۈزۈش لازىم. سەدىقە فىتىر، كەففارەت، فىدىيە ۋە نەزر قاتارلىقلارنى ئۆزى تۇرغان جايدىكى باھا يۇقىرى بولسا، شۇ بويىچە ئەۋەتىپ بەرسە ئەۋزەل، ئەۋەتىلىدىغان جاي باھاسى بويىچە ھېسابلىسا جائىز.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1439، 22 – شەئبان / م. 2018، 8 – ماي


1. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺋﻮ. ﺋ. ﺋﯧ.»، 862 – بەت.
2. بۇخارىي «زاكات بۆلۈمى»، «تاۋار مالنى زاكاتقا ھېسابلاپ ئېلىش» بابى. بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنى يەھيا ئىبنى ئادەم «كىتابۇل خەراج»، (525) دا سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان. بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى تاۋۇسقا قەدەر سەھىھ بولۇپ، تاۋۇس مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس رىۋايەت قىلمىغاچقا، سەنەد ئۈزۈك بولىدۇ. لېكىن، ئىمام بۇخارىينىڭ بۇنى جەزملەپ دەلىل سۈپىتىدە بايان قىلغىنىغا قارىغاندا، بۇ رىۋايەت ئۇنىڭ نەزەرىدە سەھىھ بولسا كېرەك. بەلكىم بۇ بابتا رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن كۈچلەنگەندۇر. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3 – ج، 312 – بەت.
3. نەزر (النَّذْرُ): ئەرەبچىدە: «ئۈستىگە ئېلىۋېلىش ۋە ۋاجىب قىلىۋېلىش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، فىقھ ئىستىلاھىدا: «كىشىنىڭ شەرىئەت ۋاجىب قىلمىغان بىر ئىشنى ئۆز ئىختىيارى ۋە ئېغىزى بىلەن ئۆزىگە ۋاجىب قىلىۋېلىشى»دىن ئىبارەت. مەسىلەن: «مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن 3 كۈن روزا تۇتىمەن»، «مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن مېڭىپ بېرىپ ھەج قىلىمەن» دېگەندەك. نەزر قىلىش بىر قىسىم ئۆلىمالارنىڭ نەزەرىدە «مۇستەھەب»، يەنە بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە «مەكرۇھ»تۇر. ئەمما، نەزر قىلغان ئەمەلنى ئادا قىلىش مۇمكىن بولسا، ئۇنى ئادا قىلىشى ھەقتائالانىڭ:﴿ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن﴾(22/«ھەج»: 29) دېگەن ئەمرى بويىچە ھەممە ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىدا «ۋاجىب». ئادا قىلىشى مۇمكىن بولمىسا ياكى گۇناھ – مەئسىيەت قىلىشنى نەزر قىلغان بولسا، ئۇنى ئادا قىلماي ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگىنىدەك قەسەم كەففارىتى بېرىشى كېرەك. قاراڭ: ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 40 – ج، 136 – 152- بەتلەر؛ ئىلمىي گۇرۇپپا: «ﺋﻮ. ﺋ. ﺋﯧ.»، 1388 – 1389 – بەتلەر.
4. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6 – ج، 212 – بەت؛ ئىبنى مۇفلىھ: «ئەلفۇرۇﺋ»، 2 – ج، 427 – بەت.
5. رەملىي: «نىھايەتۇل مۇھتاج»، 8 – ج، 183 – بەت.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

5 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

1 ھەپتە ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

3 ھەپتە ago