Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ئىسلامدا روزا ھېيت ئەنئەنىسى

ئىسلامدا روزا ھېيت ئەنئەنىسى

ئىسلامدا روزا ھېيت ئەنئەنىسى

(مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملار ۋە قائىدىلەر)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇد – سالاملار بولسۇن.

«ھېيت» دېگەن ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «قايتىلاش، تەكرارلىق» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. ھەربىر مىللەتنىڭ مەلۇم مۇناسىۋەت بىلەن تەبرىكلەيدىغان ھېيت – ئايەملىرى بولىدۇ. بۇ بارلىق ئىنسانلار جەمئىيەتلىرىدە بار ئەنئەنە. چۈنكى، ئىنسان تەبىئىتى مەلۇم كۈنلەردە توپلىشپ، خۇشال – خۇرام ئۆتكۈزۈشنى خاھلايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ تەبرىكلەيدىغان بايرىمى روزا ۋە قۇربان ھېيتىدىن ئىبارەت پەقەت ئىككى ھېيتتۇر. بۇنىڭدا مۇسۇلمانلار باشقا مىللەتلەردىن ئالاھىدە ئايرىلىپ تۇرىدۇ. مۇسۇلمانلار بۇ ھېيتلارنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشى، روھىنى ھېس قىلىشى كېرەك. چۈنكى، بۇ ئىسلام ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

كاتتا مۇكاپات كۈنى

روزا ھېيت كۈنى روزا تۇتقان مۇسۇلمان -ئەھلى ئىمانلارغا جانابىي ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان كاتتا مۇكاپات كۈنىدۇر. رامازاندا بىر ئاي ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بويىچە كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ناماز ئوقۇپ تەقۋادارلىق قىلىش، ئۆز نەپسىنى تىزگىنلەش، ئاللاھتىن باشقىغا قۇل بولۇپ قالماسلىق مەشىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان مۇئمىنلەر رامازاندىن كۆزلەنگەن نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، شاد – خۇراملىققا چۆمۈش، تەنتەنىلىك بايرام قىلىش ئۇلارنىڭ ھەق – ھوقۇقىدۇر.

شەھۋانىي لەززەتلەرگە چۆمگەن، نەپسىنىڭ ئارقىسىدىن يۈرىدىغان، ئەخلاقسىزلىق ئەۋج ئالغان بۇ دەۋردە، پۈتۈن پەزىلەتلەرنىڭ خېمىرتۇرۇچى بولغان تەقۋادارلىقنى يېتىلدۈرۈۋالغانلىقى، نەپس ۋە شەھۋەتكە قارىتا قىلغان ھەل قىلغۇچ جەڭدىكى غەلىبىسى مۇئمىنلەرنىڭ بىر – بىرىنى تەبرىكلىشىگە ئەرزىيدىغان چوڭ غەلىبىدۇر.

ھېيت كۈنى نامازغا چىققاندا جامائەتلەر توپ – توپ بولۇپ: «ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللەھىلھەمد» دەپ تەكبىر ئېيتىشى، مۇسۇلمانلار دىيارىدىكى ھەربىر كوچا – رەستىلەرنىڭ تەنتەنە شادلىقىدىن خالىي قالماسلىقى ئۈچۈن، جامائەتنىڭ نامازغا بارغاندا بىر كوچىدىن، قايتقاندا باشقا بىر كوچىدىن قايتىشى، ھېيت نامىزىنى چوڭ مەيدانلاردا يىغىلىپ ئوقۇشى، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، ھەتتا ھەيزدار قىز – ئاياللارغا قەدەر ھەممەيلەننىڭ ھېيت نامىزى سورۇنىغا قاتنىشىپ، بىرلىكتە تەبرىكلىشى… مانا بۇ ئۇلۇغ غەلىبىنىڭ شادلىقىنى ئىزھار قىلىشتۇر.

مۇئمىنلەر رامازاندا قەلبلىرىنى يېڭىلىغاندىن كېيىن، روزا ھېيتتتا يۇيۇنۇپ، ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە تولۇق يېڭىلانغانلىقنى ئىزھار قىلىشىدۇ.

بۇ غەلىبىنىڭ شاد – خۇراملىقى نامراتلارغىمۇ يېتىپ، مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئومۇميۈزلۈك تەنتەنىگە چۆمۈشى ئۈچۈن ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغۇچە سەدىقە فىتىر ئادا قىلىنىپ، بۇ خۇشاللىقتىن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدىكى ھەربىر شەخسنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان.

جانابىي ئاللاھنىڭ ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇشنى ھارام قىلغانلىقى مۇسۇلمانلارغا قىلغان مەرھەمىتى ۋە ئىلتىپاتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ تائالا بۇ ھېيت كۈنىدە ئېغىز ئېچىش ياكى ئاچماسلىقنى ئىنساننىڭ ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەي، بەلكى ئۇنىڭغا ئېغىز ئېچىشنى مەجبۇرىي بېكىتىۋەتكەن. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنى تەكىتلەش ئۈچۈن روزا ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ناشتا قىلىۋېتىپ ماڭغان ۋە بىزگە بۇنى سۈننەت قىلغان.

ئىسلام ئۈممىتى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتا شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئوتتۇرھال ئۈممەتتۇر. شۇڭا، يېڭى، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىش، پەزىلەتنى قولدىن بەرمىگەن ھالدا كۆڭۈل ئېچىش، لەززەتلىك، ھالال نازۇ – نېئمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق خۇشاللىقتىن، ھايات لەززىتىدىن ئۆزىنى مەھرۇم قىلماسلىقى كېرەك. بۇ ئىسلام دىنىدا شاد – خۇراملىقنىڭ ئىبادەت بىلەن بولغان گىرەلەشمە مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنىنى ئېنىق ئىزھار قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ ئۈلگىمىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايەم كۈنلىرىدە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن بىللە ھەبەشلەرنىڭ (ھارام ئارىلاشمىغان) ئويۇنىنى كۆرۈپ تاماشا قىلغان. پاكىز ناخشا – قوشاق ئاڭلىغان، ھېيت كۈنىدە: «يەھۇدىيلار بىزنىڭ دىنىمىزدا كەڭچىلىك بارلىقىنى بىلىپ قالسۇن، مەن كەڭچىلىك دىنى بولغان ئىسلام دىنى بىلەن ئەۋەتىلدىم» دېگەن(1).

«تەقۋادارلىق خاپا چىراي بولۇشتا، قوشۇمىنى تۈرۈپ يۈرۈشتە» دەپ ئويلاپ قالغانلارمۇ ئىسلام دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىدىن يىراقلاشقانلاردۇر. ئەكسىچە، كۆڭۈل ئاچىمىز دەپ، ھارام تاماشا، ئەيش – ئىشرەت ۋە ئىسراپخورلۇق قىلغانلارمۇ ئوخشاشلا ئىسلام دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىسىدىن يىراقلاشقانلاردۇر.

ئەمەلىيەتتە، بىر ئاي داۋاملاشقان بۇ ئېغىر مەشىق يىلنىڭ قالغان 11 ئېيىدا نەپسىنى يېڭىش ئۈچۈن چېنىقىش بولغاچقا، رامازان چىقىپ كېتىشى بىلەنلا بىر ئاي ئىچىدە قىلىپ كېلىۋاتقان پەزىلەتلەرنى تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ، بەلكى بۇ پەزىلەتلەرنى يىلبويى ھەمرا قىلىپ مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ.

رامازاندا قىلىنغان مەشىق ئاشقازان مەشىقى ئەمەس، ئىرادە مەشقىدۇر. رامازاندا تاۋلانغان بۇ ئىرادە باشقا ئايلاردا چوقۇم ئۆزىنىڭ چېنىققانلىقىنى كۆرسىتىشى، گۇناھ – مەئسىيەتلەرگە يېقىن كېلىپ قالماي، رامازاندىكى پەزىلەتلىك كەيپىياتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىشى لازىم.

بىز رامازاننىڭ كۈندۈزىدە روزا تۇتقان، كېچىسى نامازدا تۇرغان بارلىق مۇئمىن مۇسۇلمانلارنى بۇ چوڭ ئۇتۇق ئۈچۈن قىزغىن تەبرىكلەيمىز. ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنىڭ روزىلىرىمىزنى، نامازلىرىمىزنى، رۇكۇلىرىمىزنى ۋە سەجدىلىرىمىزنى قوبۇل قىلغاي، ئاي ئاخىرىدا ھەقىقىي شاد – خۇراملىققا چۆمۈشىمىز ئۈچۈن ھەممىمىزنى جەننىتىگە مۇيەسسەر قىلغاي، دوزاختىن ئازات قىلىۋەتكەي، ئامىن!

ئايەم مۇناسىۋىتى بىلەن مىللىتىمىزنى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. ئاللاھ تائالا بارلىق مۇسۇلمانلارنى بىرلىك – باراۋەرلىككە، ھەقىقىي شادلىققا ئېرىشتۈرگەي، تېخىمۇ كۆپ سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشقا، تىرىشىپ قولدىن كەتكەن ئىززىتىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مۇۋەپپەق قىلغاي! بۇ ئۇلۇغ ئايەم ئىسلام ئۈممىتىگە خەيرلىك بولغاي، بەرىكەت ئېلىپ كەلگەي، ئامىن!

روزا ھېيتقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئەھكاملار ۋە قائىدىلەر تۆۋەندىكىچە:

مۇسۇلمانلار ھېيت – ئايەملىرىدە باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرۇشى كېرەك

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ﺋﻰ ﺋﻪﺑﯘﺑﻪﻛﺮﻯ! ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﯞﻣﻨﯩﯔ ﮪﯧﻴﺖ ئەييامى ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯗﺭ» دېگەن(2).

بۇنىڭغا ئاساسەن، مۇسۇلمانلار ھېيت – ئايەمنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە باشقا يات مىللەتلەردىن پەرقلىق ۋە ئالاھىدە بولۇشى، كىيىم كىيىشتە، ياسىنىشتا، يېمەك – ئىچمەكتە ۋە خۇشاللىق ئىزھار قىلىش قاتارلىق بارلىق جەھەتلەردە يات مىللەتلەرنىڭ ھېيت – بايراملىرىدىكى ئەھۋاللارنى دورىماسلىقى ۋە ئۇلارغا قېتىلماسلىقى كېرەك. كىچىك بالىلارنىمۇ باشقىلارنىڭ ھېيتلىرىغا قاتناشتۇرماسلىق كېرەك.

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە بارغاندىن كېيىن مەدىنەلىكلەرگە: «ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ بۇرۇنقى ئىككى ھېيتىڭلارنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق ئىككى ھېيتنى ئالماشتۇرۇپ بەردى، ئۇلار قۇربانلىق كۈنى ۋە روزا ھېيت كۈنىدۇر» دېگەن(3).

ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتۇش ھارام. چۈنكى، بۇ يەپ – ئىچىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش كۈنلىرىدۇر

ئەبۇ ئۇبەيد رىۋايەت قىلىدۇكى: «مەن ھېيتنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ئىدىم. ئۇ: ‹بۇ ئىككى كۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەن كۈنلەردۇر، بىرى: روزاڭلاردىن ئېغىز ئاچقان (روزا ھېيت) كۈنى، يەنە بىرى: قۇربانلىقىڭلارنى يەيدىغان (قۇربان ھېيت) كۈنى› دېدى»(4).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «تەشرىق كۈنلىرى (قۇربان ھېيتنىڭ 2 -، 3 – ۋە 4 – كۈنلىرى) يەپ – ئىچىش ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىش كۈنلىرىدۇر» دېگەن(5).

ھېيت نامىزى ئوقۇش

ھېيت نامىزى ئوقۇش ۋاجىبتۇر. ئاللاھ تائالا: ﴿پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە ﺑﻮﻏﯘﺯلىغىن﴾(108«كەۋسەر»: 2) دەپ بۇيرۇغان. شۇڭا، ھەربىر مۇسۇلمان كىشى ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشى ۋە ئۇنىڭدىكى ساۋاب ۋە بەرىكەتكە نائىل بولۇشى كېرەك. ھېيت نامىزىنى ئوقۇيالمىغان كىشى كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىدۇ. ئاياللارمۇ چىقىپ قاتناشسا سۈننەتكە مۇۋاپىق بولىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارنىمۇ ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇغان. ھەتتا كىيىمى يوقلارنى باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىپ كىيىپ چىقىشقا، ھەيزدارلارنىڭمۇ چىقىپ، يىراقراق تۇرۇپ نامازنى كۆرۈشىنى ۋە خۇتبە ئاڭلىشىنى بۇيرۇغان.

ھەفسە بىنتى سىرىن رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺵ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ توساتتۇق. ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﻧﻰ ﺧﻪﻟﻪﻓﻨﯩﯔ ﻗﻪﺳﺮﯨﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘ ئايالنى يوقلاپ باردىم، ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ يېزنەسىنىڭ پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻏﺎﺯﺍﺗﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، قىز قېرىندىشىنىڭمۇ يولدىشى ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻏﺎﺯﺍﺗﺘﺎ (پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ) ﺑﯩﻠﻠﻪ جەڭ قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، ﮪﻪﻣﺸﯩﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ئېيتىپ بەرگەن:

‹ﺑﯩﺰ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﻳﺘﺘﯘﻕ، ﻣﻪﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﺘﯩﻦ:

— ﻳﺎ ﺭﻩﺳﯘﻟﻪﻟﻼﮪ! ﺑﯩﺮﻩﺭﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﯜﺭﻛﻪﻧﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ (ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻐﺎ) ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ؟ — ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭىغانىدىم، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:

— ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﯜﺭﻛﻪﻧﺠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﺪۈﺭۈﭖ ﻗﻮﻳﺴﯘﻥ، ﺋﯘﻣﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺴﯘﻥ، — ﺩﯦﺪﻯ›».

ﮪﻪﻓﺴﻪ ئېيتىدۇ: «ﺋﯘﻣﻤﯘ ﺋﻪﺗﯩﻴﻴﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ، ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ:

— ﺳﯩﺰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﺪﯨﻦ مۇشۇنداق ﮪﻪﺩﯨﺴﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻤﯘ؟ — ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭىغانىدىم، ﺋﯘممۇ ئەتىييە:

— ﮪﻪﺋﻪ، ﺋﺎﺗﺎﻡ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، — ﺋﯘﻣﻤﯘ ﺋﻪﺗﯩﻴﻴﻪ ﻗﺎﭼﺎنكى پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪمنى ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎ ‹ﺋﺎﺗﺎﻡ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ› ﺩﻩﭖ ﻗﻮياتتى — ﻣﻪﻥ ئۇ زاتنىڭ: ‹تالا – تۈزگە چىقمايدىغان ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ — ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪن قىزلار ﯞﻩ تالا – تۈزگە چىقمايدىغان ﻗﯩﺰ – ﭼﻮﻛﺎﻧﻼﺭ (راۋىيلەردىن ئەييۇب ئىككىلىنىپ قالغان) — ﯞﻩ ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭﻻﺭ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ، مۇئمىنلەﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﺋﺎﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺴﯘﻥ، ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭﻻﺭ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ› ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ، — ﺩﯦﺪﻯ. ﻣﻪﻥ:

— ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭﻻﺭﻣﯘ ﭼﯩﻘﺎﻣﺪﯗ؟ — ﺩېگەنىدىم، ﺋﯘﻣﻤﯘ ﺋﻪﺗﯩﻴﻴﻪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﺎ:

— ﮪﻪﻳﺰﺩﺍﺭﻻﺭ ﺋﻪﺭاﻓﺎﺗﻘﺎ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ – ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﯘ؟! — ﺩﯦﺪﻯ»(6). بۇمۇ ھېيت نامازنىڭ ۋاجىبلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ھېيت نامىزىنى كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندە ئوقۇيدۇ. ئەڭ كەچ بولغاندا كۈن تىكلەشكۈچە ئوقۇسا بولىدۇ. ھېيت نامىزى ئىككى رەكئەت بولىدۇ، نامازدىن كېيىن خۇتبە ئوقۇلىدۇ. خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا ئالدىراش ئىشى بارلار قايتىپ كەتسە بولىدۇ. ھەدىستە بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىنغان.

يۇيۇنۇش

بارلىق ئالىملار ھېيت نامىزى ئۈچۈن يۇيۇنۇشنى «مۇستەھەب» دېگەن. روزا ھېيتتا ناشتا قىلىۋېتىپ ئاندىن نامازغا مېڭىش، قۇربان ھېيتتا ناشتا قىلماي تۇرۇپ ناماز ئوقۇپ، ئاندىن قۇربانلىقىنىڭ گۆشى بىلەن ناشتا قىلىش مۇستەھەب.

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم روزا ھېيت كۈنى ناشتا قىلماي نامازغا ماڭمايتتى، قۇربان ھېيت كۈنى نامازدىن قايتمىغۇچە ناشتا قىلمايتتى»(7).

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى: «نەبىي ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺭﻭﺯﻯ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﺎﻝ ﺧﻮﺭﻣﺎ ﻳﯧﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﻣﺎﯕﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺧﻮﺭﻣﯩﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻕ ﻳﻪﻳﺘﺘﻰ»(8).

بۇ كۈنلەردە روزا تۇتۇش چەكلەنگەن بولغاچقا، بۇنى تەكىتلەش ئۈچۈن ناشتا قىلىۋېتىش كېرەك.

ھېيت كۈنىدە تەكبىر ئېيتىش

روزا ھېيتنىڭ ھارپىسى كەچ، يەنى رامازاننىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن ئولتۇرغاندىن تارتىپ تاكى ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغۇچە تەكبىر ئېيتىش مۇستەھەب بولىدۇ. ھېيت نامىزىدىن كېيىن تەكبىر ئېيتىلمايدۇ، بۇ مۇھىم سۈننەتلەرنىڭ بىرى. بۇ تەكبىر كوچا – بازارلاردىن تارتىپ ھەممە جايلاردا ئۈنلۈك ئېيتىلىدۇ. ئۈنلۈك ئېيتىشتىن مەقسەت ئىسلام پائالىيەتلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنى ئىزھار قىلىش، شۇنداقلا غاپىللارنى ئويغىتىشتۇر.

جانابىي ئاللاھ: ﴿ئاللاھ رامازان روزىسىنىڭ سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلاپ تەكبىر ئېيتىشىڭلارنى، شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خاھلايدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 185) دېگەن.

ئىمام زوھرى رىۋايەت قىلغانكى: «كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىقىپ ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگۈچە ۋە ئىمام نامازغا چىققۇچە تەكبىر ئېيتىشاتتى، ئىمام ناماز ئوقۇشقا چىقسا جىم بولۇشاتتى»(9).

تەكبىرنى: «ئاللاھۇ ئەكبەر ئاللاھۇ ئەكبەر، لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللەھىلھەمد» دەپ ئېيتىدۇ، بۇ ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد قاتارلىق بەزى ساھابەلەردىن رىۋايەت قىلىنغان(10). ساھابەلەردىن يەنە باشقىچە تەكبىر ئېيتىش ئۇسۇللىرىمۇ كەلگەن.

ئۆزئارا تەبرىكلىشىش

«ئايەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن، ئاللاھ قوبۇل قىلسۇن!» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەبرىكلىشىش بۇ ھېيتتا قىلىنىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرىدۇر. بۇنىڭ ئىجتىمائىي رولى كۆپ. ساھابەلەرمۇ بىر – بىرىنى «ئاللاھ بىزدىنمۇ، سىلەردىنمۇ قوبۇل قىلسۇن!» دەپ تەبرىكلەشكەن.(11) بۇ كۈنلەردە يەنە سىلە – رەھىم قىلىنىدۇ، كىشىلەر ئۆزئارا ئاداۋەتلىرىنى يۇيۇپ سالاملىشىدۇ.

ھېيت كۈنىدە چىرايلىق ياسىنىش ۋە پاكىزلىنىش

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىككى ھېيت ۋە جۈمە كۈنىدە كىيىدىغان بىر تونى بار ئىدى(12).

ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمامۇ ھېيت كۈنىدە ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيەتتى(13).

شۇڭا، ھەربىر مۇسۇلمان كىشى ھېيت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى كىيىشى كېرەك. لېكىن، ئاياللار زىننەتلىنىپ چىقسا بولمايدۇ، ئەتىر چېچىپ چىقسا بولمايدۇ، بەلكى تولۇق يۆگىنىپ، گىرىم قىلماي چىقىشى، تار ۋە يېرىم يالىڭاچ كىيىم كىيمەسلىكى، ئەرلەردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

ھېيت نامىزىغا بېرىشتا بىر يولدىن بېرىپ، باشقا بىر يولدىن قايتىش سۈننەتتۇر

سەئىد ئىبنى ھارىس رىۋايەت قىلىدۇكى، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «نەبىي ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻪﺗﺘﻰ»(14).

ئالىملار نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن يەكۈنلەرنى چىقىرىپ باققان. مەسىلەن، يول بىلەن پەرىشتىلەر، جىنلار بۇلارغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ، پەرىشتىلەر ئۇچراپ دۇئا قىلىشىدۇ…دېگەندەك. قانداقلا بولمىسۇن باشقا يولدىن قايتىش مۇستەھەب ئىشتۇر.

كىشىلەرنى سەدىقە بېرىشكە بۇيرۇش سۈننەتتۇر

ھەسەن ئىبنى مۇسلىم تاۋۇستىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «مەن روزا ھېيت نامىزىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمانلار بىلەن بىللە ئوقۇغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى نامازنى ئوقۇپ ئاندىن كېيىن خۇتبە سۆزلەيتتى. مەن قاراپ تۇرسام رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (مۇنبەردىن چۈشۈپ) جامائەتكە قولى بىلەن قوزغالماسلىققا ئىشارەت قىلىپ، بىلال بىلەن سەپلەرنى يېرىپ ئۆتۈپ، ئاياللار تەرەپكە كېلىپ: ﴿ئى پەيغەمبەر! مۇئمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا ساڭا بەيئەت قىلسا، ئۇلارنىڭ بەيئىتىنى قوبۇل قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(60/«مۇمتەھىنە»: 10 – 12) دېگەن ئايەتنى ئاخىرغىچە ئوقۇپ، ئاندىن ئۇلارغا: «سىلەر ئاشۇلارغا بەيئەت قىلدىڭلارمۇ؟» دېۋىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن باشقا ھېچكىم جاۋاب بەرمەي بىر ئايال: ›ھەئە، ئى رەسۇلۇللاھ! ‹دېدى — ھەسەن ئۇ ئايالنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدۇ — ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاياللارغا: ›ئۇنداق بولسا سەدىقە قىلىڭلار‹ دېدى، بىلال كىيىمىنى يايدى، ئاياللار كۆزسىز ۋە كۆزلۈك ئۈزۈكلىرىنى بىلالنىڭ كىيىمىگە تاشلىغىلى تۇردى»(15).

ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى ياكى كېيىن نەفلە ناماز ئوقۇلمايدۇ

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: «نەبىي ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﻼﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﺯا ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ، ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ – ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﺪﻯ»(16).

ﺋﻪﺑﯘﻟﻤﯘﺋﻪﻟﻼ: «ﻣﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎﻧﯩﯔ ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻧﻪﻓﻠﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎنمەن» دېگەن(17).

ھېيت نامىزى ئوچۇق مەيداندا ئوقۇلسا يۇقىرىقىدەك بولىدۇ. ئەمما، مەسجىدتە ئوقۇلسا، ئالدىدا ئىككى رەكئەت تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزىنى ئوقۇيدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

ھ. 1427، 1 – شەۋۋال / م. 2006، 23 – ئۆكتەبىر


1. «ئەھمەد»، (24899). ئىسنادى «ھەسەن».
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (952)؛ «مۇسلىم»، (892).
3. «ئەبۇ داۋۇد»، (1134). ھاپىز ئىبنى ھەجەر «ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
4. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5571)؛ «مۇسلىم»، (1137).
5. «مۇسلىم»، (1143).
6. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (980). «مۇسلىم»، (890).
7. «تىرمىزىي»، (542). ئىبنى ھىببان «سەھىھ» دېگەن.
8. «بۇخارىي»، (953).
9. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (5629). ئىسنادى «سەھىھ».
10. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (5653).
11. ھافىز ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 2/446): «ھەسەن» دېگەن.
12. «سەھىھۇ ئىبنى خۇزەيمە»، (1766).
13. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (5938).
14. «بۇخارىي»، (986).
15. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4895)؛ «مۇسلىم»، (884).
16. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (989)؛ «مۇسلىم»، (884).
17. «بۇخارىي»، «ﮪﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ – ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ﻧﺎﻣﺎﺯ ئوقۇش» بابى.

Please follow and like us:
Exit mobile version