(مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ئىفتار بىلەن سوھۇرلۇقنىڭ ۋاقتى ۋە قائىدىلىرى
ئىفتار
ئىفتار دېگەن «ئېغىز ئېچىش» دېگەنلىك بولۇپ، روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىفتار قىلىش ۋاقتى كۈن پېتىش بىلەن كىرىدۇ. جانابىي ئاللاھ «قۇرئان»دا مۇنداق دەپ بۇيرۇغان: ﴿ئاندىن كەچ كىرگۈچە روزا تۇتۇڭلار!﴾ (2/«بەقەرە»: 187).
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ›كېچە ماۋۇ تەرەپتىن كېلىپ، كۈندۈز ماۋۇ تەرەپتىن كەتسە ۋە كۈن ئولتۇرسا، روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىفتار قىلىش ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ‹ دېگەن»(1).
بۇ كۈن پېتىش بىلەن ئىفتار قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بارلىق مۇسۇلمانلار «كۈن پېتىش بىلەن ئىفتار ۋاقتى كىرىدۇ» دېگەن. ئادەتتە بۇ ناماز شامنىڭ ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، كۆپىنچە جايلاردا ناماز شامنىڭ ئەزىنى ئىفتار ۋاقتىنىڭ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇئەززىن ئەزان ئوقۇشتا كېچىكىپ قالغان تەقدىردە، ياكى مەسجىد يوق جايلاردا، ياكى ئەزان ئاڭلانمايدىغان جايلاردا كۈن پاتقاندا ئىفتار قىلسا بولىدۇ. كۈن پاتقانلىقىنى ئۆزى كۆزى بىلەن كۆرسىمۇ بولىدۇ ياكى باشقا ئىشەنچلىك بىرىنىڭ خەۋىرىگە تايانسىمۇ بولىدۇ ۋەياكى سائەت ۋە كالېنداردەك باشقا ئالامەتلەرگە ئاساسەن «كۈن پاتتى» دەپ كۆڭلى خاتىرجەم بولۇشى بىلەن بولىدۇ.
كۈن پېتىش بىلەن ئىفتار ۋاقتى كىرگەن ئىكەن، ئىفتار قىلىشقا ئالدىراش مۇستەھەب، كېچىكتۈرۈش مەكرۇھ. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر ئىفتارنى قىلىشقا ئالدىراپ تۇرسىلا سالامەت بولىدۇ»(2).
يەنە باشقا ھەدىسلەردە كۈن پاتقان ھامان ئىفتار قىلىشقا ئالدىراشنىڭ سۈننەتكە ئەگەشكەنلىك ئىكەنلىكى، يەھۇدىي – ناسارالارنىڭ ئىفتارنى بەك كېچىكتۈرۈپ سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇڭا، ئىفتارنى كېچىكتۈرۈش ئەھلى كىتابقا ئوخشاپ قالغانلىق بولىدۇ.
بىراق ھاۋا تۇتۇق كۈنلەردە ئالدىراپ كەتمەي كۈن پاتىدىغان ۋاقىت بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ، ئاندىن ئىفتار قىلىش كېرەك. ھازىرقى دەۋرىمىزدە سائەت بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى، لېكىن ھەر كۈنى بىر ياكى ئىككى مىنۇت ئىلگىرى – كېيىنلىك پەرقى بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىشى كېرەك.
كۈن پاتقان ياكى پاتمىغانلىقىدا ئىككىلىنىپ قالسا ئىفتار قىلماي تۇرۇش كېرەك. چۈنكى، كۈن پاتقانلىقىغا كەسكىن بىر ئالامەت بولمىسا، ۋاقىتنىڭ تېخى كۈندۈز ئىكەنلىكى ئېنىق بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ.
ئىفتار تامىقى تەييار بولسا ئىفتار قىلىۋېتىپ، ئاندىن ناماز شامنى ئوقۇش ياخشى ۋە مۇستەھەبتۇر. ياكى يەڭگىل ئىفتار قىلىۋېلىپ، ئاندىن ناماز ئوقۇپ بولۇپ، تاماق يېسە بولىدۇ.
ئىبنى شىھاب ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ناماز شام ۋاقتىدا كەچلىك تاماق تەييار بولۇپ قالسا، ئاۋۋال شۇنىڭ بىلەن باشلاڭلار، كەچلىك تامىقىڭلارنى يېمەي ئالدىراپ كەتمەڭلار»(3).
ئىفتار قىلىشتىن بۇرۇن (شۇنداقلا كۈن بويى) دۇئا قىلىش مۇستەھەبتۇر. چۈنكى، روزا تۇتقۇچىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان دۇئالاردىندۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «چوقۇمكى، روزىدارنىڭ ئىفتار قىلغاندا رەت قىلىنمايدىغان بىر دۇئاسى بولىدۇ»(4).
بۇ ھەدىستىكى «ئىفتار قىلغاندا» دېگەن ئىبارە ئىفتار قىلىشتىن بۇرۇن دېگەننىمۇ، ئىفتار قىلىپ بولغاندىن كېيىن دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، ھەر ئىككى ۋاقىت دۇئا قىلىدىغان ۋاقىتتۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈچ كىشىنىڭ دۇئاسى قۇرۇق قايتۇرۇلمايدۇ: روزىدارنىڭ ئىفتار قىلغۇچە بولغان ئارىلىقتا، ئادالەتلىك ھاكىمنىڭ ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ»(5).
بۇ ھەدىستىكى «ئىفتار قىلغۇچە» دېگەن ئىبارە ئىفتار قىلىشتىن بۇرۇنقى چاغنى، بەلكى پۈتۈن كۈندۈزنى كۆرسىتىدۇ. ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىبارە روزىدارنىڭ دۇئاسىنىڭ كۈندۈزنىڭ دەسلىپىدىن ئاخىرىغىچە مۇستەھەبلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ شۇ چاغلارنىڭ ھەممىدە ›روزىدار‹ دەپ ئاتىلىدۇ»(6).
ئىفتار قىلغاندا، ئۆزى بىلگەن، مەزمۇنى ياخشى دۇئالارنى قىلسا بولىدۇ. ئۆزىگە، بالىچاقىلىرىغا، ئاتا – ئانىسىغا، دوست – يارەنلىرىگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلسا ياخشى بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ساھابەلەر قىلغان تۆۋەندىكى مەزمۇنى مول دۇئالارنى قىلىشتۇر:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دۇئا قىلغان: «ذَهَبَ الظَّمَأُ وَابْتَلَّتْ الْعُرُوقُ وَثَبَتَ الْأَجْرُ إِنْ شَاءَ اللَّهُ»(ئۇسسۇزلۇق تۈگەپ، تومۇرلار نەملىنىپ، روزا تۇتقاننىڭ ئەجرى يېزىلدى، ئىنشائاللاھ)(7). بۇنىڭ ئىفتار قىلىپ بولغاندا قىلىنغان دۇئالىقى ئېنىق.
ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بالىلىرىنى توپلاپ مۇنداق دۇئا قىلغان: «اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ بِرَحْمَتِكَ الَّتِي وَسِعَتْ كُلَّ شَيْءٍ أَنْ تَغْفِرَ لِي» (ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھەممە نەرسىنى قاپلىغان كەڭ رەھمىتىڭ بىلەن مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى سورايمەن!) (8)
«اللَّهُمَّ لَكَ صُمْتُ وَعَلَى رِزْقِكَ أَفْطَرْتُ» (ئى ئاللاھ! سەن ئۈچۈنلا روزا تۇتتۇم، سېنىڭ بەرگەن رىزقىڭ بىلەن ئىفتار قىلدىم)(9).
ئىفتار قىلغاندا، تېپىلسا، خورما بىلەن ئېغىز ئېچىش مۇستەھەب، تېپىلمىسا، باشقا مېۋەياكى سۇ بىلەن ئىفتار قىلسىمۇ بولىدۇ.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئوقۇشتىن ئىلگىرى بىرقانچە ھۆل خورما بىلەن ئىفتار قىلاتتى. ئەگەر ھۆل خورما بولمىسا، قۇرۇق خورما بىلەن ئىفتار قىلاتتى. ئەگەر ئۇمۇ بولمىسا، بىرقانچە يۇتۇم سۇ بىلەن ئىفتار قىلاتتى»(10).
لېكىن، «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۈچ تال خورما بىلەن ياكى ئوتتا پىشۇرۇلمىغان نەرسە بىلەن ئىفتار قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى» دېگەن ھەدىس(11) بولسا زەئىف ھەدىس بولۇپ، شۇنداق نەرسىلەر بىلەن ئىفتار قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلىدا كىشىلەرنىڭ داستىخانلىرىدا كەڭرى بار بولغان مېۋە خورما بولغاچقا، باشقا جايلاردا خورما تېپىلسا خورما بىلەن ئىفتار قىلىش ئەۋزەل؛ خورما تېپىلمىسا، ئاللاھ تائالا نېئمەت قىلىپ بەرگەن باشقا تاتلىق ۋە شېرىن مېۋىلەر بىلەن ئىفتار قىلىش، بولمىغاندا، سۇ بىلەن ئىفتار قىلىش ياخشى. چۈنكى، خورما قاتارلىق شېرىن مېۋىلەردىكى شېكەر ماددىسى ئاشقازانغا كىرىش بىلەنلا ئۇدۇل قانغا ئۆتۈپ، بارلىق مۇسكۇللارغا كۈچ پەيدا قىلىدۇ. ئۇزۇن بىر كۈن ئوزۇقسىز قالغان كىشى تېزلىكتە ماغدۇرىغا كېلەلەيدۇ، شۇنداقلا ئاشقازانمۇ باشقا يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا تەييارلىنىدۇ.
ھازىرقى تېببىي تەتقىقاتلارمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىفتار قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. تەتقىقاتلاردىن يەكۈنلىشىچە، روزا تۇتقان ئادەم بەدىنىدە يىغىۋالغان شېكەر ماددىلىرىنى ئۇزۇن بىر كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق خورىتىۋەتكەندىن كېيىن قاندىكى شېكەر ماددىسى نورمال ئۆلچەمدىن تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، روزا تۇتقان كىشىدە ئاجىزلىق، ھۇرۇنلۇق ۋە كۆزى قاراڭغۇلىشىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، جىسمىمىز تېزلىكتە ئۆز ھالىتىگە قايتىشى ئۈچۈن ئىفتار قىلغاندا شېكەر ماددىسى مول ئوزۇقلۇق بىلەن ئېغىز ئېچىش زۆرۈردۇر.
سۇ بىلەن ئىفتار قىلىشمۇ تېببىي تەتقىقاتچىلار تەۋسىيە قىلغان ئىش. چۈنكى، سۇ ئاشقازان ۋە ئۈچەي يوللىرىنى تازىلايدۇ، ئىنسان تەبىئىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ سۇ بىلەن ئىفتار قىلىشقا «چۈنكى، سۇ پاكىزلىغۇچىدۇر» دەپ سەۋەبىنى بايان قىلغان.
سوھۇرلۇق
سوھۇرلۇق دېگەن سۆز «سەھەر» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى سەھەر ۋاقتىدا يېيىلىدىغان يېمەكنىڭ ئىسمىدۇر. مەيلى كۆپ بولسۇن ياكى ئاز بولسۇن سوھۇرلۇق بولىدۇ. ھېچ بولمىغاندا، بىرەر يۇتۇم سۇ بولسىمۇ سوھۇرلۇق ھېسابلىنىدۇ.
سوھۇرغا ئويغىنالماسلىق ئادەتتە كۆپ يۈز بېرىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە «سوھۇرلۇق يېمەي قالسا روزا ھېساب بولمايدۇ» دېگەن خاتا چۈشەنچە مەۋجۇد. ئۇلار سوھۇرلۇقنى روزىنىڭ شەرتى دەپ چۈشىنىۋالغاندەك قىلىدۇ.
ئەمەلىيەتتە، سوھۇرلۇق يېيىش شەرت ئەمەس، بەلكى سۈننەتتۇر. قازى ئىياز: «بارلىق فەقىھلار بىردەك ئىجماﺋ قىلدىكى، سوھۇرلۇق يېيىش مۇستەھەبتۇر، ۋاجىب ئەمەس». ئىمام ئىبنۇلمۇنزىرمۇ مۇستەھەبلىكىگە ئىجماﺋ بارلىقىنى ئېيتقان(12).
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿تاكى سىلەرگە تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار!﴾ دېگەن(2/«بەقەرە»: 187). ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە تاڭ يورۇغانغا قەدەر يەپ – ئىچىشنى مۇباھ قىلغان.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سوھۇرلۇق يېيىشكە بۇيرۇغان ۋە سوھۇرلۇقتا بەرىكەت بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئىسلام ئۈممىتىنى ئەھلى كىتابتىن ئايرىيدىغان بەلگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «سوھۇرلۇق يەڭلار، چۈنكى سوھۇرلۇقتا بەرىكەت بار» دېگەن(13).
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «بىزنىڭ روزىمىز بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ روزىسى ئوتتۇرىدىكى پەرق — سوھۇرلۇقتۇر» دېگەن(14). ۋە يەنە مۇنداق دېگەن: «سوھۇرلۇق يەڭلار. چۈنكى، ئۇ ھەقىقەتەن بەرىكەتلىك تاماقتۇر»(15).
قەتادە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن سوھۇرلۇق يەپ بولۇپ، بىرئازدىن كېيىنلا بامداتقا تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان. قەتادە مۇنداق دەيدۇ: «بىز ئەنەسكە:
— ئىككىيلەن سوھۇرلۇق يەپ بولغان ۋاقىت بىلەن بامداتقا تۇرغان ۋاقىتنىڭ ئارىلىقى قانچىلىك ئىدى؟ — دېسەك، ئۇ:
— ئەللىك ئايەت ئوقۇغانچىلىك ۋاقىت ئىدى، — دېدى»(16).
بۇ ھەدىسلەردىن سوھۇرلۇق يېيىشنىڭ ۋە ئۇنى بامداتقا يېقىن ۋاقىتقىچە كېچىكتۈرۈشنىڭ سۈننەتلىكى چىقىدۇ(17).
شۇنداق بولغاچقا، بىر كىشى كېچىچە ئويغاق تۇرۇپمۇ سوھۇرلۇق يېمىسە، روزا تۇتۇش نىيىتى بار بولغاچقا، ئۇ كۈن پاتقۇچە روزا تۇتسا روزىسى توغرا بولۇۋېرىدۇ. بۇ كۈننىڭ قازاسى كەلمەيدۇ، پەقەتلا سۈننەتنى تەرك قىلغان بولىدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن، روزا تۇتماقچى بولغان كىشى بامداتقا ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئويغانسا، ئاخشامقى ياكى رامازاننىڭ دەسلىپىدىكى رامازان تۇتۇش نىيىتى بويىچە روزىنى سۇندۇرماي داۋاملاشتۇرۇۋەرسە بولىدۇ. سوھۇرلۇق يېيەلمەيمەي قالغانلىقى روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. چۈنكى، سوھۇرلۇق يېيىش روزىنىڭ شەرتى ئەمەس.
ئەكسىچە ئەھۋالدا، تاڭ يورۇپ بامدات ۋاقتى كىرىپ بولغاندىن كېيىن روزىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى ۋاجىب. بىرنەرسە يەپ – ئىچسە روزىسىنى بۇزغان بولىدۇ.
مەلۇمكى، سوھۇرلۇق ۋاقتى كېچىنىڭ يېرىمىدىن تاڭ يورۇغانغا قەدەر بولىدۇ. سوھۇرلۇق ئەڭ ئاز دېگەندە، بىر يۇتۇم سۇ ياكى بىر تال خورما بىلەنمۇ بولىدۇ. چوقۇم تولۇق بىر ۋاقىت تاماق بولۇشى شەرت ئەمەس.
سوھۇرلۇق يېيىش روزىدارنىڭ ئىبادەت ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا ھالسىزلىنىپ قالماسلىقى ۋە جىسمىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈندۇر.
ئالىملار بۇ بەرىكەتنى بىرقانچە تۈرلۈك ئىزاھلىغان:
1. بىر يۇتۇم سۇ ياكى بىر تال خورما چاغلىق ئازغىنە يېمەك – ئىچمەك بىلەن سوھۇرلۇق يېگەن تەقدىردە، ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىلىپ، روزا تۇتۇشقا، كۈندۈزى ئىشلەشكە، جىسمىنىڭ ساغلام بولۇشىغا ياردىمى زور بولىدۇ.
2. سوھۇرلۇق يېگۈچى سوھۇرلۇق سەۋەبىدىن ئادەتتە ئۇخلاپ قالىدىغان پەزىلەتلىك ۋاقىتتا زىكىر، دۇئا، ئىستىغپار ۋە ناماز قاتارلىق ئىبادەتلەرگە، شۇنداقلا روزا تۇتۇش نىيىتىنى يېڭىلاشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. نەتىجىدە، ئاخىرەتتە ئەجىرنى ئارتۇق ئالالايدۇ. ئەھلى كىتابقا زىت ئىش قىلىپ، سۈننەتنى تۇتۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئەجىرنى زىيادە قىلىدۇ(18).
بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، روزىنى باشلاش ۋاقتى ئەزانغا باغلىق ئەمەس، بەلكى تاڭ يورۇشقا باغلىق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿تاكى سىلەرگە تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار!﴾ دېگەن(2/«بەقەرە»: 187).
ئەگەر مۇئەززىن ئەزاننى تاڭ يورۇغاندا توۋلىسا، ئەزاننى ئاڭلىغان ھامان سوھۇرلۇقنى توختىتىش لازىم. ئەگەر ئەزاننى تاڭ يورۇشتىن بۇرۇن توۋلايدىغان بولسا، ئەزاننى ئاڭلىسىمۇ تاڭ يورۇغۇچە يەپ – ئىچسە بولىدۇ. ئەگەر تاڭ يورۇدىمۇ، يورۇمىدىمۇ شەك قىلىپ قالسا، جەزملەشتۈرگىچە يەپ – ئىچسە بولىدۇ. بەزى ئالىملار: «ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش تۇتىدۇ» دېگەن(19).
ئىسلام دىنىمىز كەڭچىلىك ۋە ئاسانچىلىق دىنىدۇر. ئىبادەتلەردە ئاسانچىلىق بولسا داۋاملىشىدۇ، ئۇنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىش ئۈزۈلۈپ قېلىشىغىلا سەۋەب بولماستىن، بەلكى، تېخى ئاللاھنىڭ دىنىغا قوشۇمچە بىرنەرسە كىرگۈزۈۋالغانلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ.
دېمەك، سوھۇرلۇقنى ئەزان ئوقۇلۇشتىن يېرىم سائەت ياكى بىر سائەت بۇرۇن توختاتسىمۇ بولىدۇ، ئەزان ئوقۇلغاندا توختاتسىمۇ بولىدۇ. تاماق يەۋاتقاندا ئەزان ئوقۇلغان بولسا تامىقىنى يەۋېلىپ، ئاندىن توختىسا بولىدۇ. بۇلار يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن مەلۇم. ئەسرى سائادەتتىكى نۇرغۇن ساھابە ۋە تابىئىنلارمۇ تاڭ ئېتىشقا يېقىن سوھۇرلۇق يېيىش ھەققىدە كەڭرى يول تۇتقان. شۇڭا، «سوھۇرلۇقنى تاڭ ئېتىشتىن بەك بۇرۇن توختىتىش كېرەك» دەۋالغانلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرسەتمىسىگە زىت ئىش قىلغان بولىدۇ.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ئارقىمۇئارقا ئۇلاپ روزا تۇتقان بولسىمۇ، ئۈممىتىنى ئارقىمۇئارقا ئىككى كۈننى ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن توسقان(20).
بۇ ھەدىسكە ئاساسەن، بەزى ئالىملار بۇنداق ئۇلاپ روزا تۇتۇشنى «ھارام» دېسە، يەنە بەزىلەر: «مەكرۇھ» دېگەن. بەزىلەر: «قۇدرىتى بولسا جائىز» دېگەن. يەنە بەزىلەر ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «ئۇلاپ روزا تۇتماڭلار. قايسىبىرىڭلار ئۇلاپ روزا تۇتماقچى بولسا ئىفتارلىق يېمەي، سوھۇرلۇققىچە ئۇلىسۇن» دېگەن(21) سۆزىگە ئاساسەن «سوھۇرلۇقتىن سوھۇرلۇققا قەدەر ئۇلىسا بولىدۇ، بىر كۈندىن ئارتۇق ئۇلىسا بولمايدۇ» دەپ قارىغان(22).
نىيەت مەسىلىسىگە كەلسەك، رامازان ئېيىدا مۇسۇلمان كىشى رامازاننى بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ تولۇق تۇتۇشنى نىيەت قىلىدىغان بولغاچقا، ھەر كېچىسى نىيەتنى يېڭىلىمىسىمۇ بولىدۇ. پەقەتلا بىر كىشى سەپەر ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتماي كېلىۋاتقان بولسا، روزا تۇتاي دېسە، كېچىسى نىيەت قىلىشى لازىم بولىدۇ. سوھۇرغا ئويغىنالماي قالغان ئەھۋالدا ئاخشامقى نىيىتى ھېساب بولىدۇ. ئەلبەتتە، نىيەتنى دىلىدا قىلىدۇ، ئاغزاكى قىلىپ يۈرمەيدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەسىردىن كېيىن ئۇخلاپ قېلىپ تاڭ يورۇغاندىن كېيىن ئويغانغان بولسا، روزىسى توغرا بولىدۇ.
غەربىي ياۋروپادا سوھورلۇق ۋە ئىفتار ۋاقتى
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! غەربىي ياۋروپادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار يازلىق ۋاقىتنىڭ ئوخشاش بولۇشى ھەمدە ئۇ دۆلەتلەردە روزا تۇتۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى، كۈن پېتىش ۋاقتىنىڭ كېيىن بولۇشى سەۋەبلىك سوھۇرلۇق ۋە ئىفتار ۋاقتىنى مەككە ۋاقتى ياكى ئىتالىيەنىڭ رىم ۋاقتىنى قوللىنىپ روزا تۇتسا بولامدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ:
بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن. شۇنداقلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە تاكى قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
ياۋروپانىڭ غەربى ۋە شىمالىدىكى كۈندۈز ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ياكى كېچە ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن بولىدىغان دىيارلاردا ياز ئايلىرى بەزىدە كېچە پەقەتلا 2 – 3 سائەت بولىدۇ. روزا تۇتىدىغان كۈندۈز 21 – 22 سائەت بولىدۇ. قىش ئايلىرىدا ئەكسىچە بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، مەككەدە 15 سائەت روزا تۇتىدىغان چاغلاردا جەنۋە بىلەن پارىژ شەھەرلىرىدە 18 يېرىم سائەت روزا تۇتۇلىدۇ. بېرلىندا 19 سائەت، فىنلاندىيەنىڭ شىمالىدىكى ئولو شەھىرىدە 23 سائەتكە يېقىن روزا تۇتۇلىدۇ.
شىمالىي قۇتۇپتا بولسا كۈندۈز سوزۇلۇپ بىرقانچە ئاي بولۇپ كېتىدۇ. بەزى جايلاردا ئالتە ئاي كۈندۈز، ئالتە ئاي كېچە بولىدۇ. بۇ دىيارلاردىكى مۇسۇلمانلار روزا تۇتۇش ۋە ئېغىز ئېچىشتا ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغان بولغاچقا، ئالىملار بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن. ئالىملارنىڭ قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىنىڭ كۆپچىلىكى: «بىر كۈن ئىچىدە كېچە بىلەن كۈندۈز ئايرىلىپ تۇرىدىغان دىيار بولسا، كۈندۈز ئۇزۇن بولسۇن ياكى قىسقا بولسۇن كۈندۈزدە روزا تۇتۇش لازىم. تۇتالماي قىينىلىپ قالىدىغانلار كېيىنچە، قىينالمايدىغان كۈنلەردە قازاسىنى قىلىۋالسا بولىدۇ» دېگەن. ئەمما، كۈندۈز بىرقانچە ئاي، كېچە بىرقانچە ئاي سوزۇلۇپ كېتىدىغان بولسا، «مەككە ۋاقتىغا ياكى ئاشۇ دىيارلارغا ئەڭ يېقىن كېچە – كۈندۈز ئايرىلىپ تۇرىدىغان جاينىڭ ۋاقتىغا مۆلچەرلەپ ئېغىز ئاچىدۇ» دەپ قارىغان(23).
بۇ قاراشقا ئاساسەن، كېچە بىر سائەت بولسىمۇ بىر سائەت ئىچىدە ئىفتار بىلەن سوھۇرلۇق يەۋېلىپ، قالغان 23 سائەتتە روزا تۇتۇش لازىم. ئەمما، ئالتە ئاي كېچە، ئالتە ئاي كۈندۈز بولىدىغان جايدا مەككە ياكى ئۆزىگە ئەڭ يېقىن نورمال ۋاقىتلىق دۆلەت ۋاقتىنى ھېسابلاپ ناماز ئوقۇسا، روزا تۇتسا بولىدۇ.
2. «ئەزھەر پەتۋا كومىتېتى» ۋە ئەزھەر ئالىملىرى: «يۇقىرىقىدەك دىيارلاردا سائەتنى مۆلچەرلەپ تۇرۇپ، كۈن ئاسماندىكى چاغ بولسىمۇ ئېغىز ئاچسا بولىدۇ» دەپ قارىغان(24).
شەرىئەت كۆزلىگەن مەقسەتلەرنى ئالدىمىزغا ئەكېلىپ تۇرۇپ قارايدىغان بولساق، ئىككىنچى قاراش مۇۋاپىق كۆرۈنىدۇ. شەرىئەت ئىنساننى قىيناشنى كۆزلىمەيدۇ. بەش ۋاقىت نامازنى يېرىم سائەت ئىچىگە يىغىپ قويۇش ياكى بىر سائەت روزا تۇتۇپ، 23 سائەت ئېغىز ئېچىش ياكى ئەكسىچە قىلىش شەرىئەت كۆزلىگەن مەقسەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەيدۇ. تېببىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، 18 سائەتتىن زىيادە روزا تۇتۇش نورمال ھالەتلەردە ئىنسان بەدىنىگە زىيانلىق بولىدۇ. ئىنسان بەدىنىگە زىيان ئۇرۇش شەرىئەت كۆزلىگەن ئىش ئەمەس. ۋاقىتنىڭ بىنورمال بولۇشى ۋاقىت چەك – چېگراسى يوقاپ كەتكەن ئەھۋالغا ئوخشاش.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەججال ھەققىدە توختالغان، نەۋۋاس ئىبنى سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «بىز:
— ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇ زېمىندا قانچىلىك تۇرىدۇ؟ – دەپ سورىساق، رەسۇلۇللاھ:
— قىرىق كۈن. بىر كۈن بىر يىلدەك، بىر كۈن بىر ئايدەك، بىر كۈن بىر ھەپتىدەك، ئاندىن قالغان كۈنلىرى سىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلاردەك، – دېدى. بىز:
— ئى رەسۇلۇللاھ! بىر يىلدەك ئاشۇ بىر كۈندە بىزگە بىر كۈنلۈك ناماز كۇپايە قىلامدۇ؟ – دېسەك:
— ياق، ئۇنىڭغا ۋاقىت مۆلچەرلەڭلار، – دېدى»(25).
ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: «›ئۇنىڭغا ۋاقىت مۆلچەرلەڭلار‹ دېگەننىڭ مەنىسى: ھەر كۈنى تاڭ ئاتقاندىن كېيىن پېشىن بولغۇچىلىك ۋاقىت ئۆتسە، پېشىننى ئوقۇڭلار. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەسىر بولغۇچىلىك ۋاقىت ئۆتسە ئەسىرنى ئوقۇڭلار. ئۇنىڭدىن كېيىن شام بولغۇچىلىك ۋاقىت ئۆتسە شامنى ئوقۇڭلار، خۇپتەنمۇ شۇنداق. دېمەك، ئاشۇ ئۇزۇن كۈن ئاخىرلاشقۇچە بامدات، ئاندىن پېشىن، ئاندىن ئەسىر، ئاندىن شام، ئاندىن خۇپتەن ئوقۇيدۇ. شۇنداق قىلىپ بىر يىللىق نامازنىڭ ھەممىسى ۋاقتىدا ئورۇندالغان پەرزلەر بولغان بولىدۇ»(26).
بۇنىڭغا ئاساسەن، بىر كۈندۈز بىر سوتكىدىن ئارتۇق داۋاملىشىدىغان دىيارلاردا بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، مەككەگە ياكى ئەڭ يېقىن نورمال ۋاقىتلىق شەھەر ۋاقتىغا قاراپ روزا تۇتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا كۈن ئاسماندىكى چاغدا ئىفتار ۋاقتى بولۇپ قالسىمۇ ئىفتار قىلىۋېرىدۇ. بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق.
كېچە بىلەن كۈندۈز بىر سوتكا ئىچىدە كېلىدىغان شەھەرلەردە ئەھۋالغا قارايدۇ. روزا تۇتۇش ۋاقتى 17 – 18 سائەت ئەتراپىدا بولۇپ، بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولسا، روزىنى كۈن پاتقۇچە نورمال تۇتۇۋېرىدۇ. ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولسا مەسىلەن، 19 – 21 سائەت روزا تۇتىدىغان بولسا، ئاشۇ دىيارلاردا ياشايدىغان مۇسۇلمانلار ۋاقىتنىڭ ئۇزىراپ كەتكەنلىكىدىن بەكلا قىينىلىپ كېتىدىغان بولسا، تۆۋەندىكى ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى قىلسا بولىدۇ:
1. مەككە مۇكەررەمە ۋاقتىنى ھېساب قىلىش. مەككەدە قانچە سائەت روزا تۇتۇلىدىغان بولسا، مەسىلەن، 14 سائەت روزا تۇتۇلىدىغان بولسا، تۇرۇۋاتقان دىياردا تاڭ ئاتقان چاغدا روزىنى باشلاپ، سائەتكە قاراپ تۇرۇپ 14 سائەت ئۆتكەندە ئېغىز ئېچىپ ئىفتار قىلسا بولىدۇ. بۇ چاغدا كۈن تېخى پاتمىغان بولسىمۇ مەيلى.
2. كېچە بىلەن كۈندۈز نورمال بولىدىغان ئەڭ يېقىن دىيارنىڭ ۋاقتىنى ھېساب قىلىش. مەسىلەن، ئىتالىيە دېسەك، ئۇ يەردە قانچە سائەت روزا تۇتۇلىدىغان بولسا، مىسالغا 12 سائەت روزا تۇتۇلىدىغان بولسا، تۇرۇۋاتقان دىياردا تاڭ ئاتقان چاغدا روزىنى باشلاپ، سائەتكە قاراپ تۇرۇپ 12 سائەت ئۆتكەندە ئېغىز ئېچىپ ئىفتار قىلسا بولىدۇ. بۇ چاغدا كۈن تېخى پاتمىغان بولسىمۇ مەيلى. لېكىن، بۇ ئىككىنچى قاراش بويىچە، ئەڭ يېقىن نورمال دۆلەت دەپ بىرەر دۆلەتنى بەلگىلەش تەس بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، شەھەرلەرنىڭ مەركىزى بولغان مەككەنى ئاساس قىلىش قولايراق. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
ھەيزدار ھالەتتە روزا تۇتسا بولامدۇ؟
ھەيزدار ھالەتتە روزا تۇتسا بولمايدىغانلىقى بارلىق ئىسلام ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن مەسىلە. ئۇلارنىڭ ئىجمائسىنىڭ ئاساسى ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بۇ ھەدىستۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— ئاياللار ھەيز كۆرگەن چاغلىرىدا ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ ئەمەسمۇ؟ – دېۋىدى. ئاياللار:
— شۇنداق، ئوقۇمايدۇ، تۇتمايدۇ، – دېيىشتى(27).
يەنە مۇسلىم رىۋايەتىدە مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى بىرقانچە كېچە ناماز ئوقۇماي تۇرىدۇ، رامازاندا روزا تۇتمايدۇ»(28).
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سوئالىغا ساھابە ئاياللارنىڭ «شۇنداق، تۇتمايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى بۇ ھۆكۈمنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ساھابەلەر ئارىسىدا ئېنىق مۇقىملىشىپ كەتكەن ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ(29).
مۇئازە مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن:
— ھەيز كۆرگەن ئايال نېمە ئۈچۈن روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ – يۇ، نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇمايدۇ؟ ـ دەپ سورىغان ئىدىم. ئۇ:
— ھەرۇرىييەلىك خاۋارىجمۇسىز؟ ـ دېدى. مەن:
— ياق، مېنىڭ سورىغۇم كەلدى، ـ دېدىم. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا:
— بىز (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدە) ھەيز كۆرۈپ قېلىپ روزا تۇتالمىساق كېيىن قازاسىنى تۇتۇشقا، ئەمما نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇماسلىققا بۇيرۇلاتتۇق، ـ دېدى»(30).
ساھابەلەرنىڭ شەرىئەتنى تونۇشتۇرۇشلىرىدا «بۇيرۇلاتتۇق» ياكى «بۇيرۇلغان ئىدۇق» دېگەن ئىبارە كەلسە بۇيرۇغۇچىنىڭ بۇيرۇش سالاھىيىتى بولغان، شەرىئەتنى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ، بۇ ھەدىس ئالىملىرى ئارىسىدىكى ئېنىق مەسىلە(31).
بۇيرۇغۇچىنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىكەنلىكىنى ئىمام بۇخارىينىڭ بۇ رىۋايەتى ئېنىق كۆرسەتكەن:
بىر ئايال ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن:
— ھەيزدىن پاكلانغاندا ھەيز مەزگىلىدە ئوقۇيالمىغان نامازنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟ – دەپ سورىۋىدى، ئۇ:
— ھەرۇرىييەلىك خاۋارىجمۇسىز؟ بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە چېغىمىزدا ھەيزدار بولاتتۇق، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنى ئۇنىڭغا (نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا) بۇيرۇمايتتى ياكى ئۇنى قىلمايتتۇق، – دېدى(32).
ئىمام تىرمىزىي مۇنداق دېگەن: «بارلىق ئالىملار ئارىسىدا ھەيزدار ئايالنىڭ روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدىغانلىقى، نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇمايدىغانلىقىدا كۆزقاراش ئوخشىماسلىقى يوق».(33) بارلىق ئالىملارنىڭ بۇنداق ئىتتىپاقتا ئىكەنلىكى ھەممە كىتابلاردا بايان قىلىنغان.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئۈممىتىم ئازغۇنلۇققا جەم بولمايدۇ»(34).
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرگە مۇخالىپلىق قىلىدىكەن، مۇئمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز. جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!﴾ (4/«نىساﺋ»: 115).
شۇڭا، مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن مەسىلىلەرگە قارشى چىقىش ئىنتايىن خەتەرلىك.
ئالىملىرىمىزنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ناماز كۈندە بەش ۋاقىت تەكرارلىنىدىغان ئىبادەت بولغاچقا، ھەيزمۇ ھەر ئايدا بىر تەكرارلىنىدىغان ئەھۋال بولغاچقا، ئاياللارنىڭ قىينىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا نامازنى ئۇلاردىن كۆتۈرۈۋەتكەن. روزا يىلدا بىر ئاي كېلىدىغان ئىبادەت بولغاچقا، بەش – ئالتە كۈن تۇتالماي قالغان روزىنىڭ قازاسىنى كېيىن تۇتۇۋېلىش قولاي ۋە جاپاسىز دەپ، روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشقا بۇيرۇغان.
بەلكىم، يەنە ئاياللار ھەيزدار ۋە نىپاسدار ھالەتتە ئارام ئېلىشقا، يېمەك – ئىچمەككە ئېھتىياجى كۆپرەك چۈشىدىغان ئاجىزلىقتا بولغاچقا، ئۇ چاغدا روزا تۇتۇش ئەھۋالىغا مۇناسىپ بولمىغان بولسا كېرەك. بۇ سەۋەبتىن، پەرز نامازنىمۇ ئورۇندىماسلىققا رۇخسەت قىلىنغان. قانداقلا بولمىسۇن ھېكمىتىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.
ھەيز ۋاقتى دېگەن ئايال كىشىدىكى ئاجىزلىق ۋاقتى بولغاچقا، ۋاقتىنچە روزا تۇتماي، كېيىن قازاسىنى قىلىۋېلىشقا بۇيرۇلغان. ئەمما، ناماز تاھارەت بولمىسا قوبۇل قىلىنمايدىغان ئىبادەت بولغاچقا، ئايال كىشىدىن خۇن كېلىپ تۇرغان ھالەتتە ساقىت قىلىنغان. بۇمۇ ئىسلام قائىدىلىرىگە ۋە شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بىر ئىش.
ئاياللار روزىدار ھالىتىدە گىرىم قىلسا بولامدۇ؟
مەلۇمكى، ئايال كىشىنىڭ گىرىم قىلىشى ۋە ياسىنىشى پەقەتلا يولدىشى ئۈچۈن ياكى مەھرەم تۇغقانلىرى ياكى باشقا ئاياللار ئالدىدىلا جائىز بولىدۇ. يات ئەرلەرنىڭ ئالدىغا ياسانغان ھالەتتە چىقسا ھارام بولىدۇ.
گەرچە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ روزا تۇتقان ھالەتتە سۈرمە سۈرتكەنلىكى ھەققىدە كەلگەن ھەدىس زەئىف بولسىمۇ، بىراق ماي ۋە مەلھەملەرنى سۈرتۈش كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۈچرايدىغان ئىشلاردىن تۇرۇقلۇق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بۇ ھەقتە بىرەر چەكلىمە كەلمىگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ روزىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسا ئۇنى ئەلبەتتە چەكلىگەن بولاتتى.
بۇنىڭغا ئاساسەن، گىرىم بىلەن روزا سۇنمايدۇ، گىرىم روزىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. شۇنداقلا لەۋ سۇرۇخى ياكى تېرە ئاسراش مايلىرىمۇ روزىنى بۇزمايدۇ. چۈنكى، ئۇ يېمەك – ئىچمەك ئەمەس، يېمەك – ئىچمەك ئورنىدىمۇ ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، روزا تۇتقان ئايال كىشى ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، مەلۇم مۇددەت يېمەك – ئىچمەكنى تاشلاپ، رامازاننىڭ ھۆرمىتى ۋە روزا قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ئۈچۈن، ئادەتتىن تاشقىرى ياسىنىشنى ياكى گىرىم قىلىشنى تاشلاشتا سىقىلىپ قالمايدۇ. چۈنكى، رامازاننى ئۇلۇغلاپ، بەزىبىر رۇخسەت قىلىنغان ئىشلارنى تاشلاش ئاللاھنىڭ بۇ ئايدىكى مەرھەمىتىنى كۆزلەيدىغان كىشى ئۈچۈن ئېغىر كەلمەيدۇ. رامازان ئېيىدىن كۆزلەنگەن مەقسەتمۇ ھەر تۈرلۈك ماددىي ھۇزۇر – ھالاۋەتنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تاشلاپ، روھىي ساپلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولغاچقا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى نىشان قىلغان كىشى ياسىنىشتىن كېلىدىغان ئازغىنە دۇنياۋى پايدىنى قويۇپ تۇرالايدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئادەم بالىسىنىڭ ھەربىر ياخشى ئەمەلىنىڭ ئەجرى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا: ›لېكىن، روزا ئۇنىڭ سىرتىدا، روزا پەقەت مەن ئۈچۈن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەجرىنى مەن بېرىمەن. ئۇ كىشى مېنىڭ رازىلىقىمنى دەپ تامىقىنى، شەھۋىتىنى تەرك ئېتىدۇ‹ دېگەن. روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن ئىككى خۇشاللىق بار: بىرى، ئىفتار قىلغان چاغدىكى خۇشاللىق. يەنە بىرى، رەببىگە ئۇچراشقاندىكى خۇشاللىق. روزا تۇتقۇچىنىڭ ئېغىزىنىڭ پۇرىقى ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئىپار بۇيىدىنمۇ خۇشپۇراقتۇر»(35). («ئۇنىڭ ئەجرىنى مەن بېرىمەن»: يەنى «يەتتە يۈز ھەسسىدىنمۇ كۆپ مۇكاپات بېرىمەن» دېمەكچى).
دېمەك، ئايال كىشىنىڭ ئېرى ئۈچۈن ياسىنىپ گىرىم قىلىشى بىلەن روزىسى سۇنمايدۇ. لېكىن، ئەڭ ياخشىسى بۇ ئاينى گىرىم قىلىپ ياسىنىشتىن بەكرەك تائەت – ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن ياخشى. چۈنكى، ئېرى ئۈچۈن ياسىنىش ۋە زىننەتلىنىش ساۋابلىق ئىشلارنىڭ قاتارىدا بولسىمۇ، بۇنى رامازاندىن باشقا چاغلاردا يىلبويى كەڭ – كۇشادە قىلىۋېلىش پۇرسىتى كۆپ. ئەمما، رامازان تېز كېلىپلا كېتىدۇ. شۇڭا، بۇ ئاينى غەنىيمەت بىلىپ، «قۇرئان» ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش، زىكىر قىلىش، پەرزدىن ھالقىپ نەفلە نامازلارنى كۆپ ئوقۇش، مۇسۇلمانلارنى ئىفتارلىتىش ۋە كۆپ سەدىقە بېرىش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق بۇ ئايدىكى ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىگە ئېرىشىشقا تىرىشىش لازىم.
رامازاندا روزا تۇتقانلار ئەتىر ئىشلەتسە روزىسى بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟
روزا تۇتقان كىشى ئەتىر ۋە خۇشپۇراق سوپۇن ئىشلەتسە روزىسىغا تەسىر يەتمەيدۇ. چۈنكى، شەرىئەتتە روزا تۇتقان كىشىگە ئەتىر ئىشلىتىشنى چەكلەيدىغان ياكى ئىشلەتمىسە ياخشى دەيدىغان بىر دەلىل يوق. ئالىملاردىنمۇ: «روزا تۇتقان كىشى ئەتىر ئىشلەتسە ھارام بولىدۇ ياكى روزىسى بۇزۇلىدۇ» دېگەنلەر يوق.
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: «روزا تۇتقان كىشى ئەتىر ئىشلەتسە، خۇشپۇراق ئىسرىقلارنى ئىشلەتسە، يۇيۇنسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدە بار بولۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنى چەكلىگەنلىكى ئىسپاتلانغىنى يوق. ناۋادا ئۇ روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان بولسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەلبەتتە ئۇنى روزىدارغا چەكلىگەن بولاتتى. خۇشپۇراق ئىسرىقنىڭ ئىسلىرى مېڭىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ماي ئىشلەتسە بەدەن سۈمۈرۈپ جانلىنىشى مۇمكىن. ئەتىر بىلەنمۇ بەدەن جانلىنىشى مۇمكىن. شۇنداق تۇرۇقلۇق روزىدارغا بۇ نەرسىلەرنى چەكلىمىگەنلىكى ئەتىر، خۇشپۇراق ئىسرىق ۋە مايلارنى ئىشلەتسە، شۇنداقلا سۈرمە سۈرتسە جائىز بولىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر»(36).
لېكىن، ئىسپىرتلىق ئەتىرنى بۇرنىغا ئەكىلىپ پۇراشنى بەزى ئالىملار ياقتۇرمىغان. بەزىلىرى: «ئىسپىرتلىق ئەتىرنى بۇرنىغا چاچسا روزا بۇزۇلىدۇ، چۈنكى ئۇ يېمەك – ئىچمەككە ئوخشاش بەدەنگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ» دەپمۇ قارىغان.
شۇڭا، بۇلارنىڭمۇ قاراشلىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىسپىرتلىق ياكى ئىسپىرتسىز ئەتىرنىمۇ پۇرىمىغان ئەۋزەل، لېكىن پۇرىسا روزا سۇنمايدۇ. ئەمما، ئەتىرنى كىيىم – كېچەككە ياكى بەدىنىگە چېچىش ۋە سۈركەش بولسا ھەممە ئالىملارنىڭ نەزەرىدە روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. بەلكى، تېخى ئىسسىق كۈنلەردە ياكى ياقتۇرۇلمايدىغان پۇراق پەيدا بولغان چاغلاردا باشقىلارغا ئازار بەرمەسلىك ئۈچۈن ئەتىر ئىشلىتىش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ.
ئارچا ياغىچى، يوپۇرمىقى، ئادراسمان ۋە ئەرەب ئۇدى قاتارلىق خۇشبۇي ئىس چىقىرىدىغان ئىسرىقلارنى ياكى تۈتۈنلۈك خۇشپۇراقلارنى، شۇنداقلا ئەتىرلەرنى ئېغىزى بىلەن نەپەسلىنىپ ئىچىگە سۈمۈرۈش تاماكىغا ئوخشاشلا روزىنى سۇندۇرىدۇ. چۈنكى، بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ماددىلار ئىچىگە كىرىدۇ. ئەمما، ئىختىيارسىز پۇراپ ياكى نەپەسلىنىپ قالسا سۇندۇرمايدۇ. شۇڭا، بۇرۇن بىلەن پۇراشنى نەپەس بىلەن سۈمۈرۈشتىن ئايرىپ قاراش لازىم.
ئەتىر دۇكىنىنىڭ، ياكى ئەتىر چاچقان بىر كىشىنىڭ يېنىدىن، ياكى مەززىلىك تائاملارنى پىشۇرۇۋاتقان دۇكانلارنىڭ، ۋەياكى ئەتىر گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن باغچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە پۇرىغان پۇراقلار روزىغا ھەرگىز تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. چۈنكى، سۈمۈرگەن بۇ ھاۋا پۇراقلىق ھاۋا بولۇپ، ئۇنىڭدىن ساقلىنىش قىيىن.
ئەمما، ئايال كىشىلەر رامازاندا ئۆي ئىچىدە ياكى ئاياللارلا بار سورۇندا ئەتىر ئىشلەتسە بولىدۇ. يات ئەر كىشىلەر بار سورۇنغا ئەتىر چېچىپ چىقىش رامازاندا بولسۇن ياكى رامازاندىن باشقا ۋاقىتتا بولسۇن ھارام بولىدۇ.
تەراۋىھ نامىزى نەچچە رەكئەت ئوقۇلىدۇ؟
تەراۋىھ نامىزى سەككىز ياكى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇلىدۇ. سەككىز رەكئەت ئوقۇش پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى، يىگىرمە رەكئەت ئوقۇش بولسا راشىد خەلىفەلەرنىڭ سۈننىتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە مەندىن كېيىنكى راشىد خەلىفەلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار!» دەپ، خەلىفەلەرنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىشكە بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن يىگىرمە رەكئەت ئوقۇش ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. چۈنكى، يىگىرمە رەكئەت ئوقۇغان تەقدىردە، ھەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە، ھەم خەلىفەلىرىنىڭ سۈننىتىگە تەڭ ئەمەل قىلغىلى بولىدۇ. سەككىز رەكئەتلا ئوقۇسىمۇ مەيلى، بۇنىڭدا كەڭچىلىك بار.
ئاياللار رامازاندا تەراۋىھ نامىزىغا بارسا بولامدۇ؟
تەراۋىھ نامىزى ئەر، ئاياللارغا ۋاجىب ئەمەس، بەلكى مۇستەھەبتۇر. بۇ نامازنى ئەرلەر مەسجىدتە ئوقۇسا ياخشى، ئۆيدە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ. ئاياللارغا كەلسەك، ئاياللارنىڭ تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇغىنى ئەۋزەل.
ئەبۇ ھۇمەيد ئەسسائىدىينىڭ ئايالى ئۇممۇ ھۇمەيد پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ:
— ئى رەسۇلۇللاھ! مەن ئۆزلىرى بىلەن بىرگە ناماز ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن، ـ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
— مەن سېنىڭ مەن بىلەن ناماز ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى بىلدىم. ئەمما، سېنىڭ چىمىلدىقىڭدا ئوقۇغان نامىزىڭ ھۇجراڭدا ئوقۇغان نامىزىڭدىن ياخشى، ھۇجراڭدا ئوقۇغان نامىزىڭ ھويلاڭدا ئوقۇغان نامىزىڭدىن ياخشى، ھويلاڭدا ئوقۇغان نامىزىڭ مەھەللەڭدىكى مەسجىدتە ئوقۇغان نامىزىڭدىن ياخشى، مەھەللەڭدىكى مەسجىدتە ئوقۇغان نامىزىڭ مېنىڭ مەسجىدىمدە ئوقۇغان نامىزىڭدىن ياخشىراق، ـ دېدى(37).
لېكىن، ئاياللار ئېرى ياكى ئاتىسى ۋەياكى ئاكىسى رۇخسەت قىلغان ئەھۋالدا مەسجىدكە چىقسا بولىدۇ. بۇ رۇخسەت كىيىم – كېچەكتە، يۈرۈش – تۇرۇشتا ئىسلام چەكلىمىسىگە رىئايە قىلغان ئەھۋالدا شۇنداق. ئەمما، چىرايلىق كىيىنىپ، ياسىنىپ، گىرىم قىلىپ چىقسا بولمايدۇ.
مەسجىدتە نامازدىن باشقا دۇئايى – تەلەپ، دەرس، تەبلىغ ۋە تەشۋىقات بولغان تەقدىردە، مەسجىدكە چىقىپ تەراۋىھ ئوقۇغاچ ئۇلارغا قاتناشسا ئەۋزەل. چۈنكى، بۇ ئىنتايىن مۇھىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھنىڭ ئايال بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدىن توسماڭلار!» دېگەن(38).
رامازان ئۈچۈن ھەيز كېچىكتۈرۈش دورىسى ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟
ئالىملار بىردەك ئىتتىپاقلاشقان مەسىلە شۇكى، رامازاندا ھەيز كۆرگەن ئايالغا شۇ ھالەتتە روزا تۇتۇش پەرز ئەمەس، پەرز بولغىنى رامازاندىن كېيىن باشقا كۈنلەردە ئۇ كۈنلەرنىڭ ئورنىغا روزا تۇتۇۋېلىش. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ كەڭچىلىكىدۇر.
﴿رامازان ئېيى ئىنسانلارغا يول كۆرسەتكۈچى، ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەر بولۇش سۈپىتىدە نازىل قىلىنغان ئايدۇر. شۇڭا، سىلەردىن قايسىڭلار رامازاندا مۇقىم تۇرسا، ئۇ ئايدا روزا تۇتسۇن. كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، تۇتالمىغان كۈن سانى بويىچە باشقا كۈنلەردە تۇتۇۋالسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خاھلايدۇ، سىلەرگە تەسلىكنى خاھلىمايدۇ. بۇ ساننى تولدۇرۇشۇڭلار، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ھەمد ئېيتقان ھالدا ئۇلۇغلىشىڭلار ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر﴾ (2/«بەقەرە»: 185).
ئايال كىشى ھەيزدار ھالەتتە جىسمانىي ۋە پسىخىكىلىق جەھەتتىن ئىنتايىن بىئارام ۋە چارچىغان ھالەتتە بولىدۇ. شۇڭا، روزا تۇتۇش ياكى تۇتماسلىقنى ئاياللارنىڭ ئىختىيارىدا قويماي، ئېغىز ئېچىۋېتىشنى ۋاجىب قىلغان. ئايال كىشى بۇنداق ئەھۋالدا، روزا تۇتسىمۇ روزىسى قوبۇل بولمايدۇ، پەرز روزىمۇ بوينىدىن ساقىت بولمايدۇ. كېيىن باشقا كۈنلەردە ئورنىغا يەنە روزا تۇتمىسا بولمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پاك ئاياللىرى، شۇنداقلا ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ئاياللىرىمۇ شۇنداق قىلىپ كەلگەن. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ھەيزدار ھالەتتىكى ئايال روزا تۇتمىسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. دورىلار بىر تەرەپتىن ھەيزنى توختىتىپ قويغىنى بىلەن يەنە باشقا تەرەپتىن زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن. ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىزمۇ دورا ئارقىلىق ھەيز ۋاقتىنى ئىلگىرى – كېيىن قىلىشنى زىيانلىق بولۇش تەرەپتىن مەكرۇھ دېگەن.(39) شۇڭا، بۇنداق ئىشلار ئۆز يولىدا تەبىئىي ماڭغىنى تۈزۈك.
لېكىن، ھېچقانداق زىيىنى يوقلۇقى ئىسپاتلانغان ھەيزنى كېچىكتۈرۈش دورىلىرى بولسا ئۇنى ئىستېمال قىلىپ، ھەيز ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ، رامازاندا ساق ھالەتتە روزا تۇتقان ئاياللار بولسا، ئىنشائاللاھ، ئۇلارنىڭ روزىسى جايىدا ئورۇندالغان بولىدۇ. بۇ مەسىلىدە ئىمام قەرەداۋىيدەك ھازىرقى زاماندىكى ئاتاقلىق ئالىملىرىمىز شۇنداق پەتۋا بەرمەكتە.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، بەندىنىڭ ئىبادەتلەرنىڭ ۋاجىب بولۇشىغا كۈچەپ كېتىشى ۋاجىب ئەمەس. مەسىلەن، زاكات ۋاجىب بولۇش ئۈچۈن ياكى ھەج پەرز بولۇش ئۈچۈن پۇل تېپىشى ۋاجىب ئەمەس. ئايال كىشىمۇ رامازاندا تولۇق بىر ئاي روزا تۇتالىشى ياكى ئېتىكاپتا ئولتۇرالىشى ئۈچۈن ھەيزنى كېچىكتۈرۈش مەجبۇرىيىتى يوق. لېكىن، ھەيز ۋاقتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ياكى كېچىكتۈرۈشنىڭ روزا تۇتۇشقىلا ئەمەس، بەلكى تۆۋەندىكى ئىشلارغىمۇ تەسىرى بار:
.1 نورمال ئىددەت مۇددىتىنى قىسقارتىۋېتىش ياكى ئۇزارتىۋېتىشكە تەسىر قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئىلگىرىكى ئالىملىرىمىز: «دورا ئارقىلىق ھەيز ۋاقتىنى ئىلگىرى سۈرسە، بۇنىڭ بىلەن ئىددەت توشمايدۇ» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
2. سەپەرگە چىقىش ياكى سەپەردىن كېلىش ئالدى – كەينىدە ئەر – خوتۇن بىللە بولۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىدۇ.
.3 روزا، ناماز، «قۇرئان» ئوقۇش، ھەج ۋە ھەيزنىڭ توختىشىغا باغلىق شەرتلىك تالاق قاتارلىقلارغا تەسىرى بولىدۇ.
يۇقىرىقىلارنى كۆزدە تۇتقاندىن كېيىن ئالىملارنىڭ تەرجىھى مۇنداق: جىددىي زۆرۈرىيەت تېپىلغاندا ھەيزنى ئىلگىرى – كېيىن قىلىش ئۈچۈن دورا ئىستېمال قىلىش مەكرۇھلۇق بىلەن جائىز. مەسىلەن، سەپەر قىستاپ قالغان چاغدا ئىفازەت تاۋاپىنى قىلىۋېلىش، رامازاندا «قۇرئان» ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار. لېكىن، شۇنداقتىمۇ، ھەيز قېنىنى چىقارماي تۇرۇۋېلىشنىڭ ئايالغا بولغان زىيىنى ئېغىر بولسا ھارام بولۇپ كېتىدۇ. زىيىنى بولمىغان تەقدىردىمۇ زۆرۈرىيەت تېپىلمىسا دورا ئىستېمال قىلماسلىق لازىم. ئىبادەتنى زامان جەھەتتىنمۇ ئاللاھ تائالا سىزىپ بەرگەن بويىچە ئورۇنداش يۇقىرىقى روزا تۇتۇش ئايەتىدە ئاللاھ تائالا بىزگە ئاتا قىلغان قولايلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر(40).
ئى ئاللاھ! بىزنى رامازانغا سالامەت يەتكۈزگىن! رامازاندا روزا تۇتۇشقا، ناماز ئوقۇشقا مۇۋەپپەق قىلغىن! رامازاندا دوزاختىن ئازاد بولۇپ كەتكەنلەر قاتارىدىن قىلغىن! ئامىن، يا رەببەلئالەمىين!
ھ. 1427، 20 – شەئبان / م. 2006، 13 – سېنتەبىر
داۋامى بار.
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1954)؛ «مۇسلىم»، (1100).
2. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (672)؛ «مۇسلىم»، (557).
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1957)؛ «مۇسلىم»، (1098).
4. «ئىبنى ماجە»، (1753). «ھەسەن» دەپ باھالانغان.
5. «تىرمىزىي»، (3598). تىرمىزىي ۋە ھافىز ئىبنى ھەجەر «ھەسەن» دېگەن.
6. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 6/396.
7. «ئەبۇ داۋۇد»، (2357). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
8. «ئىبنى ماجە»، (1753). ھافىز ئىبنى ھەجەر «ھەسەن» دېگەن.
9. «ئەبۇ داۋۇد»، (2358). بۇ مۇرسەل ھەدىس بولۇپ، ئابدۇلقادىر ئارنائۇت ئىمام نەۋەۋىينىڭ «ئەلئەزكار» تەھقىقىدە: «ئۇنى كۈچلەندۈرىدىغان باشقا رىۋايەتلەر بار» دېگەن.
10. «ئەبۇ داۋۇد»، (2356). ئالبانىي: «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن.
11. «مۇسنەدۇ ئەبى يەئلا»، (3305).
12. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 10/300؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 4/303.
13. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1923)؛ «مۇسلىم»، (1095).
14. «مۇسلىم»، (1096).
15. «نەسائىي»، (2164)؛ ئالبانىي: «سەنەدى سەھىھ» دېگەن.
16. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (576)؛ «مۇسلىم»، (1097).
17. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 5/73.
18. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 10/302.
19. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3/54.
20. «بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1860)؛ «مۇسلىم»، (1102).
21. «بۇخارىي»، (1963).
22. ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 1172.
23. «فتاوى اللجنة الدائمة»، 10/114، «هيئة كبار العلماء»، 1398/4/12 – كۈنىدىكى 61 – نومۇرلۇق قارار. «ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى»غا تەۋە «ئىسلام فىقھى ئاكادېمىيەسى» 1402/4/10 – كۈنىدىكى 3 – نومۇرلۇق قارارغا قارالسۇن. لېكىن، مەجمەئنىڭ بۇ قارارى بىردەك ئىتتىپاق بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ ماقۇللىقى بىلەن ئېلىنغان. ئاز سانلىق بۇ قارارغا قوشۇلمىغان.
24. «ئەزھەر پەتۋا كومېتىتى»، 1983/4/24 – كۈنىدىكى پەتۋا بىلەن 1982/5/26 – كۈنىدىكى پەتۋا. «شەيخ جادۇل ھەق پەتۋالىرى»، 1 – توم، 539 – بەتكە قارالسۇن.
25. «مۇسلىم»، (2937).
26. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 18/66.
27. «بۇخارىي»، (304)،
28. «مۇسلىم»، (250)،
29. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1/406.
30. «مۇسلىم»، (335)،
31. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 1/406.
32. «بۇخارىي»، (304)،
33. «تىرمىزىي»، (1/235.
34. «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (12623). «ھەسەن» دەپ باھالانغان.
35. «مۇسلىم»، (1151).
36. «مەجمۇئۇل پەتاۋا»، 25/242.
37. «ئەھمەد»، 26550). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
38. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (858)؛ «مۇسلىم»، (442).
39. ساۋىي: «بۇلغەتۇسسالىك»، 1/144.
40. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ھازىرقى دەۋردىكى فىقھىي مەسىلىلەر»، «شەرىئەت ۋە قانۇن فاكۇلتېتى»، «ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى»، 1/174.