خەتمە قۇرئان دۇئاسى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇيدىغان، پەيغەمبىرىمىز كۆرسىتىپ بەرگەن بىرەر دۇئا بارمۇ ياكى ئۆزىمىز خاھلىغانچە دۇئا قىلامدۇق؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

«قۇرئان كەرىم»نى باشتىن – ئاخىر تاماملاپ ئوقۇش، تىڭشىشىش ۋە خەتمە قىلىش يولغا قويۇلغان ئىبادەتلەردىن بولۇپ، خەتمىدىن كېيىن دۇئا قىلىش ھەققىدە پەيغەمبىرىمىزدىن بىرەر ھەدىس ياكى كۆرسەتمە كەلمىگەن. لېكىن، كۆپچىلىك ئالىملار بەزى ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا تايىنىپ، خەتمە دۇئاسى قىلىشنى مۇستەھەب دەپ قارىغان.(1)

قەتادە، سابىت ۋە ئىبنى ئەتىييە قاتارلىق تابىئىنلار رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «قۇرئان»نى خەتمە قىلغىنىدا بالىچاقىلىرىنى يىغىپ دۇئا قىلاتتى.(2)

كاتتا تابىئىنلاردىن ھەكەم ئىبنى ئۇتەيبە مۇنداق دەيدۇ: مۇجاھىد بىلەن ئەبدە ئىبنى ئەبى لۇبابە قاتارلىق بىر توپ كىشىلەر «قۇرئان» تىڭشىشىپ، خەتمە قىلىدىغان كۈن كەلگەندە ماڭا ۋە سەلەمە ئىبنى كۇھەيلگە ئادەم ئەۋەتىپ: بىز «قۇرئان» تىڭشاشقان ئىدۇق، بۈگۈن خەتمە قىلماقچى. شۇڭا، سورۇنغا ھازىر بولۇشۇڭلارنى ياقتۇردۇق، چۈنكى «قۇرئان» خەتمە قىلىنسا، تۈگىگەندە رەھمەت چۈشىدۇ دېيىلەتتى، دەيتتى. بۇ رىۋايەتلەرنىڭ سەنەدى «سەھىھ».

مۇجاھىد يەنە: «قۇرئان خەتمە قىلىنغان چاغدا، رەھمەت چۈشىدۇ» دېگەن.(3)

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەكمۇ «قۇرئان»نى خەتمە قىلغىنىدا بارلىق مۇئمىنلەرگە كۆپلەپ دۇئا قىلاتتى.(4)

ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ ئوغلى سالىھ مۇنداق دەيدۇ: «ئاتام بىر جۈمەدىن يەنە بىر جۈمەگىچە قۇرئاننى بىر تامام قىلاتتى. تامام قىلغاندا دۇئا قىلسا بىز ئۇنىڭ دۇئاسىغا ئامىن دەيتتۇق. بىر جۈمە كۈنى ئەتىگەندە مېنى ۋە قېرىندىشىم ئابدۇللاھنى چاقىردى. دۇئا قىلىشقا باشلىۋىدى، بىز دۇئاسىغا ئامىن دېگىلى تۇردۇق».(5)

ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ: «بىر بۆلۈك سەلەفلەردىن خەتمە قىلغاندا دۇئا ئىجابەت بولىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان بولغاچقا، خەتمىدىن كېيىن ئۆزىگە، ئاتا – ئانىسىغا، ئۇستازلىرىغا ۋە ئۇلاردىن باشقا بارلىق مۇئمىنلەرگە دۇئا قىلسا بۇ ئىشى يوللۇق ئىبادەتلەر قاتارىدىن بولىدۇ. كېچىدە تەھەججۇد ئوقۇغاندا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ئورۇنلاردىمۇ ئۇلارغا دۇئا قىلىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ». دېگەن.(6)

ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىمۇ مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد – سالام يوللاش ئورۇنلىرىدىن بىرى قۇرئان خەتمى بولغان ئورۇندۇر. چۈنكى، بۇ دۇئا ئورنىدۇر. ئىمام ئەھمەد خەتمىدىن كېيىن دۇئا قىلىشنى مۇستەھەب دەپ ئېنىق دېگەن ۋە: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئاننى خەتمە قىلغاندا پالا – چاقىلىرىنى توپلايتتى دېگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە ئۇ قۇرئاننى خەتمى قىلغان كىشىنىڭ قېشىغا جامائەت يىغىلىپ دۇئا قىلىش ھەققىدە سورالغاندا: ھەئە، مەن مەئمەرنىڭ خەتمە قىلغاندا شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن، دەپ جاۋاب بەرگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە ئىمام ئەھمەد: قۇرئان خەتمى قىلغاندا بالىچاقىلىرىنى يىغىپ دۇئا قىلىشنى مۇستەھەب دەپ قارايمەن دېگەن». ئىمام ئىبنۇلقەييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇشۇ تەرىقىدە دۇئا قىلىشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى كۆرسىتىدىغان سەلەفلەرنىڭ باشقا ئىش – ئىزلىرىنى بايان قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.(7)

ئىمام نەۋەۋىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى سەلەفلەردىن كەلگەن سەھىھ رىۋايەتلەرنى بايان قىلغاندىن كېيىن: «خەتمىدىن كېيىن دۇئا قىلىش يۇقىرىدا بايان قىلغان سەلەفلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرىغا ئاساسەن مۇستەھەبلىكى تەكىتلەنگەن ئىشتۇر» دېگەن.(8)

ئىمام شەۋكانىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى دۇئا قوبۇل بولىدىغان پەزىلەتلىك ۋاقىتلارنى بىر – بىرلەپ بايان قىلىپ پەرز نامازلاردىن كېيىن دۇئا قىلىشنىڭ پەزىلىتى ۋە «سەھىھ» ھەدىستىن دەلىلىنى بايان قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «يەنە قۇرئان تىلاۋەت قىلغاندا بولۇپمۇ، خەتمى قىلغاندا دۇئا ئىجابەت بولىدۇ. بۇنى تىرمىزىي ھەسەن دەپ باھا بېرىپ رىۋايەت قىلغان ئىمران ئىبنى ھۇساين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنۇ ھەدىسى دەلىللەيدۇ: ئۇ قۇرئان ئوقۇپ كىشىلەردىن بىرنەرسە تىلەۋاتقان بىر قارىينىڭ قېشىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بۇ ئىشنى بىر مۇسىبەت دەپ قاراپ ھەسرەتلىنىپ: ﴿بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چوقۇم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز﴾ دېگەن ئايەتنى ئوقۇغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «كىمكى قۇرئان ئوقۇسا، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھتىن تىلىسۇن، كېيىن شۇنداق بىر قەۋملەر كېلىدۇكى، قۇرئان ئوقۇپ ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەردىن تىلەيدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان.(9)

دېمەك، سەلەفلەردىن كەلگەن يۇقىرىقى سەھىھ رىۋايەتلەرگە ئاساسەن، ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك، ئىمام ئەھمەد، قۇرتۇبىي، نەۋەۋىي، ئىبنى تەيمىييە، ئىبنۇلقەييىم ۋە شەۋكانىي قاتارلىق كۆپچىلىك مۆتىۋەر ئۆلىمالارنىڭ بايانلىرىدا، «قۇرئان» خەتمە قىلغاندا دۇئا قىلىش مۇستەھەبتۇر.

ئەمما، تەراۋىھ نامازلاردا خەتمە دۇئاسى قىلىشنى بولسا ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە باشچىلىقىدىكى مەككە ئاھالىسى، يەنە مەدىنە ۋە بەسرە ئاھالىسىنىڭ قىلىپ كەلگەن ئىشلىرىغا، شۇنداقلا ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن رىۋايەتكە ئاساسلىنىپ، جائىز دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئىمام مالىك قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملار تەراۋىھ نامازلاردا خەتمە دۇئاسى قىلىشنى توغرا تاپمىغان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خەتمە دۇئاسىنى ۋىتىردا قىلىشقا مەيلى دېگەن. ئىمام مالىك بۇنىڭدا ئىلگىرىكى مەدىنە ئاھالىسىنىڭ قىلىپ كەلمىگەنلىكىگە، شۇنداقلا ئىزچىل قىلغان ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ بۇ ئىشنى قىلمىسا بولمايدىغان ئىش دەپ چۈشىنىپ قېلىش خەۋپى بارلىقىغا ئاساسلانغان.(10)

قارايدىغان بولساق، بۇنىڭدا ئىمام ئەھمەد سۇفيان باشچىلىقىدىكى مەككە ئاھالىسى بىلەن بەسرە ئاھالىسىنىڭ تەراۋىھتا خەتمە دۇئاسى ئوقۇيدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەككە ۋە بەسرە ئاھالىسىنىڭ تۇتقان ئىشىغا، يەنە ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىشىغا تايانغان. ئەلۋەتتە، ھەزرىتى ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئىشنى قىلغان بولسا چوقۇم مەدىنەدە خەلىفە بولغان ۋاقتىدا قىلىدۇ. لېكىن، ئىمام مالىك ئۆز زامانىسىدىكى مەدىنە ئاھالىسىدا بۇ ئەنئەنىنىڭ يوقلۇقىغا تايانغان. ئۇنداقتا، بۇ يەردە مەدىنە ئاھالىسىنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى نەقىل قىلىشتا ئىككى ئىمامنىڭ نەقلى ئوخشاش بولمىغان. بەلكى ھەزرىتى ئوسمان زامانىدا بار بولغان بۇ ئىش ئىمام مالىك زامانىدا يوق بولغان، كېيىن ئىمام ئەھمەد زامانىدا پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن.

ئىمام ئەھمەدكە زامانداش بولغان ھافىز ئابباس ئىبنى ئابدۇلئەزىم: «بىز بەسرە بىلەن مەككەدە جامائەتنىڭ تەراۋىھتا خەتمە دۇئاسى قىلىدىغانلىقىنى كۆرگەن. مەدىنە ئاھالىسىمۇ بۇ ھەقتە بەزى رىۋايەتلەرنى قىلغان. بۇ ئىش ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ كەلگەن» دېگەن.

فەزل ئىبنى زىياد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىمام ئەھمەدتىن:

— «قۇرئان»نى ۋىتىردا تامام قىلامدىم ياكى تەراۋىھتىمۇ؟ — دەپ سورىسام: ئۇ:

— تەراۋىھتا تامام قىلغىنكى، ئىككى ناماز ئوتتۇرىسىدا دۇئا قىلىۋالغان بولايلى — دېدى.

— قانداق قىلىمەن؟ — دېسەم: ئۇ:

— «قۇرئان»نىڭ ئاخىرىنى ئوقۇپ بولغىنىڭدا رۇكۇدىن بۇرۇن قولۇڭنى كۆتۈرۈپ بىز بىلەن بىللە نامازدا تۇرۇپ دۇئا قىلغىن، ئۇزۇنراق تۇرغىن، — دېدى. مەن:

نېمە دەپ دۇئا قىلىمەن؟ — دېسەم، ئۇ:

— خاھلىغىنىڭچە، — دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇيرۇغىنى بويىچە قىلدىم، ئۇ ئارقامدا تۇرۇپ ئۆرە تۇرۇپ قولىنى كۆتۈرگىنىچە دۇئا قىلدى.

ئىمام ئەھمەدنىڭ يەنە بىر شاگىرتى ھەنبەل مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىمام ئەھمەدنىڭ ﴿ قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ﴾ نى ئوقۇپ بولغىنىڭدا، رۇكۇدىن ئاۋۋال قولۇڭنى دۇئاغا كۆتۈرگىن، دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن:

— بۇنداق قىلىشتا قايسى ئاساسقا تايىنىدىلا؟ — دەپ سورىسام، ئۇ:

— مەن مەككە ئاھالىسىنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەنمەن، سۇفيان ئىبنى ئۇيەينەمۇ مەككەدە ئۇلار بىلەن بىللە شۇنداق قىلاتتى، — دېدى.

ئىمام ئەھمەدنىڭ يەنە بىر شاگىرتى ئىبراھىم ھەربى مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد رامازاندا نامازدا «قۇرئان» خەتمە قىلغان كىشى ھەققىدە نامازدا ئۆرە تۇرۇپ دۇئا قىلامدۇ ياكى رۇكۇ قىلىپ سالام بېرىپ بولۇپ سالامدىن كېيىن دۇئا قىلامدۇ؟ دەپ سورالغىنىدا، ئۇ: ياق، خەتمە قىلىپ بولۇپ، نامازدا تۇرۇپ دۇئا قىلىدۇ، دېدى. ئۇنىڭدىن: ئۇنداقتا، نامازدا «قۇرئان»دا بولمىغان دۇئانى قىلامدۇ؟ دېيىلگىنىدە ئۇ: ھەئە، دېدى.(11)

ھازىرقى زاماندا ھەرەم مەسجىدىدە رامازاننىڭ 27 – كېچىسى تەراۋىھتا «قۇرئان» خەتمە قىلىنغاندا تەراۋىھتىكى 2 – رەكئەتتە قىلىنىدىغان دۇئانى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى شەيخ بىن باز، شەيخ بىن جىبرىن قاتارلىق بەزى ئالىملار نامازدا دۇئا قىلىش بار بولغاچقا، مۇستەھەب، دېگەن. دوكتور سالمان ئەلئەۋدە رەسۇلۇللاھ بەزى نامازلارنىڭ ئىككىنچى رەكئىتىدە دۇئا قىلغان بولغاچقا، تەراۋىھتا قىلسا مەيلى، بولۇپمۇ، ۋىتىردا قىلغىنى تۈزۈك، لېكىن بىدئەت دەپ كەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارىغان. شەيخ ئۇسەيمىن قاتارلىق يەنە بەزى ئالىملار تەراۋىھتا خەتمە دۇئاسى قىلىشنى توغرا تاپمىغان، لېكىن نامازدا دۇئا قىلىش ئەسلىدە بار ئىش بولغاچقا ھەمدە بۇ باشقىچە قاراش بار مەسىلە بولغاچقا، بۇ ئىشنى بىدئەت دەپ قارىمىغان ۋە ۋىتىردا قىلىنسا مەيلى دېگەن. شەيخ ئالبانىي قاتارلىق يەنە بەزىلەر نامازدا خەتمە دۇئاسى قىلىش بىدئەت دەپ قارىغان.(12)

ئەلۋەتتە، ھەرەمدىكى خەتمە دۇئاسى 27 – كېچىسىنى مۇقىم بېكىتىۋېلىش جەھەتتىنمۇ بەزى ئالىملار تەرىپىدىن توغرا تېپىلمىغان. چۈنكى، ئۇنداق قىلغاندا كىشىلەر 27 – كېچىسىنى چوقۇم قەدر كېچىسى دەپ ئويلاپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، شەيخ بىن باز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى خەتمە دۇئاسىنى 29 – كېچىسىدە قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن.

خەتمە دۇئاسىغا كەلسەك، خەتمە قىلغاندا دۇئا قىلىش ھەققىدە يۇقىرىدا دېگىنىمىزدەك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن بىرەر «سەھىھ» ھەدىس كەلمىگەچكە، بۇ ھەقتە مۇئەييەن دۇئامۇ كەلمىگەن. سەلەف سالىھلەردىنمۇ، تونۇلغان مۇجتەھىد ئىماملاردىنمۇ مۇئەييەن دۇئا كەلمىگەن. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ بېسىلغان خەتمە دۇئالىرىنىڭ ھەممىسى كېيىنكى زامانلاردا بەزىلەر ئىختىيارى قىلغان دۇئالاردۇر.

ئەلۋەتتە، بىز يۇقىرىدا «قۇرئان»نى تامام قىلغاندا دۇئا قىلىشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى بايان قىلغان بولغاچقا، بۇ ھەقتە مۇئەييەن بىر دۇئا كەلمىگەن بولسىمۇ، دۇئا ئەدەب – قائىدىسىگە رىئايە قىلغان ئاساستا مەيلى ئەرەبچە بولسۇن، مەيلى ئۇيغۇرچە بولسۇن، خاھلىغانچە دۇئا قىلساق بولىدۇ. «قۇرئان»دا ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن مەزمۇنى مول دۇئالارنى قىلسا تېخى ياخشى. مۇھىم بولغىنى مەغفىرەت تىلەش، دوزاختىن قۇتۇلۇش، فىتنەلەردىن ساقلاش، «قۇرئان»نى چۈشىنىش ۋە ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق بولۇش… قاتارلىق تىلەكلىرىمىزنى چىن دىلىمىزدىن تىلىسەك، قاپىيەلىك ئۇزۇن دۇئالارنى ياساپ گەپدانلىق قىلىش، يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ دۇئا قىلىش قاتارلىقلاردىن ساقلانساق بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1438، 9 – جامادىيەلئاخىر / م. 2017، 6 – ئاپرېل

 


1. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئەلفەتاۋالھىندىيە»، 5/317؛ قۇرتۇبىي: «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 1/30؛ ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلئەزكار»، 1/85؛ ئىبنۇلھاج: «ئەلمەدخەل»، 2/305.
2. «الزهد»، ابن المبارك 1/279. برقم: 809. «سنن الدارمي»، 2/560. برقم: 3474. تەبارانىي: «ئەلمۇئجەمۇل كەبىر»، (674؛ ھەيسەمىي: «مەجمەئۇززەۋائىد»، 7/172. «نتائج الأفكار»، 3/173؛ ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلئەزكار»، 1/84 برقم: 308.
3. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (30040 ~ 30042)؛ «كتاب المصاحف»، 1/358. برقم: 518. ئىمام نەۋەۋىي: «ئەلئەزكار»، 1/84.
4. بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، (2238).
5. «سيرة الامام ابن حنبل»، 1/105.
6. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 24/322.
7. «جلاء الأفهام»، 1/402.
8. نەۋەۋىي: «ئەتتىبيان في ئادابى ھەمەلەتىل قۇرئان»، 1/81.
9. «تحفة الذاكرين بعدة الحصن الحصين»، 1/69. «تىرمىزىي»، (2917).
10. ئىلمىي گۇرۇپپا: «ئەلفەتاۋالھىندىيە»، 5/318. «جلاء الأفهام»، 1/403؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/457. ئىبنۇلھاج: «ئەلمەدخەل»، 2/299 ~ 305.
11. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 1/458. «جلاء الأفهام»، 1/403. «مختصر الإنصاف والشرح الكبير»، 1/158.
12. شەيخ ئىبنى باز: «شەيخ ئىبنى باز پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 11/333، 334؛ «الشرح الممتع»، 4/57 – 58. «فتاوى أركان الإسلام»، للشيخ عثيمين 355. «سلسلة الضعيفة»، 13/315. «دروس رمضان وقفات للصائمين»، للشيخ سلمان العودة ص 41 – 42.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (34) ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە / الخصال الحميدة في مناقب الإمام الأعظم أبي حنيفة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: ئەلخىسالۇل ھەمىيدە فىي مەناقىبىل ئىمامىل ئەئزەم ئەبى ھەنىفە ئەننۇئمان ئىبنى سابىت ئەلكۇفىي…

2 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (33) قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي– ھېكمەتى نىزامۇددىن

قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى:…

1 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (32) مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (31) مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب ومكارم أخلاق ذوي الأشواق

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…

2 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (30) تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس / التاريخ لشاه محمود جراس

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…

2 ئاي ago

«پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىسە بولىدۇ» دېگەن پەتۋاغا ئوچۇقلىما

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…

2 ئاي ago