قازى نىزامۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي – ھېكمەتى نىزامۇددىن
قوليازمىنىڭ ئىسمى: ھېكمەتى نىزامۇددىن
تۈر: ئەخلاق، تەربىيە، ئەدەبىيات.
ۋاراق سانى: 612 (1224 بەت)
قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەر بىر بەت 15 قۇر ئېنىق خەتلەر بىلەن يېزىلغان چاغاتايچە قوليازما.
باشلىنىشى:
لك الحمد دواما مبدع العرش وما فيها لك الشكر مداما جاعل العرش وما فيها
هازاران شكر كيم جنت بىلان دوزاخنى خلق أتتي دىينىغه دعوت ايلاب اوركا دين قىلدى مناجات
ئاخىرى:
نظامي أهل وفاغه پرويدە بول دائىم يتاركى كوڭلونغە بو عشق آوازى
شد بتوفيق خداي لا ينام اين كتابت روز يكشنبە تامام
در تأريخ هجريە سنة 1318 وپنجم ما رجب المرجب دوركى روز يكشنبە تحرير يافت
قوليازما ساقلانغان ئورۇن:
قولىڭىزدىكى بۇ قوليازما نۇسخىسىنى بىزگە ئۇشبۇ ئەسەرنى تەتقىق قىلغان ئۇستازلاردىن دوكتور فارۇق ئۆزتۈرك تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇستازغا چىن كۆڭلىمىزدىن تەشەككۈر ئېيتىمىز. ئاللاھ ئۇستازدىن رازى بولغاي!
Bu yazma nüsha, söz konusu eser üzerinde çalışmalar yapmış olan Hocamız Dr. Faruk Öztürk tarafından tarafımıza temin edilmiştir; kendisine en içten teşekkürlerimizi sunarız. Allah ondan razı olsun!
مۇئەللىفنىڭ تولۇق ئىسمى ۋە نىسبىتى: داموللا نىزامۇددىن ئىبنى قازىكالان ناسىرۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم ئىبنى موللا باباقشاھ ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي
تەخەللۇسى: نىزامىي
تەۋەللۇدى: شەرقىي تۈركىستان ، غۇلجا. ھ. 1266 / م. 1850.
ۋاپاتى: شەرقىي تۈركىستان ، ياركەند. ھ. 1320 / م. 1902.
داموللا نىزامۇددىن ئىبنى قازىكالان ناسىرۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم ئىبنى موللا باباقشاھ ئاخۇنۇم غۇلجاۋىي
(ھ. 1266 – 1320/ م. 1850 – 1902)
ناھايىتى مول ۋە قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلارنى قالدۇرغان شائىر موللا نىزامۇددىن ھ. 1266 / م. 1850 – يىلى غۇلجىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئىلىدا 40 يىلدىن ئارتۇق قازىلىق قىلغان. ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ناسىرۇددىن ئەئلەم ئىدى. مەنبەلەرگە قارىغاندا، بالىلارنىڭ ئۈچىنچىسى بولغان ناسىرۇددىن قازىكالاننىڭ دادىسى باباشاھ ئاخۇنۇم ھ. 1150 / م. 1740 – يىلى كونا تۇرپاندىن ئىلىغا كۆچۈپ كەلگەن.
موللا نىزامۇددىن ئاخۇنۇمنىڭ ئائىلىسى ۋە دادىسى ناسىرۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم ھەققىدە شائىر موللا بىلال نازىم ئۆزىنىڭ «غازات دەر مۈلكى چىن» داستانىدا خېلى كۆپ مەلۇماتلارنى تېزىپ قالدۇرغان:
«كى قازى كەلان ناسىرۇددىن دەلېر،
نەدۈركىم دەلېر چۈن ئىدى شىرگىر.
كى فەرزەندىدۇر فەخرۇددىن نەۋجەۋان،
كى دەۋۋۇم نىزامۇددىن فەرزەندى جان.
ئىككى ئوغلى كامىل ئىدى ئىلم ئارا،
كى ئىلىم ئارا ئەقلى تېز ھىلم ئارا.
ئاتا گۈل ئىدى، ئىككىسى غۇنچەسى،
ئاتادۇر سەدەف، ئىككىدۈر يۇمچەسى.»
موللا نىزامۇددىن ئاخۇنۇمنىڭ ئۈچىنچى پەرزەنت ئىكەنلىكى، تاھىر ئاخۇنۇم، فەخرۇددىن ئاخۇنۇم ئىسىملىك ئىككى ئاكىسى ۋە دىلەيسىخان ئايىم ئىسىملىك سىڭلىسى بولغانلىقى مەلۇم.
شائىر موللا بىلالنىڭ تاھىر ئاخۇنۇمنى تىلغا ئالمىغىنىغا قارىغاندا، بۇ ئائىلىدىكى چوڭ ئوغۇل بولغان تاھىر ئاخۇنۇم سەل ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسا كېرەك.
بېلىملىك ئىلىملەرنى مۇكەممەل ئىگىلىگەن ناسىرۇددىن قازىكالان تۈرلۈك زۇلۇملارغا چىداشقا تاقىتى قالمىغان، ھۆرلۈك، مۇستەقىللىككە تەشنا بولغان خەلقنىڭ خىتتاي مۇستەبىد ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىلىشىغا پەتىۋا بېرىدۇ. قوزغىلاڭنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرىدىن بىرى بولىدۇ. بۇ قوزغىلاڭغا پۈتۈن ئىلى خەلقىنىڭ ھەممىسى قاتنىشىدۇ. يېتۈك ئۆلىما ناسىرۇددىن قازىكالاننى شائىر بىلال نازىم ناھايىتى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ. چەكسىز مۇھەببەت بىلەن تەسۋىرلەيدۇ:
«چىرايىغا باقساڭ ئېرۇر تازە گۈل،
ھەممە گۈل چىرايلار ئېرۇر ئاڭا قۇل.
تەكەللۇم زەمانىدا سۆزلۈك ئېرۇر،
يۈزى گۈل سىفەت، ئاھۇ كۆزلۈك ئېرۇر.
ساقىلى ئۇنىڭ مىسلى كافۇر ئېرۇر،
يۈرەكلىك زەباندار، بەھادىر ئېرۇر».
ئەمما، 40 يىللار قازىلىق ئورنىدا ئولتۇرۇپ، خەلقنىڭ چەكسىز ھۆرمىتىگە، ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن بۇ جامائەت ئەربابىنىڭ تەقدىرى پاجىئەلىك يوسۇندا ئاخىرلىشىدۇ:
بايانداي قەلئەسىنى ئېلىش جېڭى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پەيتتە قازىكالان ناسىرۇددىن ئەئلەم سېتىلغان مەزەمزاتنىڭ سۇيىقەستىنى سېزىۋالمىغانلىقتىن، مۇقىم رەھبەرلىكنىڭ بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، يىغىنغا قازى ناسىرۇددىن ئەئلەم ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مەزەمزاتنى «سۆلتان مەزەمزات» ئۇنۋانى بىلەن خان قىلىپ تىكلەيدۇ. ئابدۇرۇسۇل بەگ ئەمىرلەشكەر (ھەربىي قوماندان) بولۇپ تەيىنلىنىدۇ.
بۇ يىغىندا سۇلتاندىن تارتىپ يۈز بېشىغىچە ھەممە مەنسەپدارلار تەيىنلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىلىدا دىن بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن «ئىلى سۇلتانلىقى» قۇرۇلىدۇ.
لېكىن، بەزى قارانىيەت كىشىلەرنىڭ سۈيىقەستى بىلەن قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇرۇسۇل بەگ مىللىي مۇناپىقلارنىڭ خائىنلىق قىلىش نەتىجىسىدە سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈپ يېتۈك ئۆلىما، يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە زات قازى موللا ناسىرۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم قاماققا ئېلىنىدۇ ۋە ھ. 1282 / م. 1865 – يىلى كۆرە شەھرىنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشىدا مىللىي مۇناپىقلار موللا ناسىرۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇمنى شەھىدانە قەتل قىلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق موللا بىلال نازىم ئۆزىنىڭ «غازات دەر مۈلكى چىن» داستانىدا خېلى تەپسىلىي مەلۇماتلار باردۇر.
مەزكۇر ۋاقىئەلەر تۈپەيلى نىزامۇددىن ئاخۇنۇم 15 يېشىدا دادىسى ۋە ئاكىلىرىدىن ئايرىلىپ، ئانىسى ۋە سىڭلىسى بىلەنلا قالىدۇ. شەمسۇددىن ئاخۇنۇمنىڭ قىزى ھەلىمەخانغا ئۆيلىنىدۇ ۋە موللا ئەلى ھاجىمدا ئۈچ يىل ئوقۇپ ساۋادىنى چىقىرىدۇ. كېيىن ئىلى سۇلتانى ئەلاخان سۇلتان ئۇنى چاقىرتىپ موللا مەسئۇد مۇفتىي ئاخۇنلۇقۇمغا شاگىرتلىققا تاپشۇرىدۇ. ھ. 1290 / م. 1873 – يىلى ئىلى رۇس قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن ھ. 1292 / م. 1875 – يىلى مۇفتى ئەلەم ئاخۇنلۇقۇم ھەج سەپىرىگە چىقىپ جىمى تالىبلارنى موللا نىزامۇددىنغا تاپشۇرغان. موللا نىزامۇددىن تالىبلارنى يېتىشتۈرۈپ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىلىدىكى قەدىمىي مەدرىسىلەرنىڭ بىرى بولغان «ئاخۇنۇم مەدرىسى»دە ھ. 1300 / م. 1882 – يىلىغىچە داۋاملىق خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، ئىلى خەلقىنىڭ غەربىي تۈركىستانغا كۆپلەپ ھىجرەت قىلىشى نەتىجىسىدە موللا نىزامۇددىن ھەم كۆپلىگەن خەلق بىلەن ياركەند شەھرىگە ھىجرەت قىلغان. ئۇ يەردىمۇ دادىسىنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تاكى ۋاپاتىغىچە مۇدەررىسلىك قىلىش بىلەن بىرگە ئەئلەم ئاخۇن قازى شەرئىي بولۇپ تۇرغان ۋە قازىلىق ۋە شەيخلىك بىلەن خەلق ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. ئۇ ئوقۇتۇپ يېتىشتۈرگەن شاگىرتلار قاتارىدا مۇتەئالىي خەلپىتىم، باھائۇددىن مۇسابايۇفلارمۇ بار.
ئۇ زات ياركەندتىن ئالمۇتاغىچە بولغان يۇرتلاردا ھەممىگە شەرىئەت تەلىملىرىنى بېرىپ، ھەممىنىڭ ئۇستازى (ئۇستازى كۇل) بولغان. ھ. 1320 / م. 1902 – يىلى ياركەندتە ۋاپات تېپىپ، شۇ يەرگە دەفن قىلىنغان. ئاللاھ بۇ زاتقا ئۆز پەزلىدىن رەھىم قىلغاي!
نىزامۇددىن ئاخۇنۇم ھ. 1320/ م. 1902- يىلى 52 ياشقا كىرگەندە ۋاپات بولغان شائىر ئۆلىما نىزامۇددىن ئاخۇنۇمنىڭ خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئۇنىڭ زامانداشلىرىمۇ تىلغا ئالغان. مەسىلەن، ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد ساپانىڭ ئەسلىمىلىرىدە: «نىزامۇددىن ئاخۇنۇم ئادىل، مەرىپەتلىك، خەلقپەرۋەر زات بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئىلىم – مەرىپىتى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن» دېيىلىدۇ.
موللا بىلال نازىم نىزامۇددىن ئاخۇنۇمنىڭ كەڭ پىكىرلىك، سىياسىي ساۋادى يۇقىرى، ئىلىمگە قىزىققانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ 1875 – يىلى «مەسئۇد ئاخۇنۇم» ھېكايىسىنى يېزىپ قالدۇرغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
نىزامۇددىن ئاخۇنۇم قازىلىق ۋە مەدرىسە خىزمىتى بىلەن بىرگە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ «ھېكمەت نىزامۇددىن» ناملىق بۇ ئەسەرىنىڭ ئاخىرىدا «ھىجرىيە 1318، 5 – رەجەب يەكشەنبە يېزىپ تاماملاندى» دېيىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئۇ ئەسەرنىڭ م. 1900، 28 – ئۆكتەبىر يېزىلغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
نىزامۇددىن ئاخۇنۇم ئۇنىڭدا ئىسلام ئەقىدىسى، ئەخلاق، تەربىيە، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىنسانىي قىممەتلەر ھەققىدە پىكىرلەر بايان قىلىنغان.
ئۇنىڭ يەنە بىر قىسىم ئەسەرلىرىمۇ مەنبەلەردە تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە «قازىكالان نىزامۇددىن» نامى بىلەن تونۇلغان ئەسەرلەر بار. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە دىنىي بىلىملەر، ئەخلاق، ئادالەت، ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەر ۋە جەمئىيەت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈنگەن.
1918-يىلىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قايتا نەشر قىلىنىپ، 1920-يىللاردا كاشىغەر ۋە باشقا جايلاردا تارقالغان. ئۇنىڭ يازغانلىرى كېيىنكى ئەۋلادلارغا تەسىر كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭ ئەدەبىي مىراسى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۆگىنىلىپ كەلمەكتە. تەتقىقاتچىلار ئۇنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئىسلامىي مەرىپەت تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ.
نىزامۇددىن ئاخۇنۇمنىڭ ئۈچ ئايالى بارلىقى مەلۇم. ئۇلارنىڭ بىرى شەمسۇددىن ئاخۇنۇمنىڭ قىزى ھەلىمەخان ئاپپاقىم. ئىككىنچىسى ھۆرنىساخان ئاپپاق، ئۈچىنچىسى ئەلاباي ھاجىمنىڭ قىزى بۇۋى مەريەمدۇر.
نىزامۇددىن ئاخۇنۇمنىڭ بۇۋى مەريەمدىن سالاھۇددىن مەخسۇم ۋە زىيائۇددىن مەخسۇم ۋە ۋاپاخان خەلىپەم ئىسىملىك ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى، ئايىم بۇۋى ئىسىملىك بىر قىزى بولغان.
نىزامۇددىن ئاخۇنۇم قازىلىق ۋە مۇدەررىسلىك خىزمەتلىرىنى قىلىش بىلەن بىللە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، دىن، تەسەۋۋۇپ، پەلسەپە، ئىشق – مۇھەببەت تېمىلىرىدا ناھايىتى كۆپ شېئىرلارنى يازغان. ئۇنىڭ 1200 دىن ئاشىدىغان غەزەل كىرگۈزۈلگەن «ھېكمەتى نىزامۇددىن» دېگەن نام بىلەن سەرلەۋھەلەنگەن توپلىمى 1900 – يىلى خەتتات ئەمىرۇددىن ھاپىز تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەن.
(ئەسەرنىڭ ۋەتەندە ساقلانغانبىر نۇسخىسى ۋەلىباي يولداشۇپنىڭ چوڭ ئاكىسى مۇھەممەد شاگەنىڭ ئوغلى قاسىمخان يولداشۇپنىڭ باشچىلىقىدا مەتبەئەدە بېسىلغان. ئەمما، كىتاب نەشردىن چىققان ۋاقىتتا نىزامۇددىن ئاخۇنۇم بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز كۆز يۇمغانىدى. بۇ چاغدا نىزامۇددىن ئاخۇنۇمنىڭ ئوغلى سالاھۇددىن مەخسۇم تۆت ياشتا بولغاچقا، دادىسىنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋالىدىن، جۈملىدىن نەشر قىلىنغان كىتابىدىنمۇ پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ كىتاب قولدىن – قولغا كۆچۈپ، 1918 – يىلىدىكى قالايمىقانچىلىق مەزگىللىرىدە ياركەندتە چۇلۇقايلىق قايىمبېك ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئۆيىدە بايقالغان. 1920 – يىلى يەنە چۇلۇقايلىق مەغپىر قازى زىكرىيا ئىسىملىك بىر كىشى بۇ كىتابنى قولغا چۈشۈرگەن. كىتاب قولدىن-قولغا ئۆتۈش جەريانىدا باش ھەم ئاخىرقى بەتلىرى پەرسۈدە بولغان ۋە قالغان قىسمىمۇ ناھايىتى كونىراپ كەتكەن. 1970 – يىلى نىزامۇددىن ئاخۇنۇمنىڭ ئوغلى سالاھۇددىن مەخسۇمنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن بۇ كىتاب ئابدۇلمەجىد قارىم تەرىپىدىن ئۈچ بۆلەككە ئايرىپ رەتلىنىپ، ئۈچ جىلد قىلىپ تۈپلەنگەن. بۇ كىتاب ھازىرمۇ ئۈچ جىلد ھالىتىدىدۇر.)
ئەسەرنى يورۇقلۇققا چىقىرىش، تەتقىق قىلىشتا قىرغىزىستان – تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتى ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. «ھېكمەتى نىزامۇددىن»نىڭ 1 – جىلدى قىرغىزىستان – تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتى تۈركولوگىيە ئاساسىي پەنلەر بۆلۈمىدىن ئايخان چەلىكباي تەرىپىدىن دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيىسى قىلىپ تەتقىق قىلىنغان.
2 – جىلدى بولسا فارۇق ئۆزتۈرك، مىرزات راكىمبەك ئوغلى، كالىبەك توكتۇمۇرادوف ۋە باكتىگۈل چىنىبايېۋا، 3 – جىلدىنىڭ دەسلەپكى 45 ۋارىقى ۋېنېرە تۇراتبەك قىزى تەرىپىدىن مەكتەپ پۈتكۈزۈش دىسسىرتاتسىيەسى سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنىپ، مەتىنلىرى بىلەن قوشۇلۇپ نەشر قىلىنغان. قالغان قىسىملىرىمۇ تۈركولوگىيە بۆلۈمىدىن سەمىھ باباتۈرك، رەجەپ يۆرۈمەز، پاتىمە دەرۋىشىۋا، يۇلتۇز كۆلىيېۋا، ئەلدار چىنگارايېنى تەرىپىدىن دىسسېرتاتسىيە ماقالىسى سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، دوكتور، پروفېسسور ئايخان چەلىكباي تەرىپىدىن يېزىلغان «نىزامۇددىن ئاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ ‹ھېكمەتى نىزامۇددىن› ناملىق ئەسىرى» ناملىق ماقالە ۋە «ھېكمەتى نىزامۇددىن»نىڭ 1 – تومىدىن تەييارلانغان تۆت پارچە غەزىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ – جۇغراپىيە فاكۇلتېتى تەرىپىدىن چىقىرىۋىلۋاتقان «بۈگۈنكى زامان تۈركچىلىك تەتقىقاتلىرى» ناملىق مەجمۇئەنىڭ 8 – جىلد 2- سانىنىڭ (2011، 6 – ئايدا چىققان) 134 – 144 بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان.
ئەسەرنىڭ بېشىغا مۇئەللىف موللا نىزامۇددىنىڭ ئۇزۇن تەرجىمىھالى ۋە ئائىلىسىنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە تالىبلىرىنىڭ تىزىملىكى ئىلاۋە قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئىلاۋەنى تارىخچى ئەلى ئاخۇن ئىبنى ئەمىن ئاخۇن ھىجرىيە 1354، 1 – زۇلھەججە يەكشەنبە كۈنى سالاھۇددىن ناسىرىينىڭ تەلىۋىگە بىنائەن يازغان.
بۇلاق ژورنىلى 2013، 2-3 سانلىرىدا بۇ زات ھەققىدە ماقالە ئىلان قىلىنغان:
https://www.maqale.uyghurkitap.com/makale-f28ee023d3bb2c1c09bc
«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! حمل الآن Download now
بۇ يەردىن:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مۇختەسەرۇ ئۇسدىل غابە فىي مەئرىفەتىس سەھابە/مختصر أسد الغابة في معرفة الصحابة (ئىبنۇلئەسىرنىڭ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…