شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز / الأمير بهرام والأميرة خُنريز

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا «خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە» دەپ يېزىلغان. ئەمما كۇتۇپخانا تىزىملىكىدە يۇقىرىقىدەك » شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز» دېيىلگەن)

تۈر: ئەدەبىي داستان.

ۋاراق سانى: 80 (160 بەت)

قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر بەت 9 – 13 قۇر ئېنىق خەتلەر بىلەن يېزىلغان چاغاتايچە تولۇق قوليازما. ئەسەر ھ. 1311، 10 – رەجەب (م. 1894، 6 – يانۋار)، چارشەنبە كۈنى تاماملانغان.

باشلىنىشى: بسم الله الرحمن الرحيم

حكايت اتماك كرك عاديل شاھ ديب بر پادشاھ نينك عصمت پردەسى اچرە بر قزى بار ايردى. انداغ آفتاب طلعت مشترى سعادت ساج لارى فتلە فتلە زلفهالارى چىن چىن، حلقە حلقە اول مليكە نينك آطينى مليكە خونريز دير ايردلار.

ئاخىرى: خطبة نكاح اوقوديلار حضرت خضري عليه السلام يميت قول واش بولدى لار. بر بر لارينى

مبارك بادليق قليب غايب بولدى لار. ايكى اويلان كام ديل حاصيل قليب بر قايداق مشكل مسئلە لار كە جواب برديلار. والله أعلم بالصواب. تم كتاب.

(ئەسكەرتىش: داستان بۇ يەردە تاماملانغان بولۇپ، ئاخىرقى بىر يېرىم بەت مۇئەللىفنىڭ تۈرلۈك خۇي – مىجەزدىكى ئاياللارنىڭ ئاتىلىشى ھەققىدىكى قوشۇمچىسى بولسا كېرەك. دىققەت قىلىنغاي!)

…تولا ييسە كالا ديدور، آز يسە نان يماس دور، ايش قلسە دنيا فرەس ديدور، ايش قلماسە ھورون ديدور، تولا فل خرج اسە اوغرى ديدور، فل خرج قلماسە بخل ديدور. والله أعلم بالصواب. سنە 1311 ما رجب نينك اونونجى چهارشنبە كونى.

قوليازما ساقلانغان ئورۇن:

بېرلىن ۋىلايەت كۇتۇپخانىسى

Staatsbibliothek zu Berlin – Preußischer Kulturbesitz

PPN848724364. Ms. or. oct. 1666

مۇئەللىف بۇ داستاندا چىن پادىشاھى خاقانىنىڭ ئوغلى شاھزادە بەھرام بىلەن ئادىل پادىشاھنىڭ قىزى مەلىكە خۇنرىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ۋاقىئەلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋىسالغا يېتىش يولىدىكى ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرىنى ھەمدە ئاخىرىدا شاھزادە بەھرامنىڭ ئىمان ئېيتىپ مەلىكە بىلەن نىكاھلىنىشى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇرات – مەقسەتكە يەتكەنلىكلىرىنى نەسرىي ۋە شېئىرىي ئۇسۇلدا بايان قىلغان. داستان بەھرام بىلەن مەلىكە ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەس، بەلكى خىزىر بىلەن مەلىكە ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگقا مەركەزلەشكەن.

داستاننىڭ مۇئەللىفى ھەققىدە مەلۇمات يوق.

ئالاقىدار تەتقىقاتلار:

GÜLŞAH ALTIN: Geç Dönem Çağatay Türkçesiyle Yazılmış Şehzade Behram ve Melike Hunriz Hikâyesi. YÜKSEK LİSANS TEZİ. İSTANBUL ÜNİVERSİTESİ

SOSYAL BİLİMLER ENSTİTÜSÜ

TÜRK DİLİ VE EDEBİYATI ANABİLİM DALI. 2021.

https://nek.istanbul.edu.tr/ekos/TEZ/ET003302.pdf

***

اسم المخطوطة: الأمير بهرام والأميرة خُنريز (كذا في قيد المكتبة. لكن كتب في الغلاف الأمامي للمخطوطة: «خضر عليه السلام والأميرة».)

الفن: الملاحم الأدبية.

عدد الأوراق: 80 (160 صفحة)

وصف النسخة: كل صفحة 9 – 13 سطر بخط واضح باللغة التركية الجغتائية. وقد تمت كتابتها يوم الأربعاء 10 – رەجەب 1331 ھ. (الموافق 6 يناير 1894م).

أولها: بسم الله الرحمن الرحيم

حكايت اتماك كرك عاديل شاھ ديب بر پادشاھ نينك عصمت پردەسى اچرە بر قزى بار ايردى. انداغ آفتاب طلعت مشترى سعادت ساج لارى فتلە فتلە زلفهالارى چىن چىن، حلقە حلقە اول مليكە نينك آطينى مليكە خونريز دير ايردلار.

آخرها: خطبة نكاح اوقوديلار حضرت خضري عليه السلام يميت قول واش بولدى لار. بر بر لارينى

مبارك بادليق قليب غايب بولدى لار. ايكى اويلان كام ديل حاصيل قليب بر قايداق مشكل مسئلە لار كە جواب برديلار. والله أعلم بالصواب. تم كتاب.

(ملحوظة: الملحمة تمت هنا. لعل ما بعدها بصفحة ونصف إضافة للمؤلف في تسميات النساء مختلف الطباع. فليتنبه)

…تولا ييسە كالا ديدور، آز يسە نان يماس دور، ايش قلسە دنيا فرەس ديدور، ايش قلماسە ھورون ديدور، تولا فل خرج اسە اوغرى ديدور، فل خرج قلماسە بخل ديدور. والله أعلم بالصواب. سنە 1311 ما رجب نينك اونونجى چهارشنبە كونى.

مكان النسخة المخطوطة:

مكتبة برلين الحكومية

Staatsbibliothek zu Berlin – Preußischer Kulturbesitz

PPN848724364. Ms. or. oct. 1666

دراسة ذات علاقة:

GÜLŞAH ALTIN: Geç Dönem Çağatay Türkçesiyle Yazılmış Şehzade Behram ve Melike Hunriz Hikâyesi. YÜKSEK LİSANS TEZİ. İSTANBUL ÜNİVERSİTESİ

SOSYAL BİLİMLER ENSTİTÜSÜ

TÜRK DİLİ VE EDEBİYATI ANABİLİM DALI. 2021.

https://nek.istanbul.edu.tr/ekos/TEZ/ET003302.pdf

«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! حمل الآن Download now
بۇ يەردىن:

«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (29) شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز/ الأمير بهرام والأميرة خُنريز»pdf

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (28) تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…

4 كۈن ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (27) «شەرقىي تۈركىستان ھاياتى گېزىتى/ جريدة حياة تركستان الشرقية

دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…

5 كۈن ago

«ساجىيە»دىن چۈشۈرۈۋېلىڭ! «ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى»pdf سۈزۈك نۇسخىسى

«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! Download now بۇ يەردىن: «ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى» pdf   نەشر ئۇچۇرى (CIP)…

1 ھەپتە ago

بۇ مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر قېرىندىشىمىز ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مال - دۇنياسى مەلۇم مىقداردا نەق…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (26) رىسالەتۇ مەنشۇرىل ۋىلايە/ رسالة منشور الولاية

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: رىسالەتۇ مەنشۇرىل ۋىلايە فى ئىسباتىز زىكرى بىل جەھرى بىددەلائىلىن نەقلىييە ۋەلئەقلىييە ئەلمۇفىيدە…

3 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: جاھاننامە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر…

1 ئاي ago