«ساجىيە»دىن چۈشۈرۈۋېلىڭ! «ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى»pdf سۈزۈك نۇسخىسى

«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! Download now
بۇ يەردىن:
«ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى» pdf

 

نەشر ئۇچۇرى (CIP) Ebu Zehra / İslamî Mezhepler Tarihi

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى/ تاريخ المذاهب الإسلامية؛ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىمىسى؛ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى 1 – نەشرى 1 – بېسىلىشى (ئىستانبۇل)، ھ. 1445/م. 2420؛ جەمئىي 1008 بەت.

خەلقئارالىق ئۆلچەملىك كىتاب نومۇرى: ISBN 978-1-959-397-40-0

I ① ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى II ① ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە؛ ② مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي  III فىقھ / ئىسلام تارىخى — ئۇيغۇرچە Ⅳ ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى تەرجىمە ۋە تەئلىف ئەسەرلىرى – (7)

ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى / تاريخ المذاهب الإسلامية
للإمام محمد أبو زهرة / ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە
ترجمه إلى الأويغورية: محمد قاوول قاراخاني

 

ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە مۇئەللىف:
مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي تەرجىـــمە قىلـــــغۇچى:
ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى نەشــــــــــر قىلــــــغۇچى:
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ، ئە. توققۇزئوغۇز مۇھەررىرى:
ئابدۇۋەلى ئابلىز، مۇھەممەد بارات كـــوررېــــــــكتـــــــــورى:
ئا. ئاقھۇن مۇقاۋا لايىھەلىگۈچى:
saciyeder@gmail.com
ئالاقىلىشىش ئادرېسى:
ھ. 1445/م. 2420 – يىلى 1 – نەشرى 1 – قېتىم بېسىلىشى (ئىستانبۇل)

نەشر ھوقۇقى «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»گە تەۋە، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ خاھلىغانچە كۆپەيتىپ تارقىتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ

 

تەرجىمە قىلغۇچىدىن
ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ (باشلايمەن)

 

جىمى ھەمدۇسانالار بىزنى توغرا يولغا يېتەكلىگەن ئۇلۇغ ئاللاھقا بولسۇنكى، ئاللاھ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپالمىغان بولاتتۇق. دۇرۇد – سالاملار سەرۋەرى ئالەم جانابى پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتى، ساھابەلىرى ۋە تا قىيامەتكىچە ئۇلارغا ياخشىلىق بىلەن ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

مەقسەتكە كەلسەك، شەيخ ئىمام مۇھەممەد ئەبۇ زەھرە رەھىمەھۇللاھ «ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى» ناملىق، ئوتتۇرا ھەجىملىك بۇ ئەسەرىدە ئىسلام مەزھەبلىرىنى سىياسىي، ئېتىقادىي ۋە فىقھىي دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىغان ھەمدە بۇ مەزھەبلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلغان ۋە ئۇنى ئىلاھىي قانۇنىيەت دەپ قارىغان. شۇنداقلا سىياسىي مەزھەبلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ تېگىنىڭ خەلىفەلىك مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ ئوخشىمىغان فىقھىي مەزھەبلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بايان قىلغاندىن باشقا كۆپچىلىك (جۇمھۇر) نىڭ قارىشىنى بايان قىلىپ، بەزى نۇقتىلاردا جۇمھۇر ئۆلىمالارغا قوشۇلغان بولسا، يەنە بەزىسىدە قوشۇلمىغان. بۇ سىياسىي ئىختىلاپ ئۆز نۆۋىتىدە ئەقىدىۋى ۋە فىقھىي مەزھەبلەر ئوتتۇرىسىدا قاراش ئوخشىماسلىقى بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن. لېكىن، شۇنىسى ئېنىقكى، بۇ مەزھەبلەر ئىچىدىكى پىرقەلەر يەنە باشقا پىرقەلەرگە شاخلاپ ماڭىدۇ ۋە بۇ پىرقەلەرنىڭ بەزىسى بەزىلىرى بىلەن مەلۇم نۇقتىدا كېلىشىپمۇ قالىدۇ. ئالايلۇق، ئون ئىككى ئىمام مەزھەبى ئەگەشكۈچىلىرى جەئفەرىي فىقھىسىنى تۇتىدىغان سىياسىي مەزھەبتۇر. ئەھلىسۈننەت مەنسۇبلىرىمۇ ئەشئەرىي ياكى ماتۇرىيدىي مەزھەبى بويىچە ئېتىقاد قىلىدىغان ھەنەفىي، شافىئىي، مالىكىي ياكى ھەنبەلىي قاتارلىق مەزھەبلەرنى تۇتىدۇ. سىياسىي مەزھەبلەر ئەقىدىۋى ۋە فىقھىي مەزھەبلەر بىلەن ئەنە شۇنداق گىرەلىشىپ كېتىدۇ.

بۇ قىممەتلىك ئەسەر فىقھىي مەزھەبلەرنى قۇرۇشتا ياكى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا رول ئوينىغان سەككىز مۇجتەھىد ئىمامنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئىجتىھاد ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىلىرى، ساھابە ۋە تابىئىن دەۋرلىرىدىكى ئىجتىھادنىڭ رولىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان. يەنە ئەھكاملارنىڭ مەقسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنى ئىخچام ۋە قولاي ئۇسلۇبتا ئۆز دەۋرىگە مۇناسىپ تىلدا بايان قىلغان.

شۇغىنىسى مۇئەللىف «ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى» دەپ ئاتىغان بۇ ئەسەرىدە ۋەقەلىكلەرنىڭ تارىخلىرىنى بەرمەيدۇ. يەنە خېلى كۆپ ئورۇندا مەنبەلەرنى تولۇق كۆرسىتىپمۇ كەتمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئىسلامىي پىرقە ۋە مەزھەبلەرنى تۈرگە ئايرىيدۇ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى، قاراشلىرىنى پەرقلىرى بىلەن بايان قىلىدۇ. (ئۆزىنىڭ كۆزقارىشى بويىچە) ئازغۇن پىرقەلەرنىڭ بۇزۇق ئېتىقادلىرىنى ھەم بايان قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۆزىلا مۇئەللىفنىڭ جىمى ئىسلامىي مەزھەبلەرگە ئەقىدە ۋە فىقھ جەھەتتىن چوڭقۇر شۇڭغىغان ئالىم ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.

شۇنىمۇ ئېيتىشقا بولىدۇكى، مۇئەللىفنىڭ «ئىسلام مەزھەبلىرى تارىخى» ناملىق بۇ ئەسەرى ئىسلام تارىخىغا، ئىلمى كالامغا ۋە تۈرلۈك فىقھىي مەزھەبلەرگە كىرىش باسقۇچىدا ئوقۇلۇشى زۆرۈر بولغان كىتابلار قاتارىدىندۇر. ئۇنىڭ مۇئەللىفىمۇ ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەقىدە، فىقھ، ئۇسۇلۇلفىقھ، تەفسىر، سىيرەت، دىنلارئارا سېلىشتۇرما تەتقىقات، ناتىقلىق، مۇنازىرە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك ئىلىملەردە كۆپلىگەن پايدىلىق ئەسەرلەرنى يازغان. ئاللاھ تائالا شەيخكە رەھمەت قىلغاي ۋە بىزنى ئۇنىڭ ئىلمىدىن نەپ ئېلىشقا نېسىپ قىلغاي! ئامىن.

بۇ يەردە ئۇشبۇ قىممەتلىك كىتابنى تەرجىمە قىلىشتا قوللانغان مېتودىمىزنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلىپ ئۆتۈشنى لايىق كۆردۈم:

بىرىنچى: ئەسلىگە سادىق بولۇش

مۇئەللىفنىڭ كىتابتا يەتكۈزمەكچى بولغان مەقسىتىنى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ئۆز پېتى يەتكۈزۈشنى ئېتىقاد نۇقتىسىدىن ئىلمىي ئامانەت دەپ تونۇپ، كىتابتىكى مەزمۇنلارنى، ئىلمىي ئاتالغۇلارنى ۋە ئىلمىي مەسىلىلەرنى توغرا رەۋىشتە چۈشىنىش ۋە مۇئەللىفنىڭ مۇددىئالىرىنى بىلىش ئۈچۈن، كىتاب ھەققىدە ئۇزۇن مەزگىل ئىزدەندىم. ئەسلى مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلدىم ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇستازىمدىن تەلىم ئېلىپ، كۆپ پايدا ئالدىم. شۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ تەۋپىقى ۋە ياردىمى بىلەن بۇ تەرجىمىدە مۇئەللىفنىڭ مەقسەتلىرىنى ئۆزگەرتمەستىن ئەينەن يەتكۈزگەن بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلىمەن، ئاللاھ مەدەتكاردۇر.

كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا 1996 – يىللىق 2 – باسمىسىدا بار بولغان 32 – بۆلەكتىن 40 – بۆلەككىچە توققۇز بۆلەك 2009 – يىللىق 3 – باسمىسىدا ئېلىۋېتىلگەن بولۇپ، تەكرارلىق يۈزىسىدىن ئېلىۋېتىلگەن بولسا كېرەك. ئەمەلىيەتتىمۇ تەكرارلىق باردەك. شۇڭا، تەرجىمىدە بۇ نۇقتىدا 2009 – يىللىق 3 – باسمىسى ئاساس قىلىندى.

يەنە بىرى، كىتابنى نەشر قىلغۇچىلار («دارۇلفىكر ئەلئەرەبىي») كىتابنىڭ تېكستلىرىنى ۋە نەقىللىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرمەي نەشر قىلغان بولۇپ، كىتابنىڭ تېكستلىرىدە بولۇپمۇ نەقىللىرىدە ئاز بولمىغان خاتالىقلارنى بايقىدىم ۋە قولىمىزدا بار بولغان ئىككى نۇسخىنى سېلىشتۇردۇم. ھالبۇكى، ئىككى نۇسخىدا بەزى كەلىمەلەردە ئازغىنە ئوخشاشماسلىق مەۋجۇد. شۇڭا، بۇ نۇقتىلاردا مۇلاھىزە يۈرگۈزدۈم ۋە كىتابتىكى نەقىللەرنىڭ كۆپىنى ئەسلى مەنبەلىرىگە مۇراجىئەت قىلىپ بېكىتتىم. شۇ خاتالىقلاردىن بەزىسىگە ئۆز ئورنىدا ھاشىيەدە ئىزاھات بەردىم.

ئىككىنچى: راۋان بولۇش

بۇنىڭ ئۈچۈن، تەرجىمە كىتابىمىزنىڭ ئىمكانقەدەر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۇيغۇن بولۇشىنى كۆزدە تۇتتۇم. لېكىن، گاھى يەرلەردە ئېھتىياج چۈشكەندە، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىمىزدىن بەزى سۆزلەرنى قوللاندىم ۋە ئىزاھات بەردىم. چۈنكى، ھازىرقى دىنىي تىلىمىزنىڭ مەنىلەرنى ئىپادىلەشتىكى كەمبەغەللىكى ۋە قۇرغاقلىقى مېنى شۇنىڭغا مەجبۇر قىلدى.

ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن كىتابىمىزنىڭ ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئىككى تەرىپى بار. ئەدەبىي تەرىپىنى ئاۋام ۋە خاۋاس(1) ھەممىسى چۈشىنەلەيدۇ. بۇ تەرەپ كىتابتىكى ۋەقە – ھادىسىلەرنىڭ بايانى، مەزھەبلەرنىڭ تەرەققىياتلىرى، مەزھەب ئەھلى بولغان ئۆلىما – فۇقەھائنىڭ تەرجىمىھاللىرى قاتارلىقلاردا ئەكس ئېتىدۇ. ئىلمىي تەرىپى بولسا، كىتابتا ئىلىم ۋە مەزھەبلەر تارىخىنىڭ بايانى سۈپىتىدە كۆپلىگەن ئىلمىي ئاتالغۇلار ۋە ئىلمىي مەسىلىلەر كەلگەن بولۇپ، بۇ سەۋەبلىك كىتابىمىزنىڭ ھەرگىزمۇ چۈشىنىكسىز بىر كىتاب بولۇپ قالمايدىغانلىقى ئۆز ساھەسىدە چۈشىنىش بوسۇغىسىدىن ئاتلىيالىغان ھەرقانداق بىر كەسىپ ئەھلىگە سىر بولمىسا كېرەك. چۈنكى، ھەر ئىلىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھلى بار. كىتابىمىزنىڭ بۇ تەرىپى مەزھەبلەرنىڭ مېتودلىرى، ھەر خىل قاراشلىرى ۋە مۇئەللىفنىڭ شۇ ھەقتىكى مۇھاكىمەلىرى، دەلىلگە تايانغان ئادىل، ئىلمىي باھالىرى، شۇنداقلا مەزھەبلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار ۋە شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى… قاتارلىقلاردا ئەكس ئېتىدۇ. مۇشۇ تەرەپ بۇ كىتابنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، بۇ كىتاب نۇرغۇنلىغان تارىخ كىتابلىرى قاتارىدا بۇ جەھەتتە روشەن جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، بۇ كىتاب بەزى تارىخ ۋە رومان كىتابلىرىدەك ۋەقە – ھادىسىلەرنىلا سۆزلىمەيدۇ، بەلكى ئىلىمنىمۇ سۆزلەيدۇ، ئىلىمدىن ئۇچۇر بېرىدۇ.

ئۈچىنچى: ئىلمىي ئاتالغۇلارنى ئۆز پېتى ئېلىش

ھەرقانداق بىر ئىلىمنىڭ ئۆزىگە خاس ئاتالغۇلىرى بار بولۇپ، شۇ ئاتالغۇلارنى زۆرۈرىيەت مىقدارىدا بىلىش شۇ ئىلىمنى چۈشىنىشنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ئىلمىي ئاتالغۇلار ھەر ئىلىم ئەھلى ئۆزلىرىنىڭ مۇددىئا ۋە پىكىرلىرىنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىدىغان ئىلىم تىلىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ كىتابىمىزدا كۆپلىگەن كالامىي، فىقھىي ۋە ئۇسۇلىي ئاتالغۇلار كەلگەن بولۇپ، بۇلار ئەسلى پېتى قالدۇرۇلۇپ، تەرجىمە قىلىنمىدى. چۈنكى، ئىلىم تىلى شۇنى تەقەززا قىلىدۇ. ھالبۇكى، شەرىئەتنىڭ ۋە پۈتۈن شەرئىي ئىلىملەرنىڭ تىلى ئەرەب تىلىدۇر. شۇ ۋەجدىن، قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىمىزمۇ ئوقۇ – ئوقۇتۇشلىرىدا ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلىرىدا بۇ ئاتالغۇلارنى شۇنداق قوللىنىپ كەلگەن. مۇبادا ئىلمىي ئاتالغۇلار يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇنى ئاۋاممۇ، خاۋاسمۇ چۈشەنمىسە، بىھۇدە ئىش بولىدۇ. ئۆز پېتى ئېلىنسا، ئاۋام چۈشەنمىسىمۇ، خاۋاس چۈشىنىدۇ. ئاۋامنىڭ چۈشەنمەسلىكى يوللۇق. چۈنكى، كەسپىي ئاتالغۇلارنى بىلىش ھەركىمگە شەرت ئەمەس.

تۆتىنچى: ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئەسلىنى ۋە تەرجىمىسىنى بىرگە كەلتۈردۈم. ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ، تەرجىمىنىلا بېرىشنى توغرا كۆرمىدىم. چۈنكى، شەيخۇلئىسلام مۇستافا سەبرىي رەھىمەھۇللاھ ئېيتقاندەك: «قۇرئان ئىلاھىي لەفزىي كالامدۇر، تەرجىمىلەر ئىنسانىي لەفزىي كالامدۇر»(2). بىر تىلدىن ئىككىنچى بىر تىلغا ئاغدۇرۇشتىن ئىبارەت تەرجىمە — بەندىنىڭ قىلمىشى بولغاچ، مەيلى قۇرئان تەرجىمىسى بولسۇن ياكى ھەدىس تەرجىمىسى بولسۇن، تەرجىمىدە خاتالىق ئېھتىمالى بولىدۇ، توغرا بولغان تەقدىردىمۇ، تەرجىمىدە بىر سۆزنىڭ بىرنەچچە خىل مەنىسىدىن بىرسىلا تاللىنىدۇ، قالغانلىرى تەرك ئېتىلىدۇ. خۇلاسە قىلغاندا، تەرجىمىنىڭ ناقىسلىقى ھەقىقەت. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئوقۇش – يېزىش ساۋاب ھەم بەرىكەتتۇركى، ھەرگىزمۇ بىھۇدىلىك ياكى تەكەللۇف ئەمەستۇر.

ئايەتلەرنىڭ تەرجىمىسىدە ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمنىڭ تەرجىمىسى قوللىنىلدى، بەك ئاز يەرلەردە مۇئەللىفنىڭ شۇ يەردىكى مۇددىئاسىغا ئۇيغۇن بولۇشى ئۈچۈن، تەفسىر كىتابلىرىدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلدىم. ئاندىن ھەدىسلەرنى تەرجىمە قىلىشتا مۆتىۋەر شەرھلەرگە مۇراجىئەت قىلدىم. ھەدىسلەرنىڭ تەخرىجىگە پەزىلەتلىك ئۇستازىمىز دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ ئالاھىدە ئىنايەت كۆرسەتتى، ئاللاھ ئەجر – مەرتىبەسىنى كاتتا قىلغۇسى.

بەشىنچى: ئىزاھلاش زۆرۈر بولغان ئاتالغۇلارغا تۇنجى كەلگەن يېرىدە ئاتالغۇنىڭ كىتابتا كېلىش تەرتىپى بىلەن ئاتالغۇنىڭ ئاخىرىدا ئۈستى تەرىپىگە، مەسىلەن مۇشەببىھە[ئىزاھات: 9] شەكلىدە نومۇر قويۇلۇپ، كىتابنىڭ ئاخىرىدىكى «كىتابتا ئۇچرايدىغان بىر قىسىم ئاتالغۇلارغا ئىزاھات» بابىدا مەنبەلىرى كۆرسىتىلگەن ئاساستا ئىزاھلاندى. ئىزاھاتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇستازىمىز دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ تەرىپىدىن تەييارلاندى.

ئالتىنچى: مۇئەللىف ئەسەرىدە خېلى كۆپ ئورۇندا مەنبەلەرنىڭ بەت نومۇرى ۋە نەشرگە ئالاقىدار مەلۇماتلارنى ناقىس ياكى پەقەت بايان قىلمىغان بولۇپ، قۇربىمنىڭ يېتىشىچە تېپىلغىنىنى تولۇقلاپ قويدۇم.

يەتتىنچى: كىتاب ئاخىرىدا ئىلمىي پايدىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، «كىتابنىڭ مەتنىدىكى ئەسەرلەر تىزىقى» بىلەن « كىتابنىڭ تەرجىمىسىدە پايدىلانغان ئەسەرلەر تىزىقى» بېرىلدى.

ئاخىرىدا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ پەزل – كەرەمى بىلەن بۇ ناجىزانە ئەمگىكىمىزنى خالىس ئەمەللەر قاتارىدا قوبۇل قىلىشىنى، بۇ كىتابنىڭ ئەسلىنى مەنپەئەتلىك قىلغاندەك تەرجىمىسىنىمۇ مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى، مۇئەللىفنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرىنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ رىزاسى ۋە ئالىي دەرىجىلىرىگە نائىل قىلىشىنى، مېنى ئىلىم يولىغا ئاتاپ ئوقۇتقان تۈۋرۈكۈم دادام ۋە مېھرىبان ئانامغا دائىما رەھمەت ۋە مەغپىرەتلىرىنى نازىل قىلىشىنى تىلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ زور ئىنايىتى ۋە ئىنچىكە تەھقىقى بىلەن كىتابنىڭ پۈتۈپ چىقىشىغا ۋەسىلە بولغان پەزىلەتلىك ئۇستازىمىز دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھقا تەشەككۇر ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە، زاتى شەرىپى ئۈچۈن جانابى ئاللاھتىن سالامەتلىك ۋە ئەجر ئەزىم تىلەيمەن، شۇنداقلا كىتابنى كۆزدىن كەچۈرۈپ قىممەتلىك مۇلاھىزىلىرىنى ئايىمىغان فىكرەت ئەلدەر قېرىندىشىمغىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن. ئاغزىمغا ئىلىم سالغان جىمى ئۇستازلىرىمغا، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ئىرشادى ۋە نۇرلۇق تەلىمى بىلەن ئىلىم بوسۇغىسىدىن ئاتلىشىمغا ۋەسىلە بولغان مۆھتەرەم مۇدەررىس ئۇستازىمىز مۇھەممەدئەلى نامانغا ھەمدە ھىجرەت ھاياتىمدا ماڭا قولداش بولغان ئەزىز ئائىلەمگە جانابى ئاللاھتىن مول رەھمەت ۋە مەغپىرەت تىلەيمەن… ئاللاھۇممە ئامىين!

 

مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

ھ. 1443، رامازان/م. 2022، ئاپرېل


1. خاۋاس: ئاۋامنىڭ قارىمۇقارشىسى بولۇپ، «خاس كىشىلەر، ئۇلۇغ زاتلار» دېگەن مەنىدە. قاراڭ: خەمىت تۆمۈر، ئابدۇررەئۇپ پولات: «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»، 263 – بەت، مىللەتلەر نەشرىياتى، م. 2016.
2. شەيخۇلئىسلام مۇستافا سەبرىي: «قۇرئاننى تەرجىمە قىلىش مەسىلىسى (مَسْأَلَةُ تَرْجَمَةِ الْقُرْآنِ)»، 47 – بەت، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، بېيرۇت.

admin@sajiye

Recent Posts

بۇ مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر قېرىندىشىمىز ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مال - دۇنياسى مەلۇم مىقداردا نەق…

1 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (26) رىسالەتۇ مەنشۇرىل ۋىلايە/ رسالة منشور الولاية

قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: رىسالەتۇ مەنشۇرىل ۋىلايە فى ئىسباتىز زىكرى بىل جەھرى بىددەلائىلىن نەقلىييە ۋەلئەقلىييە ئەلمۇفىيدە…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (25) ئاياز شىكەستە – جاھاننامە

قوليازمىنىڭ ئىسمى: جاھاننامە تۈر: تارىخىي داستان، ئەدەبىيات. ۋاراق سانى: 62 (124 بەت) قوليازمىنىڭ سۈپىتى: ھەربىر…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (24) موللا مۇسا سايرامىي –  تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى ھەمىدىي / تاريخ حَمِيدي تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. ۋاراق سانى: 207…

2 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (23) ئەللامە ئەھمەد ئىبنى ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئەلخوتەنىي- شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ بەدئۇل ئامالى/ شرح بدء الأمالي تۈر: ئەقىدە، تەۋھىد، كالام. ۋاراق سانى: 34…

2 ئاي ago

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم…

2 ئاي ago