بۇ مىراس قانداق تەقسىملىنىدۇ؟
سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. بىر قېرىندىشىمىز ۋاپات بولدى، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مال – دۇنياسى مەلۇم مىقداردا نەق پۇل، بىرنەچچە ئۆي، مەلۇم مىقداردا تىجارەت تاۋارلىرى ۋە باشقىلاردىن ئېلىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بىر ئايالى، تۆت ئەر ۋە بىر قىز بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى ۋارىسلىرىدۇر. بۇ 5 بىر تۇغقان ۋەتەندە. مەرھۇمنىڭ ئاتا – ئانىسى ياكى پەرزەنتى يوق. ئۇنداقتا، شەرىئەت بويىچە ئۇلارغا مىراس قانداق تەقسىم قىلىنىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
مەرھۇم قالدۇرغان مىراس: مەلۇم مىقداردا نەق پۇل، بىرنەچچە يۈرۈش ئۆي، مەلۇم مىقداردا تىجارەت تاۋارلىرى ۋە باشقىلاردىن ئالىدىغان ئېلىش قاتارلىقلار بولۇپ، مىراسخورلىرى: بىر ئايالى، دادا بىر، ئانا بىر تۆت ئەر قېرىندىشى ۋە دادا بىر، ئانا بىر بىر قىز قېرىندىشىدىن ئىبارەت.
بۇلار تۆۋەندىكىچە تەقسىم قىلىنىدۇ:
1) ئالدى بىلەن باشقىلارغا بېرىدىغان قەرزى ياكى بېرىلمەي قالغان زاكاتلىرى بولسا بېرىلىدۇ، ۋەسىيىتى بولسا ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا دەيدۇكى: ﴿(بۇ تەقسىمات) ۋەسىيەت قىلىنغان ۋەسىيەت بىلەن قەرز ئادا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن مىراسخورلارغا زىيان ئۇرمىغان ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاللاھ سىلەرگە ئەنە شۇنداق تەۋسىيە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 12). بۇ ئەھۋالدا ئايالى مىراسخور بولغاچقا، ئىددەت نەپىقەسى بېرىلمەيدۇ. ئايالى ئىددەت مەزگىلىدە خىراجەتلىرىنى مىراستىن قىلىدۇ.
2) مەرھۇمنىڭ پەرزەنتى بولمىغانلىقتىن، ئايالىغا پۈتۈن مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ. ئاللاھ تائالا دېدىكى: ﴿ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىسا، ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ، ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراستىن سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ﴾(4/«نىساﺋ»: 12).
3) مېيىتنىڭ دادا بىر، ئانا بىر ھەمشىرىسى بىلەن بىللە دادا بىر، ئانا بىر تۆت ئاكا – ئىنىسى ئاسىب تۇغقانلار بولۇپ، مېيىتنىڭ ئايالىغا پۈتۈن مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى بېرىلگەندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان مىراسنىڭ ھەممىنى بىر ئوغۇل ئىككى قىزنىڭ باراۋېرى بويىچە ئالىدۇ.
4) تەقسىمات قولاي بولۇشى ئۈچۈن، پۈتۈن مىراس 24 ئۈلۈشكە بۆلۈنۈپ، بۇنىڭ تۆتتىن بىرى بولغان 6 ئۈلۈشنى ئايالى ئالىدۇ. قالغان 18 ئۈلۈشنى تۆت ئوغۇل قېرىنداش ھەربىرى 4 ئۈلۈشنى، بىر قىز قېرىنداش 2 ئۈلۈشنى ئالىدۇ.
5) نەق مال، نېسى ئۆتنە ۋە ئۆي مۈلۈكنى بۆلۈشتە ئالدى بىلەن ئۆيلەرنىڭ باھاسى پىچىلىدۇ. ئاندىن مەزكۇر مىراسخورلار ئۆزئارا كېلىشىپ، بەزىلەر بىرەر ئۆينى، بەزىلەر مالنى، بەزىلەر نەق پۇل، بەزىلەر نېسى قەرزنى ئالسىمۇ بولىدۇ. كېلىشەلمىسە ئۈلۈشلەرگە بۆلۈنۈپ چەك تاشلاپ تەقسىملەنسە بولىدۇ.
6) بۇ يەردە يوق 5 قېرىندىشى ئۈچۈن بىر ئامانەتدار ۋەكىل تۇرغۇزۇلىدۇ. ۋەكىل ئۇلارنىڭ نېسىۋىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ۋە بۇنىڭغا گۇۋاھچىلار شاھىد بولۇپ ھۆججەت قالدۇرۇلىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1442، 21 – رەبىيئۇلئاخىر / م. 2020، 6 – دېكابىر
ئاۋازلىق نۇسخىسى:
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: مەئالىمۇ ئادابى ئۇلىل ئەلباب ۋە مەكارىمۇ ئەخلاقى زەۋىل ئەشۋاق/معالم آداب أولي الألباب…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تارىخى شاھ مەھمۇد جۇراس تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال، ئەدەبىي تەزكىرە. باشلىنىشى: الحمد للقادر العزيز…
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن! ئۆزلىرىنىڭ…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: شاھزادە بەھرام ۋە مەلىكە خۇنرىز (قوليازمىنىڭ ئالدى مۇقاۋىسىغا "خىزىر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەلىكە" دەپ…
قوليازمىنىڭ تولۇق ئىسمى: تاجۇس سەئادە ۋە ئۇنۋانۇس سىيادە/ تاج السعادة وعنوان السيادة (سائادەت تاجى ۋە ھۆكۈمدارلىق…
دىنىي، مىللىي، ئىلمىي، ئەدەبىي، ئەخلاقىي، سىياسىي گېزىتەدۇر ناشىرى: كاشغەر مائارىف دىينىيە نازارىتى كاشغەر ھۆكۈمەتى ئىسلامىيەسىنىڭ…