Categories: ماقالىلەر

رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر

ھىشام ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ئالتە ياش چېغىمدا نىكاھىغا ئالغان. ئاندىن بىز مەدىنەگە كېلىپ، ئەلھارىس ئىبنى خەزرەج جەمەتىگە چۈشتۇق. مەن تەپ كېسىلى بولۇپ قېلىپ، چاچلىرىم چۈشۈپ، ساقايغاندىن كېيىن چاچلىرىم تولۇق چىقىپ مۈرەمدىن ئېشىپ كەتتى. بىر كۈنى دوستلىرىم بىلەن ئىلەڭگۈچ ئۇچۇۋاتقىنىمدا، ئانام ئۇممۇ رۇمان كېلىپ مېنى چاقىرغان ئىدى، مەن ئۇنىڭ نېمە مەقسەت بىلەن چاقىرغانلىقىنى بىلمەستىن يېنىغا باردىم. ئانام قولۇمنى يېتىلەپ مېڭىپ، ھويلا دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە، بىر ئاز تۇرغۇزدى. مەن بەك ھاسىراپ كەتكەن ئىدىم. سەل دېمىمنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئانام قولىغا بىر ئاز سۇ ئېلىپ، باش – كۆزلىرىمنى سۈرتۈپ، ئاندىن مېنى ھويلىغا ئەكىردى. قارىسام ئۆيدە ئەنسار ئاياللار بار ئىكەن، ئۇلار: ‹ياخشىلىق، بەرىكەت ۋە ئامەت يار بولغاي!› دېدى. ئانام مېنى ئۇلارغا تاپشۇرۇۋىدى، ئۇلار مېنى (يۇيۇپ – تاراپ) ياساپ قويدى. باشقا بىنورمال ئەھۋال بولمىدى، پەقەتلا چاشگاھ ۋاقتىدا كىرىپ كەلگەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەملا مېنى چۆچۈتۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنى رەسۇلۇللاھقا تاپشۇرۇپ بەردى. مەن شۇ چاغدا توققۇز ياشلىق قىز بالا ئىدىم».(«سەھىھەين»).

يەنە بىر ھەدىستە ھىشامدىن، ئۇ ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن سۆزلەپ بەردىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغان. كېيىنچە توققۇز ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭغا يۆتكەپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ بىلەن بىللە توققۇز يىل تۇرغان».(«سەھىھەين»).

يەنە بىر ھەدىستە ھىشامدىن، ئۇ ئاتىسىدىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن سۆزلەپ بەردىكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە ياش چېغىدا نىكاھىغا ئالغان. كېيىنچە توققۇز ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭ بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغان. ئۇنىڭ بىلەن بىللە توققۇز يىل تۇرغان».(«سەھىھەين»).

بۇ ھەدىسنى ھىشام ئاتىسى ئۇرۋەدىن، ئۇ ھاممىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، بۇنى يالغۇز ئۇرۋەلا رىۋايەت قىلمىغان، بەلكى ئەلئەسۋەد ئىبنى يەزىد، ئەلقاسىم ئىبنى ئابدۇرراھمان، ئەلقاسىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرى، ئەمرە بىنتى ئابدۇرراھمان، يەھيا ئىبنى ئابدۇرراھمان ئىبنى ھاتىب قاتارلىقلارمۇ ئۇرۋەگە ئوخشاش رىۋايەت قىلغاندۇر. سەنە ئىبنى شىھاب ئەززۇھرىي، ئۇرۋەنىڭ ئازادگەردىسى مەيمۇن قاتارلىقلارمۇ ھىشامغا ئوخشاش ئۇرۋەدىن رىۋايەت قىلغاندۇر. ھىشامدىن بىر كىشىلا ئەمەس، بەلكى يەنە مەدىنەلىك زاتلاردىن ئەبۇززىناد، ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇرراھمان ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى يەھيا ئىبنى ئۇرۋەلەر، مەككەلىك زاتلاردىن سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە، رەيلىكلەردىن جەرىر ئىبنى ئابدۇلھەمىد، بەسرەلىكلەردىن ھەمماد ئىبنى سەلەمە، ھەمماد ئىبنى زەيد، ۋۇھەيب ئىبنى خالىد ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغاندۇر.

توققۇز ياشتا بىر ياستۇققا باش قويغانلىقنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن شۇنداقلا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆرگەن باشقىلاردىنمۇ ئىمام ئەھمەد (25810) رىۋايەت قىلغان. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن ئىمام بۇخارىي ۋە مۇسلىمدىن باشقا ئىمام ئەھمەد (24911)، ئەبۇ داۋۇد (4937)، نەسائىي (3378)، ئىبنى ماجە (1876)، دارىمىي (2261)، ئەبۇ يەئلا (4600) ۋە باشقا ئىماملارمۇ رىۋايەت قىلغاندۇر.

دېمەك، بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىگە ۋە مەزمۇنىنى جىمى تارىخشۇناسلار بىردەك توغرا دەپ قارىغانلىقىغا قىل سىغمايدۇ.

بۇ ۋە بۇنىڭدىن باشقا سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئېنىق ئىسپاتلانغان ھەقىقەت شۇكى، «خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنەگە ھىجرەت قىلىپ چىقىشتىن ئۈچ يىل ئىلگىرى ۋاپات بولغان بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ئىككى يىل ياكى شۇنىڭغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە، ئالتە ياشتىكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى نىكاھىغا ئالغان. كېيىن ئۇ توققۇز ياشقا كىرگەندە، ئۇنىڭ بىلەن بىر تەكىيگە باش قويغان»(بۇخارىي: 3896؛ مۇسلىم 1422). نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا 18 يېشىدا (تۇل) قالغان. (بۇخارىي: 3896؛ مۇسلىم 1422).

ئالىملار بۇ ھەقتە باشقىچە قاراش يوقلۇقىنى بۇرۇندىنلا بايان قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئىمام ئىبنى كەسىر (ھ. 701 – 774 / م. 1301 – 1373) بۇ ھەقتە: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئالتە يېشىدا نىكاھىغا ئېلىپ، توققۇز يېشىدا بىر ياستۇققا باش قويغانلىقى ئالىملار ئوتتۇرىدا قاراش ئوخشماسلىقى يوق مەسىلەدۇر. بۇ سەھىھ توپلاملاردا ۋە باشقا ھەدىس توپلاملىرىدا ئىسپاتلانغاندۇر» دېگەن(ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 3/161). ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىمام ئىبنى ھەزم (ھ. 384 – 456 / م. 994 – 1064) ۋە ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەر (ھ. 368 – 463 / م. 978 – 1071) قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭ ئېنىق ۋە مەشھۇر، تارىخچىلار ۋە ئالىملار ئوتتۇرىدا دەتالاش ئوبيېكتى بولۇپ باقمىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەندۇر (ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 9/460؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىيئاب»، 4/1881).

تارىخچىلارنىڭ يەكۈنى بويىچە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن 10 يىل بۇرۇن تۇغۇلغان ئانا بۆلەك ئاچىسى ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن 14 ياكى 15 ياش، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە پەيغەمبەرلىك كېلىشتىن بۇرۇن تۇغۇلغان فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن 5 ياش كىچىك بولۇپ، ئائىشە رەسۇلۇللاھ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىپ 4 ياكى 5 يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان. ئاتىسى ئەبۇبەكرى ھەبەشىستانغا (ئىككىنچى قېتىمدا) ھىجرەت قىلغاندا 5 ياش ئەتراپىدا، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نىكاھلانغاندا 6 ياشتىن نەچچە ئاي ئۆتكەن بولۇپ، رەسۇلۇللاھ ھىجرەت قىلغاندا 8 يېشىدا، ھىجرەتتىن 8 ئاي ئۆتۈپ بىر ياستۇققا باش قويغاندا توققۇز يېشىدا، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندا 18 يېشىدا، ھ. 58 – يىلى ئۆزى ۋاپات بولغاندا 63 يېشىدا ئىدى. (نەۋەۋىي: «تەھزىبۇل ئەسماﺋ»، 2/13، زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 2/193؛ ئىبنى ئابدۇلبەر: «ئەلئىستىيئاب»، 4/1783؛ ئىبنى ھەجەر: «ئەلئىسابە»، 7/487).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات بولغاندا 18 يېشىدا قالغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسى (مۇسلىم 1422) مۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغاندا توققۇز يېشىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

لېكىن، يېقىنقى ئىككى ئەسىر مابەينىدە خرىستىئان مىسسىيونېرلىرى ۋە ۋە شەرقشۇناسلار نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى يېشى 50 دىن ئاشقاندا توققۇز ياشلىق قىزنى نىكاھىغا ئالغان دەپ ئۇ زاتنى شەھۋانىيلىك بىلەن ئەيىبلىگەن بولسا، ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتىدىن يۇقۇملانغان بەزى مۇسۇلمانلار ئىسلام ئۆلىمالىرىنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نالايىق بولغان ئىشلارنى چاپلىغان دەپ ئەيىبلىگەن ۋە بۇ ھەقتە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى رەت قىلىش ئارقىلىق پەيغەمبىرىمىزنى ئاقلىماقچى بولۇشقان. بۇنداق بەدگۇمان ۋە ئېتىرازلارنىڭ ھەممىسى توي مەسىلىسىدە ئوخشىمىغان ئەسىر ۋە زامانلاردىكى ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ ئوخشىماسلىقنى چۈشىنىپ يەتمەسلىكتىن كېلىپ چىققاندۇر. چۈنكى، بويىغا يېتىش، نىكاھلىنىش قاتارلىق ئىشلار بىر زاماندىن يەنە بىر زامانغا، بىر مۇھىتتىن يەنە بىر مۇھىتقا، بىر مىللەتتىن يەنە بىر مىللەتكە، شۇنداقلا شارائىت، كىلىمات، ئوزۇقلىنىش ۋە كۈلتۈرگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. بەزى جەمئىيەتلەردە قىزلارنىڭ توققۇز ياشتا ھەتتا يەتتە – سەككىز ياشلاردا بويىغا يېتىدىغانلىقى تېببىي ئالىملار مۇئەييەنلەشتۈرگەن مەسىلە بولۇپ، قەدىم ئەسىرلەردە توققۇز ياشتا بويىغا يەتكەن قىزلارغا ئۆيلىنىش ھېچكىم ئەيىبلىمەيدىغان بىر ئىش ئىدى. تېخى يېقىنقى بىر ئەسىر ئىلگىرىمۇ چوڭ ئانىلىرىمىز 12 يېشىدا توي قىلاتتى. ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكىلاردىمۇ تېخى ئۆتكەن ئەسىردە 12 ياشتا توي قىلىش بار ئىدى. بۈگۈنكى كۈنىمىزدىمۇ ئامېرىكىنىڭ بەزى شىتاتلىرىدا قىزلارنىڭ 14 ياشتا توي قىلىشى قانۇنلۇق ھېسابلىنىدۇ.

ئىنسانىي مەدەنىيەتلەر تارىخىغا دائىر ئېنسىكلوپېدىك ئەسەر «مەدەنىيەتنىڭ ھېكايىسى» مۇئەللىفلىرى بۇ ھەقتە ئېيتىدۇكى: «ھاۋارايى كىشىلىك ئەخلاققا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللار قاتارىدىندۇر. بەلكىم ئەرەب دىيارىدىكى ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقى جىنسىي تۇيغۇنى كۈچلەندۈرىدىغان، بۇرۇن يېتىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەردىن بولسا كېرەك… قىزلار ئادەتتە 12 ياشتىن بۇرۇن ياتلىق قىلىنىپ، 13 ياكى 14 ياشلىرىدا ئانا بولاتتى. بەزىلىرى 9 ياكى 10 يېشىدىمۇ ياتلىق قىلىناتتى». قاراڭ: ۋىل&ئارىيېل دىيۇرانت: «مەدەنىيەتنىڭ ھېكايىسى (قِصَّةُ الْحَضَارَةِ /The Story of Civilization)»، ئەرەبچە تەرجىمەسى، 13 – توم، 61، 138 – بەتلەر؛

ئەنگىلىيەلىك شەرقشۇناس تارىخچى كارىن ئامستروڭ (Karen Armstrong) بۇ ھەقتە: «مۇھەممەد ۋە ئائىشەنىڭ ئۇناشتۇرۇپ قويۇلۇشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئۇ چاغلاردا ئائىشەدىنمۇ كىچىك قىزلار قەبىلىلەر ۋە جەمەتلەرئارا ئىتتىپاقداشلىقنى كۈچەيتىش ۋە باشقا مەقسەتلەردە ئۇناشتۇرۇپ قويۇلغان ئەھۋاللار بولغان. ياۋروپادىمۇ بۇ خىل ئەھۋال يېڭى ئەسىرنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە داۋاملاشقان. بىر ياستۇققا باش قويۇش ئائىشە بويىغا يەتكەندىن كېيىن باشقا ھەرقانداق بىر قىزغا ئوخشاش ياتلىق بولالايدىغان چاغدا بولغانلىقىدا ھېچ شەك يوقتۇر» دېگەن. قاراڭ: «زامانىمىز پەيغەمبىرى مۇھەممەد (محمد نبي الزمان /Muhammad: A Prophet For Our Time)»، ئەرەبچە تەرجىمەسى، 94 – بەت؛

دېمەك، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى ئالتە يېشىدا نىكاھىغا ئالغان. ئۇ توققۇز ياشتا بويىغا يەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىر تەكىيگە باش قويغان. بۇ جەرياندىكى 3 يىل كېچىكىشمۇ دەل بويىغا يېتىشنى ۋە ئەر – ئاياللىق مەسئۇلىيەتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى كۈتۈش ئۈچۈن بولغان. بولمىسا 3 يىل كۈتۈش ھاجەتسىز ئىدى.

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغاندا توي قىلىشقا جەزمەن لايىق ئىدى. بۇ تويغا تۈرتكە بولغان ئىش ئېسىل پەيغەمبەر بىلەن بىرىنچى دوستى ئەبۇبەكرى ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنى كۈچەيتىش ئىدى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆمەر ئىبنى ئەلخەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ھەفسە تۇل قالغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنى نىكاھىغا ئالغان. ئەمەلىيەتتە، ھەفسە ساھىبجامال ئايال ئەمەس ئىدى، لېكىن بۇ نىكاھقا توسالغۇ ياكى تۈرتكە بولىدىغان ئامىل ئەمەس ئىدى». قاراڭ: شەيخ مۇھەممەد غەززالىي: «ئاياللار مەسىلىلىرى (قضايا المرأة)»، 67 – بەت؛

مۇبادا ئاللاھنىڭ رەسۇلى دىن دۈشمەنلىرى تەسۋىرلەشكە ئۇرۇنغاندەك شەھۋەت قوغلىشىدىغان كىشى بولسا ئىدى، تۇنجى قېتىم 25 يېشىدا ئۆيلەنگىنىدە ئۆزىدىن ئون نەچچە ياش چوڭ چوكانغا ئۆيلەنمىگەن، ھەر قېتىمدا قىزغا ئۆيلەنگەن بولاتتى. ھالبۇكى، ئۇ زات ئائىشەدىن باشقا قىزغا ئۆيلەنمىگەن، ھەر ئۆيلەنگىنىدە ياش ياكى چىراينى ئاساس قىلماي بەلكى قەبىلىلەر ۋە جەمەتلەرئارا ئىجتىمائىي، سىياسىي رىشتىنى كۈچەتىش، شەھىد ئائىلىلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ۋە دىننى يەتكۈزۈشنى ئاساس قىلغان ئىدى.

غەربلىك تارىخچىلار ۋە شەرقشۇناسلار ئەرەبلەردىكى كىچىك ياتلىق قىلىش ئادىتىنى شۇ دەۋر شارائىتى ۋە ئۆرپ – ئادىتىدە تەبىئىي ئىش دەپ تۇرۇقلۇق، بەزىلەرنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ 9 يېشىدا ياتلىق بولغانلىقىنى ئەيىبلىشى تولىمۇ ھەيران قالغۇدەك ئىشتۇر. قاراڭ: دوكتور مۇھەممەد فەرىد زەريوھ: «المعارضات الفكرية المعاصرة لأحاديث الصحيحين»، 3/1705 – 1715؛

دوكتور ئائىشە بىنتۇششاتىي بۇ مەسىلىنى تولىمۇ توغرا تەھلىل قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئىككى ئەڭ ۋاپادار دوست ۋە ئەڭ يېقىن ھەمراھ قۇدىلاشماقچى بولغىنىدا، مەككە ھەيران قالمىغان. بەلكى ئادەتلىنىپ كۆنگەن ۋە كۈتۈلگەن بىر ئىشتەكلا كۈتۈۋالغان. ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ دۈشمەنلىرىدىن بىرەرسىمۇ بۇ ھەقتە گەپ قىلىشنى ئورۇنلۇق دەپ قارىمىغان. ئادەتتە ئەيىبلەشكە بەتنام ۋە بوھتان چاپلاشتىن يانمايدىغان ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىمۇ ئائىشەگە ئۆيلەنگەنلىكى سەۋەبلىك ئۇ زاتنى ئەيىبلەشنى، قارىلاشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان. ئۇلار نېمە دېيەلەيتتى؟! ئۇ نە دادىسى دېمەتلىك بىر كىشىگە ياتلىق بولغان تۇنجى ۋە بىردىنبىر قىز ئىدى ۋە نە ئاخىرقىسىمۇ بولمايتتى، ئۇنداقتا توققۇز ياشلىق بىر قىزنىڭ ياتلىق بولۇشىنى ئەيىبلىيەلەمتى؟! ياشانغان ئابدۇلمۇتتەلىبمۇ ئامىنەنىڭ تاغىسىنىڭ قىزى بەنى زۇھرەلىك ھالەگە ئوغلى ئابدۇللاھ ھالەنىڭ تەڭ دېمەتى بولغان ئامىنە بىنتى ۋەھبكە ئۆيلەنگەن كۈننىڭ ئۆزىدە ئۆيلەنگەن. كېيىنچە ئۆمەر ئىبنى ئەلخەتتاب ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبنىڭ قىزىنى بوۋىسىنىڭ يېشىدا تۇرۇپ ئالغان، ئۆمەر ياش قىزى ھەفسەنى ئەبۇبەكرىگە نىكاھلاپ بەرمەكچى بولغان. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىدىكى ياش پەرقى ئائىشە بىلەن ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئوتتۇرىدىكىدەك چوڭ ئىدى. لېكىن، بىر ئوچۇم شەرقشۇناسلار ئۇ تويدىن ئون نەچچە ئەسىر كېيىن كېلىپ، ئەسىرلەر ۋە مۇھىتلار پەرقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىپ، ھىجرەتتىن بۇرۇن مەككەدە بولغان بىر توينى غەرەزلىك ھالدا كۈنىمىزدىكى غەرب قىزلىرىنىڭ 25 ياشتىن بۇرۇن ياتلىق بولماسلىقتەك ئادەتلىرىگە قىياسلىۋالغان. ھالبۇكى، بۇ شەرقتىلا ئەمەس ھەتتا ئايرىم غەرب يېزىلىرىدىمۇ بەكلا كېچىكىپ ياتلىق بولۇش دەپ قارىلىدۇ». قاراڭ: دوكتور ئائىشە بىنتۇششاتىي: «نۇبۇۋۋەت ئۆيىدىكى خانىملارنىڭ تەرجىمىھاللىرى (تراجم سيدات بيت النبوة)»، 256 -، 257 – بەتلەر؛

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا توققۇز يېشىدا ئۆيلىنىشى ھەرقانداق ئىشنىڭ جائىز – ناجائىزلىقىنى، ئەيىبلىنىدىغان ياكى ئەيىبلەنمەيدىغانلىقىنى بېكىتكۈچى شارﯨﺌ (شەرىئەتنى بەلگىلىگۈچى ئاللاھ) تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىش تۇرسا، كىممۇ بۇنى ئەيىبلىيەلىسۇن؟!

ھەزرىتى ئائىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرغۇن ئىش – ئىزلىرى، سۆزلىرىنى بولۇپمۇ ئۆي ئىچىدىكى ئەھۋاللارغا قارىتا سۈننىتىنى تەپسىلىي رىۋايەت قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يەتكۈزگەن. دېمەك، بۇ ئۆيلىنىش ئىسلام دەئۋىتى كۆزدە تۇتۇلغان ئىلاھىي ھېكمەتلىك ئىش ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا سۆزلەپ بەردىكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: «مەن سىزنى ئىككى قېتىم چۈشۈمدە كۆردۈم. چۈشۈمدە بىر پارچە يىپەك رەختكە ئورۇنۇۋاپسىز. بىر پەرىشتە ماڭا: ‹بۇ سېنىڭ ئايالىڭدۇر، يۈزىنى ئاچقىن› دەۋاتقۇدەك. (شۇنداق ئاچسام) ئۇ سىز ئىكەنسىز. شۇنىڭ بىلەن مەن: ‹ئەگەر بۇ چۈش ئاللاھتىن بولسا، ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ بېرىدۇ› دەيمىشمەن». (بۇخارىي: 3895؛ مۇسلىم 2438).

پەيغەمبەﺭلەﺭنىڭ چۈشى ﯞﻩھىيدﯗﺭ. شۇڭا، كۈنىمىزدىكى دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ئۆتمۈشتە ھېچكىم ئەيىبلىمىگەن ئۇشبۇ قەدىم ئىشنى ئەيىبلىشى ئورۇنسىز بولغىنىدەك، ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارايدىغانلارنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنى ھازىرقى ئۆرپ – ئادەتكە ئاساسلىنىپلا رەت قىلىشى ئورۇنسىزدۇر. ۋاللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋۋاب.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1447، 9 – زۇلقەئدە / م. 2026، 26 – ئاپرېل

 

بۇ ھەقتە مۇنۇ ماقالەنىمۇ ئوقۇغايسىز:

admin@sajiye

Recent Posts

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى

شەيخ مۇھەممەد غەززالىي   ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى.…

1 ھەپتە ago

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (22) رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي / رسالة حقية وديوان ندائي

قوليازمىنىڭ ئىسمى: رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي /رسالة حقية وديوان ندائي تۈر: رىسالە ھەققىييە: تەسەۋۋۇف،…

1 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (21) تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي / تواريخ خمسة شرقي

ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…

2 ئاي ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (20) تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…

2 ئاي ago