پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرى
شەيخ مۇھەممەد غەززالىي
ياۋروپالىقلار ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ھېلىقى ئۆسەك سۆزلەرگە ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئىشىنىپ قالدى. ئۇلار: «مۇھەممەدنىڭ توققۇز ئايالى بار ئىكەن، ئۇ ئۇلارنىڭ قوينىغا خاھلىغانچە كىرىپ، ئېچىرقاپ كەتكەن ھاۋايى – ھەۋىسىنى قاندۇرىدىكەن، بىرىدىن زېرىكمەي تۇرۇپلا يەنە بىرى بىلەن بىللە بولىدىكەن»، «بۇ ئىشلارنى ئادەتتىكى ئادەملەر قىلغان بولسىغۇ بىر گەپ ئىدى، ئەمما ئىنسانلارنى ھەق – ھىدايەتكە چاقىرىدىغان، يەر بىلەن ئاسماننىڭ ئالاقىسىنى باغلاپ، ئاللاھ ۋە قىيامەت توغرۇلۇق خالايىقنى ئاگالاندۇرىدىغان بىر كىشىگە بۇ ئىشلار ئەسلا ياراشمايدۇ! دېمەك، ئايال زاتىغا بۇنچىۋالا قاتتىق ھېرىسمەنلىك ئەمەلىيەتتە بۇ ئادەمنىڭ دىن – دىيانەت رەھنامەسى ئەمەس بەلكى دۇنيالىق ئەيش – ئىشرەت مەستانىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئى مۇسۇلمانلار جامائەسى! بىز سىلەرنىڭ ئۇ زات دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن يىراق، تەقۋادار… كىشى ئىدى، دېگەن بىلجىرلاشلىرىڭلارغا ئىشەنمەيمىز…» دېيىشتى.
كەمىنە ئۇلارغا جاۋابەن شۇنداق ئېيتىمەنكى:
ئەگەر شۇ سۆزلىرىڭلار راست بولغاندا، چىقارغان ھۆكمىڭلار ھەقتۇر! لېكىن، سىلەرنىڭ بۇ سۆزلىرىڭلار ھەقىقەتنى ئالدامچىلىققا ئەڭ يېقىن دەرىجىدە ئەسلى ماھىيىتىدىن بۇرمىلاپ ئىپادىلەشنىڭ بىر تۈرىدۇر، خالاس. چۈنكى، دوست – دۈشمەنلەرنىڭ بايانلىرىدىن پۈتۈلگەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تارىخى سىلەرنىڭ گەپلىرىڭلارنىڭ ئەكسىگە گۇۋاھتۇر…
مەسىلەن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم 25 يېشىدا 40 ياشلىق خەدىچە خانىمغا ئۆيلەنگەن ۋە تاكى خەدىچە ۋاپات بولغانغا قەدەر، پەقەت شۇ بىرلا ئايال بىلەن 28 يىل بىرگە ئۆتكەن. خوش، سىلەر سۈپەتلەۋاتقان ھېلىقى ھۇزۇر – ھالاۋەت قېنى؟!
رەسۇلۇللاھ 40 ياشقا كىرگەندە خەدىچە 55 ياش، ئۇ زات 53 ياشقا كىرگەندە بولسا ئايالى 70 كە يېقىنلاپ قالغان موماي ئىدى. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، سىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندەك خاھلىغانچە قوينىغا كىرىدىغانغا نەدىمۇ شۇنداق گۈزەل ئاياللار بولسۇن؟! نە پەقەت دوستلىرى، بەلكى دۈشمەنلىرىمۇ ئېتىراپ قىلغاندەك، ئۇ زات ياشلىقىنى بىللە ئۆتكۈزگەن ئاشۇ خانىمىغا ئىنتايىن ۋاپادار ئىدى. «قايغۇ يىلى» ئاتالغان يىلدا خەدىچە ۋاپات بولدى، كېيىن ئۇ زات ئۆزى دېمەتلىك بىر ئايال (سەۋدە بىنتى زەمئە رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نى ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى ۋە دەل شۇ ئايال بىلەن بىللە مەدىنەگە ھىجرەت قىلدى(1).
ھەقىقەتەن ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ئون يىلىدا يەنە باشقا ئاياللارمۇ ئۇ زاتنىڭ نىكاھىغا ئۆتتى. لېكىن، ئۇلار كىملەر ئىدى؟ ئۇلار ئاساسەن قىيىن ئەھۋالدا قالغان، دىلى سۇنۇق تۇل ئاياللار بولۇپ، نە گۈزەللىكى بىلەن تونۇلغان، نە رەسۇلۇللاھنىڭ تۇرمۇشىغا يېڭىلىق ئاتا قىلغۇدەك ياش غۇنچىلەر ئەمەس ئىدى. ئارىسىدا پەقەت رەسۇلۇللاھنىڭ دوستى ئەبۇبەكرىنىڭ قىزى ئائىشەلا قىز ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئارىدىكى دوستلۇق بېغىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئەبۇبەكرىنىڭ قىزىغا ئۆيلەندى. ئۇنىڭدىن كېيىن دوستى ئۆمەرنىڭ قىزى ھەفسەگە ئۆيلەندى، ھالبۇكى ھەفسە ھۆسن – جامالى بىلەن تونۇلغان ئايال ئەمەس ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ تۇل ھەفسە بىلەن ئائىلە قۇرۇشى ئەمەلىيەتتە، دوستىنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بېرىش، شۇنداقلا دوستلۇق رىشتىسىنى كۈچەيتىپ، شۇ ئارقىلىق جىھادقا ئاساس تىكلەش ئۈچۈن ئىدى…
ئۇ زات يەنە ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغانلاردىن ئۇممۇ ھەبىبەنى نىكاھلاپ ئالدى. گەرچە رەسۇلۇللاھ ئۇممۇ ھەبىبەنى كۆرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ زات ئۇممۇ ھەبىبەنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئاتىسى مۇشرىكلەرنىڭ رەھبىرى تۇرۇقلۇق مۇسۇلمان بولغانلىقىنى، يولدىشى ئېزىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ئىسلامدا مۇستەھكەم تۇرغانلىقىنى بىلەتتى. شۇنداق ئىكەن، رەسۇلۇللاھ قانداقمۇ ئۇنى غېرىب ۋە تەنھالىقتا تاشلاپ قويسۇن؟! ئەلبەتتە ئۇ زات ئۇممۇ ھەبىبەگە ئىززەت – ئىكرام كۆرسىتىپ ئەلچى ئەۋەتتى.
قاچانكى، بىرەر مۆھتىرەمە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسە، رەسۇلۇللاھ بەتنىيەتسىز ھالدا ئۇنى ئۆز ھىمايىسىگە ئالدى… رەسۇلۇللاھنىڭ ئائىلىسىگە يېڭىدىن قوشۇلغان خانىملار بۇ ھەقىقەتنى ھېس قىلاتتى ۋە ئۇشبۇ ۋەزىيەتنىڭ ئادەتتىكى ئىنسانىي تۇيغۇلاردىن ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. ھەتتا بەزى خانىملار پەقەت «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەھلى ئائىلىسى» دېگەن شەرەپ بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئوچۇقچە ئاياللىق ھەق – ھوقۇقلىرىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى نەپسى خاھىشىدىن ئەمەس، بەلكى ئىنسانىي بىر چاقىرىققا جاۋاب بېرىش يۈزىدىن ئۆز ھىمايىسىگە ئالغان. ئەھۋال يۇقىرىقىدەك تۇرسا، سىلەر دەۋاتقان شەھۋەت ۋە بەتنىيەت بۇنىڭ قەيېرىدە؟!
«قۇرئان كەرىم»دە بۇ مۆھتىرەمە ئاياللارغا تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلگەنلىكى ھەققىدە بىرقانچە مۇبارەك ئايەتلەر نازىل بولغاندۇر. شۇ قاتاردا:
﴿ئەگەر بىر ئايال ئېرىنىڭ كۆڭۈلسىزلىكىدىن ياكى يۈز ئۆرۈشىدىن ئەندىشە قىلسا، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا كېلىشىشى ھېچ گۇناھ ئەمەس، كېلىشىش (ئۈزۈلۈشۈپ كېتىشتىن) ياخشى… ﴾(4/«نىساﺋ»: 128).
﴿ئاياللىرىڭدىن خاھلىغىنىڭنىڭ نۆۋىتىنى ئارقىغا سۈرسەڭ، خاھلىغىنىڭ بىلەن (نۆۋىتىدىن باشقا ۋاقىتتا) بىر يەردە بولساڭ بولىۋېرىدۇ، … (مانا) بۇ ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشىغا، قايغۇرماسلىقىغا، بەرگەنلىرىڭگە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ رازى بولۇشىغا ئەڭ يېقىندۇر…﴾(33/«ئەھزاب»: 51).
خوش، باشقا نېمە دېيىش مۇمكىن؟ ئالىيجاناب مۇئمىنەلەر دۇچار بولغان كرىزىسلەر تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققان ئۇشبۇ كۆپ خوتۇنلۇقلۇقنىڭ ئارقىسىدا نەپسى خاھىش دەيدىغان نەرسە ئەسلا يوقتۇر.
مۇنازىرە ئۈچۈن، «ئۇ زات بەزى ئاياللىرىنى ھۆسن – جامالىغا مەپتۇن بولغانلىقتىن ئەمرىگە ئالغان» دەپ پەرەز قىلايلى:
ئىسلام دەۋىتى قورشاۋغا ئېلىنغان شۇ ئېغىر كۈنلەردە، بارچە مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ پەيغەمبەر ئائىلىسى دۇچ كەلگەن بۇرۇقتۇرما شارائىتتا پەيغەمبەرنىڭ راھەت – پاراغەت، ئەيش – ئىشرەت سۈرۈشكە پۇرسىتى بولۇرمىدى؟! بىر ئائىلە باشلىقىنىڭ بىر پۈتۈن ئۈممەتنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئەتىدىن – كەچكىچە ئاجىز، مەزلۇم، مۇساپىرلار ھەمدە ياردەم تىلەپ كەلگۈچىلەرگە پاناھگاھ بولغان بىر ئائىلىنىڭ ئاياللىرى نېمىدېگەن شور پېشانە – ھە! ئۇ زات (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) كۆپىنچە يېنىدا بارىنى باشقىلارغا بېرىۋەتكەچ، ئۆزى ۋە ئاياللىرى ئاچ قورساق تاڭ ئاتقۇزاتتى…
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتى مەدىنەگە كەلگەندىن تارتىپ تاكى رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۈچ كۈن ئۇدا بۇغداي تامىقىغا تويۇپ باقمىغان» دېگەن(2).
يەنە بىر ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ ۋاپات بولدى، ھالبۇكى ئۇ زاتنىڭ قورسىقى نان ۋە ياغقا بىر كۈندە ئىككى ۋاقمۇ تويۇپ باقمىغان ئىدى»(3).
مەسرۇق مۇنداق دېگەن: «مەن ئائىشەنىڭ يېنىغا كىردىم، ئۇ مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى ۋە:
— ھەر قېتىم تاماققا تويۇپلا قالسام، مېنى يىغا تۇتۇپ يىغلاپ كېتىمەن، — دېدى.
— نېمىشقا؟ — دېسەم، ئۇ:
— رەسۇلۇللاھنىڭ دۇنيادىن ئايرىلغان چاغدىكى ئەھۋالىنى ئەسلەپ قالىمەن! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ زات نان ۋە گۆشكە بىر كۈندە ئىككى ۋاقمۇ تويۇپ باقمىغان ئىدى، — دېدى»(4).
يەنە بىر ھەدىستە ئۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ ئۈچ كۈن ئۇدا قورسىقى تويۇپ باقمىغان ئىدى، خاھلىساق قورسىقىمىز تويغان بولاتتى، ئەمما رەسۇلۇللاھ باشقىلارنى ئۆزىدىن ئارتۇق بىلەتتى»(5).
تەبەرانىينىڭ رىۋايەتىدە «رەسۇلۇللاھنىڭ داستىخىنىدا ئارپا نېنى مەيلى ئاز ياكى كۆپ بولسۇن، پاك – پاكىزە تۈگەيتتى» دەپ رىۋايەت قىلىنغان(6) بولۇپ، ھەسەن: «رەسۇلۇللاھ كىشىلەرگە بار كۈچى بىلەن ياردەم بېرەتتى، ھەتتاكى ئۇ زات تامبىلىنى (كونىراپ يىرتىلغان جايىنىڭ كۆپلۈكىدىن) خورما قوۋزاقلىرى بىلەن يامىۋالاتتى» دېگەن(7).
يېمەكلىك ۋە كىيىم – كېچەك تىلەپ كەلگەن يوقسۇللار نېمىدىگەن كۆپ ئىدى – ھە! كىشىلەر پات – پاتلا رەسۇلۇللاھنىڭ ئۆيىگە تاماق راسلىنىشتىن خېلى بۇرۇنلا كېلىۋالاتتى ياكى تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇزۇنغىچە ئولتۇرۇۋالاتتى. ئېنىقكى، بۇ قىلىق رەسۇلۇللاھقا مالال كېلىپ بىئارام قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن بۇنداق باشباشتاقلىق ئۈچۈن كەسكىن قائىدە – تۈزۈملەرنى يولغا قويىدىغان ئىلاھىي ۋەھيىنىڭ نازىل بولۇشىدىن باشقا چارە قالمىدى. ئاللاھ ئېيتتى: ﴿ئى مۇئمىنلەر! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار، پەقەت تاماققا چاقىرىلغان ۋاقتىڭلاردىلا كىرىڭلار، (باشقا ۋاقىتتا رۇخسەت بىلەن كىرگەندە) تاماقنىڭ پىشىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماڭلار، لېكىن چاقىرىلغاندا كىرىڭلار – يۇ، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن تارقاپ كېتىڭلار، (تاماقتىن كېيىن) پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرماڭلار، بۇ (يەنى، تاماقتىن كېيىن پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇش) پەيغەمبەرنى رەنجىتىدۇ، پەيغەمبەر (بۇنى ئېيتىشقا) سىلەردىن خىجىل بولىدۇ، ئاللاھ ھەق (نى ئېيتىشتىن) خىجىل بولمايدۇ…﴾(33/«ئەھزاب»: 53).
رەسۇلۇللاھ ئادەتتىكىدەك (تاڭ – سەھەردە) نامازغا ئويغىنىپ كىشىلەر بىلەن ناماز ئوقۇيتتى، ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ ناشتىلىققا بىرنەرسە سورايتتى، (ناشتا قىلغۇدەك بىرەر نەرسىمۇ) چىقماي قالسا، نىيەت قىلىپ روزا تۇتۇۋالاتتى. گاھىدا ئازراق سىركىدىن باشقا يېگۈدەك نەرسە چىقماي قالاتتى، ئەمما ئۇ زات (بۇنىڭغا) ئىچى سىقىلىپ نالە – پەرياد چېكىپ يۈرمەي، بەلكى «سىركە نېمىدېگەن ياخشى تېتىتقۇ – ھە!» دېگەن ھالدا(8)، رازىمەنلىك بىلەن ئۇنى قوبۇل قىلاتتى. مانا بۇ ياۋروپالىقلارنىڭ گۇمانىدىكى ئاياللار بىلەن ھۇزۇر – ھالاۋەت سۈرۈپ، دۇنيادا راھەت – پاراغەتتە ياشىغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتلىق يولى، تۇرمۇش ئەھۋالى ئىدى… خوش، ئۇلار ئېيتقاندەك پاراۋان تۇرمۇش نەدىكەن؟!
تارىخچىلار بىردەك ھالدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاياللىرىنىڭ جاپا – مۇشەققەتلىك تۇرمۇشتا قانچىلىك قىينالغانلىقى، بۇنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشتا قانداق تىل بىرىكتۈرگەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ گۈزەل ھاياتقا قانداق نەزەردە قارىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن كەسكىن ھالدا ھازىرقى تۇرمۇشىغا رازى بولۇش ياكى پەيغەمبەردىن ئايرىلىشتىن ئىبارەت ئىككىدىن بىرىنى تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى ئىمان تۇيغۇسى قايتىدىن ئويغىنىپ، ئاخىرەتنى كۈتۈش بىلەن بىرگە مۇشۇ دۇنيادىلا ھۇزۇر – ھالاۋەت سۈرۈش بىلەن چەكلىنىپ قېلىشنى خاھلىمىغان ھالدا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سايىسىدا تۇرمۇش كەچۈرۈشنى تاللىغانلىقى… قاتارلىقلارنى قەيت قىلىدۇ.
ئاللاھ تائالا ئاشۇ پىداكارلىقلىرى ئۈچۈن ئۇلارنى «مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرى» دېگەن نام بىلەن تارتۇقلىدى، بۇ نېمىدېگەن شەرەپلىك ئۇنۋان – ھە!
ئالەمدە بىرەر دىن بارمىدۇركى، كۆپ خوتۇنلۇقنى چەكلىگەن بولسۇن ياكى ئەيىب كۆرگەنمۇ؟ ياق، بەلكى قەدىمكى زاماندىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ مىڭلاپ ئاياللىرى بولغان ۋە ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان. ئېيتىلىشىچە: سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ 300 ئايالى بولغان. شۇنىڭدەك خرىستىئان دىنىدا سان چەكلىمىسى يوق. ئامېرىكىلىق ۋىل ۋە ئارىيېل دىيۇرانت ئەر – ئايال: «مەدەنىيەتنىڭ ھېكايەسى» ناملىق مەشھۇر كىتابىدا يەھۇدىي – ناسارا ئالىملىرىنىڭ كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدىغان بىر قىسىم جىنايى قىلمىشلىرى توغرۇلۇق توختالغان. ئەمدى بىز دىننى قويۇپ تۇرۇپ، پەلسەپەگە قاراپ باقايلى! قەدىمكى مۇتەپەككۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن گرېك يۇنان پەيلاسوپلىرىغا نەزەر ئاغدۇرۇپ باقايلى!
مەن ئەسلىدە بۇ پەسكەشلەرنى تىلغا ئېلىشنى خاھلىمايتتىم، بىراق بوھتانچىلارنىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە داپيۈزلەرچە ياغدۇرغان تۆھمەتلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا قاتتىق رەددىيە بەرمىسەم بولمىغۇدەك دېگەن نىيەتكە كەلدىم.
تۆۋەندە ئوقۇرمەنلەرگە ماجىد نەسرۇددىننىڭ «ئىئوردان بايرىقى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «زىيالىيلار نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئازغۇنلۇق ۋە ئەخلاقسىزلىققا پاتقان مىراس (مەدەنىيەت) تىن ئوزۇقلىنىدۇ؟» ناملىق ماقالىسىدىن بىرنەچچە جۈملە ئۈزۈندىنى سۇنىمىز: بەزىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن پەيلاسوپلار بەچچىۋاز، جىنسىي تۇرمۇشى يىرگىنچلىك كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شۇ پەسكەشلىكلىرى بىلەن پەخىرلىنەتتى، داملايتتى. سوقراتنىڭ خوتۇنى بىر شاگىرتىغا زىيادە ھېرىسمەنلىكى سەۋەبىدىن سوقراتتىن نەپرەتلەنگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتۈشتىن يىرگىنگەن.
سوقرات بىلەن كىچىك ۋاقتىدا تونۇشقان ئەپلاتونمۇ شۇنداق ئىدى. سوقرات مۇشۇ «كېسىلى» بىلەن مەشھۇر بولۇپ، ياشلارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.
ھازىرقى زامان غەرب مەدەنىيىتى يۇنانلىقلار ۋە رىملىقلاردىن مۇشۇنداق پەسكەش ۋە شەرمەندە ئەخلاقسىزلىقلارنى مىراس ئالدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار ئۆزلىرىدىكى بۇ ئىللەتلەرگە نىسبەتەن ھىيلىگەرلىك بىلەن سۈكۈت قىلىۋالىدۇ، ئەتىدىن كەچكىچە پاتقان پاتقىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ – دە، يەنە كېلىپ پەيغەمبەرلەرنىڭ سەركەردىسى، ئۈممەتلەرگە پاكلىق ۋە ئىپپەت – نومۇسنى ئۆگەتكۈچىنىڭ سىيرىتىگە تىل ئۇزارتىپ، زىيانكەشلىك قىلىدۇ!!
ئارستوتىل ئۆز زامانىسىدا بۇنداق يولدىن چىققانلارنىڭ نىسبىتىنى نورمال كىشىلەر بىلەن تەڭ، دەپ قارىغان ۋە بۇ توغرۇلۇق شۇنداق سۆزلەرنى قىلغانكى، بىز ئۇلارنى بۇ يەردە نەقىل كەلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايمىز… «تارىختىكى جىنسىيەت» ئاتلىق كىتابنىڭ مۇئەللىپى مۇنداق دېگەن: «كۆپ قىسىم جەمئىيەتلەر ئوخشاش جىنسلىقلار مۇناسىۋىتىنى چەكلىگەن ياكى ئانچە بىلىپ كەتمىگەن، بىراق يۇنانلىقلار (گرېتسىيە) بۇنىڭ سىرتىدا. گرېكلەردە ئەركەكلەرئارا پاھىشە ئىنتايىن كەڭ ئۇچرايدىغان بولۇپ، ھەتتا (شۇ ئىش ئۈچۈن) ئۆسمۈر ئوغۇل بالىلارنى ئىجارىگە ئېلىش تامامەن مۇمكىن ئىدى…!!»
ھازىرقى غەرب مەدەنىيىتى گرېك ۋە رۇملۇقلاردىن ئاشۇ شەرمەندە ۋە پەسكەش ئەخلاقسىزلىقلارنى مىراس ئالدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار تېخى ئۆزلىرىدىكى ئىللەتلەرنى بىلمەسكە سېلىپ، ئەتىدىن كەچكىچە قىلىپ يۈرگەن ئاشۇ نىجىس قىلمىشلىرىنى ئۇنتۇغان ھالدا، پەيغەمبەرلەرنىڭ خوجىسى، ئۈممەتلەرنىڭ ئىپپەت ۋە پاكلىق ئۇستازى بولغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىيرىتىگە تىل ئۇزارتىۋاتىدۇ!!!
«ئەيدىز» (AIDS) يامرىغان بىر مۇھىتتىن مۇشۇنداق پەسكەشلىكتىن باشقا يەنە نېمىنى كۈتۈشكە بولار؟!
مەنبە: شەيخ مۇھەممەد غەززالىينىڭ «قضايا المرأة بين التقاليد الراكدة والوافدة» دېگەن كىتابى.
تەرجىمىدە: باھار
1. ئەمەلىيەتتە ھەزرىتى خەدىچە ئانىمىز تەخمىنەن 556 – يىلى ئەتراپىدا تۇغۇلۇپ، 595 – يىلى ئەتراپىدا مۇھەممەد ئەلئەمىن (ئەلەيھىسسالام) بىلەن توي قىلغان ۋە 610 – يىلى ئەتراپىدا پەيغەمبەرلىك كەلگەندىن كېيىن تۇنجى بولۇپ رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتقان كىشىلەردىن بولغان. خەدىچە ئانىمىز دېيەرلىك 620 – يىلى 4 – ئاينىڭ 19 – كۈنى، رامازاننىڭ 10 ىدا 64 ياش ئەتراپىدا ۋاپات بولغاندا رەسۇلۇللاھ 50 ياش ئەتراپىدا ئىدى. ئىككىيلەن دېيەرلىك 25 يىل بىر ئۆي تۇتقان. خەدىچەنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن سەۋدە بىنت زەمئەگە نىكاھلانغان. مەدىنەگە ھىجرەت قىلىپ ئۇ يەردە ئائىشەگە ئۆيلەنگۈچە بولغان ئۈچ يىل جەريانىدا بىرلا سەۋدە بىلەن ئۆي تۇتقان ۋە خەدىچەدىن كىچىك ئايرىلىپ قالغان ئۈممۈ كۈلسۈم ۋە فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالارغا ئانىلىق قىلغان. — تەھرىردىن.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي 6454؛ مۇسلىم 2970.
3. مۇسلىم 2974. ئەرەبلەر ياغنى نان بىلەن ئىستېمال قىلاتتى.
4. تىرمىزىي 2356. تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ» دېگەن.
5. بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان» 5251، 5252.
6. تەبەرانىي: «ئەلمۇئجەمۇل ئەۋسەت»، 1567.
7. ئىبنى ئەبى شەيبە 35568.
8. ئەبۇ داۋۇد 3822.
دوكتور راغىب سەرجانىي دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر - شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن،…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: رىسالە ھەققىييە ۋە دىۋانى نىدائىي /رسالة حقية وديوان ندائي تۈر: رىسالە ھەققىييە: تەسەۋۋۇف،…
(ھ. 1100 – 1174 / م. 1688 – 1760) 18 - ئەسىردە ئۆتكە مەشھۇر…
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…
بۇ ئۈچ مەكتۇب ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خوجىنىياز ھاجى …