ئابدۇللاھ نىدائىي ئەلكاشغەرىي (ھ. 1100 – 1174 / م. 1688 – 1760) 18 - ئەسىردە ئۆتكە مەشھۇر تەسەۋۋۇف ئالىمى، شائىر ۋە سەيياھ ئابدۇللاھ نىدائىي كاشغەرىينىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى تۈركىستان دىيارى بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە مەنەۋىيەت كۆۋرۈكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىلىرىدىن بىرىدۇر.
(ھ. 1100 – 1174 / م. 1688 – 1760)
18 – ئەسىردە ئۆتكە مەشھۇر تەسەۋۋۇف ئالىمى، شائىر ۋە سەيياھ ئابدۇللاھ نىدائىي كاشغەرىينىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى تۈركىستان دىيارى بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ۋە مەنەۋىيەت كۆۋرۈكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىلىرىدىن بىرىدۇر.
ھاياتى
دۇنياغا كېلىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەلىم – تەربىيەسى
ئابدۇللاھ نىدائىي تەخمىنەن ھ. 1100 / م. 1688 – يىلى قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكى بولغان ئەزىزانە قەشقەردە ھاللىق ۋە ئوقۇمۇشلىق بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، «نىدائىي» ئۇنىڭ تەخەللۇسىدۇر. ئۇ بالا ۋاقتىدىلا ئىنتايىن زېرەكلىكى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن. دەسلەپكى دىنىي ۋە ئەدەبىي ساۋادىنى قەشقەردىكى مەدرەسەلەردە چىقارغان. 17 ياشقا كىرگەندە، كۈچلۈك مەنەۋى ئىشتىياق ۋە تەسەۋۋۇفقا بولغان قىزىقىش ئويغانغان نىدائىي قەشقەردىكى نەقشىبەندىيە مەشايىخلىرىدىن مەۋلانە ئەزھەر كاشغەرىيگە مۇھەببەت باغلىغان ۋە كېچەيۇ كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغان. 18 ياشقا كىرگەندە، مۇرشىدىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن مەنەۋى كامالەتكە يېتىش ۋە «ئەھلۇللاھ»نى (ئاللاھنىڭ دوستلىرىنى) تېپىش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك سەپەرگە ئاتلانغان.
ئىلىم يولىدا دۇنيا كېزىش
نىدايىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك تەرەپ ئۇنىڭ 45 يىل داۋاملاشقان جاھان كېزىش سەپىرىدۇر. ئۇ ئۆز ئەسىرىدە بۇ سەرگۈزەشتىلەرنى «ماختىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەقىقەت ئىزلىگۈچىلەرگە بۇ يولنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن» يازغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ سەپەر يولى تۆۋەندىكىدەك بولغان:
• تۈركىستان: قەشقەردىن چىقىپ خوجەند (بۈگۈنكى تاجىكىستان سۇغد ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى)، سەمەرقەنت ۋە بۇخارالار (بۈگۈنكى ئۆزبېكىستاننىڭ ئىككى يىرىك شەھىرى) نى زىيارەت قىلغان. سەمەرقەنتتە ئىمام ماتۇرىدى (ھ. 238 — 333 / م. 853 — 944) ۋە خوجا ئۇبەيدۇللاھ ئەھرار (ھ. 806 — 895 / م. 1404 — 1490) قەبرىلىرىنى، بۇخارادا شاھى نەقشىبەندى خاجە مۇھەممەد ئەلبۇخارىي (ھ. 718 — 791 / م. 1318 — 1389) ھەزرەتلىرىنىڭ مازارلىرىنى زىيارەت قىلغان.
• خوراسان ۋە ئىران: بەلخ، ھېرات ۋە شىراز تەرەپلەرگە بېرىپ، مەۋلانە ئابدۇرراھمان جامى (ھ. 817 — 898 / م. 1414 — 1492)، فەرىدۇددىن ئەتتار (ھ. 537~540 —618 / م. 1142~1145 — 1221) ۋە بايەزىد بىستامىغا (ھ. 161 — 234 / م. 777 — 848) ئوخشاش بۈيۈك زاتلارنىڭ مەقبەرىلىرىدە مەنەۋىيەت ئىزلىگەن.
• ئىراق ۋە شام: باغداتقا بېرىپ ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە (ھ. 80 — 150 / م. 699 — 767)، جۇنەيدى باغدادىي (ھ. 215 — 298 / م. 830 — 910) ۋە ئابدۇلقادىر گەيلانىي (ھ. 470 — 561 / م. 1077 — 1166) قاتارلىق زاتلارنىڭ ھۇزۇرىدا بولغان.
• ھىجاز: مەككەدە ئۈچ يىل تۇرۇپ، ئۈچ قېتىم ھەج قىلغان ۋە مەدىنەدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەقبەرىسىنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغان. بۇ سەپەرلەردىن كېيىن 1720 – يىللارنىڭ ئاخىرىدا، يەنى پىشقان بىر ئالىم ۋە سۇفى سۈپىتىدە ئوسمانلى پايتەختى بولمىش ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمانلى سۇلتانلىرى ۋە خەلق قەشقەردىن كەلگەن بۇ ئالىمغا ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسەتكەن.
ئابدۇللاھ نىدائىي نەقشىبەندىيە تەرىقەتىنىڭ كاسانىيە (Kâsâniyye) تارمىقىغا مەنسۇپ بولۇپ، ئىمام رەببانىينىڭ (ھ. 971 — 1043 / م. 1562 — 1624) ئوغلى مۇھەممەد مەئسۇم سىرھىندىينىڭ (ھ. 1007 — 1079 / م. 1599 — 1668) خەلىپىسى ئەھمەد يەكدەست جۇريانىيغا (ئۆ. ھ. 1119 / م. 1707) باغلانغان مۇرتەزا ئەپەندىنىڭ خانىقاسىدا شەيخلىك قىلىش ئارقىلىق، مۇجەددىدىيە ئەنئەنىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تەسەۋۋۇف مەكتىپىنى بىرلەشتۈرگەن.
• مەنەۋى مېتودى: ئۇ «سەيرۇ سۇلۇك»تە (مەنەۋى سەپەر) تىرىشچانلىق ۋە جاپالىق سەپەرلەرنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەيدۇ.
• ئىستانبۇلغا تەسىرى: ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا نەقشىبەندىيلىكىنى ئىستانبۇلنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىغا سىڭدۈرگەن ئەڭ مۇھىم ۋەكىللەرنىڭ بىرىدۇر.
نىدائىي ئىستانبۇلغا كەلگەندە، دەسلەپتە تۈركىستانلىق دەرۋىشلەر جەم بولغان قەلەندەرخانە تەككەسىدە (خانىقا) مەشيەخەت (شەيخلىك) ئورنىدا ئولتۇرغان. كېيىنرەك، ئەييۇب سۇلتان رايونىدىكى كاشغەرلىك مۇرتەزا ئەپەندى (ئۆ. ھ. 1160 / م. 1747) تەرىپىدىن ھ. 1157 / م. 1744 – يىلى سېلىنغان تەككەگە شەيخ بولۇپ تەيىنلەنگەن. بۇ تەككە نىدايىنىڭ خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن «كاشغەرىي تەككەسى» دەپ ئاتالغان. ئۇ بۇ خانىقادا ئۇزۇن يىللار مۇرىت تەربىيەلىگەن، قۇرئان، ھەدىس ۋە تەسەۋۋۇف دەرسلىرىنى بەرگەن. ئۇنىڭ مەدرەسەسى يىراق ئانا ۋەتىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارچە تۈركىستانلىق مۇساپىر ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ پاناھگاھى ۋە ئىلمىي مەركىزىگە ئايلانغانىدى.
نىدايىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئۇبەيدۇللاھ ئەپەندى (1139 — 1184/ م. 1726 — 1770)، نەۋرىسى ۋە كۈيئوغلى شەيخلىك قىلغان بولۇپ، بۇ جاي 1925 – يىلى تەككە ۋە زاۋىيەلەر تاقالغۇچە كاشغەر مەدەنىيىتى ۋە نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ مۇھىم بىر مەركىزى بولۇپ كەلگەن.
ئىجادىيىتى ۋە ئەسەرلىرى
ئابدۇللاھ نىدائىي ئەرەب، پارس ھەمدە تۈركىي تىلدا ئەسەر يازالايدىغان يېتۈك ئەدىب ئىدى. ئۇنىڭ ئاساسلىقى تەسەۋۋۇف، ئەخلاق، ئىلاھىيەت ۋە شەخسىي مەنەۋى كەچۈرمىشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا پۈتۈلگەن ئەسەرلىرىدە ئىنساننىڭ مەنەۋى يۈكسىلىشى، ئەخلاق ۋە ئىلاھىي مۇھەببەت ئاساسلىق تېما قىلىنغان بولۇپ، قەلىمىدە ھەم ئالىملارغا خاس سىستېمىلىق لوگىكا، ھەم ئاشىق شائىرلارغا خاس جۇشقۇن ھېسسىيات بار.
نىدائىينىڭ ئىلمىي ئۇسلۇبىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك «ھېكمەت»تۇر. ئۇ مۇرەككەپ دىنىي ۋە پەلسەپىۋى مەسىلىلەرنى ئاددىي، خەلقچىل ۋە تەسىرلىك تىل بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ماھىر ئىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ۋەتەن سېغىنىشى (قەشقەرگە بولغان مۇھەببەت) بىلەن مەنەۋى سېغىنىش (ئىلاھىي ۋەسلىگە بولغان تەلپۈنۈش) گىرەلىشىپ كەتكەن.
مۇھىم ئەسەرلىرى:
• رىسالەئى ھەققىييە: بۇ ئەسەر نىدائىينىڭ ھاياتى ۋە تەسەۋۋۇفىي قاراشلىرىنى بىلىش ئۈچۈن بىرىنچى قول مەنبەدۇر. بۇ رىسالەدە نىدائىينىڭ 45 يىللىق سەپىرىنى، كۆرگەن زاتلىرىنى ۋە نەقشىبەندىيە تەرىقەتىنىڭ ئاساسلىرى، زىكىر ئېيتىش ئۇسۇللىرى، مۇرىتلەرنىڭ ئەخلاقى ۋە شەيخ بىلەن مۇرىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇشبۇ ئەسەر ئەينى ۋاقىتتا ئىستانبۇلدا نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ تارقىلىشى ۋە تۈركىستانلىق سۇپىلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ ئاناتولىيەگە سىڭىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.
نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىدۇ. ئاپتور بۇ ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ مەنەۋىيەت يولىدا قانداق مۇشەققەتلەرنى چەككەنلىكىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەرگە روھىي يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
• دىۋانى نىدايى: ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىستېدادىنى جەۋلان قىلغان ئوتلۇق غەزەللىرى جەملەنگەن شېئىرىي توپلام. دىۋاندا پارسچە شېئىرلار ھەمدە چاغاتاي تۈركچىسى (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ داۋامى) ۋە ئوسمانلى تۈركچىسى ئارىلىشىپ كەلگەن. بۇ ئۇنىڭ ھەم قەشقەر مائارىپىدا يېتىلگەنلىكىنى، ھەم ئىستانبۇلنىڭ ئەدەبىي مۇھىتىغا تولۇق سىڭىپ كىرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شېئىرلىرىدا «ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد» (ۋۇجۇد بىرلىكى) پەلسەپىسى، دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچىلىكى، نەپسنى تەربىيەلەش ۋە ئاللاھقا بولغان چەكسىز مۇھەببەت ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئەلىشىر نەۋائىينى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتقان ئابدۇللاھ نىدايىنىڭ غەزەللىرىدە نەۋائىينىڭ سۆز گۈزەللىكى ۋە تەسۋىر قۇدرىتىنىڭ ئەكس ئەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
«دىۋانى نىدائىي»نىڭ كۆپلىگەن قوليازما نۇسخىلىرىنىڭ كۇتۇپخانىلاردا ساقلىنىشى، ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدە ۋە كېيىنرەك نەقەدەر تەسىرلىك بىر شائىر بولغانلىقىنى دەلىللەيدۇ.
• «تەزكىرەئى ئەۋلىيا»نىڭ شەرھى ۋە مەنقىبەلەر: نىدائىي ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن بىر تۈركۈم بۈيۈك تەسەۋۋۇف پىشۋالىرىنىڭ ھاياتىنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى توپلىغان. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خوجا ئەھمەد يەسەۋىي، باھاۋۇددىن نەقشىبەندىي قاتارلىق زاتلارنىڭ ھاياتىنى ئوسمانلى ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىغان.
كاشغەرىي خانىقاسى (Dergah): بىر مەدەنىيەت مەركىزى
نىدائىي پەقەت يازغۇچىلا ئەمەس، بەلكى بىر جەمئىيەت ئەربابى ئىدى. ئۇ باشقۇرغان ئەييۇب سۇلتان كاشغەرىي تەككەسى تۆۋەندىكىدەك روللارنى ئوينىغان:
1. دىپلوماتىك كۆۋرۈك: قەشقەر، يەركەن ۋە خوتەندىن ھەجگە ماڭغان ياكى ئىلىم ئىزدەپ رىم (ئوسمانلى) تۇپراقلىرىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ خانىقا بىر تۈرلۈك «ئەلچىخانا» ۋە ياتاقلىق مەكتەپ رولىنى ئۆتىگەن.
2. مائارىپ مەركىزى: خانىقادا تۈركىستان ئۇسلۇبىدىكى خەتتاتلىق، نەققاشلىق ۋە كىتابچىلىق سەنئەتلىرىمۇ ئۆگىتىلگەن.
3. تۈركىستان ئاشخانىسى: نىدائىينىڭ خانىقاسىدا تۈركىستاننىڭ غىزا مەدەنىيىتى (مەسىلەن، پولۇ) ساقلانغان ۋە يەرلىك خەلققە تونۇشتۇرۇلغان.
ۋاپاتى ۋە قەبرىسى
ئابدۇللاھ نىدائىي كاشغەرىي ھ. 1174 – يىلى سەپەرنىڭ 7 – كۈنى / 1760 – يىلى 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ قەبرىسى ئۆزى ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان ئەييۇب سۇلتاندىكى «كاشغەرىي تەككەسى» (Kaşgari Dergahı) نىڭ ھويلىسىدا، بۈگۈنكى نامى بىلەن پىيارلوتى تۆپىلىكىگە چىقىش يولىدىدۇر. بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ جاي كاشغەرىي مۇرتەزا ئەپەندى مەسچىتى سۈپىتىدە ئىبادەتكە ئوچۇق بولۇپ، خانىقانىڭ باشقا قىسىملىرى ۋە نىدائىيىنىڭ مازىرى ئەسلى ئەھۋالىغا ئۇيغۇن ھالدا رېمونت قىلىنغان، ناھايىتى پاكىز ۋە ئازادە ھالىدىدۇر ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ ئەڭ جانلىق دەلىلى سۈپىتىدە ساقلانماقتا.
ئابدۇللاھ نىدائىي كاشغەرىي قەشقەرنىڭ ئىلمىي نۇرىنى ئىستانبۇلغا چاچقان بىر يۇلتۇزدۇر. ئۇنىڭ ھاياتى بىزگە ئىلىم ۋە مەنەۋىيەت يولىدا تىرىشچانلىقنىڭ، سەۋرنىڭ ۋە ۋاپادارلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۇ قالدۇرغان خانىقا بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈركىستان بىلەن ئاناتولىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزۈلمەس قېرىنداشلىق رىشتىنىڭ ئەڭ چوڭ سىمۋولىدۇر.
مەنبەلەر:
Nuran ÇETİN, ABDULLAH NİDÂÎ KÂŞGARÎ HAYATI, ESERLERİ VE TASAVVUF ANLAYIŞI, Turkish Studies – International Periodical For The Languages, Literature and History of Turkish or Turkic Volume 9/8 Summer 2014, p. 345-363, ANKARA-TURKEY https://isamveri.org/pdfdrg/D03262/2014_8/2014_8_CETINN.pdf
Azmi BİLGİN, ABDULLAH NİDAİ VE İKİ ŞİİRİ, https://dergipark.org.tr/en/download/article-file/157999
https://www.turkiyegazetesi.com.tr/bizim-sayfa/biyografi/rehber-insanlar/abdullah-kasgari-nidai
https://www.eyupsultan.bel.tr/tr/main/pages/kasgari-murteza-efendi-tekkesi/996
https://tr.wikipedia.org/wiki/Kaşgari_Murtaza_Efendi_Cami
«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەييارلىدى.
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…
بۇ ئۈچ مەكتۇب ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خوجىنىياز ھاجى …
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ ئەلقەسىيدە ئەسساۋىييە في ئىلمەي ئەلئەرۇز ۋە ئەلقافىيە/ شرح القصيدة الساوية في…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە ئەلۋەجىيھىييە في ئەلئاسار ئەلئۇلۋىييە/ الرسالة العلائية الوجيهية في الآثار العلوية…