شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (21) تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي / تواريخ خمسة شرقي
ئەسەرنىڭ ئىسمى: تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي (شەرقنىڭ بەش تارىخى) / تواريخ خمسة شرقي.
تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.
ۋاراق سانى: 399 (798 بەت)
ئەسەرنىڭ سۈپىتى: تولۇق، ھەر بىر بەت 27 قۇر ئېنىق خەت بىلەن تۈركچە يېزىلغان.
مۇئەللىفنىڭ تولۇق ئىسمى ۋە نىسبىتى: قارىي قۇربان ئەلى خالىد ھاجى بەگ ئوغلى ئاياگۆزىي چۆچەكىي. ئىمام قۇربان ئەلى خالىدىي دەپمۇ تونۇلغان.
مۇئەللىفنىڭ ئاتىسى خالىد بەگ قازاننىڭ ئورناشباشى يېزىسىدىن چىققان نوغاي بولۇپ، 1842 – يىلى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ شەرقىدىكى، قازاقىستاننىڭ تارباغاتاي ۋىلايەتىنىڭ (ئۆز ۋاقتىدا رۇسىيە باشقۇرۇشىدىكى) ئاياگۆز ناھىيەسىگە يەرلەشكەندىن كېيىن بىبى ئەفىفە خانىمغا ئۆيلىنىدۇ ۋە قۇربان ئەلى ئاياگۆزدە ھ. 1245/ م. 1830 – يىلى دۇنياغا كېلىدۇ. ئاياگۆزدە 30 يىل تۇرغان خالىد بەگ ئالدى بىلەن مىلادىيە 1879 – يىلى قازاقىستان چېگرىسىدىكى باكتە شەھرىگە، كېيىن شەرقىي تۈركىستان تارباغاتايدىكى چۆچەككە بارىدۇ ۋە 1887 – يىلى ۋاپات تاپىدۇ.
ئۇ ئاياگۆزدىكى ياش ؤاقتىدا مەدىنەدە ئىلىم تەھسىل قىلغان موللا ئابدۇللاھ ئاچقان مەدرىسەدە ئوقۇغان قارىي قۇربان ئەلى 1874 – يىلى چۆچەككە يەرلىشىدۇ ۋە ئۇ يەردە 36 يىل ئىماملىق ۋە مۇدەررىسلىك قىلىدۇ. 1886 – 1887 – يىللىرى ئارىسىدا قەشقەرگە قىلغان بىر ساياھىتى ئەسناسىدا تەقرىبەن 45 يېشىدا قەشقەرلىك ھاجى ئىسمائىل ئەفەندى تەرىپىدىن ئۆيلەندۈرۈلگەن. 1910 – يىلى قازىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ تاكى ھ. 1333/ م. 1913 – يىلى 84 يېشىدا تارباغاتاي ۋىلايەتىنىڭ چۆچەك ناھىيەسىدە ئالەمدىن ئۆتكەنگە قەدەر بۇ خىزمەتنى قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بارىدۇ. مائارىپ ئىسلاھاتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ.
تارىخچى، فىلولوگ، ئىنسانشۇناس، سەيياھ ۋە ئۆلىما قارىي قۇربان ئەلى ئەرەب تىلىنى پىششىق بىلگەندىن سىرت، فارسچە، رۇسچە ۋە تۈرك شېۋەلىرىنى تولۇق بىلەتتى. ئاتىسىنىڭ تىجارەت ئىشلىرى بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسمىنى، بىر قىسىم ياۋروپا دىيارلىرىنى، رۇسىيەنى ۋە ئوسمانىيلار دىيارلىرىنى كۆرگەن.
12بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان مۇئەللىفنىڭ بۇ ئەسەرى قازاقلار، تاتارلار، موڭغۇللار، رۇسىيە، فەرغانە، ياپونىيە ۋە ئوسمانىيلار تارىخى ھەققىدە توختالغاندىن سىرت، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان تارىخىنى ئۆز تارىخچىسىنىڭ قەلىمى بىلەن ئەينەن سۇنىدۇ. 2 – بۆلۈمدە «ئالتە شەھەر خانلارى» نامىدا مەخسۇس شەرقىي تۈركىستان تارىخى ئۈستىدە توختىلىدۇ. 11 – بۆلۈمدە بولسا «چىن ۋە خىتاي خانلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھ. 1325 – يىلىغا قەدەر چۆچەك ھاللىرى» نامىدا خىتاينىڭ ئومۇمى تارىخىنى ۋە چۆچەكتىكى ئەھۋاللارنى سۇنىدۇ. بۇ ئەسەردە بايان قىلىنغان ئاخىرقى ۋەقەلىك ھ. 1326، رەجەب/ م. 1908، ئاۋغۇست ئېيىغا ئائىتتۇر.
بۇ يەردە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك مۇھىم نۇقتا شۇكى، ئۆز ۋاقتىدا پۈتۈن دۇنيا شەرقىي تۈركىستاننى ۋەتىنىمىزگە قىسقا مۇددەتلىك كېلىپ – كەتكەن ئەجنەبىي سەيياھلار ئارقىلىق تونۇيتتى. بۇ سەيياھلارنىڭ مەلۇماتلىرى قارىي قۇربان ئەلى ئاخۇننىڭ ئىپادىلىگىنىدەك، ۋەقەلىكلەردىن تۈزۈك ۋاقىپ بولمىغان ئاددىي كىشىلەردىن توپلانغان مەلۇماتلار بولۇپ، «سەيياھلار بۇ مەلۇماتلارنى ئاڭلىغىنى بويىچە يېزىپ ئۆزىنىڭ قانائىتى بويىچە ئەسەرلىرىدە قالدۇرىدۇ. كېلىپ – كەتكەن ھەربىر سەيياھ ۋە سەييارەلەرنىڭ ھال ۋە ھەرىكەتلىرى مۇشۇ تەرىقىدە بولۇپ، … دىققەت قىلىنغىنىدا، ئۇ يازغانلىرى ھەقىقەتكە خىلاپ قۇرۇق بىر گەپ بولۇپ قالىدۇ» . «بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردىكى ئاھالىمىزنىڭ ئادىتىدىندۇركى، كېلىپ – كەتكەن غەيرىي مىللەتلەرنىڭ سەيياھلىرىغا ئۆتمۈش – كەچمىشىمىزنى ھەقىقىي رەۋىشتە بايان قىلىشتىن ۋەتەن ۋە مىللەتكە زىيان كېلۇر دېگەن قانائەتتە بولىدۇ. بىزلەر بولساق ئاھالىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، ئۆلىما ۋە ئاۋاملىرى بىلەن يۈرۈپ، بىر خەبەرنى نەچچە ئادەملەردىن سوراپ، ھەقىقەتنى تولۇق بىلىمىز. سورىغان ئادەملەرمۇ بىزنى ئەجنەبىي كۆرمەي بىلگەنلىرىنى ئىخلاس بىلەن سۆزلەپ بېرىشىدۇ».
بۇ تەرىقىدە ئىمام قارىي قۇربان ئەلى ئاخۇن خەلق تىلىنى بىلمىگەن، يەرلىك شارائىت – ۋەزىيەتنى چۈشەنمەي، تاغلىق، يېزىلىق ئاددىي كىشىلەردىن مەلۇمات توپلاپ، ئۆز پادىشاھلىرى ئۈچۈن ناتوغرا مەلۇمات سۇنغان ئەجنەبىي سەيياھلارنىڭ قىلغىنىنى قاتتىق تەنقىدلەيدۇ.
مەلۇمكى، بۇ تۈرلۈك سەيياھلارنىڭ يازمىلىرىنى خىتاي نەشر قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ ئىنتايىن قالاق ياشىغانلىقىنى بازارغا سېلىشتا خېلى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان بەزىبىر زىيالىيلار بىلىپ – بىلمەي خىتتاينىڭ بۇ مۇقامىغا ئۇسۇل ئويناپ كەلمەكتە ۋە گوياكى زۇلمەت – جاھالەتكە چۆككەن بىر مىللەتنى خىتتاي ئازاد قىلىپ يورۇقلۇققا چىقارغاندەك تەسۋىرلەپ كەلدى ۋە كەلمەكتە.
دېمەك، ھەر تەرەپتىن ئېيتقاندا ئەينى يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى شۇ چاغدىكى تەرەققىي قىلغان دۇنيانى تونۇغان يەرلىك بىر ئالىمنىڭ مۇشۇنداق بىر ئەسەرى ئارقىلىق تونۇش ئىنتايىن ئەھمىيەتلىكتۇر.
مۇئەللىفنىڭ بۇ ئەسەرى م. 1910 – يىلى قازان ئۆرنەك مەتبەسىدە 798 بەتتە نەشر قىلىنغان.
مۇئەللىف يەنە تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) ئاتلىق بىر ئەسەرنىمۇ قالدۇرغاندۇر.
تەۋەللۇدى: قازاقستان / ئاياگۆز ھ. 1245/ م. 1830.
ۋاپاتى: شەرقىي تۈركىستان، تارباغاتاي / چۆچەك. ھ. 1333/ م. 1913.
(بۇ زات ئاستىدىكى ئەرەبچە تەرجىمىھالنىڭ ئىگىسىدۇر.)
***
اسم النسخة المطبوعة: تواريخ خمسة شرقي
الفن: التاريخ. أدب الرحلات.
عدد الأوراق: 399 (798 صفحة)
وصف النسخة: النسخة كاملة، مكتوبة بخط تركي واضح، في كل صفحة 27 سطر.
اسم المؤلف ونسبته: القارئ قربان علي بن خالد الحاج بيك آياكوزي مولدا، الجوجكي مقاما. وهو معروف باسم الإمام قربان علي الخالدي.
مكان الولادة: قازاقستان / آيا كوز. ھ. 1245/ م. 1830.
مكان الوفاة: تركستان الشرقية، تارباغاتاي / جوجك. ھ. 1333/ م. 1913.
وهو صاحب هذه الترجمة:
العلامة المؤرخ الأديب
قربان علي آيا كوزي
(من رجال القرن التاسع عشر)
هو قربان بن علي، من مواليد قازاقستان من أصل تتاري من جبال أورال. وقد انحدرت أسرته إلى أواسط تركستان العظيم واستوطن منطقة قازان. ولم يعرف عن تاريخ ولادته شيء يذكر غير أنه من رجال القرن المنصرم (القرن التاسع عشر) ، حيث إنه كان منكبا على تأليف كتابه «تاريخ خمسة شرقي» في النصف الثاني من ذلك القرن. وإنه كان يستقي أخبار الفتوحات والمعارك الفاصلة «لقوش بِكي يعقوب بك» الذي تسمى فيما بعد بـ«بَدَوْلَتْ»، ولذلك يجوز أن نخمن ولادته ووفاته في ذلك القرن ولعله ولد في أوائل القرن، وتوفي في أواخره على أكثر تقدير. ويقول الرواة: «إنه أخذ تعليمه الابتدائي في مدينة طراز، ثم انتقل إلى مرغلان وطاشكند حتى أكمل تعليمه العالي فيها. وكان متخصصا في التاريخ. وقد ألمحنا إلى أنه كان ينقد «بارتولد» المؤرخ الروسي الشهير، ويتهمه بعدم التثبت والسطحية. ومهما يكن من أمر تخصصه فقد كان عالما ضليعا في العلوم العربية والفارسية علما وأدبا، فضلا عن أنه كان من أكبر نقّاد زمانه في الأدب والتاريخ.
وفي الثمانينيات من القرن التاسع عشر خرج برحلة سياحية إلى قازان في تتارستان ثم عرج إلى إسطنبول، ثم إلى دول البلقان ودول شرق أوروبا فمصر القاهرة وفلسطين ودمشق الشام وحلب ولبنان وزار القدس الشريف، ثم الحجاز لأداء الحج والعمرة ثم أقام مدة من الزمن بالديار المقدسة.
ثم عاد إلى بلاده عن طريق الهند وآفغانستان وقد دون انطباعاته عن كل بلد من البلدان التي زارها. وقد كان شغوفا بالأخبار والأحداث العالمية، ولم يسمع عن جريدة أو مجموعة جرائد أو كتب إلا وسعى إلى جلبها مع الاشتراك فيها. ومن شغفه بالأخبار والجرائد سمى تاريخه الثاني بـ«تاريخ جريدة»، كتبها باللغة العربية وطبع كليهما في مدينة قازان. ومن هنا يتبين لنا أنه كان يتردد إلى تتارستان بسبب من الأسباب
وأهم ما استفدنا من مؤلفاته تقويم بلدان تركستان الكبرى وبحثه وتحقيقه في حقل التاريخ. وبالرغم من أنه عاصر أو التقى بالفيلسوف الإسلامي الكبير المعلم موسى جار اللّه لم ينوه الأخير في مؤلفاته إلى صاحب الترجمة قربان علي آيا كوزي لا بقليل ولا بكثير. ولعل في فارق السن أو حقل التخصص دخلا في ذلك.
وباستقصائنا عنه في أخريات حياته لم نعثر على أثر له في التسعينيات غير كتابه الأخير «تاريخ جريدة» المطبوع في قازان 1896م. فمن هذا أمكننا التخمين بأنه توفي في العقد العاشر من القرن التاسع عشر على أكثر تقدير. وأما مؤلفاته القيمة تعتبر بحق تحفة نادرة وتراثا قيما من تراث تاريخ أمتنا الإسلامية في شرقنا الإسلامي الكبير. وإن قربان علي آيا كوزي يعد من أهم وأبرز شخصيات قازاق المؤمنين باللّه المصدقين برسوله محمد عليه أفضل الصلاة وأزكى التسليم.
انظر: الإعلام ببعض رجالات تركستان، تأليف محمد قاسم بن أمين بن مؤمن بن هاشم الكاشغري التركستاني المكي، تحت الطبع، أعده للنشر وهذبه مركز ساجية للبحوث والدراسات الإسلامية.
«ساجىيە»دىن دەرھال چۈشۈرۈۋېلىڭ! حمل الآن Download now
بۇ يەردىن:
قازان باسمىسى:
«شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (21) ئىمام قۇربان ئەلى خالىدىي – تاۋارىخى خەمسەئى شەرقىي / تواريخ خمسة شرقي» pdf
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تارىخى جەرىدەئى جەدىدە (يېڭى سەھىپە تارىخى) / تاريخ جريدة جديدة. تۈر: تارىخ. ساياھەتنامە.…
بۇ ئۈچ مەكتۇب ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خوجىنىياز ھاجى …
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ ئەلقەسىيدە ئەسساۋىييە في ئىلمەي ئەلئەرۇز ۋە ئەلقافىيە/ شرح القصيدة الساوية في…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە ئەلۋەجىيھىييە في ئەلئاسار ئەلئۇلۋىييە/ الرسالة العلائية الوجيهية في الآثار العلوية…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية تۈر: ماتېماتىكا.…