Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

ساھىل قىزى ئائىشە ئابدۇررەھمان

ساھىل قىزى ئائىشە ئابدۇررەھمان

ساھىل قىزى ئائىشە ئابدۇررەھمان

(ھىجرىيە 1331 – 1419 / مىلادىيە 1913 – 1998)

دوكتور راغىب سىرجانىي

 

ئەزھەرىي ئالىمنىڭ قىزى، ئەزھەر ئۆلىمالىرى ۋە پېشۋالىرىنىڭ نەۋرىسى بولمىش ئائىشە ئابدۇررەھمان مىلادىيە 1913 – يىلى 6 – نويابىر مىسىر نىل دەرياسى دېلتىسىنىڭ شىمالىدىكى دىميات شەھىرىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن فىقھى، تىل – ئەدەبىيات سورۇنلىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولغان ۋە ئۆز ۋاقتىدىكى ئاياللارنى ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى بويىچە ئائىلىدە ۋە قارىخانىلاردا تەلىم ئالغان.

ئۇ ئاتىسى توغرۇلۇق سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا مېنى شۇنداق بىر ئاتا بىلەن ئەزىز قىلدىكى، ئۇ تەقۋادار ھەم پەزىلەتلىك، مۇئەللىم ھەم يېتەكچى، ئىشەنچلىك يول باشلىغۇچى ۋە ئىلھام بەرگۈچى، سۈرلۈك ھەم ئۈلگىلىك بىر ئىمام ئىدى. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنى تونۇغۇچى، بىلگۈچى ھەم ئەمەل قىلغۇچى، مۆھتەرەم شەيخ مۇھەممەد ئەلى ئابدۇررەھمان ھۈسەيندۇر. ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، ئۇ مېنى ئىسلام بىلىملىرى ئۈچۈن ئاتاپ، كىچىكىمدىنلا ئىسلامىي مەكتەپكە بەردى ۋە ساپ تەبىئىتىمنى بۇلغايدىغان ۋاسىتىلەردىن ساقلاپ، داغدام يولغا باشلىدى».

ئۇ مەكتەپتە ئوقۇماستىنلا ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، مىلادىيە 1929 – يىلى پۈتۈن مىسىر بويىچە بىرىنچى دەرىجە بىلەن دارىلمۇئەللىمىننىڭ (تولۇقسىز ئوتتۇرا) دىپلومىغا ئېرىشكەن. 1931 – يىلى تولۇق ئوتتۇرا دىپلومىغا ئېرىشكەن. ئاندىن قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ، 1939 – يىلى ئەرەب تىلى قىسمى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئاندىن 1941 – يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

كېيىن ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئوقۇتقۇچىسىغا يەنى، ئەينى ۋاقىتتا مىسىردىكى نوپۇزلۇق مۇتەپەككۇر ۋە زىيالىيلارنىڭ بىرى سانالغان ئەمىن خۇۋلىيگە ياتلىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۈچ پەرزەنتلىك بولغان. شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 1950 – يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

ساھىل قىزى ئائىشە پەقەت يازغۇچى، مۇتەپەككۇر ۋە تەتقىقاتچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ نىل دەرياسى ساھىلىدا ئويناپ يۈرگەن بىر كىچىك قىزدىن تاكى ماراكەشتىكى «قەرەۋىييىن ئۇنىۋېرسىتېتى» شەرىئەت فاكۇلتېتىنىڭ تەپسىر ۋە ئالىي ئوقۇ – ئوقۇتۇش پروفېسسورىغا، شۇنداقلا مىسىر «ئەين شەمس ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى پروفېسسورىغا، 1967 – يىلى «ئۇمدۇرمان ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ، 1968 – يىلى خارتۇم ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئالجىرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ، 1972 – يىلى بېيرۇت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ، 1981 – يىلى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ، 1975 – يىلىدىن 1983 – يىلىغىچە رىياددىكى قىزلار مائارىپ فاكۇلتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورىغا ئايلانغانغا قەدەر، ئۆز – ئۆزىنى ئىسلام بىلەن ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرگەن بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ نادىر ھەم يېگانە ئۈلگىسى بولغان. ئۇ 20 يىلغا يېقىن ئىشلىگەن ماراكەشتىكى «قەرەۋىييىن ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ شەرىئەت فاكۇلتېتى تەپسىر ۋە ئالىي ئوقۇ – ئوقۇتۇش پىروفېسسورىغا ئايلانغۇچە، ئاكادېمىك خىزمەت ئورنى پەيدىنپەي ئۆسكەن.

ساھىل قىزىنىڭ ئەسەرلىرى

ساھىل قىزى ئائىشە شەرىئەت، تىل – ئەدەبىيات، تارىخ ۋە ئىسلام بىلىملىرى تەتقىقاتى توغرىسىدا 40 پارچىدىن ئارتۇق كىتابنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ «قۇرئان كەرىم» ۋە ئىسلام تەتقىقاتى توغرىسىدا بىر قانچە ئەسەرلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىكلىرى: «التفسير البياني للقرآن الكريم»، «القرآن و قضايا الإنس» ۋە «تراجم سيدات بيت النبوة» قاتارلىقلار. ئۇنىڭ تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات ۋە تارىخ تەتقىقاتلىرىمۇ بار بولۇپ، ئەڭ گەۋدىلىكلىرى: «نص رسالة الغفران للمعري»، «الخنساء الشاعرة العربية الأولى»، «مقدمة في المنهج»، «قيم جديدة للأدب العربي» قاتارلىقلار. ئۇنىڭ يەنە ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە رومانلىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرى: «على الجسر» ۋە «سيرة ذاتية» قاتارلىقلار. ئۇ بۇ ئەسىرىدە ئۆز تەرجىمىھالىنىڭ بىر قىسمىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، بۇ ئەسىرىنى ئېرى ئەمىن خۇۋلىي ۋاپات بولغاندىن كېيىن يازغان ۋە ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئۇسلۇبى بىلەن ئەڭ يۇقىرى ماھارەتتە ئېرىگە بولغان سېغىنىشىنى ۋە ھېسسىياتىنى گۈزەل، شېرىن ئىبارىلەر بىلەن ئىپادىلەپ، ئۆزىنىڭ قايغۇ – ھەسرىتىنى خاتىرىلىگەن. شۇنىڭدەك، ئۇ بۇ ساھەلەرنىڭ ھەربىرىدە كۆپلىگەن خەلقئارالىق قۇرۇلتايلارغا قاتناشقان. ئۇنىڭ شۆھرىتى پۈتكۈل ئەرەب، ئىسلام دۆلەتلىرىگە تارالغان.

ساھىل قىزى پەقەت يېزىقچىلىق بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماستىن، بەلكى مەشھۇر ئىدىيىۋى توقۇنۇشلارغا ئاكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق ئىسلامنى قوغداش مەيدانىدا كەسكىن تۇرغان. ئۇ قاتناشقان ئىدىيىۋى كۈرەشلەرنىڭ گەۋدىلىكلىرى: ئىسلام كلاسسىك ئەسەرلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، «قۇرئان كەرىم»نى زامانىۋى ئىلىم – پەنگە بويسۇندۇرۇپ تەپسىرلەشكە قارشى كۈرەش قىلغان، ئاياللار مائارىپىنى قوللىغان، ئىسلام مەنتىقىسى ۋە شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرىغا نارازىلىقسىز ئېھتىرام بىلدۈرگەن، بەھائىيە مەزھىپىنىڭ([1]) خەلقئارالىق يەھۇدىي قىساسچىلىقى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى مەركەز قىلغان تەتقىقات تېمىلىرىدا بەھائىيە مەزھىپىگە يۈزتۇرانە قارشى تۇرغان. شۇنىڭدەك، پەيغەمبەر ئائىلىسىدىكى ئاياللارنىڭ تەرجىمىھالى توغرىسىدىكى باشلامچى تەتقىقاتلىرى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ توپلىنىشى، ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى ۋە ئاتالغۇلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىمۇ شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

دوكتور ئائىشە ئابدۇررەھمان ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات، مائارىپ ۋە ئاكادېمىك تۆھپىلىرى بىلەن بىرگە، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان توققۇز ئەرەب دۆلىتىدىن بىر ئەۋلاد ئۆلىمالار ۋە مۇتەپەككۇرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. ئۇ ئۆزىنىڭ پىكرى ۋە قەلىمى بىلەن ئومۇمىي ساھەلەرگە بالدۇرلا قەدەم باسقان. 18 يېشىدىن باشلاپ «ئاياللار گۈللىنىشى» ژۇرنىلىدا، ئىككى يىلدىن كېيىن «ئەھرام گېزىتى»دە ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. جەمەتى ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلارغا ئارىلىشىشىنى خالىمايدىغان بولغاچقا، ئۇ ئۆز جەتېكىستى ئاسراش يۈزىسىدىن، يۇرتى دىمياتتىكى نىل دەرياسى بويىدا ئۆتكەن بالىلىقى ۋە كىچىك ۋاقتىدىكى ئوينىغان ئويۇنلىرىغا ئىشارە قىلىپ، «ساھىل قىزى» دېگەن ئىسىمنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلىپ تاللىغان. شۇنىڭدىن ئىككى يىل كېيىن ئەھرام گېزىتىدە يېزىقچىلىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇ ئەدىب مەيزىيادەدىن كېيىن بۇ گېزىتتا ئەسەر يازغان ئىككىنچى ئايال بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ «ئەھرام» گېزىتىدە تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئەسەر ئېلان قىلىپ تۇرغان. ئۇنىڭ ھەپتىلىك ئۇزۇن ماقالىلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ماقالىسى 1998 – يىلى 26 – نويابىر «ئەھرام» گېزىتىدە بېسىپ تارقىتىلغان «ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب» دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى ئىدى. ھالبۇكى، بۇ ماقالە ياز پەسلىدىن باشلاپ يېزىۋاتقان كۆپ قىسىملىق ئۇزۇن ماقالىلىرىنىڭ تاماملىنىشى بولۇپ، بۇ ماقالىلەر پەيغەمبەر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مەنسۇپ ئەھلى بەيىتنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇ ئۆز ئادىتى بويىچە، رامىزانلىق بىر يۈرۈش كۈندىلىك ماقالىلىرىنى يېزىشنى باشلىغان بولۇپ، بىراق تەقدىر ئۇنى تولۇق پۈتتۈرۈشكە ئىمكان بەرمىگەن.

دوكتور ئائىشە ئابدۇررەھمان ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسى مىقياسىدا يۇقىرى ئورۇنغا نائىل بولغان، ئۇنى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە ئىسلامىي ئورگانلار ئىززەتلىگەن. ئۇ مىسىردا مۇھەممەد ئەنۋەر سادات زامانىسىدىمۇ، مۇبارەك زامانىسىدىمۇ ئىززەتلەنگەن. ئۇ پادىشاھ فەيسەل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ھەمدە بىر قانچە دۆلەتلەرنىڭ مېداللىرىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭدەك، قاھىرەدىكى ئىسلام تەتقىقات كېڭىشى ۋە يۇقىرى خەلق كېڭەشلىرىگە ئوخشاش خىلمۇخىل ئىسلامىي مۇئەسسەسەلەر باشقا ئاياللارغا بەرمىگەن ئەزالىق ئورنى بىلەن ئۇنى قەدىرلىگەن. ئۇنى يەنە ماراكەش پادىشاھىمۇ ئىززەتلىگەن.

تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۇنىڭ مىسىر سىرتىدا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى زىيارىتى 1998 – يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا رەباتتىكى «ئىسلامىي ئويغىنىش ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلغار يېتەكچى ۋە داڭلىق شەخسلەرگە ئايلانغان ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنى كۈتىۋالغان. شۇ سەۋەبتىن، ماراكەش ۋەخپە ۋە ئىسلام دىنى ئىشلىرى مىنىستىرلىكى ئۇ ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئورۇن تەسىس قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مانا بۇ، بىر قاراشتىلا ساھىل قىزى ئائىشەنىڭ پارس دېڭىز قولتۇقىدىن ئاتلانتىك ئوكيانغىچە بولغان دۆلەتلەردىكى نوپۇزى ھەم تەسىر كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. 1998 – يىلى دېكابىرنىڭ باشلىرىدا ئىسلام دىنى ساھەسى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدى. مىسىر دۆلىتى ئۇنى ئالتە دۆلەتتىن كەلگەن ئۆلىمالار، ئەدىبلەر ۋە زىيالىيلار قاتناشقان ھەيۋەتلىك جىنازا مۇراسىمى بىلەن ئۇزاتتى. ئەزھەر باش شەيخى ئۇنىڭغا ماتەم بىلدۈردى ۋە جىنازا نامىزىغا ئۆزى ئىمام بولدى.

ئۇ (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) بۇ ئۈممەتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، ئاللاھنىڭ دىنىنى قوغداش يولىدا ئىلمى ھەم قەلىمى بىلەن كۈرەش قىلغان ئىدى. ئايال كىشىنىڭ رولى پەقەت ئائىلە بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان شۇ زامانلاردا، ساھىل قىزىنىڭ ئىلىم ئۆگىنىش يولىدىكى مۇساپىسى، ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇش ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرى ۋە ئىسلام ئىدىيىۋى مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە يازمىلىرىدا ئۇ كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن ئۆچمەس نەمۇنە بولغان. شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى ۋە قوشقان تۆھپىلىرى ھازىرقى زامان مۇسۇلمان ئاياللىرى ئۈچۈن نۇرلۇق بەلگە ۋە ئىسلام ساھەسىدىكى ئىدىيىۋى زاپاس بايلىقتۇر.

ئۇ قاتناشقان يىغىن – قۇرۇلتايلار

•    خەلقئارالىق شەرقشۇناسلار كېڭىشى، 1957 – يىلى، ميۇنخېن.

•    ئەرەب مەدەنىيەت قۇرۇلتىيى، 1957 – يىلى، باغداد.

•    ئافرىقا ئاياللار يىغىنى، 1960 – يىلى، گانا.

•    ئەرەب ئوقۇتقۇچىلار كېڭىشى، 1963 – يىلى، ئالجىرىيە.

•    ئەرەب ئەدىبلەر كېڭىشى، 1965 – يىلى، باغداد.

•    شائىر مۇھەممەد ئىقبالنى خاتىرىلەش يىغىنى، 1969 – يىلى، پاكىستان.

•    ئىسلام دىنى تەشۋىقات يىغىنى، 1970 – يىلى لىۋىيە، تېرىپولى.

•    ئىسلام ۋە ئائىلە يىغىنى، 1975 – يىلى، قاھىرە، قاھىرە ئۇنىۋېرستېتى.

ئەدەبىيات ۋە تىلشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلىرى ۋە تەتقىقاتلىرى

•    قضية الفلاح (1939 – يىلى)

•    سيدة العزبة (تارىخىي رومان، 1944 – يىلى)

•    الحياة الإنسانية عند أبي العلاء (1944 – يىلى)

•    رجعة فرعون (تارىخىي رومان 1949 – يىلى)

•    صور من حياتهن (ھېكايىلەر توپلىمى، 1957 – يىلى)

•    سر الشاطئ (ھېكايىلەر توپلىمى، 1958 – يىلى)

•    التفسير البياني للقرآن الكريم (1962 – يىلى)

•    الشاعرة العربية المعاصرة (1963 – يىلى)

•    أبو العلاء المَعَرِّي (1965 – يىلى)

•    على الجسر (ھايات – ماماتلىق سەپەر، 1968 – يىلى)

•    قيم جديدة للأدب العربي القديم والمعاصر (1969 – يىلى)

•    مقال في الإنسان (1969 – يىلى)

•    لغتنا والحياة (1970 – يىلى)

•    مع المصطفى (1970 – يىلى)

•    مقدمة في المنهج (1971 – يىلى)

•    القرآن والتفسير العصري (1971 – يىلى)

•    مع أبي العلاء في رحلة حياته (1972 – يىلى)

•    القرآن وقضايا الإنسان (1972 – يىلى)

•    الإسرائيليات في الغزو الفكري (1975 – يىلى)

•        أرض المعجزات (1977 – يىلى)

ئۇ ئالغان مۇكاپات ۋە مېداللار

• 1950 – يىلى قول يازمىلارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

• 1953 – يىلى مىسىر تىلشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ «قىسقا ھېكايىلەر مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

• 1956 – يىلى مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىر يېزا ئېگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقاتلار ھەققىدىكى تۇنجى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

• ماراكەش پادىشاھى ھەسەنⅡ جانابلىرىنىڭ پىكىر سالاھىيەت ئوردېنىغا ئېرىشكەن.

• 1978 – يىلى سەنئەت، ئەدەبىيات ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش ئالىي مەجلىسى تەرىپىدىن، ئەدەبىيات ساھەسىدە دۆلەتنىڭ تەقدىرلەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ساھىل قىزىنىڭ ۋاپاتى

ساھىل قىزى دوكتور ئائىشە يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك – مېڭىدە قان نوكچىسى پەيدا بولۇشى ۋە قان ئايلىنىشىنىڭ جىددىي تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبلىك، مىلادىيە 1998 – يىلى دېكابىر ئېيىنىڭ باشلىرىدا بىز بىلەن ۋىدالاشتى. ئۇ كېيىنكىلەرگە ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە كىتابلاردىن غايەت زور بايلىقنى قالدۇرۇپ كەتتى. مانا بۇلار قىلىچقا ئوخشاش ئۆتكۈر قەلىمى ۋە ئىلمى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن بۇ مۇسۇلمان ئايالنىڭ جىھادىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ يازغان ئەسەر – يازمىلىرى كېيىنكىلەرگە ئۈلگە ھەم بۇ مۇسۇلمان ئايالنىڭ قانچىلىك يۇقىرى ئورۇنغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەلگە بولۇپ قالغۇسى. شۇنىڭدەك، ئۇ ئەرەب دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارالغان، پىكىر ۋە ئەدەبىيات بايراقدارلىرىغا ئايلانغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ يادلىنىدۇ. ئۇنىڭ سايىسى كىتابلىرىنى ۋاراقلىغان ياكى ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلغان ھەربىر ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىنىڭ ئەتراپىدىن ئەگىپ كېتەلمەيدۇ…

ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن ۋە ئۇنى جەننەتنىڭ يۇقىرى مەرتىۋىلىرىگە كىرىشكە نېسىپ قىلسۇن!

 

مەنبەسى: http://islamstory.com/ar

تەرجىمىدە: شەبنەم


([1]) ئىسلامغا يات ئازغۇن مەزھەپلەردىن بىرى.

Please follow and like us:
Exit mobile version