82 – سوئال:

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! مەن مۇشۇ سەئۇدىدا ئىشلەيمەن، ئىشلەۋاتقىلى بىر يىلغا يېقىن بولدى، ۋىزا يېڭىلاش ئۈچۈن «ۋىدا تاۋاپى»نى قىلماي ئۇردۇنغا بارغانىدىم، يەنە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ سەئۇدىدا ئىشلەپ قالىمەن. شۇڭا، بەزى كىشىلەر: «سەن مەككە ئەھلىدىن ھېسابلىنىسەن، قان قىلىش كەتمەيدۇ» دەۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قانداق قارايدىلا؟ مەن سىلە دېگەندەك قان قىلىش تەرەپدارى.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. سىز ھەج قىلغان بولسىڭىز مەككەدە تۇرۇۋاتقان بولسىڭىزمۇ سەپەر قىلىشتىن بۇرۇن «ۋىدا تاۋاپى» قىلىشىڭىز كېرەك. ھەرەمنىڭ سىرتىدىن كەلگەن هاجىلار يۇرتلىرىغا قايتماقچى ياكى سەپەر قىلماقچى بولسا، شۇنداقلا مەككەلىكلەر ياكى ھەرەملىكلەر ھەرەمدىن سەپەر قىلماقچى بولسا، بەيتۇللاھ بىلەن خوشلىشىش، ۋىدالىشىش ئۈچۈن «ۋىدالىشىش تاۋاپى» قىلىشى كۆپچىلىك ئالىملار تۇتقان كۈچلۈك قاراش بويىچە ۋاجىب بولۇپ، بۇ تاۋاپ ھەرەمنى ئۇلۇغلاش ئۈچۈن قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ تاۋاپنى ئۆزرىسىز تۇرۇقلۇق ئادا قىلمىسا بىر قوي قان كېلىدۇ. بىر قوي قان قىلىشقا قۇربى يەتمىسە 10 كۈن روزا تۇتىدۇ. بۇ تاۋاپ «قايتىپ كېتىش تاۋاپى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەككەلىك هاجىلار سەپەر قىلمايدىغان بولسا ۋىدالىشىش تاۋاپىنى قىلمايدۇ. ھەجدىن كېيىن سەپەر قىلىدىغان بولسا مەككەلىككىمۇ ۋىدا تاۋىپى ۋاجىب بولىدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي دەيدۇ: «ھەج ئىبادەتلىرىدىن پارىغ بولۇپ، مەككەدە تۇرۇپ قالماقچى بولسا، مەككە ئاھالىسى بولسۇن ياكى باشقا يەردىن كەلگەنلەر بولسۇن، ئۇلارغا ۋىدا تاۋاپى ۋاجىب ئەمەس. بۇنىڭدا باشقىچە قاراش يوق. باشقا يەردىن كەلگەنلەر قاچانىكى ئۆز ۋەتىنىگە ياكى باشقا دىيارغا سەپەر قىلماقچى بولسا، ۋىدا تاۋاپىنى قىلىشى كېرەك» («ئەلمەجمۇﺋ»: 8/254).

سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىدىن شەيخ ئۇسەيمىن: «مەككەلىك كىشى ھەج قىلىپ بولغاندىن كېيىن سەپەر قىلماقچى بولسا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: «بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلماي تۇرۇپ ھېچكىم قايتمىسۇن» دېگەن ئەمرىگە بويسۇنۇپ ۋىدا تاۋاپى قىلىشى كېرەك. شۇڭا، بىز مەككەلىكلەرگىمۇ: ھەجدىن كېيىن سەپەرل قىلغانىكەنسەن، تاۋاپ قىلماي سەپەر قىلما دەيمىز».(«پەتۋالار»: 23/339) ۋەللاھۇ ئەئلەم.

admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (18) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (15) جامالۇددىن سائىد ئەسسۇغدىي ئەلكاشغەرىي ئەتتۈركىستانىي – ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية

قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية تۈر: ماتېماتىكا.…

1 ئاي ago

صدر حديثا عن مركز ساجية للبحوث والدراسات الإسلامية كتاب تهذيب الإعلام ببعض رجالات تركستان

كلمة الناشر ما في هذا الكتاب قطرة من بحر تاريخ علمائنا الأمجاد وآبائنا الأبطال التركستانيين…

2 ئاي ago