Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

مۇنبەرلەر سەركىسى _ شەيخ ئابدۇلھەمىد كىشك

مۇنبەرلەر سەركىسى _ شەيخ ئابدۇلھەمىد كىشك

مۇنبەرلەر سەركىسى _ شەيخ ئابدۇلھەمىد كىشك

(ھىجرىيە 1351 – 1417 / مىلادىيە 1933 – 1996)

رىزۋا سالاۋى

 

مۇنبەرلەردە ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر تىلى، پاساھەتلىك سۆزلىرى بىلەن قەلب تارىلىرىمىزنى تىترىتىپ، روھىي دۇنيارىمىزغا «قۇرئان كەرىم» روھىنى سىڭدۈرۈۋاتقان، ئەڭ خەتەرلىك پەيتلەردىمۇ ھەق ئۈستىدە تەۋرەنمەستىن چىڭ تۇرۇپ، ئەمالىقى بىلەن كۆزى كۆرىدىغانلارغا يول باشلاۋاتقان، قەلبى ئويغاق، جانلىق، تېتىك ۋە زېرەك دەۋەتچى، مەشھۇر خەتىپ رەجەب زەكىينى مىسىردا ئوقۇۋاتقانلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئوبدان بىلسە كېرەك. سىز ھەر قېتىم شەيخنىڭ تەسىرلىك ۋەز – نەسىھەتلىرىنى، زالىملارغا نىسبەتەن مەسخىرىلىك، ئاچچىق سۆزلىرىنى سۆيۈنۈپ ئاڭلىغىنىڭىزدا بۇ شەيخنىڭ ئارقىسىدا كىمنىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇ ئىقتىدارلارنى ھازىرلاشتا كىمنى ئۈلگە قىلىپ ئۇستاز تۇتقانلىقىنى بىلگۈڭىز كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇ دەل مۇنبەرلەر سەركىسى ئابدۇلھەمىد كىشىكتۇر.

مۇنبەرلەر سەركىسى، ئىسلامىي ھەرىكەتنىڭ قوغدىغۇچىسى، 20 – ئەسىردە ئەرەب دۇنياسى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىدە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر خەتىپلەرنىڭ بىرى، يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بېرى دەۋەت جەريانىدا تىل نۇقتىسىدىن بىرەر قېتىممۇ خاتالاشماستىن سۆزلىگەن، 2000دىن ئارتۇق خۇتبىلىرى ئاۋازغا ئېلىنىپ، شۇ ئۇزۇن ۋاقىت قارا كۆزەينەكنىڭ ھەمراھلىقىدا دەۋەت ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز ئابدۇلھەمىد كىشىك 1933 – يىلى 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى مىسىرنىڭ بۇھەيرە ئۆلكىسى شىبراخىت يېزىسىدا تۇغۇلىدۇ. 10 ياشقا كىرمەستىلا «قۇرئان كەرىم»نى تولۇق يادلاپ بولۇپ، ئىسكەندەرىيەدىكى دىنىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدىكى نەتىجىلىرى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك دەرىجىدە ئالاھىدە ياخشى بولۇپ، ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋە ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى «دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى» دېگەن ياخشى نەتىجە بىلەن تاماملاپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نېگىزلىك دىنىي پەنلەر فاكولتېتى (كلية أصول الدين) غا ئوقۇشقا كىرىدۇ.

ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىدىمۇ داۋاملىق بىرىنچىلىك ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلارغا دەرسلەرنى چۈشەندۈرۈشتىن ئىلگىرى، بولۇپمۇ، گىرامماتىكا، مورفولوگىيە پەنلىرىدە ئوقۇتۇش پىروگراممىلىرىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلارنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىكلىرىنى شەرھىلەيدىغان يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسنى ئۆتەيدۇ.

ئابدۇلھەمىد كىشىك 13 يېشىغا كىرگۈچە ئىككىلا كۆزى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، 13 يېشىغا كىرگەندە بىر كۆزىدىن، 17 يېشىغا كىرگەندە يەنە بىر كۆزىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. كىشىك ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن بۇ سىناقلارغا نىسبەتەن ئابدۇللا ئىبنى ئابباس (ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) نىڭ «گەرچە ئاللاھ مېنىڭ ئىككى كۆزۈمنىڭ نۇرىنى ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما مېنىڭ قەلبىمدە ۋە ئەقلىمدە كۆزۈمنىڭ نۇرلىرى بار!» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆز – ئۆزىگە تەسەللىي بىرىدۇ.

كىشىك 1957 – يىلى قاھىرەدىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى نېگىزلىك دىنىي پەنلەر فاكولتېتى (كلية أصول الدين) نىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ، دەرس ئۆتۈشتە بىر پەن بىلەنلا چەكلىنىدۇ.

ئۇنىڭ قەلبى ئۇ 12 يېشىدىن بېرى چىقىپ ئادەتلەنگەن مەسجىد مۇنبەرلىرىگە باغلانغاچقا، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدىن سوۋۇپ قالىدۇ.

كىشىك ئۆزىنىڭ 12 يېشىدا مەھەللە مەسجىدى خاتىپى كېلەلمىگەن بىر كۈندىكى مەسجىد مۇنبىرىگە چىقىپ سۆزلىگەن بىرىنچى قېتىملىق خۇتبىسىنى ھەرگىزمۇ ئۇنتالمايدۇ. شۇ ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ يېشىغا نىسبەتەن خېلىلا يۇقىرى سەۋىيەدىكى بۇ خۇتبىنى قانداق غەيرەت – شىجائەت بىلەن سۆزلىگەن – ھە !

ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرنى ئۆزئارا كۆيۈمچان بولۇشقا، كەنت كەمبەغەللىرىنى داۋالاش، كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك جەھەتلەردە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلغان خۇتبىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنى ئۆز ئەتراپىغا توپلىغان ئىدى.

‏ 196 – يىلدىكى ئىلىم – مەرىپەت بايرىمىدا شەيخ ئابدۇلھەمىد كىشىك ئەزھەرنىڭ ۋەكىلى بولىدۇ. ئۇندىن كېيىن قاھىرە ئۆلكىسى شەرابىيە رايونىدىكى تەھھان مەسجىدىدە ئىماملىق ۋە خاتىپلىق ۋەزىپىسنى ئۆتەيدۇ.

‏1962 – يىلى قاھىرە قۇببەزارلىق رايونى مىسىر – سۇدان كوچىسىغا جايلاشقان «ھايات كۆزى مەسجىدى»دە ئىمام ۋە خاتىپلىققا تەيىنلىنىدۇ. ئۇ مانا بۇ مەسجىدتە ئۆزىنىڭ 20 يىلغا يېقىن خاتىپلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرىدۇ.

‏شەيخ ئابدۇلھەمىد كىشىك 1965 – يىلى ئىسلام ھەرىكىتى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قاتارىدا قولغا ئېلىنىپ، ئىككى يېرىم يىللىق تۈرمە ھاياتىنى تۇرا، ئەبۇ زەئىيل، قەلئە قاتارلىق ھەربىي تۈرمىلەردە ئۆتكۈزىدۇ.

‏دەھشەتلىك قىيىن قىستاقلار ئۇنىڭ كىچىكىدىن ئەما ئىكەنلىكىگىمۇ پەرۋا قىلماي داۋاملىشىۋېرىدۇ. شۇنداق ئېغىر ئازابلاشلار ئالدىدىمۇ شەيخنىڭ «ھايات كۆزى مەسجىدى»دىكى ئىماملىق خىزمىتى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى مەسجىدكە قايتىپ خۇتبە سۆزلەشكە باشلىغانغا قەدەر ساقلىنىپ قالىدۇ. شەيخ ئىماملىق قىلغان مەسجىدكە زور سانلىق كىشىلەر ناماز ئوقۇشقا كېلەتتى.

‏1976 – يىلى شەيخنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان توقۇنۇشى باشلىنىدۇ. بولۇپمۇ، «كام دىۋىد كېلىشىمى»دىن كېيىن، ئۇ ھۆكۈمەتنى ئىسلامغا خىيانەت قىلدى دەپ ئەيىبلەپ، مىسىرنىڭ ئىجتىمائىي سەنئەت ساھەسى ۋە ئومۇمىي تۇرمۇشتىكى چىرىكلىكلەرنى پاش قىلىشقا باشلايدۇ.

‏شەيخ ئۆزىنىڭ خۇتبىلىرىدە شۇ دەۋىردىكى مىسىر ھۆكۈمىتىدىن جامال ئابدۇنناسىرنىڭ قەبرىسىنى 500 مىليۇن دوللارغا سېتىۋىلىشنى تەلەپ قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان تاغۇت ھاكىمىيەت بېشى قەززافىيدەك، ئىسلام تەلىماتلىرىغا زىت بەزى پىكىرلەرنى ئۆز ھاكىمىيىتىدە تەتبىقلىغان تۇنىس رەھبىرى ھەبىيب بۇرقىيبەدەك، ئىئوردانىيە پادىشاھى ھۈسەين ئىبنى تەلال، ئاتاتۈرك ۋە ئىران شاھلىرىدەك بىر قىسىم دۆلەت رەئىسلىرى ۋە سىياسىيونلارغا ئىككىلەنمەستىن زەربىلىك ئوت ئاچىدۇ ۋە شۇ دەۋرنىڭ نام چىقارغان سەنئەتكارى ئابدۇلھەلىم ھاپىز، داڭدار شائىرى ئابدۇرراھمان ئەبنۇدىلارغا مەسخىرىلىك تەنقىدلەرنى ياغدۇرۇپ، ئۇلاردىن كەلگەن تۈرلۈك بېسىم – تەھدىتلەرگە قىلچە پەرۋا قىلماستىن ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ.

‏1981 – يىلى سادات 5 – سىنتەبىر نۇتۇقىدا شەيخكە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ساداتنىڭ مەشھۇر سېنتەبىر قارارنامىسىگە ئاساسەن «ئۆكتىچى» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىپ، بىر قانچە سىياسىيونلار بىلەن بىرگە ئىككىنچى قېتىم قولغا ئېلىنىپ، 1982 – يىلى قويۇپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شەيخنىڭ مەسجىدكە بېرىپ خۇتبە ئۇقۇش ۋە دەرس ئۆتۈشى چەكلىنىدۇ.

شەيخ ئۆزىنىڭ مېيىپلىق ھالىتىدە تۇرۇپ، زالىملار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشلار جەريانىدا پۈتۈن بەدىنىگە ئىز قالدۇرغان قورقۇنچلۇق قىيىن – قىستاقلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ.

ئەسەرلىرى

شەيخ ئىسلام تەربىيە پىروگراممىلىرىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆز ئىچىگە ئالغان 108 پارچىگە يېقىن كىتاب يېزىپ قالدۇرىدۇ.

ئۇنىڭ كىتابلىرى ئىسلام چۈشەنچىلىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن يورۇتۇپ بېرىش، كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىنى نەزەرگە ئېلىش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئەينى دەۋر ئۆلىمالىرى ئارىسىدا ياخشى باھالارغا ئېرىشىدۇ.

شەيخنىڭ خۇتبە سۆزلىشى چەكلەنگەندىن كېيىن يازغان «في رحاب القرآن («قۇرئان» سەيناسىدا)» ناملىق ئون توملۇق بىر كىتابى بار بولۇپ، بۇ كىتابىدا «قۇرئان»نى پۈتۈن تەپسىر قىلىپ، «قۇرئان»نىڭ دەۋەت ئۇسلۇبلىرىنى يارقىن ھالدا نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

شەيخ ۋاپات بولۇشتىن ئېلگىرىكى جۈمە كۈنى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۆرگەن چۈشىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. چۈشىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۆمەرگە سالام قىلغىن» دېگەندە، ئۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا سالام قىلىپ بولۇپلا يىقىلىدۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى ئۆز قولى بىلەن يۇيىدۇ.

شەيخنىڭ بۇ چۈشىنى ئاڭلىغان ئايالى ئۇنىڭغا: «بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ‹سىلەردىن كىمكى ئۆزى يامان كۆرىدىغان چۈش كۆرسە، ئۇنى باشقىلارغا ئېيتمىسۇن› دېگەن ھەدىسىنى ئۆگەتكەن ئىدىلىغۇ؟!» دەيدۇ. شەيخ ئايالىغا: «كىم سىزگە مېنىڭ بۇ چۈشۈمنى يامان كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيتتى؟! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ھەقىقەتەنمۇ ئىشنىڭ خۇددى چۈشۈمدىكىدەك بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن» دەيدۇ.

ئۇندىن كېيىن شەيخ جۈمە نامىزى ئۈچۈن تاھارەت ئېلىپ ئادىتى بويىچە مەسجىدكە بېرىشتىن بۇرۇن ئۆتەيدىغان نەپلە نامازلىرىنى باشلايدۇ. ئۇ نامازغا كىرىپ بىر رەكئەت ئوقۇپ بولۇپ، ئىككىنچى رەكئەتتە بىرىنچى سەجدىنى قىلىپ بېشىنى كۆتۈرگەندىن كېيىن ئىككىنچى سەجدىگە بارىدۇ – دە، سەجدىدە تۇرۇپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىدۇ.

شەيخ داۋاملىق «ئى ئاللاھ! مېنى ئىمام، يولباشچى بولۇپ ياشاشقا نېسىپ قىلغىن ۋە شۇ ھالىتىمدە تىرىلدۈرگىن، مېنى سەجدە قىلغان ھالىتىمدە قەبزى – روھ قىلغىن» دېگەن دۇئاسى بىلەن ئاللاھتىن ئۆزىنى سەجدە قىلغان ھالدا قەبزە – روھ قىلىشىنى تىلەيتتى. مىلادىيە 1996 – يىلى 12 – ئاينىڭ 6 – كۈنى جۈمە كۈنىدە ئاللاھ شەيخنى ئارزۇ قىلغىنىدەك سەجدە ھالىتىدە ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى.

 

تەرجىمىدە: مەشئەل77

Please follow and like us:
Exit mobile version