ئەسسالامۇئەلەيكۇم. قانداق ئەھۋاللىرى؟ دوكتور! بىز بەزىدە بورداقچىلىق قىلىدىغان قاسساپلار بىلەن ئالاقىلىشىپ: «بىر قوي ئالايلى، بىر كىلو گۆش قانچە پۇل بولىدۇ؟» دېيىشىپ گۆشنىڭ باھاسىنى توختىتىمىز. قاسساپ قوينى بوغۇزلاپ، گۆشنى قانچە كىلو كەلدى دېسە، دېيىشكەن بويىچە پۇلنى بېرىمىز. بەزىدە قاسساپلار بىلەن گۆشنىڭ باھاسىنى ئېنىق دېيىشمەي: «بىر قوي ئالايلى. قوينى سويۇپ يەتكۈزۈپ بەرسىلە» دەيمىز. قاسساپ گۆشنى يەتكۈزۈپ بەرگەندە: «كىلوسى مانچە پۇل» دەيدۇ. شۇنىڭغا دېگىنىنى بېرىدىغان ئىشمۇ بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل سودىنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ جاۋاب بەرگەن بولسىلا. ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن.
بۇ خىل سودا خېلى بار. ھەتتا ئىستانبۇلدىكى بەزى گۆش ساتىدىغان قاسساپلار بورداقچىلىق قىلىدىغان قاسساپلاردىن يۇقىرىدىكى شەكىلدە سېتىۋېلىش ئەھۋاللىرىمۇ بار.
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق. «بىر قوي ئالايلى، بىر كىلو گۆش مۇنچە پۇل» دېيىشىپ، قانچە كىلو گۆش چىقسا، شۇ باھا بويىچە ئومۇم سوممىسىنى بەرسە، بۇ سودا ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارىشىدا سودا قىلغان چاغدا بىر كىلودىلا دۇرۇس. سەۋەبى: تاۋار ۋە پۇلدىكى نامەلۇملۇق تۈپەيلى ھەممىسىنى بىلىش قىلىش قىيىن. شۇڭا، ئېنىق بولغان بىر كىلوغىلا قارىتىلىدۇ. «سودا بىر كىلودىلا دۇرۇس بولىدۇ» دېيىلسە، سېتىۋالغۇچىنىڭ ئېلىش – ئالماسلىقنى تاللاش ئىختىيارلىقى بار بولغان بولىدۇ. ئەمما، ئۇنى سويۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قانچە كىلو چىققانلىقىنى دەپ بېرىش بىلەن ياكى كىلولاش بىلەن پۈتۈن گۆشنىڭ كىلو سانى ئېنىق بولغاندا بولسا، ھەممە كىلودا سودا توغرا بولىدۇ. چۈنكى بۇ چاغدا تاۋار ۋە پۇلدىكى نامەلۇملۇق يوقالغان.
ئىمام ئەبۇ يۈسۈف بىلەن ئىمام مۇھەممەدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا: «ھەممە ئەھۋالدا دۇرۇس، چۈنكى نامەلۇملۇقنى تۈگىتىش ئۇ ئىككىسىنىڭ قولىدا. گۆشنى كىلولىغاندا نامەلۇملۇق تۈگەيدۇ. شۇڭا، تالاش – تارتىشقا ئېلىپ بارمايدۇ» دېگەن. لېكىن، كۆپچىلىك ئالىملار بۇ سودىنىڭ جائىز بولۇشى ئۈچۈن، سېتىۋالغۇچىنىڭ قوينى كۆرۈشىنى شەرت قىلىدۇ.
گۆشنىڭ باھاسىنى ئېنىق دېيىشمەي: «بىر قوي ئالايلى. قوينى سويۇپ يەتكۈزۈپ بەرسىلە» دېگەن ئەھۋالدا، 4 مەزھەب ئالىملىرى قارىشىدا: «بەيئى قىلغان چاغدا باھا ئېنىق بولۇشى شەرت» دەپ قارايدۇ. چوقۇم باھا بىر كىلوسى 15 دوللار ياكى 500 تېلى دېگەندەك پۇل تۈرى ۋە مىقدارى بويىچە بېكىتېلىشى كېرەك. ئۇنى ئېنىق بېكىتمەي، شۇ كۈندىكى ياكى پۇلنى تۆلىگەن كۈندىكى باھا بويىچە بېكىتىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئەھۋالدا كىلو سانىنىڭ نامەلۇملۇقىدىن سىرت، پۇلىمۇ نامەلۇم. كېيىنچە ئويلىمىغان باھا ۋە ئومۇم سومما سەۋەبلىك دەتالاش چىقىشى مۇمكىن.
بۇنىڭ ئۈچۈن باھانى ئالدىن بېكىتىپ، سودا قىلىشقا ۋەدىلىشىپ تۇرۇپ ياكى دېيىشكەن گەپنى ۋەدە ھېسابلاپ تۇرۇپ، گۆش كىلولانغاندا پۇل ۋە گۆشنىڭ مىقدارى ئېنىق بولغاندا ئاندىن سودا قىلىش لازىم.
بۇلارغا قاراپ گۆشنى ئوغرى ئالسا ياكى بىرەر ئەھۋال بولسا، تۆلەم جەھەتتىن ھۆكۈم پەرقلىق بولىدۇ.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، قۇربانلىق، ئەقىقە، فىديە ۋە نەزر قاتارلىق قوي سويۇشتا بىر قوينى تىرىك سېتىۋېلىش كېرەك. گۆش سېتىۋالسا ئادا تاپمايدۇ. چۈنكى، قوينى بوغۇزلىغاندا، ئۇ قوي ئۇ كىشىنىڭ ئەمەس. ئۇ كىشى قاسساپنىڭ قويى بوغۇزلىنىپ بولغاندىن كېيىن گۆشىنى سېتىۋالغان. كاللا – پاقالچاق، تېرە ۋە گۆشتىن باشقا قىسمىغا سېتىۋالغۇچى ئىگە بولمىغان. ۋەللاھۇ ئەئلەم.
بۇ ئۈچ مەكتۇب ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خوجىنىياز ھاجى …
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ ئەلقەسىيدە ئەسساۋىييە في ئىلمەي ئەلئەرۇز ۋە ئەلقافىيە/ شرح القصيدة الساوية في…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە ئەلۋەجىيھىييە في ئەلئاسار ئەلئۇلۋىييە/ الرسالة العلائية الوجيهية في الآثار العلوية…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية تۈر: ماتېماتىكا.…
كلمة الناشر ما في هذا الكتاب قطرة من بحر تاريخ علمائنا الأمجاد وآبائنا الأبطال التركستانيين…