Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

مۇجاھىد ئالىم ئابدۇللاھ ئەززام

مۇجاھىد ئالىم ئابدۇللاھ ئەززام

مۇجاھىد ئالىم ئابدۇللاھ ئەززام

(ھ. 1360 – 1410 / م. 1941 – 1989)

 

تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى

مۇجاھىد ئالىم، شەھىد ئۇستاز ئابدۇللاھ ئەززام ھ. 1360 / م. 1941 – يىلى پەلەستىننىڭ جەنىن ۋىلايىتىگە تەۋە سىيلە ھارىسىييە يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى يېزىلىق مەكتەپتە ئوقۇغان، ئاندىن تۇلكەرم شەھرىدىكى خەزۇرىي يېزا – ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن.

بالىلىقى ۋە ياشلىق چاغلىرى

ئابدۇللاھ ئەززام ھەم تالىب، ھەم مۇدەررىس ھەمدە مۇجاھىد سۈپىتىدە پەلەستىن، ئىئوردانىيە، مىسىر ۋە پاكىستان قاتارلىق ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ھاياتىنى جىھاد ۋە پىدائىيلىققا ئاتىغان، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا شەھىد چىقىش ئارمىنى بىلەن، كېيىنچە رۇسقا قارشى جىھاد قىلىپ ئافغانىستاندا تۇرۇپ قالغان.

ئابدۇللاھ ئەززام بالا چاغلىرىدا ئۆز يېزىسىنىڭ يايلاقلىرىنى ئايلىناتتى، يەھۇدىيلار خەلقئارالىق سۇيىقەستلەر ئارقىلىق بۇلىۋالغان ئىبنى ئامىر يايلىقى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا تۇراتتى. ئۇ ئەنە شۇ چاغلاردىن تارتىپلا كەلگۈسىدىكى كۈرەشلەر ئۈچۈن ئۆزىنى ئىمان بىلەن تەييارلاشنى باشلىغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا نامازغا ئەھمىيەت بېرەتتى، دائىم «قۇرئان» ئوقۇيتتى ۋە يېزا مەسجىدىدىن ئايرىلمايتتى.

ئابدۇللاھ ئەززام بالاغەتكە يەتكەندىن باشلاپ، سىيلە ھارىسىييەدە ئۇستازى شەفىق ئەسئەدنىڭ يېنىدا ياشاشقا باشلايدۇ. ئۇ يېزىدىكى بىر بۆلۈك بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە مەسئۇل كىشى بولۇپ، بالىلارنى «مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى»نىڭ ئەخلاق – پرىنسىپلىرى ۋە پىكىر – ئىدىيەلىرى بىلەن تەربىيەلەيتتى. شەيخ ئابدۇللاھ ئەززام يېزىدىكى ئالدىنقى سەپ دەۋەتچىلەر قاتارىدىن ئىدى.

شەيخ ئابدۇللاھ ئەززام يەنە جەنىن شەھرىدە دەۋەتچى ۋە تەربىيەچى شەيخ فەرىز جەررار بىلەن تونۇشقان بولۇپ، شەيخ فەرىز بىلەن ئۇستاز شەفىق ئەسئەد ياشلارنى تەربىيەلەش خۇسۇسىدا ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ دەۋەتچىلىرىدىن ئىدى ۋە جەنىن شەھرىدىكى جامائەت مەركىزىدە پات – پات لېكسىيە ۋە يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇراتتى.

ئابدۇللاھ ئەززام جامائەت مەركىزىگە دائىم بېرىپ، شەيخ فەرىز جەررار يېتەكچىلىكىدىكى كېڭەش ۋە يىغىلىشلارغا قاتنىشاتتى، ھەتتا بۇ يىغىلىشلارغا ئەڭ كۆپ قاتنىشىدىغان ئاكتىپ ياشلاردىن بىرىگە ئايلانغانىدى. ئۇ شەيخ فەرىزنىڭ قېشىغا كېلىپ تۇراتتى ۋە ھەر كېلىشىدە دېگۈدەك ئۇنىڭ بىلەن ئۈلپەتلىشەتتى.

ئۇ خەزۇرىي يېزا – ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، جەنۇبىي ئىئوردانىيەنىڭ كەرەك رايونى ئەدەر يېزىسىدا ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلىنىدۇ، ئۇ يەردە بىر يىل تۇرىدۇ، ئاندىن جەنىن شەھرىگە يېقىن جايدىكى بەرقىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۆتكىلىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىككى دەۋەتچى قېرىندىشى بىلەن «جامائەت يۇرتى»دىكى بىر ياتاقتا تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك پىكرىي، تەربىيەۋى ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئوبدان پۇرسەت بولىدۇ، ئۇ دەۋەت كىتابلىرىنى، بولۇپمۇ ئىمام ھەسەن ئەلبەننا، ئابدۇلقادىر ئۇۋدە، سەييىد قۇتۇب ۋە مۇھەممەد قۇتۇبلارنىڭ كىتابلىرىنى كۆپ ئوقۇيدۇ.

ئابدۇللاھ ئەززام ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇشىنى سۇرىيە دەمەشق ئۇنىۋېرسىتېتى شەرىئەت فاكۇلتېتىدا داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە 1966 – يىلى شەرىئەتتە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ دەمەشقتە بەزى شام ئالىملىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۇلارنىڭ تالىبى بولىدۇ.

1967 – يىلى يەھۇدىيلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ۋە غەززە رايونىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، يەھۇدىيلار سىيلە ھارىسىييە يېزىسىغا كىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئەززام بىر بۆلۈك يېزىداش ياشلار بىلەن بىرگە يەھۇدىي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ تانكىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بىر قىسىم يېزىداشلىرى بولسا ياشلارنىڭ ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارغا ئېغىر – بېسىق بولۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىشىدۇ.

ئاندىن ئابدۇللاھ ئەززام يېزىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن پىيادە مېڭىپ ئىئوردانىيەگە چىقىپ كېتىدۇ، لېكىن ئابدۇللاھ ئەززامنىڭ ئۆز يۇرتىدىن چىقىشى ئۇنىڭ جىھادقا بولغان ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ. نەتىجىدە يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوراللىق مەشىق قىلىشنى پىلانلايدۇ.

شەيخ ئابدۇللاھ ئەززام «فەتىھ جىھاد مەشىقى ھەرىكىتى» بىلەن ئۇيۇشقان ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ باشلامچىلىرىدىن ئىدى. شەيخ ئابدۇللاھ ئەززام جىھادىنى ۋە جىھاد مەشىقىنى مىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇسۇلۇلفىقھ بويىچە ماگىستىرلىق ئوقۇشى بىلەن تەڭ ئېلىپ بارغانىدى.

ئۇ، 1969 – يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، شۇ مەزگىلدە شەيخ بىرنەچچە جىھاد ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان بولۇپ، 1969 – يىلىدىكى «يېشىل بەلباغ ئۇرۇشى»، 1970 – يىلىدىكى «5 – ئىيۇن ئۇرۇشى» قاتارلىقلار بۇ ئۇرۇشلاردىن ئەڭ مەشھۇرلىرىدۇر. يەھۇدىيلار بۇ ئۇرۇشلاردا ئەسكەر جەھەتتىن زور دەرىجىدە چىقىم تارتقانىدى، لېكىن ئىسلام ھەرىكىتى ياشلىرى بۇ ئۇرۇشلارنى ئۆزلىرىگە مەنسۇپ قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ جىھادى مىللەتچىلىك ياكى ماختىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ يولىدا قىلىنغانىدى.

1971 – يىلى شەيخ ئابدۇللاھ دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا بېرىپ، 1973 – يىلى ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ئۇسۇلۇلفىقھتا ئالىي دەرىجە بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ.

مىسىردا شەيخ ئۆزى ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم خىزمەت تاپىدۇ، ئۇ بولسىمۇ مىسىر ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ قىستىشىغا پەرۋا قىلماي، مۇسۇلمان قېرىنداشلاردىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئائىلىسىگە ياردەم قولىنى سۇنۇشتۇر.

شەيخ ئابدۇللاھ ئەززام ئىئوردانىيەگە قايتقاندىن كېيىن، دىنىي ئىشلار مىنىستىرلىكى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ بۆلۈمنى دەۋەتچى ياش پىداكارلار بىلەن بېيىتىپ، مەسجىدلەر ۋە ۋەزخانلارنى جانلاندۇرۇشقا ھەسسە قوشىدۇ ھەمدە ئىسلام ئېڭىنى تارقىتىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەشۋىقاتلارنى قىلىدۇ. ئۇ 1973 – يىلىدىن 1980 – يىلىغىچە يەتتە يىل ئىئوردانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرىئەت فاكۇلتېتىدا مۇدەررىسلىك قىلىپلا قالماي، دەۋەت ساھەسىدىمۇ خىزمەت قىلىدۇ. ئۇ دىن دەۋىتىدە ئۆزگىچە يول تۇتىدۇ. شۇ جەھەتتىن، ئۇنىۋېرسىتېت سىرتىدىن كۆپلىگەن ياشلار ئۇنىڭ لېكسىيەلىرىگە ناھايىتى ئامراق ئىدى. لېكسىيەلەردە قىزلارنى ئوغۇللاردىن ئايرىشتىمۇ ئۇنىڭ تۆھپىسى بار ئىدى.

ئەخلاق پرىنسىپلىرى

ئەرەبىييە قانىلى ئۇيۇشتۇرغان بىر سۆھبەتتە ئابدۇللاھ ئەززامنىڭ ئوغلى ھۇزەيفە دادىسىنىڭ ئەخلاق پرىنسىپلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «دادامنىڭ جىھاد سەپىرى ئۇ سىيلە ھارىسىييەدىن ئىئوردانىيە زېمىنىغا ھىجرەت قىلغان چاغدىن باشلانغان. ئۇلار ئىئوردانىيە ۋادىلىرىدا لاگېر ۋە بازىلارنى قۇرغان. سىز پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىدىن پەرقلىق يول تۇتقان تەشكىلاتلارغا قاراپ بېقىڭ، ئۇلارنىڭ بىرى ئىئوردانىيە زېمىنىدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ ئوق چىقىراتتى – دە، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى جاۋاب قايتۇرۇپ، نۇرغۇن بىگۇناھ، قورالسىز پۇقرالارنى قىرغىن قىلاتتى. مەرھۇم دادام بولسا ئىئوردانىيە زېمىنىدىن بىر پاي ئوق ئېتىشقىمۇ قارشى ئىدى. ئۇلارنىڭ بارلىق ئىشلىرى ئىئوردانىيە ئارمىيەسىنىڭ خەۋەردارلىقىدا، ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرى قېتىدا بولغان. ئۇلار ئىئوردان دەريا ۋادىسىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇقرالارنى ئۇرۇشنىڭ بالايىئاپەتلىرىدىن يىراق قىلىش ئۈچۈن، دەريادىن ئۆتۈپ، پائالىيەتلىرىنى جەڭگاھتا ئېلىپ باراتتى. چۈنكى، پۇقرالارنىڭ بۇ ئۇرۇشنىڭ بەدىلىنى تۆلىگۈدەك ھېچ گۇناھى يوق ئىدى. بۇ بىرىنچى دەيدىغىنىم.

ئىككىنچى قىلىپ دەيدىغىنىم: ئۇلار بىگۇناھلارنىڭ قېنىنى تۆكمەيتتى. دادام ئۆزىنىڭ ‹فلسطين من القلب إلى القلب حتى لا تضيع فلسطين وإلى الابد› ناملىق كىتابىدا بۇ ھەقتە سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: ‹ئىئوردانىيە ئارمىيەسى بىزگە ناھايىتى ھۆرمەت قىلاتتى. ھالبۇكى، ئۇلار باشقا قىسىم ياشلىرىنى ھۆرمەتلىمەيتتى. چۈنكى، ئۇلار لۈكچەك ئادەملەر بولۇپ، كىشىلەرگە زىيانكەشلىك قىلاتتى، يېزا ئاھالىلىرىگە يامانلىقى تېگەتتى، قولىدا قورال يوق كىشىلەرگە ئەزىيەت بېرەتتى. بەزىسى بۇلاڭچىلىق قىلاتتى، بەزىسى كىشىلەرنىڭ پۇل – ماللىرىنى ئوغرىلايتتى›. ھالبۇكى، داداملار جىھاد پائالىيەتلىرىگە كېتىۋاتقاندا ئىئوردانىيە ئارمىيەسى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ئۇلارنى توختىتىپ تەكشۈرسە، ئۇلارغا سالام بېرەتتى ۋە: ‹شەيخلەر! سىلەرنى بېشىمىزغا ئېلىپ ھۆرمەتلەيمىز. چۈنكى، بىز سىلەرنىڭ راستچىل، ئىخلاسمەن ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە ئىئوردانىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بولسۇن ياكى بىگۇناھ كىشىلەر بولسۇن ھېچكىمگە زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىڭلارنىڭ يوقلۇقىنى بىلىمىز› دەيتتى».

ئابدۇللاھ ئەززام قاتناشقان مۇھىم ئۇرۇشلار

بىز خۇددى ئافغان تۇپراقلىرىغا ئوخشاشلا پەلەستىن تۇپراقلىرىمۇ گۇۋاھلىق بەرگەن مەشھۇر مۇجاھىدلاردىن بىرى ھەققىدە توختالماقتىمىز. ئۇ پەقەت قورال كۆتۈرۈپلا جىھاد قىلمىغان، بەلكى مۇسۇلمانلارغا بۇ كۆمۈلۈپ قالغان پەرزنى ئەسلىتىش ئۈچۈن، تىلى بىلەنمۇ جىھاد قىلىپ، دۇنيا ئەللىرىنى ئايلىنىپ چىققان مۇجاھىد دەل شەھىد ئابدۇللاھ ئەززامدۇر.

ئۇ پەلەستىن زېمىنىدا بەزى ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان بولۇپ، شۇ ھەرىكەتلەرنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرى «يېشىل بەلباغ ئۇرۇشى»دۇر. بۇ ئۇرۇشقا شەھىد ئابدۇللاھ ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن قاتناشقان ۋە قېرىندىشى ئەبۇ مۇسئەب سۈرىي يارىلانغان. بۇ ئۇرۇش ئىئوردانىيەنىڭ شىمالىي ۋادى رايونىدا يۈز بەرگەن. ئىككىنچى مۇھىم ئۇرۇش 1970 – يىلىدىكى «5 – ئىيۇن ئۇرۇشى» دۇر. بۇ ئۇرۇشقا ئەبۇ ئىسمائىل ھەمەۋىي، ئىبراھىم ئىبنى بەللە ۋە بىلال فەلەستىنىي قاتارلىق ئالتە مۇجاھىد قاتناشقان ئىدى. ئۇلار ئوچۇقچۇلۇقتا ئىككى تانكا ۋە مىنا تازىلىغۇچى پاراخوتنىڭ ئالدىنى توسقان ئىدى. ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى موشى دايان كانادالىق ۋە ئامېرىكىلىق ئىككى ئالاھىدە مۇخبىرنى چېگرا تەرەپتە ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارغا پىدائىيلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. ئۇشتۇمتۇت ئاللاھنىڭ قوشۇنلىرى گويا يەر ئاستىدىن چىققان مۇسۇلمان جىندەكلا پەيدا بولۇپ، ئوق – بومبىلارنى ياغدۇرىدۇ، ھېلىقى ئىككى مۇخبىر يارىلىنىدۇ. يەھۇدىيلار ساقچى – ئوفېتسىرلاردىن 12 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ھەقىقەتتە ئۆلگەن دۈشمەنلەر بۇنىڭدىن خېلىلا كۆپ ئىدى. بۇ ئۇرۇشتا ئۈچ قېرىنداش شەھىد بولىدۇ. لېكىن، 1970 – يىلى سېنتەبىردە يۈز بەرگەن ۋەقە شەيخ شەھىد ئابدۇللاھ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ پەلەستىن زېمىنىدا جىھادنى داۋاملاشتۇرۇشىغا توسالغۇ بولىدۇ، چېگرا تاقىلىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئىدى، ئۇلار يەھۇدىيلارغا ئاشكارا يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئۇرۇش ئاپەتلىرىنى تېخىمۇ تېتىتىپ قويغان بولاتتى.

جىھادى

شەيخ ئابدۇللاھ ئەززامنىڭ ئافغانىستان جىھاد ھەرىكىتىدە چوڭ رولى بار ئىدى. ئۇ ئافغان مۇجاھىدلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەرەب ئەللىرىدىكى قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدا ئالاقە ۋاسىتىسى بولغان؛ مۇھاجىرلار، ئافغان مۇجاھىدلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تەلىم – تەربىيە، ساغلاملىق ۋە ئەسكىرىي جەھەتلەردىن خىلمۇخىل ياردەم – مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن نۇرغۇن سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئېلىپ بارغان؛ ھەمدە جىھاد خەۋەرلىرىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن، ئايلىق تەشۋىقات مۇنبىرى سۈپىتىدە «جىھاد رىسالەسى ژۇرنىلى» ۋە «ئۇرۇش يالقۇنى خەۋەرلىرى»نى تەسىس قىلغان. بۇ ھەپتىلىك خەۋەر بولۇپ، ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن يېڭىلىقلاردىن خەۋەر بېرەتتى.

شەيخ ئابدۇللاھ ئەززام رۇسقا قارشى نۇرغۇن ئۇرۇشلارغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ئۇرۇشلار ئىچىدىكى ئەڭ قاتتىق بولغىنى ھ. 1408 / م. 1987 – يىلى مۇبارەك رامازان ئېيىدا يۈز بەرگەن «جاجى ئۇرۇشى»دۇر. بۇ ئۇرۇشتا نۇرغۇن ئەرەب مۇجاھىدلار ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتە بولۇپ، ناھايىتى قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن. بەزىلىرى ئاللاھ يولىدا شەھىد بولۇپ يىقىلغان ئىدى. دوكتور ئابدۇللاھ ئەززام ئافغانىستاندىكى مۇجاھىدلار خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئۇ ئافغان جىھادى قوماندانلىرىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، شۇنداقلا ئافغانىستاندا جىھاد قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى ئەرەب – ئىسلام ئەللىرىدىن بارغان ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنىدى.

مەشھۇر سۆزلىرى

1. ئەركەكلەرنىڭ قانچىلىكلىكى ئېغىزدا ئەمەس، بەلكى كۈرەش مەيدانلىرىدا نامايان بولىدۇ.

2. جىھاد ھەقىقەتەن يەر يۈزىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە دىنىي سىمۋوللارنى قوغداشنىڭ بىردىنبىر كاپالىتىدۇر.

3. جىھاد ھاياتى ئەڭ شېرىن ھاياتتۇر، جاپالىق تۇرمۇشقا چىداپ بەرداشلىق بېرىش ھۇزۇر – ھالاۋەتلىك ياشاشتىن گۈزەلدۇر.

4. جىھاد ھاياتى روھنى تاۋلايدۇ، قەلبنى سۈزۈلدۈرىدۇ، نۇرغۇن ئۆلچەملەرنى ئۆزگەرتىدۇ.

5. ئەي مۇسۇلمانلار! جىھاد سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردۇر، جىھاد سىلەرنىڭ كۈچىڭلاردۇر، سىلەرنىڭ كېلەچەكتىكى مەۋجۇدلۇقىڭلار جىھادقا باغلانغان.

6. ئۆزىنىڭ جىھادقا چىقمىغانلىقىنى ئاقلاپ يۈرۈش ئويۇن – تاماشا ئوينىغانلىقتۇر.

7. «ئاللاھنىڭ دىنى جىھادسىز، ئۇرۇشسىز، قان تۆكمەي ۋە تەنلەر پارچىلانمايمۇ غەلىبە قىلالايدۇ» دەپ ئويلاپ قالغانلار خاتالاشقۇچىدۇر، بۇ دىننىڭ تەبىئىتىنى بىلەلمىگەنلەردۇر.

ۋەسىيىتى

جىھاد سۆيگۈسى مېنىڭ ھاياتىم، روھىم، قەلبىم ۋە ھېس – تۇيغۇلىرىمنى ئىگىلىۋالدى. بۇ دىندىكى جىھادنىڭ تاكى قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان شەرىئەت ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن سۈرە «تەۋبە» ئۆزىنىڭ روشەن ئايەتلىرى بىلەن مېنى غەمگە تاشلىماقتا، قەلبىمنى پۇچىلىماقتا. باشتا ئۆزۈم ۋە جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىشقا سەل قاراۋاتقانلىقىمىزنى كۆرۈپ تۇرماقتىمەن.

تەييارلىقسىز، قۇرۇق ئارزۇلار بىلەن بەند بولۇش ھەقىقەتەن ئېگىز چوققىلارغا تەلپۈنمەيدىغان پەس كىشىلەرنىڭ ئىشىدۇر. بۈيۈك ئارمانلار بۈيۈك قۇربانلىقلارنى تەقەززا قىلۇر.

ئى مۇسۇلمانلار! جىھاد ھاياتىڭلاردۇر، جىھاد شان – شەرەفىڭلاردۇر، كېلەچەكتىكى مەۋجۇدىيىتىڭلار جىھادقا باغلىقتۇر.

ئى دەۋەتچىلەر! قىلىچىڭلارنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ چىقىرىپ، تاغۇتلار ۋە زالىم كۇففارلارنى يىلتىزىدىن يوقاتمىساڭلار، بۇ ئالەمدە سىلەرنىڭ ھېچبىر قىممىتىڭلار بولمايدۇ.

دەۋەتچىلەرنىڭ ھەيۋىتى، دەۋەتنىڭ شان – شەۋكىتى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ھەرگىزمۇ جىھادسىز ئىشقا ئاشمايدۇ. «ئاللاھ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قەلبىدىن سىلەرنىڭ ھەيۋىتىڭلارنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، سىلەرنىڭ قەلبىڭلارغا ۋەھن سېلىپ قويىدۇ. بىر ئادەم:

_ ئى رەسۇلۇللاھ! ۋەھن دېگەن نېمە؟! _ دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

_ دۇنيانى ياخشى كۆرۈپ، ئۆلۈمنى يامان كۆرۈش، (يەنە بىر رىۋايەتتە) جىھادنى يامان كۆرۈش، _ دەپ جاۋاب بەردى».

﴿ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلغىن، سەن پەقەت ئۆزۈڭگىلا جاۋابكارسەن، مۇئمىنلەرنى (جىھادقا) قىزىقتۇرغىن، ئاللاھنىڭ كافىرلارنىڭ كۈچىنى توسىدىغانلىقىمۇ ھەقىقەتتۇر، ئاللاھنىڭ كۈچى ئەڭ زوردۇر، ئاللاھنىڭ جازاسى ئەڭ قاتتىقتۇر﴾(4/«نىساﺋ»: 84).

جىھاد بولمىغاندا شىرك ئېتىقاد جاھاندا ھۆكۈم سۈرىدۇ. ﴿فىتنە تۈگىگەن، دىن پۈتۈنلەي ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار﴾(8/«ئەنفال»: 39). بۇ ئايەتتىكى فىتنە شىركتىن ئىبارەتتۇر.

جىھاد ھەقىقەتەن زېمىننىڭ ياخشىلىنىشنىڭ بىردىنبىر كاپالىتىدۇر. ﴿ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىئە قىلىپ تۇرمىسا ئىدى، يەر يۈزى ئەلبەتتە پاساتقا ئايلىناتتى (يەنى خارابلىققا يۈزلىنەتتى)﴾(2/«بەقەرە»: 251).

جىھاد ھەقىقەتەن دىنىي سىمۋوللار ۋە ئىبادەتخانىلارنى قوغداشنىڭ بىردىنبىر كاپالىتىدۇر. ﴿ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر – بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھنىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلبەتتە ۋەيران قىلىناتتى﴾(22/«ھەج»: 40).

ئى ئىسلام دەۋەتچىلىرى! ئۆلۈمگە ھېرىسمەن بولۇڭلار، سىلەرگە ھاياتلىق بېغىشلىنىدۇ. قۇرۇق ئارزۇلار سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەۋفىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئالدىشىغا يول قويماڭلار. كىتاب ئوقۇش، نەفلە ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. راھەتلىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش ئۇلۇغۋار ئىشلاردىن توسۇپ قويمىسۇن. ﴿سىلەر قورالسىز گۇرۇھنىڭ قولۇڭلارغا كەلتۈرۈلۈشىنى ياقتۇردۇڭلار﴾(8/«ئەنفال»: 7).

جىھاد ئىشىدا ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار، جىھادقا چىقىش بىركىمنىڭ رۇخسىتىگە قاراشلىق ئەمەس، جىھاد دەۋىتىڭلارنىڭ ئاساسىدۇر، دىنىڭلارنىڭ قورغانىدۇر، شەرىئىتىڭلارنىڭ قالقانىدۇر.

ئى ئىسلام ئالىملىرى! پەرۋەردىگارى تەرەپكە قايتقان بۇ ئەۋلادقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىقىڭلار، قورقۇپ ئارقاڭلارغا يانماڭلار، دۇنياغا بېرىلمەڭلار، زوراۋان زالىملارنىڭ داستىخىنىدىن يىراق تۇرۇڭلار.

ئى مۇسۇلمانلار! ئۇزۇن ئۇخلاپ كەتتىڭلار، زالىملار زېمىنىڭلاردا نوچىلىق قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. شائىرنىڭ بۇ بېيىتلىرى نېمىدېگەن گۈزەل – ھە!

‏ئۇخلىدۇق زامانلار خارلىققا پېتىپ،

شىرمەتلەر ساداسى كەتتىكىن نەگە؟

دۈشمەنلەر توپلىرى ئېتىلار ھەيۋەت،

ۋە لېكىن، مانا بىز كىرگەنمىز يەرگە.

قۇللارنىڭ قۇللۇقى ئەگكەن بېشىدىن،

ئەمەستۇر ئۇ ھەرگىز زەنجىر – كىشەندىن.

قاچان چاقارمىز خارلىق تاقاقلىرىنى؟!

قاچان تۇرارمىز چۆرۈپ ئىشكەللىرىنى؟!

ئى ئاياللار جامائىتى! راھەت – پاراغەتتىن ساقلىنىڭلار، راھەت – پاراغەت ئىنسان قەلبىنىڭ ھالاكىتى. زۆرۈر ئەمەس نەرسىلەردىن ساقلىنىڭلار، زۆرۈر نەرسىلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار. بالىلىرىڭلارنى چىداملىق ئەركەك قىلىپ، باتۇر ۋە مۇجاھىد قىلىپ تەربىيەلەڭلار. ئۆيۈڭلار زالىملارنىڭ بوغۇزلىشى ئۈچۈن بوردىلىدىغان توخۇلارنىڭ كاتىكى ئەمەس، بەلكى ئۆيۈڭلار يولۋاسلار ئۇۋىسى بولسۇن. ئوغۇللىرىڭلاردا جىھاد سۆيگۈسى، چەۋەندازلىق مەيدانى ۋە شاۋقۇن – سۈرەن سەيناسىنىڭ مۇھەببىتىنى يېتىلدۈرۈڭلار. مۇسۇلمانلارنىڭ مۈشكۈلاتلىرىغا باش قاتۇرۇپ ياشاڭلار، ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر كۈن بولسىمۇ، قۇرۇق نان بىلەن بىرنەچچە ئوتلام چايدىن باشقا نەرسە يوق ھالدا، مۇھاجىر ۋە مۇجاھىدلارنىڭ ھاياتىغا ئوخشاپ ياشاپ بېقىڭلار.

ئى بالىلار! ئوق – بومبىلارنىڭ ناۋاسى، زەمبىرەكلەرنىڭ ساداسى، ئايروپىلانلارنىڭ گۈركىرەشلىرى ۋە تانكىلارنىڭ گۈرۈلدەشلىرى بىلەن تەربىيەلىنىڭلار. باياشاتلارنىڭ نەغمىلىرىدىن، ھەشەمەتخورلارنىڭ مۇزىكىلىرىدىن، سېسىق كېكىرىپ ياشايدىغانلارنىڭ كۆرپىسىدىن ھەزەر ئەيلەڭلار.

ئەي ئايالىم ئۇممۇ مۇھەممەد! سىزگە كەلسەم، كۆڭلۈمدە سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى، ئاللاھ سىزنى كۆپ ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىغاي! سىز ھەقىقەتەن مەن بىلەن بىللە بۇ يولنىڭ قىيىنچىلىقىغا ئۇزۇن ۋاقىت سەۋر قىلدىڭىز. مەن بىلەن بىرگە تۇرمۇشنىڭ شېرىن ۋە ئاچچىقلىرىنى تېتىدىڭىز. بۇ بەرىكەتلىك يولدا داۋام ئېتىشىمدە، جىھاد مەيدانىدا ئىشلىشىمدە ئەڭ ياخشى ياردەمچىم بولدىڭىز. 1969 – يىلى ئىككى قىزىمىز ۋە بىر ئوغلىمىز بىلەن ئۆينى سىزنىڭ زىممىڭىزگە تاشلاپ قويدۇم. شۇنىڭدىن كېيىن سىز سەرامجانسىز ۋە ئاشخانىسىز ئاددىي بىر ئېغىزلىق ھۇجرىدا ياشىدىڭىز. يۈكىڭىز ئېغىرلاشقان، بالىلار كۆپىيىپ، چوڭ بولغان، تونۇش – بىلىشلىرىمىز ئاۋۇپ، مېھمانلىرىمىز جىقلىغان كۈنلەردە ئائىلىنى سىزگە تاشلاپ قويدۇم. سىز ئاللاھ ئۈچۈن، ئاندىن قالسا مېنى دەپ ئېغىر – يېنىك ھەممە يۈكنى ئۈستىڭىزگە ئالدىڭىز. ئاللاھ سىزگە ياخشىلىق ئاتا قىلغاي! ئاۋۋال ئاللاھ، ئاندىن قالسا سىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەت يوقلۇقۇمغا قارىتا سەۋرچانلىقىڭىز بولمىغاندا، بۇ ئېغىر يۈكنى ئۆزۈم يالغۇز كۆتۈرەلمىگەن بولاتتىم.

مەن ھەقىقەتەن سىزنى ھاياتىڭىزدا زاهىد دەپ بىلدىم، قىيىنچىلىق كۈنلەردە قول – ئىلكىمىزنىڭ قىسقىلىقىدىن داتلانمىدىڭىز. قولىمىزغا ئازراق پۇل – مال كىرگەن كۈنلەردە بولسا بۇزۇپ چاچمىدىڭىز ۋە چوڭچىلىق قىلمىدىڭىز. دۇنيا سىزنىڭ قەلبىڭىزدە ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ قولىڭىزدا بولدى. جىھاد ھاياتى ئەڭ شېرىن ھاياتتۇر، جاپالىق تۇرمۇشقا چىداپ بەرداشلىق بېرىش ھۇزۇر – ھالاۋەت ۋە ھەشەمەت ئىچىدە ياشاشتىن گۈزەلدۇر. زاهىدلىقنى چىڭ تۇتۇڭ، ئاللاھ سىزنى ياخشى كۆرىدۇ، كىشىلەرنىڭ قولىدىكى پۇل – مالغا تاماسىز بولۇڭ، شۇندىلا كىشىلەر سىزنى ياخشى كۆرىدۇ.

«قۇرئان» ئۆمۈرنىڭ بەھرى، ھاياتلىقنىڭ ئۈلپىتىدۇر. كېچىلىك ناماز، نەفلە روزا ۋە سەھەرلەردە ئېيتىلغان ئىستىغفار قەلبكە سۈزۈكلۈك، ئىبادەتكە ھالاۋەت بېغىشلايدۇ. ياخشى ئەمەللەرنى دوست تۇتۇش، مال – دۇنياغا بېرىلمەسلىك، تاشقى كۆرۈنۈشلەردىن ۋە مال – دۇنيا ئەھلىدىن يىراق بولۇش قەلبنىڭ راھىتى. ئاللاھنىڭ بىزنى دۇنيادا جەم قىلغاندەك، فىردەۋستىمۇ جەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەي بالىلىرىم! سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا ئانچە كۆپ بولالمىدىم، سىلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن پەرۋىش قىلالمىدىم. شۇنداق! مەن سىلەرگە قارىيالمىدىم. مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسىبەتلىرى بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىغا ئەمچەكتىكى بوۋىقىنى ئۇنتۇلدۇرغۇدەك؛ ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان خەۋپ – خەتەرلەر بالىلارنىڭ چېچىنى ئاقارتىۋەتكۈدەك دەرىجىدە دەھشەتلىك بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، مەن قانداق قىلاي بالىلىرىم؟!

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ خۇددى توخۇ ئۆز چۈجىلىرى بىلەن بىر كاتەكتە ياشىغاندەك سىلەر بىلەن بىر ئۆيگە تىقىلىۋېلىپ ياشاشقا رايىم بارمىدى. بالايىئاپەت ئوتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرىكىنى پۇچىلاۋاتقان بۇ كۈنلەردە باغرى تاش بولۇپ ياشىيالمىدىم. مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەھۋاللار ئازراق ۋىجدانى بارلارنى ۋە ئويغاق قەلبلەرنى تىتما – تىتما قىلىۋاتقان ئەھۋالدا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قېلىشقا رازى بولمىدىم. سىلەر بىلەن نازۇنېئمەت ئىچىدە، گۆش – ياغ ۋە تۈرلۈك شېرىنلىكلەر ئارىسىدا تەخسە بىكارلاپ ياشىشىم ئادىمىيلىككە ياتمايدۇ.

ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەيلى كىيىم – كېچەك ياكى يېمەك – ئىچمەك ۋەياكى تۇرالغۇ جەھەتتىن بولسۇن، مەن ھاياتىمدا باياشات تۇرمۇشقا ئەڭ ئۆچ بولدۇم، مەن سىلەرنى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە زاهىدلىق ماقامىغا يەتكۈزۈشكە ۋە ھەشەمەتخورلارنىڭ ھەشەمىتىدىن يىراق قىلىشقا تىرىشتىم.

مەن سىلەرگە سەلەف سالىھلەرنىڭ ئەقىدىسىنى ۋەسىيەت قىلىمەن، چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار.

مەن سىلەرگە «قۇرئان» ئوقۇش ۋە يادلاش، تىلنى يامانلىقتىن ساقلاش، كېچىلىك ناماز، روزا، ياخشى دوستلۇق ۋە ئىسلام ھەرىكىتىگە ماس ئەمەل قىلىشنى ۋەسىيەت قىلىمەن. لېكىن، شۇنى بىلىڭلاركى، ھەرىكەت ئەمىرى سىلەرنى جىھادتىن توسقان ياكى ئەركەكچىلىك مەيدانى، چەۋەندازلىقنىڭ سەيناسى بولغان جىھادتىن يىراقلىشىپ، سىلەرگە دەۋەتكىلا ئاجرىلىشنى چىرايلىق كۆرسەتكەن ھالەتتە، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ئۇنىڭ ھېچقانداق ھەق – ھوقۇقى قالمايدۇ. شۇ چاغدا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ئۈچۈن ھېچكىمنىڭ رۇخسىتىنى ئالماڭلار، ئېتىڭلار! ئات مىنىڭلار! ئات مىنگىنىڭلاردىن ئوق ئاتقىنىڭلار ماڭا ئەلبەتتە سۆيۈملۈكتۇر.

ئى ئوغۇللىرىم! ئاناڭلارغا ئىتائەت قىلىشىڭلارنى، ھەمشىرىلىرىڭلار ئۇممۇلھەسەن بىلەن ئۇممۇ يەھيانى ھۆرمەتلىشىڭلارنى ۋەسىيەت قىلىمەن. سىلەرگە پايدىلىق شەرئىي بىلىمنى ۋەسىيەت قىلىمەن، ئاكاڭلار مۇھەممەدكە ئىتائەت قىلىشىڭلارنى ۋە ئۇنى ھۆرمەتلىشىڭلارنى ۋەسىيەت قىلىمەن، ئۆزئارا مېھرلىك بولۇشۇڭلارنى ۋەسىيەت قىلىمەن. بوۋاڭلار ۋە موماڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، ئۇلارنى بەك ھۆرمەتلەڭلار، ھاممىلىرىڭلار ئۇممۇ فايىز بىلەن ئۇممۇ مۇھەممەدكە ياخشىلىق قىلىڭلار. ئاللاھتىن قالسىلا ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈستۈمدە كۆپ ياخشىلىقى بار. ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىزغا سىلە – رەھىم قىلىڭلار، يېقىنلىرىمىزغا ياخشىلىق قىلىڭلار، بىزنى دوست تۇتقانلارغا دوستانە بولۇڭلار. ئى ئاللاھ! سەن پاكسەن، جىمى ھەمدۇسانا ساڭا خاستۇر، گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن.

— شەھىد قوماندان ئابدۇللاھ ئەززام

بۇ ۋەسىيەت جىھادنىڭ شەيخ ئابدۇللاھ ئەززامنىڭ قەلبىدىن قانچىلىك ئورۇن ئالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي! ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا شەھىد ھالدا كەتكەنگە قەدەر، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، مۇجاھىد ۋە سەۋرچان بولۇپ ياشىدى.

شەھىد بولۇشى

ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىدى. نىھايەت ئۇ م. 1989 – يىلى/  ھ. 1410، 26 – رەبىيئۇلئاخىر كۈنى جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن كېتىۋاتقاندا، ئىككى ئوغلى مۇھەممەد ۋە ئىبراھىم بىلەن بىرگە شەھىد بولدى. مەرھۇم شەھىد بولغان كۈنى دەپنە قىلىندى. مېيىت ئۇزاتقۇچىلار ئۇنىڭ پاك قېنىدىن چىققان ئىپارنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغان، شۇنداقلا ئۇ 20 كىلوگراملىق پارتىلاتقۇچ دورا بىلەن پارتىلىتىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ جەسىتى بۇزۇلماي ساق قالغانلىقى بايقالغان، ھالبۇكى، ماشىنا پارچىلىرى ھاۋادا چېچىلىپ كەتكەن ئىدى.

مەرھۇم نەشرىياتتا بېسىپ تارقىتىلغان بىرقانچە كىتابلىرىدىن سىرت، نۇرغۇن رىسالە، لېكسىيە ۋە گېزىت – ژۇرنال ماقالىلىرى، جۈمە خۇتبىلىرى قاتارلىق ئىزنالارنى قالدۇرۇپ كەتتى.

ئاللاھ شەيخ شەھىد ئابدۇللاھ ئەززامغا رەھمەت قىلسۇن! ئۇ دەۋەت قىلىپ راستچىل بولدى، جىھاد قىلىپ شەھىد بولدى. ئى ئاللاھ! ئۇنى پەيغەمبەرلەر، راستچىللار، شەھىدلەر ۋە سالىھلەر بىلەن بىرگە توپلىغىن. ئەنە شۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھ! ئامىن.

ئالىملارنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە دېگەن بايانلىرى

ئالىملار شەيخ شەھىد ئابدۇللاھ ئەززامنى مەدھىيىلىگەن بولۇپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ پەلەستىندىكى يەھۇدىيلارغا قارشى جىھادى ۋە ئافغانىستاندىكى جىھادى توغرۇلۇق باياناتلارنى ئېلان قىلغان. ھاماس ھەرىكىتى مۇنداق دېگەن: «شەيخ ئابدۇللاھنىڭ ئۆزى سۆيگەن، ئازادلىقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە جىھاد قىلغان، ئىسراﺋ زېمىنى پەلەستىندە شەھىد بولماستىن بەلكى جىھاد دىيارى ئافغانىستانغا يېقىن يەردە شەھىد بولغانلىقى يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىننى قامال قىلغانلىقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ، ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پەلەستىننىڭ سىرتىدا تۇرۇۋاتقان مۇجاھىدلار بۇ قامالنىڭ دەردىنى تارتىپ كەلمەكتە. 1968 -، 1969 – ۋە 1970 – يىللىرى ئىسراﺋ زېمىنى شەيخ ئابدۇللاھنى ئىئوردانىيە ۋادىلىرىدىكى «شەيخلەر بازىلىرى»دا جىھاد قىلغان سادىق مۇجاھىد دەپ تونۇغان ئىدى. شەيخ چىن كۆڭلىدىن پەلەستىندە جىھاد قىلىشقا تەلپۈنگەن ھالدا شەھىد بولغان بولۇپ، ئۇ پەلەستىن ۋە پەلەستىن مۇجاھىدلىرىنى قەلبى، قەلىمى ۋە تىلى بىلەن ئەسلەپ تۇرغان ئىدى».

ئۇستاز ھەيدەر مۇستافا مۇنداق دېگەن: «ئابدۇللاھ ئەززام گەپ قىلغاندا، ئۇ ماڭا گويا ئېگىز كۆتۈرۈلگەن دولقۇن كەبى كۈچلۈك كۆرۈنەتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە قورقۇمسىز بىر يۈرەك بار. ئۇنىڭ ياشاش مىزانى چىڭ تۇرۇش، تەۋرەنمەسلىك، تەڭپۇقلۇقنى ساقلاش، ئوتتۇراھال بولۇشتۇر. ئۇ ئۆز نەپسىگە ھاكىم بولۇشقا تىرىشاتتى، دۇنيانىڭ ھۆكۈملىرىگە پەرۋا قىلمايتتى، ‹ھەقىقىي ھۇزۇز راھەت – پاراغەتتە ئەمەس، بەلكى ئىزچىل جىھاد قىلىش ۋە جاپا – مۇشەققەتكە قارىماي يەر يۈزىدە ئاللاھنىڭ دىنىنى بەرپا قىلىشتا› دەپ ئىشىنەتتى».

ئابدۇللاھ ئەززام پەقەت قىلىچى بىلەنلا جىھاد قىلغان ئەمەس، بەلكى قەلىمى بىلەنمۇ جىھاد قىلغان. ئۇ يىگىرمىگە يېقىن كىتاب يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. آيات الرحمن في جهاد الأفغان

2. الإسلام ومستقبل البشرية

3. الحق بالقافلة

4. الأمر بالمعروف والنهي عن المنكر

5. حكم العمل في جماعة

6. حماس الجذور التاريخية والميثاق

7. الدفاع عن أراضي المسلمين أهم فروض الأعيان

8. بشائر النصر المنارة المفقودة

9. جريمة قتل النفس المؤمنة

10. كلمات على خط النار

 

مەنبە: عبد الله عزام – https://ar.islamway.net/article/6095/

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

Please follow and like us:
Exit mobile version