ئەسسالامۇئەلەيكۇم قانداق ئەھۋاللىرى؟ ئۇستاز! ئاللاھ سالامەت قىلسۇن. 1) «زاكات ئايرىشتا تىجارەت تاۋارلىرىنى قايسى باھادا ھېسابلايمىز؟» دېگەن پەتۋادا «مەسىلەن، قولىدىكى تاۋار ماللار قىممىتىنى قولىدىكى نەق پۇلغا قوشۇپ، ئۇنىڭغا يەنە باشقىلاردىن ئالالايدىغان قەرزلىرىنى قوشۇپ ھەممىنى جەملەپ زاكات ئايرىيدۇ» دېگەن بۇ جۈملىدە چۈشىنەلمەي قالغان يېرىم بار ئىدى: «تاۋار ماللار قىممىتىنى قوشۇپ» دېگەندە تاۋار ماللارنىڭ تەننەرخىنى قوشامدۇق ياكى پايدىسىنىمۇ قوشۇپ قوشامدۇق؟

2) بىز رەخت ساتقاندا، بەزى رەختلەرنى ئەكەلسەك، ئىككى، ئۈچ يىل، ھەتتا 4 يىل سېتىلماي تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ ماللارنى ئۆز ۋاقتىدا 2 دوللاردىن ئەكەلگەن بولساق، ھازىر بىر دوللارغا ياكى ئۇنىڭغىمۇ ساتالماسلىقىمىز مۇمكىن. بۇنىڭ زاكىتىنى قانداق ئايرىيمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. 1) ئەلۋەتتە تاۋار ماللارنىڭ تەننەرخى بويىچە ئەمەس، بازاردىكى ھازىرقى قىممىتى يەنى، توپ سېتىش باھاسى بويىچە ھېسابلايمىز. 2) سېتىلماي تۇرۇپ قالىدىغان ماللارنى سېتىلىپ قالسا ساتقىلى بولىدىغان توپ باھاسىدا ھېسابلاپ ھەر يىلى زاكىتىنى بېرىش كېرەك.. بەزى ئالىملار ئۇزۇن مۇددەت مەسىلەن 7-10 يىل سېتىلماي تۇرغان ماللارغا زاكات ھەر يىلى زاكات ئايرىماي، سېتىلغاندا پۇلىغا سېتىلغان يىلى ئايرىسا بولىدۇ دەپمۇ قارايدۇ.

admin@sajiye

Share
Published by
admin@sajiye

Recent Posts

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (18) مۇھەممەد سادىق كاشغەرىي – تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان

قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ…

2 ھەپتە ago

شەرقىي تۈركىستان قوليازمىلىرى (15) جامالۇددىن سائىد ئەسسۇغدىي ئەلكاشغەرىي ئەتتۈركىستانىي – ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية

قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية تۈر: ماتېماتىكا.…

1 ئاي ago

صدر حديثا عن مركز ساجية للبحوث والدراسات الإسلامية كتاب تهذيب الإعلام ببعض رجالات تركستان

كلمة الناشر ما في هذا الكتاب قطرة من بحر تاريخ علمائنا الأمجاد وآبائنا الأبطال التركستانيين…

2 ئاي ago