ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! قانداق ئەھۋاللىرى، سالامەت تۇردىلىمۇ؟ يولدىشىم بىلەن بىز تۇرمۇشتا كېلىشەلمەي ئاجرىشىپ كەتتۇق. بىرسى 2 يېرىم ياش، يەنە بىرسى بىر ياش ئىككى بالام بار. سۆزۈمنى بەرگەندىن كېيىن گەپ – سۆز يوق يوقاپ كەتتى. مەن ھازىر ئاپامنىڭ قېشىدا تۇرۇۋاتىمەن. مۇشۇنىڭغا قارىتا بىر پەتۋا بەرگەن بولسىلا. ھازىرقى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىددەت ھەققىم، بالىلارنىڭ نەپىقىسى قانچە پۇلدىن ھېسابلىنىدۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ. تىنچلىق ئەلھەمدۇلىللاھ. ئاللاھ سالامەت، خاتىرجەم قىلسۇن. تالاق قىلغاندىن كېيىن گەپ – سۆز قىلمايلا يوقاپ كەتسە بولمايدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋالدىمۇ بىر ئەھلى ئىلىم ئارىلىشىپ، بىر سورۇندا جەم بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەممە ھەق – مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەتلىرىنى بايان قىلىپ بېرىشى كېرەك. بۇ ئەھۋالدا ئەر ئايال كىشىگە ئىددىتى توشقۇچە پۈتۈن تۇرمۇش چىقىمىنى قىلىپ بېرىدۇ. ئاندىن ئايالنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ بالىلارغا ئۇلار چوڭ بولۇپ توي قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى يولغا سالغۇدەك بولغۇچە، تۇرمۇش چىقىمى بولسۇن، مەكتەپ چىقىمى بولسۇن، داۋالىنىش چىقىمى بولسۇن ھەممىسىنى ھەل قىلىپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار. بۇنى ھازىرلا مۇنچە پۇل دەپ بېكىتكىلى بولمايدۇ، بەلكى ئەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، تۇرمۇش شارائىتىغا قاراپ، بالىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ بەلگىلەش لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى بىر ئەھلى ئىلىم بىر تەرەپ قىلىپ قويۇشى كېرەك. ئەرمۇ «ياق، ئەھۋال بۇنداق ئەمەستى» دەپ تۇرۇۋالماسلىقى ئۈچۈن، شۇ سورۇنغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى ئېيتىپ، ئاخىرقى ھۆكۈمنى ئاڭلىشى كېرەك.
ئەر يوقاپ كەتكەن بولسا، سىلى ئەرنىڭ ئۇ كىشىنى تونۇيدىغان ئاغىنە – بۇرادەرلىرى ياكى يۇرت چوڭلىرى، ئەھلى ئىلىملەر ئارقىلىق شىكايەت قىلىپ، ئۇنى چاقىرتىپ ئەكىلىپ، بۇ ئىشنى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسىلا بولىدۇ.
بۇ ئۈچ مەكتۇب ئايرىم - ئايرىم ھالدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رەئىسى خوجىنىياز ھاجى …
قوليازمىنىڭ ئىسمى: تەزكىرەئى ئەزىزان/ تذكرة عزيزان تۈر: تارىخ، تەرجىمەھال. ۋاراق سانى: 143 (287 بەت) قوليازمىنىڭ…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: شەرھۇ ئەلقەسىيدە ئەسساۋىييە في ئىلمەي ئەلئەرۇز ۋە ئەلقافىيە/ شرح القصيدة الساوية في…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە ئەلۋەجىيھىييە في ئەلئاسار ئەلئۇلۋىييە/ الرسالة العلائية الوجيهية في الآثار العلوية…
قوليازما باسمىسىنىڭ ئىسمى: ئەررىسالە ئەلئەلائييە في ئەلمەسائىل ئەلھىسابىييە/ الرسالة العلائية في المسائل الحسابية تۈر: ماتېماتىكا.…
كلمة الناشر ما في هذا الكتاب قطرة من بحر تاريخ علمائنا الأمجاد وآبائنا الأبطال التركستانيين…