Site icon  ئىسلام بىلىملىرى تورى

پەلەستىن مۇپتىسى ۋە پەلەستىن جىھادىنىڭ قەھرىمانى ئەمىن ھۈسەينىي

پەلەستىن مۇپتىسى ۋە پەلەستىن جىھادىنىڭ قەھرىمانى ئەمىن ھۈسەينى

پەلەستىن مۇپتىسى ۋە پەلەستىن جىھادىنىڭ قەھرىمانى ئەمىن ھۈسەينى

(ھ. 1315 – 1394 / م. 1897 – 1974)

 

پەلەستىن مۇپتىسى ئەمىن ھۈسەينىي جىھاد بىلەن ئۆتكەن 60 يىللىق ئۇزاق ئۆمۈر مۇساپىسىدە باسقۇنچى يەھۇدىيلارغا قارشى مۇقەددەس جىھاد بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن، ئەزىز ۋەتىنىنىڭ چوڭ مەسىلىسى ئۈچۈن تىنىم تاپماي، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سەپەر قىلىپ، ئەنگىلىيە سىياسەتلىرى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرىنى پاش قىلغان، مۇسۇلمانلارنى ئۇلارغا قارشى پىلانلىنىۋاتقان سۇيىقەستلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇپ، پۈتۈن ھاياتىنى يا ئۇيقۇ، يا ئارام تەمىنى تېتىماي ئۆتكۈزگەن بىر قەھرىمان ئالىمدۇر. دەرۋەقە، ۋەتىنىنىڭ بۇلاڭ – تالاڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى، تارىخىنىڭ بۇرمىلىنىۋاتقانلىقىنى، خەلقىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان ۋىجدانلىق ھۆر ئەركەك قانداقمۇ راھەت ئۇخلىيالىسۇن؟!

تۇغۇلۇشى ۋە ئۆسۈپ – يېتىلىشى

شەيخ مۇھەممەد ئەمىن ھۈسەينىي ھ. 1315 / م. 1897 – يىلى قۇدۇس شەھرىدە، پەزىلەت ۋە مەرتىۋىدە ئەڭ ئېسىل بولغان ئائىلىلەرنىڭ بىرىدە دۇنياغا كەلگەن. نەسەبى ھۈسەين ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا تۇتىشىدىغان، قۇدۇس شەھرىگە مۇپتىلىق قىلىدىغان ئاتىسىنىڭ پەرۋىشىدە چوڭ بولغان. تېگى ئېسىللىك بىلەن ئىلىم – مەرىپەتتىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدىلىكنى ئۆزىدە جەملىگەن ئاتىسى ئۇنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا تەربىيەلەپ ئوقۇتۇشقا كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ «قۇرئان كەرىم»نى يادلاپ، دىن ۋە تىل – ئەدەبىيات بىلىملىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئاتىسى ئۇنى قۇدۇستىكى ئەلفەرىر مەكتىپىگە فرانسۇزچىنى ئۆگىنىشكە بېرىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن قاھىرەگە ئەۋەتىدۇ.

ئۇ قاھىرەگە بېرىپ، ئەزھەرگە كىرىدۇ ۋە شەيخ مۇھەممەد رەشىد رىزا بىلەن مۇناسىۋەت باغلاپ، شەيخ رەشىد رىزا قۇرغان دەۋەت ۋە ئىرشاد مەركىزىگە مۇقىم قاتنىشىدۇ. ئۇ يەنە «قەدىمكى مىسىر ئۇنىۋېرسىتېتى»غا بېرىپ، ئۇ يەردە مىسىرلىق چوڭ پروفېسسورلارنىڭ لېكسىيىلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدىغان بولغاچقا، بىرلا ۋاقىتتا ئۇنىڭدا چوڭقۇر دىنىي بىلىم بىلەن بىللە يېڭى دەۋر بىلىملىرىدىنمۇ ئاساس تىكلىنىدۇ.

تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئىجتىھادلىق بۇ ئوقۇغۇچى قاھىرەدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالماي قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ قۇدۇسقا ئائىلىسىنى يوقلاپ بارغىنىدا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قوزغىلىپ كېتىپ ئوقۇشقا قايتالماي قالغاچقا، ئاتىسى ئۇنى ئىستانبۇلغا ھەربىي مەكتەپكە كىرىشكە ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئوفىتسېر بولۇپ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا، ئوسمانىيلار ھەربىي سېپىگە قېتىلىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندا ئاندىن ۋەتىنىگە قايتىدۇ.

پەلەستىنگە مۇپتى بولۇشى

ئەمىن ھۈسەينىي ئىنگلىزلارنىڭ يامان نىيەتلىرى ۋە سۇيىقەستلىرىنى چۈشىنىپ يېتىپ، يەھۇدىيلارغا ئوچۇق – ئاشكارە خۇشامەت قىلىدىغان ۋە ئۇنداق قىلىشتىن خېجىلمۇ بولمايدىغان ئىنگلىزلارنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرىنى بۇزۇشقا تىرىشىدۇ ھەمدە ھ. 1339 / م. 1920 – يىلى قۇدۇستىكى بىرىنچى ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىدۇ. بۇ ئىش ئىنگلىزلارنى چۆچۈتكەنلىكتىن، ئىنگىلىزلار ئۇنى تۇتۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمما، ئۇ ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئىنگلىزلار ئۇنىڭغا 10 يىللىق قاماق ھۆكۈمى چىقارغان بولسىمۇ، ئۇ دەمەشقتە ياشايدۇ.

ئۇنىڭ قېرىندىشى كامىل ھۈسەينىي پەلەستىن مۇپتىسى بولۇپ، ئۇ ھ. 1341 / م. 1922 – يىلى ۋاپات بولغاندا، ئەمىن ھۈسەينىي بۇ چوڭ مەنسەپكە قېرىندىشىنىڭ ئىزباسارى سۈپىتىدە تاللىنىدۇ. ئۇ بۇ ۋەزىپىنى ئىنتايىن ياخشى ئورۇنداپلا قالماستىن، ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئۇنى ئىسلام شەرىئىتى ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە، ۋەقفە ئىشلىرى ۋە شەرئىي مەھكىمىلەرنىڭ مۇدىرلىقىغا نائىل قىلىدۇ.

ئەمىن ھۈسەينىي ئۆز ئۈستىگە يۈكلەنگەن بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆتۈرۈپ كېتىدۇ ۋە شەرئىي مەھكىمىلەرنى يېڭى لايىھەلەرنى تۈزۈش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ خىزمىتىگە قولايلىق يارىتىدىغان شەكىلدە ئىسلاھ قىلىدۇ. ۋەقفلەرنىڭ مال – مۈلكىنى بىرمۇبىر ئەنگە ئېلىپ، ئۇنى ياخشى يوللارغا سەرپ قىلىدۇ. ئاتا – ئانىسىىدىن ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىلغان يېتىم – يېسىرلارغا دارىلئېتام قۇرۇپ يېتىم بالىلارنى ئوقۇتۇش بىلەن بىللە، ئۇلارنى باسمىچىلىق، ياغاچچىلىق ۋە تىكىمچىلىكتەك تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان كەسىپلەرنى ئۆگىتىش ئارقىلىق يېتىلدۈرىدۇ، ياشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە ھ. 1343 / م. 1924 – يىلى قۇدۇس شەھرىدە مەسجىدى ئەقسا يېنىدا ئىسلام فاكۇلتېتى قۇرۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇشىنى تۈگەتكەنلەرنى ئوقۇشقا قوبۇل قىلىدۇ. ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختلىرىنى كېزىپ ئەقسا ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرۇشقا ياردەم توپلايدۇ. ئەزھەر شەرىف بىلەن دارىلئۇلۇمدا ئوقۇش ئۈچۈن مىسىرغا ئوقۇغۇچىلارنى ئەۋەتىدۇ.

 

سىئونىزم قەدىمىگە خېلى بۇرۇنلا قارشى تۇرۇش

ئەمىن ھۈسەينىي ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلەر ئۇنى ھاياتىنى بېغىشلىغان ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ياشىغان چوڭ مەسىلىسىدىن مەشغۇل قىلىپ قويالمىغان ئىدى. ئۇ بولسىمۇ سىئونىزمنىڭ پەلەستىندىكى مەۋجۇدلۇقىغا قارشى تۇرۇش ئىدى. ئۇ سىئونىزمنىڭ مۇقەددەس دىيارلارنى ئىگىلەش ۋە ئۇ يەرلەرگە ئوغرىلىقچە كىرىش ئۈچۈن تۈزگەن مەخپىي سۇيىقەست – پىلانلىرىنىڭ نەقەدەر خەتەرلىكلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى.

ئۇ بەزى غاپىللارنىڭ يەر – زېمىنلىرىنى يەھۇدىيلارغا سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە، بۇ ئىشتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ ۋە بۇ يامان ئىشقا تاقابىل تۇرۇشقا باشلايدۇ. ھ. 1354 / م. 1935 – يىلى پەلەستىن ئۆلىمالىرى 1 – قۇرۇلتىيىدىن يەھۇدىيلارغا زېمىن سېتىشنى ھارام دەيدىغان پەتۋا چىقارتىدۇ. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ «يىغا – زار تېمى»نى ئىگەللەش ئۈچۈن قىلغان ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ ئالدىنى كەسكىنلىك بىلەن توسۇپ تۇرغان بولغاچقا، يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا نۇرغۇن مال – دۇنيا بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ كۆز يۇمۇشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇنۇشلىرى بىكارغا كېتىدۇ.

ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنگە كۆچۈشىگە ۋە ئەنگىلىيە باسقۇنچىلىرىنىڭ ئۇلارغا يەر تەقسىم قىلىپ بېرىشىگە قارشى تۇرىدۇ. ھ. 1355 / م. 1936 – يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاشقا قاتنىشىپ، تاكى ئەنگىلىيە باسقۇنچىلىرى يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنگە كۆچۈشىنى توسۇشتىن ئىبارەت ئۇلارنىڭ يوللۇق تەلىپىگە ماقۇل كەلگەنگە قەدەر ئىش تاشلاشنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىدۇ. بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقنى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى تاكى پەلەستىن خەلقىنىڭ تەلەپلىرىگە ماقۇل كەلمىگۈچە ئۇلارغا باج تاپشۇرماي تۇرۇۋېلىشقا چاقىرىدۇ.

ئەمىن ھۈسەينىي ئەمەلىي ئىش قىلمىسا قۇرۇق گەپنىڭ قىممىتى بولمايدىغانلىقىنى، نۇتۇق ۋە باياناتلارنىڭ بىر زېمىننى جىھادسىز، كۈرەشسىز ئازاد قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، خەلقىنىڭ جىھاد قىلىشقا قارىتا ھىممىتىنى قوزغىتىدۇ. مىللىتىنىڭ يۈرىكىدە كۈرەش چوغلىرىنى ياندۇرۇپ، قوراللىق پىدائىيلىق ئوتىنى ياقىدۇ. نەتىجىدە، ھ. 1350 / م. 1931 – يىلى باسقۇنچى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى قوراللىق گۇرۇپپىلارنى تەشكىللەيدۇ. بۇ گۇرۇپپىلار تاكى ھ. 1354 / م. 1935 – يىلى ئابدۇلقادىر ھۇسەينى قوماندانلىقى ۋە مۇپتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇقەددەس جىھاد تەشكىلاتى قۇرۇلغانغا قەدەر قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ.

ۋەتەندىن چىقىپ كېتىشى

ئىنگلىزلار ئەمىن ھۈسەينىينىڭ سەگەكلىكىدىن، ئىنگلىزلارغا قارشى تەشۋىقات ۋە ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق چۆچۈپ، ئۇنى قولغا ئېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئۇ لىۋانغا قېچىپ كېتىدۇ. ئىنگلىزلار ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ ، فرانسىيەگە ئۇنى تاپشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بېسىم قىلىدۇ. شۇ چاغلاردا لىۋان فرانسىيە ئىشغالىيىتىدە ئىدى. نەتىجىدە، ئەمىن ھۇسەينى ھ. 1358 / م. 1938 – يىلى ئىراققا كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ يەردە ھ. 1360 / م. 1941 – يىلى ئىنگلىزلارغا قارشى قوزغالغان رەشىد كەيلانى ئىنقىلابىغا قاتنىشىدۇ. ئىنقىلاب مۇۋەپپەقىيەتسىز بولغاندىن كېيىن، مۇپتى ئىنگلىزلارنىڭ بىرىنچى دۈشمىنى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇش ئۈچۈن، ئىران ئارقىلىق ئىراقتىن گېرمانىيەگە قاچىدۇ. گىتلېر بىلەن كۆرۈشۈپ، ۋەتىنىنىڭ چوڭ مەسىلىسى ئۈچۈن گېرمانىيەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ غەلىبىسى، گېرمانىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلاشقاندىن كېيىن، سىئونىزمچىلار بۇ كۈرەشچان باتۇردىن ئۆچىنى ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى. يەھۇدىي تەشكىلاتلار ئۇنى ئۇرۇش جىنايەتچىسى ۋە گىتلېرنى يەھۇدىيلارنى يوقىتىشقا كۈشكۈرتكەن دەپ سوتلاشقا چاقىرغىلى تۇرىدۇ. بۇ تۆھمەتكە ئەگىشىپ يۈز بەرگەن نارازىلىقلارنىڭ ھەممىسى جاھانگىرلارچە سىياسەتنىڭ ئۇنىڭغا دۈشمەنلىك قىلىشى، ئۇنىڭ قولدىن كېلىشىچە، سىئونىزمغا قارشى كۈرەش قىلغانلىقى ۋە سېربلار قولىدا قىرىلىۋاتقان بوسنىيە مۇسۇلمانلىرىغا ياردەم بېرىشتە ھەقىقىي كۈچ چىقىرىشى سەۋەبىدىن بولۇۋاتقان ئىدى. ئۇ ھ. 1362 / م. 1943 – يىلى بوسنىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى قوغداش ۋە ئۇلارنى ئۇچراۋاتقان زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مۇداخىلە قىلغان ئىدى.

 

قاھىرەگە جايلىشىشى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى بىلەن ئالاقىلىشىشى

ئىتتىپاقداش ئارمىيە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، مۇپتى بېرلىندا تۇرغىنىدا قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈردى. ئەنگىلىيە ئۇنى تۇتۇشقا جىددىي تۇتۇش قىلدى. ئامال بولماي ئاخىرى ھ. 1366 / م. 1946 – يىلى قاراملىق بىلەن تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ قاھىرەگە يولغا چىقماي باشقا چارە بولمىدى. ئۇ قاھىرەدە قىزغىن كۈتۈۋېلىندى، پادىشاھ فارۇقمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ياخشى كۈتۈۋالدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پائالىيىتىنى قايتىدىن باشلىدى. ياردەم توپلاپ جىھاد ئىشلىرىغا سەرپ قىلىش ئىشلىرىنى رەتكە سېلىش ئۈچۈن، پەلەستىن ئالىي ئەرەب ھەيئىتى بىلەن بۇنىڭغا تەۋە مالىيە ھەيئىتىنى قۇرۇپ چىقتى.

مۇپتى ۋە ئۇنىڭ مۇجاھىد قېرىنداشلىرى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى ياردىمى بىلەن قورال سېتىۋېلىش ۋە جىھاد كۈچلىرىنى تەشكىللەشكە جىددىي تۇتۇش قىلدى. شەھىد يۈسۈف تەلەت، رەشاد مۇھەننا ۋە ئابدۇلقادىر ھۈسەينىي قاتارلىقلار قورال – ياراغ سېتىۋېلىپ، ئۇنى سىنا ئارقىلىق پەلەستىنگە كىرگۈزۈشكە باشلىدى.

مۇپتى مۇقەددەس جىھاد ئەسكەرلىرىنى قايتىدىن رەتكە سېلىپ، ئۇنىڭ قوماندانلىقىنى ئابدۇلقادىر ھۈسەينىيگە تاپشۇردى. يىگىتلەر ۋە ئىزچىلار تەشكىلاتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ پەلەستىن ياشلار تەشكىلاتىنى قۇردى. بۇنىڭ قوماندانلىقىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىدىن مەھمۇد لەبىب ئۆز ئۈستىگە ئالدى ۋە ئۇنىڭغا ياشلارنى ئۇرۇش مەشىقى قىلدۇرۇش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى.

مۇپتىنىڭ پەلەستىن ئالىي ئەرەب ھەيئىتىگە رەئىس بولۇشى

مۇپتى ئەمىن ھۈسەينىي سىياسەت ۋە سىياسەت ئويۇنلىرىنى پىششىق بىلىدىغان بولغاچقا، ئەنگىلىيەلىكلەرنىڭ ھىيلە – نەيرەڭلىرى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ مېكىرلىرىنى ئوبدان بىلەتتى. ھەربىي توقۇنۇشنىڭ چوقۇم يۈز بېرىشىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن بولغاچقا، ئۇنىڭغا تەييارلىق قىلدى. چۈنكى، ھەقنى قوغدايدىغان كۈچ بولمىغان تەقدىردە، ھەقنىڭ كۈچلۈكلەر چاڭگىلىدا زايە بولۇپ كېتىشى ئېنىق ئىدى. ھ. 1367 / م. 1947 – يىلى ب د ت پەلەستىننى بۆلىۋېتىش قارارىنى چىقارغاندا، ئەمىن ھۈسەينىي بۇ قارارنى رەت قىلدى ۋە پەلەستىن ئالىي ئەرەب ھەيئىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قارارنى ئەيىبلەپ، مۇقەددەس جىھادقا چاقىردى.

چاقىرىقىغا شەھىد ھەسەن بەننا ئاۋاز قوشتى ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىدىن ئون مىڭ مۇجاھىدنى پەلەستىنگە ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. بىراق، ھۆكۈمەت بۇ تەلەپنى رەت قىلغان بولغاچقا، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئەزھەر شەرىفتە نامايىش قىلدى. ئۇلارنىڭ بېشىدا باش يېتەكچى ھەسەن بەننامۇ بار ئىدى. نامايىش نەتىجىسىدە ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ تەلىپىگە ماقۇل كېلىپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا مەشىق قىلىشقا رۇخسەت قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ برىگادىلىرى پەلەستىنگە يېتىپ باردى.

بۇ ئاۋاز قوشۇش ئىسلامىي قېرىنداشلىق، ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش چاقىرىقىغا قارىتا ئاۋاز قوشۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتى بىلەن پەلەستىن مۇپتىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇرۇندىنلا بار بولۇپ، ھ. 1354 / م. 1935 – يىلىدىن تارتىپ باشلانغان ئىدى. شۇ چاغلاردا ئىمام ھەسەن بەننا مۇپتى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنى يەھۇدىيلارغا قارشى جىھادىدا قوللاپ – قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن پەلەستىنگە بىر ئۆمەك ئەۋەتكەن ئىدى. شۇنداقلا ئۇلار مىسىرنىڭ ھەرقايسى ئىقلىملىرىدا «پەلەستىن ئۈچۈن بىر سېنت بەرگىن!» دېگەن شوئار ئاستىدا پەلەستىن مۇجاھىدلىرىغا ياردەم توپلاش دولقۇنى قوزغىغان ئىدى. گېزىتلىرى پەلەستىن مەسىلىسى ئۈچۈن ئاڭ يېتىلدۈرۈشكە، مىسىرلىقلارنىڭ دىللىرىدا تاجاۋۇزچى يەھۇدىيلارغا قارشى ئىنقىلاب قوزغاشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئىدى.

ئىسرائىل دۆلىتى قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئەمىن ھۈسەينىي پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىش ۋە بېسىۋېلىنغان زېمىنلىرىنى ئازاد قىلىش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن، غەززەدە پەلەستىن قۇرۇلتىيى چاقىردى. بۇ ۋەجدىن، تەييارلىق كۆرۈش، تەشكىللەش ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئەھمەد ئابدۇلباقى رىياسەتچىلىكىدە پەلەستىن ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى.

بېيرۇتتا تۇرۇشى

ئەمىن ھۈسەينىينىڭ قاھىرەدە تۇرۇشى مىسىردىكى ئەسكەرلەرنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئۇزۇنغا بارمىدى. يۇرتتا ھۆكۈم سۈرگەنلەر مۇجاھىد مۇپتىنىڭ بۇ دۆلەتتە تۇرۇشىدىن سىقىلىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىگە كۈچ چىقىرىپ سەباتلىق ھالدا تەۋرەنمەي تۇرۇشى، بۇ مەسىلىنى ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ بىردەك تىرىشچانلىقى بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكى ھەمدە مەسىلىنى ئەرەب بىرلەشمىسى دائىرىسىدىن ھالقىتىپ كەڭ ئىسلام مەسىلىسى قىلىش كېرەكلىكىدە چىڭ تۇرۇشى ئۇلارنى بىئارام قىلدى. بۇ مەۋقەسى سەۋەبلىك يا ئەخلاققا، يا دىنغا، يا قانداشلىق رىشتىسىگە رىئايە قىلمىغان مىسىر ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ناھەق تەنقىدلەش دولقۇنىغا ئۇچرىدى. ئامال بولماي، 50 – يىللارنىڭ ئاخىرىدا قاھىرەدىن بېيروتقا كېتىشكە مەجبۇر بولدى. شۇ يەردە پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا يا مۇقىم مەيدانى، يا ئېنىق بىر پىلانى بولمىغان ئەرەب ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ناچارلىقىدىن ئاللاھقا شىكايەت قىلغىنىچە نائىلاج تۇرۇپ قالدى.

م. 1967 – يىلدىكى پالاكەتتىن كېيىن مۇپتى جانابلىرى تەرەپ – تەرەپتىن ئۇچرىغان روھىي بېسىملار نەتىجىسىدە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولدى. ئۇنىڭغا ئەرەب ئارمىيەلىرىنىڭ ھېچقانداق پىلانسىزلا جەڭگە كىرگۈزۈلگەنلىكى، ئەسكەرلەرنىڭ ئۇلاردىن كۈتۈلگەن جەڭ ۋە قارشىلىق ئۈچۈن تۈزۈك كۈچ چىقارمايلا سەت يېڭىلىشلىرى ئېغىر كەلگەن ئىدى.

شۇنداقتىمۇ، ئەمىن ھۈسەينىي قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرمىدى. جىھاد ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ھەقنى سۆزلىدى ۋە قۇدۇسنى يەھۇدىيلاشتۇرۇش ياكى خەلقئارا باشقۇرۇش دېگەندەك تەشۋىقاتلارغا قارشى ئاقارتىش خىزمىتىگە كۈچىدى. سىئونىزم تەشۋىقاتى مۇقەددەس شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانىڭ قۇلىقىنى پاڭ قىلىۋەتكەن ئىدى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئاسارەتتە قالغان بۇ شەھەرنىڭ ئىسلامىي كىملىكىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا، ئۇنىڭدىكى ئەرەبلىككە ۋە ئىسلامىيەتكە ئائىت ھەرقانداق ئىزنى ئۆچۈرۈشكە جىددىي تۇتۇش قىلغان ئىدى.

ۋاپاتى

ئەمىن ھۇسەينى تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر شۇ يولدا مۇستەھكەم قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. ئۇنى بۇ ئۇلۇغ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشتىن يا كېسەللىك، يا قېرىلىق، يا نامىنى بۇلغاش، يا جىھادىنىڭ ئوبرازىنى قەبىھ كۆرسىتىش ئۈچۈن غەرەزلىك قىلىنىۋاتقان ئۆسەك تەشۋىقاتلارمۇ يالتايتالمىدى. ئاخىرى، ئاللاھ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ھ. 1393 / م. 1973 – يىلى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ رامازان جېڭىدە غەلىبە قىلىشى بىلەن خاتىرجەم قىلىشنى ئىرادە قىلدى.

بۇ ئۇلۇغ زەپەردىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي مۇپتى ھەزرەتنىڭ مەنىلىك ھاياتى ئاخىرلىشىپ، ھ. 1394 – يىلى جامادىيەلئاخىرنىڭ 14 – كۈنى / م. 1974 – يىلى 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا كەتتى ۋە بېيرۇتتىكى شەھىدلەر مەقبەرىسىگە دەپنە قىلىندى.

مەنبە: http://www.sawtakonline.com/forum/threads/

تەرجىمىدە: ئەربول

 

Please follow and like us:
Exit mobile version